بەش ناماز ئوقۇمايدىغان كىشى قۇربانلىق قىلغان مالنىڭ گۆشىنى يېيىشنىڭ ھۆكمى
ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق پەتىۋار بەرگەن:
بەش ناماز ئوقۇمايدىغان بىرى قاسساپلىقتا ئۇستا بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ قۇربانلىق مالنى بوغۇزلىشىغا رۇخسەت قىلىنماسلىقى كېرەك. چۈنكى، بەش ناماز ئوقۇمايدىغان كىشى بوغۇزلىغان مالنىڭ گۆشى ھالال ئەمەس. (نۇرۇن ئەلەددەرب 2\20)
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((بَيْنَ الْعَبْدِ وَبَيْنَ الْكُفْرِ أَوِ الشِّرْكِ تَرْكُ الصَّلَاةِ فَإِذَا تَرَكَ الصَّلَاةَ فَقَدْ كَفَرَ))«كىشى بىلەن كۇفۇر ۋە شىرك ئارىسىدىكى پاسىل نامازنى تەرك ئېتىشتۇر. ئەگەر كىشى نامازنى تەرك ئەتسە كاپىر بولىدۇ.» (تعظيم قدر الصلاة لمحمد بن نصر المروزي)
ئابدۇللاھ ئىبنى شەقىيق ئەلئۇقەيلى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ((كَانَ أَصْحَابُ مُحَمَّدٍ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ لَا يَرَوْنَ شَيْئًا مِنَ الأَعْمَالِ تَرْكُهُ كُفْرٌ غَيْرَ الصَّلَاةِ)) «مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرى ئەمەل-ئىبادەتلەردىن ھەر قانداق بىرىنى تەرك ئېتىشنى كاپىرلىق سانىمايتتى، نامازنى تەرك ئېتىش بۇنىڭدىن مۇستەسنا.(يەنى نامازنى تەرك ئېتىشنى كاپىرلىق سانايتتى.)» (سۇنەن تىرمىزى 2622؛ بەغەۋى: شەرھۇس سۇننە)
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إِنَّ بَيْنَ الرَّجُلِ وَبَيْنَ الشِّرْكِ وَالْكُفْرِ تَرْكُ الصَّلاَةِ)) «كىشى بىلەن شىرك ۋە كۇفۇر ئارىسىدىكى پاسىل نامازلارنى تەرك ئېتىشتۇر.» (سەھىھۇل مۇسلىم؛ ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، مۇسنەد ئەھمەد ۋە باشقا ھەدىس كىتاپلىرىدىمۇ مۇشۇ ھەقتىكى سەھىھ ھەدىسلەر مەۋجۇت)
ئىمام بەغەۋى رەھىمەھۇللاھ «شەرھۇس سۇننە» ناملىق ئەسىرىدە «نامازنى تەرك ئەتكۈچىگە بېرىلىدىغان جازا» بابىدا ئىمام مۇسلىم توپلىغان ((إِنَّ بَيْنَ الرَّجُلِ وَبَيْنَ الشِّرْكِ وَالْكُفْرِ تَرْكُ الصَّلاَةِ)) «كىشى بىلەن شىرك ۋە كۇفۇر ئارىسىدىكى پاسىل نامازلارنى تەرك ئېتىشتۇر» ھەدىسىنى نەقىل قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېگەن: ئەھلى ئىلىم نامازنى قەستەن تەرك قىلغۇچىنىڭ كاپىر ياكى ئەمەسلىكىدە ئىختىلاپلاشقان. ئىبراھىم نەخەئى، ئىبنى مۇبارەك، ئىمام ئەھمەد، ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ نامازنى قەستەن تەرك ئەتكۈچىنى كاپىر دېگەن. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«نامازنى تەرك ئەتكۈچىنىڭ ئىسلامدىن نېسىۋىسى يوق.» (شرح السنة للبغوي) ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«نامازنى تەرك ئېتىش كاپىرلىقتۇر.» (شرح السنة للبغوي) ئابدۇللاھ ئىبنى شەقىيق ئەلئۇقەيلى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ((كَانَ أَصْحَابُ مُحَمَّدٍ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ لَا يَرَوْنَ شَيْئًا مِنَ الأَعْمَالِ تَرْكُهُ كُفْرٌ غَيْرَ الصَّلَاةِ)) «مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرى ئەمەل-ئىبادەتلەردىن ھەر قانداق بىرىنى تەرك ئېتىشنى كاپىرلىق سانىمايتتى، نامازنى تەرك ئېتىش بۇنىڭدىن مۇستەسنا.(يەنى نامازنى تەرك ئېتىشنى كاپىرلىق سانايتتى.)» (سۇنەن تىرمىزى 2622؛ بەغەۋى: شەرھۇس سۇننە)
باشقا ئەھلى ئىلىم نامازنى ھورۇنلۇق قىلىپ قەستەن تەرك ئەتكۈچىنىڭ كاپىر بولمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم بەرگەن. (بۇ ھۆكۈمدىكى ئالىملار) نامازنى تەرك ئەتكۈچىنىڭ كاپىرلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ھەدىسنى «نامازنىڭ پەرزلىكىنى ئىنكار قىلىپ تەرك ئەتكۈچى كاپىر بولىدۇ» دېگەننى ئىپادىلەيدۇ، دەپ چۈشەنگەن؛ شۇنداقلا بۇ ھەقتىكى ھەدىسنى نامازنى تەرك ئەتكۈچىگە قىلىنغان قورقۇتقۇچى تەھدىت، دەپ چۈشەنگەن. سەلەپ ئالىملىرىدىن ھامماد ئىبنى زەيد، مەھكۇل، ئىمام مالىك، ئىمام شافىي قاتارلىقلار «تَارِكُ الصَّلاةِ كَالْمُرْتَدِّ، وَلا يَخْرُجُ بِهِ عَنِ الدِّينِ» دېگەن. زۇھرى، شۇنداقلا ئەسھابۇ رەي (ئىمام ئەبۇ ھەنىفە مەزھىپىدىكى فۇقاھانى دېمەكچى) روزا زاكات ۋە ھەجنى تەرك ئەتكۈچى ئۆلتۈرۈلمىگىنىدەك (ھورۇنلۇق سەۋەبلىك ناماز ئوقۇمىغۇچىمۇ) ئۆلتۈرۈلمەيدۇ. ھالبۇكى، نامازلارنى ئوقۇيدىغان بولغانغا قەدەر تۈرمىگە سولىنىدۇ ۋە تەن جازاسى بېرىلىدۇ، دېگەن.» (شرح السنة للبغوي)
— مۇجتەھىد تورى | mujthehid.com
