رەسۇلۇللاھتىن مەدەت، شاپائەت تىلەش ئاللاھقا شىرك كەلتۈرگەنلىكمۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى

رەسۇلۇللاھتىن مەدەت، شاپائەت تىلەش ئاللاھقا شىرك كەلتۈرگەنلىكمۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز
تەرجىمە قىلغۇچى: قۇدرەت بارات
(2025-يىلى، 16 -ماي)
سوئال: نۇرغۇن كىشىلەر «ئى مۇھەممەد! مېنى شاپائەت قىلغىن» دەپ نىدا قىلىشىدۇ. بۇنداق دېيىش ئاللاھقا شىرك كەلتۈرگەنلىك ھېسابلىنامدۇ؟ ئەگەر بۇ ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈش ھېسابلانسا، توغرىسى قايسى؟
جاۋاب: (ۋاپات بولۇپ كەتكەن) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن ياكى ۋاپات بولۇپ كەتكەن باشقا كىشلەردىن شاپائەت تەلەپ قىلىش دۇرۇس ئەمەس. بۇنداق قىلىش ئەھلى ئىلىمنىڭ نەزىرىدە چوڭ شىرك ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دەيدۇ: {قُلْ لِلَّهِ الشَّفَاعَةُ جَمِيعًا} {ئېيتقىنكى: شاپائەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا تەئەللۇقتۇر.} (زۇمەر سۈرىسى، 44-ئايەت)
[{أَمِ اتَّخَذُوا مِن دُونِ اللَّهِ شُفَعَاءَ}
{ياكى ئۇلار ئاللاھتىن باشقىلىرىنى شاپائەتچىلەر قىلىۋالدىمۇ؟} (سۈرە زۇمەر، 43-ئايەت)]
[{قُلْ إِنِّي لَا أَمْلِكُ لَكُمْ ضَرًّا وَلَا رَشَدًا}
(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى:«(سىلەرگە) بىرەر پايدا يەتكۈزۈشكە، ياكى سىلەردىن بىرەر زىياننى يوق قىلىشقا مېنىڭ كۈچۈم يەتمەيدۇ.» — سۈرە جىن، 21-ئايەت]
شاپائەت ئاللاھنىڭ ئىلىكىدىدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بولسۇن، ياكى باشقا ۋاپات بولۇپ كەتكەن كىشىلەر بولسۇن مەيلى شاپائەت قىلىش جەھەتتە، ياكى دۇئا-ئىستەكلەرنى ئىجابەت قىلىش جەھەتتە، ياكى باشقا جەھەتلەردە ئۆلۈمىدىن كېيىن ھېچنەرسىگە قادىر بولالمايدۇ. كىشى ۋاپات تاپسا مۇنۇ ئۈچ جەھەتتىن باشقا ھەممە ئەمىلى ئاخىرلىشىدۇ: «سەدىقە جارىيە، پايدىلىق ئىلىم، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدىغان سالىھ پەرزەنت.»
ھالبۇكى، بىز ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى تىلەپ رەسۇلۇللاھقا يوللىغان دۇرۇت-سالىمىمىز رەسۇلۇللاھقا يېتىپ بارىدۇ. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ماڭا ئېيتقان دۇرۇت-سالىمىڭلار — سىلەر ئۇ دۇرۇت سالامنى قەيەردە تۇرۇپ ئېيتقان بولۇشىڭلاردىن قەتئىينەزەر — ماڭا يېتىپ كېلىدۇ.» رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «ماڭا دۇرۇت-سالام ئېيتىڭلار. سىلەر قەيەردىلا بولماڭلار سىلەرنىڭ ماڭا ئېيتقان دۇرۇت-سالىمىڭلار ماڭا يېتىپ كېلىدۇ.» (ئەبۇ داۋۇد)
مۇسۇلمانلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى رەسۇلۇللاھقا توغرىلىنىدىغانلىقى، ئەگەر مۇسۇلمانلار قىلغان ۋە رەسۇلۇللاھقا يېتىپ كەلگەن ئۇ ئەمەل سالىھ ئەمەل بولسا رەسۇلۇللاھنىڭ ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىدىغانلىقى، ئەگەر ئۇ ئەمەل يامان ئەمەل بولسا، رەسۇلۇللاھنىڭ شۇ ئەمەلنىڭ ساھىبلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغفىرەت سورايدىغانلىق توغرىسىدىكى ھەدىسكە كەلسەك، بۇ زەئىپ ھەدىس بولۇپ، رەسۇلۇللاھتىن سەھىھ يول بىلەن يېتىپ كەلگەن ھەدىس ئەمەس. بۇ مەزمۇندىكى ھەدىسنى سەھىھ بولدى دەپ تۇرغان تەقدىردىمۇ، بۇ ھەرگىزمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭدىن شاپائەت تەلەپ قىلىشنىڭ دۇرۇسلۇقىغا دەلىل بولالمايدۇ.
خۇلاسىكالام، مەيلى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن، مەيلى باشقا ۋاپات بولۇپ كەتكەن كىشىلەردىن شاپائەت تەلەپ قىلىش دۇرۇس ئەمەس، بۇنداق قىلىش ئىسلام شەرىئىتىدە چوڭ شىرك ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ۋاپات بولغان كىشىدىن ئۇ قادىر بولالمايدىغان ئىشنى تىلەش، مەسىلەن، ۋاپات بولغۇچىدىن كېسەلگە شىپا بېرىشىنى تىلەش، ياكى دۈشمەنلىرىگە ياردەم بېرىشىنى تىلەش، ۋەياكى قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ئاسانچىلىق تۇغدۇرۇپ بېرىشنى تىلەش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا چوڭ شىركتۇر. بۇ خىل تىلەكلەرنى ۋاپات بولۇپ كەتكەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن تىلەش بىلەن، ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئابدۇلقادىر جەيلانىيدىن، ياكى ئەخمەت بەدەۋىيدىن، ۋەياكى باشقا بىرىدىن تىلەشنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق. بۇ خىل ئارزۇ-ئىستەكلەرنى ۋاپات بولغان كىشىلەردىن تىلەش دۇرۇس ئەمەس، بۇنداق قىلىش ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈش جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ.
(ئۆلۈپ كەتكەن مۇسۇلمانلاردىن ھاجەت تىلەنمەيدۇ. دەل ئەكسىچە) ئۆلۈپ كەتكەن مۇسۇلمانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلىنىدۇ، ئاللاھنىڭ ئۇلارنى مەغفىرەت قىلىنىشى تىلىنىدۇ. (سەھىھ ھەدىستە كەلگىنىدەك) ئەگەر بىر مۇسۇلمان رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە دۇرۇت-سالام يوللىسا، رەسۇلۇللاھ بۇ دۇرۇت-سالامغا جاۋاپ قايتۇرىدۇ. ھالبۇكى، رەسۇلۇللاھتىن مەدەت تىلەش، ياكى شاپائەت تىلەش، ياكى دۈشمەنلەرگە ياردەم بېرىشىنى تىلەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دۇرۇس ئەمەس بولۇپ، بۇنداق قىلىش جاھىلىيەت كىشىلىرىنىڭ ئەمىلىدۇر، بۇنداق قىلىش شىرك ئەھلىنىڭ ئەمىلىدۇر.
مۇسۇلمان كىشىنىڭ رەسۇلۇللاھتىن شاپائەت، مەدەت تىلەش تۈرىدىكى بۇ خىل (شىرك) قىلمىشلاردىن ئۇزاق تۇرۇشى كېرەك.
[ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دەيدۇ: {وَلَقَدْ أُوحِيَ إِلَيْكَ وَإِلَى الَّذِينَ مِن قَبْلِكَ لَئِنْ أَشْرَكْتَ لَيَحْبَطَنَّ عَمَلُكَ وَلَتَكُونَنَّ مِنَ الْخَاسِرِينَ}
(ئى پەيغەمبەر!) ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى سەندىن ئىلگىرىكى بارچە پەيغەمبەرلەرگە1) «ئەگەر ئاللاھقا شىرك كەلتۈرسەڭ (بارچە ياخشى) ئەمەللىرىڭ يوق بولۇپ كېتىدۇ، ئاقىۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن (يەنى دىنىڭنى ۋە ئاخىرىتىڭنى قولدىن بەرگۈچىلەردىن، نەتىجىدە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ شىددەتلىك جازاسىغا ئۇچرىغۇچىلاردىن2) بولىسەن» دەپ ۋەھىي قىلىندى. (1.2. تفسير السعدي)]
[قُلْ إِنَّمَا أَدْعُو رَبِّي وَلَا أُشْرِكُ بِهِ أَحَدًا
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دەيدۇ:(ئى پەيغەمبەر! ئۆزۈڭ چاقىرىۋاتقان تەۋھىد دىنىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ1) ئېيتقىنكى «مەن ئىبادەتنى پەقەت رەببىمگىلا قىلىمەن. (دۇئادىمۇ، ئىبادەتتىمۇ) رەببىمگە ھېچكىمنى شىرك قىلمايمەن.» — سۈرە جىن، 20-ئايەت (1. تەپسىر سەئدى)]
[{وَأَنَّ الْمَسَاجِدَ لِلَّهِ فَلَا تَدْعُوا مَعَ اللَّهِ أَحَدًا}
شەكسىزكى، مەسجىدلەر (يەنى كىشى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان ھەر قانداق يەر ئىبادەتتە1) ئاللاھقا خاستۇر. (يەنى پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىنىشى ئۈچۈن — ناماز ئوقۇلۇشى ۋە ئاللاھنى زىكىر قىلىنىشى ئۈچۈن — بىنا قىلىنغاندۇر.2) شۇڭىلاشقا، ئاللاھقا قوشۇپ ھېچكمگە دۇئا قىلماڭلار. — سۈرە جىن، 18-ئايەت (1. تەپسىر بەغەۋى 2 . تەپسىر بەغەۋى، تەپسىر مۇيەسسەر) ]
شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ