ناخشا – مۇزىكا ھالال دەپ پەتىۋا بەرگۈچىلەرنىڭ ھۆكمى | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان

ناخشا – مۇزىكا ھالال دەپ پەتىۋا بەرگۈچىلەرنىڭ ھۆكمى | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان

سوئال سورىغۇچى:

مۆھتەرەم شەيخ، زامانىمىزدا ناخشا – مۇزىكا ھالال دەپ پەتىۋا بېرىدىغان كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ ھۆكۈم توغرا ھۆكۈممۇ؟

ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان:

بۇ ھۆكۈم باتىل. مۆتىۋەر ئالىملار ناخشا – مۇزىكا ھالال دەپ پەتىۋا بەرمەيدۇ. ناخشا – مۇزىكىنى ھالاللاشتۇرۇپ پەتىۋا بېرىدىغانلار چوقۇمكى يا ئازغۇن كىشىلەردۇر ۋەياكى جاھىل، قارا قورساق كىشىلەردۇر. قۇرئاندىكى «بىھۇدە سۆز» ناخشىنى كۆررسىتىدۇ.

ئۇلۇغ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَمِنَ النَّاسِ مَن يَشْتَرِي لَهْوَ الْحَدِيثِ لِيُضِلَّ عَن سَبِيلِ اللَّهِ بِغَيْرِ عِلْمٍ وَيَتَّخِذَهَا هُزُوًا ۚأُولَٰئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ مُّهِينٌ ﴾

{ئىنسانلار ئارىسىدا شۇنداق كىشىلەر باركى، ئۇلار (ئۆزلىرى ئازغاننى ئازپ دەپ، ۋەھىينى ئاساس قىلغان، ئاللاھقا ئىتائەت ۋە ئىبادەتنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان ھەقىقىي توغرا ئىلىمدىن مەھرۇملۇق ئىچىدە،) ئىلىمسىز ھالدا ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن ۋە ئاللاھنىڭ يولىنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن باتىل سۆزلەرنى سېتىۋالىدۇ (ۋاقىت، زېھىن-پۇل مېلىنى باتىل سۆزلەر ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ.) بۇنداقلارغا (دوزاختا) خور قىلغۇچى جازا بار.} (لوقمان سۈرىسى، 6-ئايەت)

قۇرئاننى تاشلاپ، ناخشا – مۇزىكىنى تاللايدىغان گەپمۇ؟ بۇنداق قىلىش توغرا يولدىن ئېزىشتۇر. لاھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللابىللاھ. (شەيخنىڭ پەتىۋاسى تۈگىدى)

مەنبە: https://www.youtube.com/watch?v=g-qBZIUTeuY

مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com

مەھشۇر ھەنەفىي ئالىمى، تەپسىرشۇناس ئەبۇ بەكرى جەسساس رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنى تەپسىرلەپ مۇنداق دېگەن: ئىبنى ئابباس ئاللاھ تائالانىڭ {كىشىلەر ئارىسىدا بىھۇدە سۆزنى سېتىۋالىدىغانلار بار} ئايىتىنى «ناخشىچى قىز-ئاياللارنى سېتىۋالغۇچىلار» دەپ تەپسىرلىگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدمۇ مۇشۇنداق تەپسىرلىگەن. (أحكام القرآن للجصاص 3\448) mujtehid.com

بۈيۈك ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇشۇ ئايەتتىكى {لَهْوَ الْحَدِيثِ}{باتىل سۆز} نى، «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ ناخشىدۇر، دەپ ئۈچ قېتىم ئاللاھ نامىدا قەسەم قىلغان.» (قاراڭ: تەپسىر تەبەرى، تەپسىر بەغەۋى، تەپسىر ئىبنى كەسىر ۋە باشقىلار) mujtehid.com

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سۈرە فۇرقاندا تەقۋادار مۆمىنلەرنى سۈپەتلەپ مۇنداق دېگەن:

{وَالَّذِينَ لا يَشْهَدُونَ الزُّورَ} {ئۇلار زۇرغا شاھىد بولمايدۇ.}

مەھشۇر ھەنەفىي ئالىمى، تەپسىرشۇناس ئەبۇ بەكرى جەسساس رەھىمەھۇللاھ بۇن ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: ئايەتتىكى «زۇر» نى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە «ناخشا» دېگەن. (أحكام القرآن للجصاص 3\448) mujtehid.com

ماترۇدىيلارنىڭ ئىمامى ئەبۇ مەنسۇر ماترۇدى (ھەنەفىي) (ۋاپاتى: 333) ئۆز تەپسىرىدە ﴿وَالَّذِينَ لا يَشْهَدُونَ الزُّورَ﴾ {ئۇلار زۇرغا شاھىد بولمايدۇ} دېگەن ئايەتنى «زۇر» دېگەن ناخشىدۇر، مەنىسى: (ئاللاھنىڭ ئىتائەتمەن بەندىلىرى) ناخشا ئېيتىلىدىغان جايلاردا ھازىر بولمايدۇ، دەپ تەپسىرلىگەن. (تفسير الماتريدي – تأويلات أهل السنة ٨/٤٣) mujtehid.com

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((صوتان ملعونان في الدنيا والآخرة: مزمار عند نعمة ورنة عند مصيبة)) «دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ لەنەتلەنگەن ئىككى خىل ئاۋاز باردۇر. ئۇلاردىن بىرى نېمەت-خۇشاللىق پەيتىدىكى سۇناي (قاتارلىق چالغۇ ئەسۋاپلىرىنىڭ) ئاۋازى، يەنە بىرى مۇسىبەت پەيتىدىكى نالە-پەرياد ئاۋازىدۇر.» hedisim.com (مۇسنەد بەززار 1\377؛ ئەلبانى «چالغۇ ئەسۋاپلىرىنىڭ ھاراملىقى» ناملىق ئەسىرىدە سەھىھ دېگەن) mujtehid.com

ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتى مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانى (ۋاپاتى: 159) «ھاراق-شاراپنى ئىچىشنى داۋام قىلغۇچىنىڭ، خېنىم مىجەز\ غىتمەك ئەركىشىنىڭ، كەپتەرۋازنىڭ، ناخشا بىلەن شۇغۇللانغۇچىنىڭ، ناخشىكەش ئايالنىڭ (ۋە ئەرنىڭ)، پۇل بەرسە ھازا تۇتۇپ يىغلاپ بېرىدىغان ھازىكەشنىڭ گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېگەن. (الأصل لمحمد بن الحسن، 11\511) mujtehid.com

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ