سوئال: بىر قوي قۇربانلىق قىلىش بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۈچۈن كۇپايە قىلامدۇ؟
سوئال: ئۆيلەنگەن، بالىلىرى بار، دادىسى ۋە ئاكا-ئۇكىلىرى بىلەن بىللە ياشايدىغان بىر كىشى ئۈچۈن (ھەممىسىگە) بىر قوي قۇربانلىق قىلسا يېتەرلىك بولامدۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ
جاۋاب: شۇنداق، ئەگەر ئۇلار جەم بولۇپ (بىر قازاندا تاماق يەپ) بىر ئائىلە بولۇپ ياشىسا، ھەتتا يۈز كىشى بولغان تەقدىردىمۇ بىر قوي قۇربانلىق قىلىش كۇپايە قىلىدۇ. مەيلى بىر دادا ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى، ئون كىشى، يىگىرمە كىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى بولسۇن، بىر قوي يېتەرلىكتۇر. ئەگەر ئىككىنى، ئۈچنى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپنى سويسا، بۇنىڭ ھېچقانداق زىيىنى يوق؛ ئەمما سۈننەتكە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن بىر قوي كۇپايە قىلىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ توققۇز ئايالى بار ئىدى، ئەمما ئۇ زات ئۆزى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۈچۈن بىر قوي قۇربانلىق قىلاتتى. (ئاللاھ ئۇ زاتقا دۇرۇت ۋە سالاملار يوللىسۇن).
— مۇجتەھىد تورى تارقاتتى
