ئايال كىشى ئون ياشتىن ئاشقان ئوغۇل بالىنىڭ ئالدىدا يۈز يېپىش كېرەكمۇ؟
ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە پەتىۋا بېرىپ مۇنداق دېگەن:
ئاللاھ سۇبھانەھۇ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَإِذَا بَلَغَ الْأَطْفَالُ مِنكُمُ الْحُلُمَ فَلْيَسْتَأْذِنُوا كَمَا اسْتَأْذَنَ الَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ﴾
{سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بالاغەتكە يەتكەندە (يېنىڭلارغا كىرمەكچى بولسا)، ئۇلاردىن بۇرۇنقىلار (يەنى چوڭلار) رۇخسەت سورىغاندەك رۇخسەت سورىسۇن.}
— سۈرە نۇر، 59-ئايەت
ئەگەر بالا ئون بەش ياشقا كىرسە، ياكى (ئون بەش ياشقا توشمىسىمۇ) مەنىي كەلسە، ياكى (ئون بەش ياشقا توشمىسىمۇ ئەۋرىتى ئەتراپىغا) تۈك چىقسا، بۇنداق بالاغەتكە يەتكەن ھېسابلىنىدۇ. بۇ چاغدا (ئايال كىشىگە مەھرەم ھېسابلانمايدىغان) بۇ خىل بالىنىڭ ئالدىدا يۈزنى ۋە بەدەننى تولۇق ئوراش ئاياللارغا پەرز بولىدۇ. ئۇ بالىنىڭمۇ باشقىلار ھىجابلىنىۋالغۇچە (ئۆيگە كىرىشتە) رۇخسەت سورىشى پەرز بولىدۇ.
مادامىكى بالا ئون بەش ياشقا توشمىغان، ياكى تۈك چىقمىغان ۋەياكى مەنىي كەلمىگەن بولسا بولسا، ئۇ تېخى بالا ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل بالىنىڭ ئالدىدا ھىجابلىنىش پەرز ئەمەس. ئەگەر بالا ئون ئۈچ ياشقا كىرگەن بولسا-يۇ، سىز ئۇنىڭ ئەھۋالىنى (بالاغەتكە يەتكەن-يەتمىگەنلىكىنى) بىلمىسىڭىز، ئېھتىيات يۈزىسىدىن ھىجابلىنىشىڭىز ئەۋزەل. چۈنكى ئۇنىڭغا تۈك چىقىپ ياكى ئېھتىلام بولۇپ بالاغەتكە يەتكەن بولۇشى (ئەمما، بۇنداقلىقىنى سىز بىلمىگەن بولۇشىڭىز) مۇمكىن.
ئون ئۈچ ياشلىق ۋە ئون ئىككى ياشلىق بالىلارنىڭ بالاغەتكە يېتىش ئېھتىماللىقى بار. ئون ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى بالىلارنىڭ بالاغەتكە يېتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا، ئېھتىيات يۈزىسىدىن ئون ياش ۋە ئۇنىڭدىن ئاشقان بالىلارنىڭ ئالدىدا ھىجابلىنىش ياخشىدۇر. ئەگەر بالا ئون بەش ياشقىمۇ كىرمىگەن، ياكى يۇقىرىقىدەك بالاغەتكە يېتىش ئەھۋاللىرىدىن بىرىمۇ ئۇنىڭدا كۆرۈلمىگەن بولسا، ئۇ بار يەردە ھىجاپلىنىش پەرز بولمايدۇ. چۈنكى ئون بەش ياشقا توشقان بالىنىڭ بالاغەتكە يەتكەنلىكى ئېنىقتۇر. ئەگەر بالا ئۆزىدىن مەنىي كەلگەنلىكىنى ياكى تۈك چىققانلىقىنى ئېتىراپ قىلسا، ئۇ (ئون بەشكە كىرمىسىمۇ) بالاغەتكە يەتكەن ھېسابلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ھىجابلىنىش پەرز بولىدۇ. | mujtehid.com | مۇجتەھىد تورى
دىققەت: ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئون ياشتىن ئاشقاندا ئۆيلەنگەن، 12 يېشىدا ئوغلى ئابدۇللاھقا دادا بولغان. (سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى: بۇلۇغۇلمەرام شەرھى)
