قۇدرەت بارات
ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىش بىلەن تېمىنى باشلايمىز.
ئاللاھقا ھەمدۇ – سانالار بولسۇن. رەسۇلىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئاللاھنىڭ سالات ۋە سالامى بولسۇن.
مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن:
«مەن تاكى ئۆمەر (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ھۇجرامغا (ئىككى ھەمراھىنىڭ يېنىغا) دەپنە قىلىنغۇچە، ئۆيۈمنىڭ ئىچىدە لېچەكسىز ھالدا، ئادەتتىكى ئۆي كىيىملىرىم بىلەن يۈرەتتىم. ئۆمەر (ئىككى ھەمراھىنىڭ، يەنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋە دادام ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ يېنىغا) دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن، تاكى ئۆزۈم بىلەن قەبرىلەر ئارىسىغا بىر تام سوقۇلغانغا قەدەر ئۆزۈمنى يۆگەپ (ھىجابلىنىپ) يۈردۈم. تام سۇقۇلغاندىن كېيىن، ئاندىن يەنە ئۆيدە كىيىدىغان كىيىملىرىمنى كىيىپ يۈردۈم.» (تەبەقات ئىبنى سەئىد، 3\346)
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يەنە مۇنداق دېگەن:
كُنْتُ أَدْخُلُ بَيْتِي الَّذِي دُفِنَ فِيهِ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، وَأَبِي فَأَضَعُ ثَوْبِي، وَأَقُولُ: إِنَّمَا هُوَ زَوْجِي وَأَبِي، فَلَمَّا دُفِنَ عُمَرُ مَعَهُمْ فَوَاللَّهِ مَا دَخَلْتُهُ إِلَّا وَأَنَا مَشْدُودَةٌ عَلَيَّ ثِيَابِي، حَيَاءً مِنْ عُمَرَ»
«مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە دادام (ئەبۇ بەكرى) دەپنە قىلىنغان ئۆيۈمگە (ھۇجرامغا) كىرگەن چېغىمدا، <بۇلار مېنىڭ ئېرىم ۋە دادامغۇ> دەپ جىلبابىمنى سېلىۋېتەتتىم. كېيىنچە ئۆمەر ئۇلارنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغاندا، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۆمەردىن ھايا قىلغانلىقىم ئۈچۈن، كىيىمىگە مەھكەم يۆگەنگەن ھالەتتىلا كىرىدىغان بولدۇم.» (مۇسنەد ئەھمەد، ھاكىم: مۇستەدرەك، بەيھەقى: سۇنەن كۇبرا؛ ئىمام ھاكىم بۇ ھەدىسنى «بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە چۈشىدىغان سەھىھ ھەدىس» دېگەن)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئائىشە مېنىڭ دۇنيادىكى ۋە ئاخىرەتتىكى ئايالىمدۇر.» (ھاكىم: مۇستەدرەك 4730)
ئائىشە ئانىمىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرى ئارىسىدىكى ئەڭ ئالىمە ئايال ئىدى. ئۇ ئەڭ بۈيۈك بەيغەمبەرنىڭ ئايالى ۋە ئەڭ ئۈستۈن سىددىقنىڭ قىزى بولۇشتەك قوش شەرەپكە ئىگە ئىدى.
ئائىشە ئانىمىز نىڭ يۇقىرىقى قىلمىشى ئۇنىڭ ئىپپەت ۋە ھايادىكى مىسلىسىز ئۈستۈنلۈكىنى بىلدۈرىدۇ.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولغاندا ساھابىلەر رەسۇلۇللاھنى قەيەرگە دەپنە قىلىشنى بىلەلمەي قېلىشتى. بۇ چاغدا ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ <پەيغەمبەرلەر قەيەردە ۋاپات بولسا، شۇ يەرگە دەپنە قىلىنىدۇ> دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم>» دېدى. رەسۇلۇللاھ ئائىشە ئانىمىزنىڭ ھۇجرىسىدا ۋاپات بولغان ئىدى. بۇ ۋەجىدىن ئۇ زات ئائىشە ئانىمىزنىڭ ھۇجرىسغا دەپنە قىلىندى.
ئائىشە ئانىمىز ئۆزى بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبرىسىنىڭ ئارىسىغا بىر پەردە تارتىپ قويغان ئىدى. كېيىن دادىسى ئەبۇ بەكرى سىددىق ۋاپات بولغاندا، ئۇمۇ ئائىشە ئانىمىزنىڭ ھۇجرىسىغا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. بۇ چاغدىمۇ ئائىشە ئانىمىز بىلەن ئىككى قەبرە ئارىسىنى پەردە توسۇپ تۇراتتى. ھەزىرتى ئۆمەر مۇغىيرە ئىبنى شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مەجۇسىي قۇلى تەرىپىدىن زەھەرلىك خەنجەر بىلەن پىچاقلانغاندىن كېيىن، ھەزىرتى ئۆمەر ئوغلى ئابدۇللاھقا «مۆمىنلەرنىڭ ئانىسىنىڭ يېنىغا بارغىن ۋە <خەتتاب ئوغلى ئۆمەر ئۆزىنىڭ ئىككى ھەمراھىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنىشى ھەققىدە سىلىدىن رۇخسەت سوراۋاتىدۇ> دېگىن. ئەگەر رۇخسەت بەرسە، مېنى شۇ يەرگە كۆمۈڭلار، رۇخسەت بەرمىسە، مېنى بەقىيگە كۆمۈڭلار دېدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئائىشە ئانىمىزنىڭ ھۇرجرىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ھەزىرتى ئۆمەرنىڭ ئىلتىجاسىنى ئائىشە ئانىمىزغا يەتكۈزۈۋىدى، ئائىشە ئانىمىز «مەن ئۇ يەردىكى بىر كىشىلىك ئورۇننى ئۆزۈم ئۈچۈن ئېلىپ قويغان ئىدىم، مۆمىنلەرنىڭ خەلىپىسى شۇ جايغا دەپنە قىلىنىشنى تەلەپ قىلغان بولسا، مەن ئۆز ھەققىمنى ئۇنىڭغا بەردىم» دەپ، ھەزىرتى ئۆمەرنىڭ ئۆز ھۇجرىسىغا دەپ قىلىنىشىغا رۇخسەت قىلدى.
ئاقىۋەتتە ھەزىرتى ئۆمەر ئىككى ھەمراھىنىڭ يېنىغا، ئائىشە ئانىمىزنىڭ ھۇجرىسىغا كۆمۈلدى. ھۇجرىنىڭ كەڭلىكى تۆت مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم، ئەبۇ بەكرى سىددىق، ۋە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ھۇجرىغا يانمۇ يان كۆمۈلگەندىن كېيىن، ئائىشە ئانىمىز ھەزىرتى ئۆمەردىن ھايا قىلىپ، تاكى ئۆزى بىلەن قەبرىلەر ئارىسىغا تام سوقۇلغانغا قەدەر جىلبابىنى سالمىغان. تام سوقۇلغاندىن كېيىن، ئائىشە ئانىمىزغا قالغان يەر كەڭلىكى 75 سانتىلىق، ئۇزۇنلۇقى بەش مېتىرغا يېقىن بۆلەك بولغان. ئائىشە ئانىمىز ئەنە شۇ يەتمىش بەش سانتا كەڭلىكتىكى ھۇجرا بۆلىكىدە 23 يىل ياشاپ ۋاپات بولغان، ئائىشە ئانىمىز دادىسىنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا ئەمەس، بەقىي قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.
بۇ ۋەقەلىكتە ئۈچ تەرەپ دىققەتنى تارتىدۇ.
1. ئائىشە ئانىمىزنى ھاياسى.
2. ئائىشە ئانىمىزنىڭ مەرتلىكى.
3. ئائىشە ئانىمىزنىڭ زۇھدى.
ھاياسىغا كەلسەك، كۈنىمىزدە ئاياللار ھايات مېڭىپ يۈرگەن يات ئەرلەردىن تەپ تارتماس بولۇپ كەتتى. ئەمما، ئائىشە ئانىمىز يەرنىڭ تېگىگە كىرىپ كەتكەن، ئارىدا مەھرەملىك – نامەھرەملىك مەسلىسى مەۋجۇت بولمىغان بىر مېيتتىن (يەنى ھەزىرتى ئۆمەردىن) ھايا قىلىپ جىلبابىنى سالمىدى ۋە ئۆزى بىلەن قەبرىلەر ئارىسىغا تام سوقتۇردى.
مەرتلىكىگە كەلسەك، ئائىشە ئانىمىز ئۈچۈن ھاياتىدىن كېيىنكى ئەڭ سۆيۈملۈك ئىش ئېرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن دادىسى ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنىش ئىدى. ئۇنىڭ بۇنىڭدىنمۇ چوڭ ئارزۇسى يوق ئىدى. ئەمما، ئۇ ھەزىرتى ئۆمەرنىڭ ئىلتىجاسىغا ياق دېيىشنى راۋا كۆرمەي، ئۆز ھەققىنى ئۇنىڭغا ئۆتۈندى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن بىر نەرسە سورالسا ياق دېمەيتتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مەرتى ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «ئاللاھ مەرتتۇر، مەرتلىكنى ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ مەرتلىك ئەخلاقىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن بۇ مەرت ساھابە ئانا، ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ سۈيۈملۈك ماكان سورالغاندا، ياق دېمەستىن، قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئۆز ھەققىنى ھەزىرتى ئۆمەرگە بېرىۋەتتى.
زۇھدىغا كەلسەك، يەتمشى بەش سانتىمېتىر كەڭلىكتىكى بىر جايدا 23 يىل ئەمەس، 23 مىنۇت ياشاشمۇ قېرى – ياش، چوڭ – كىچىك، ئەر – ئايال ھەر قانداق كىشىگە ناھايىتى ئېغىر كېلىدۇ. ئەمما، ئائىشە ئانىمىز ئىنتايىن تار ھۇجرىسىدا كەڭلىكى ئاسمان – زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن 23 يىل ئىبادەت بىلەن ياشاپ ئالەمدىن ئۆتتى. بۇنداق چىدام، سەبر ۋە غەيرەتكە، بۇ خىل زۇھد دەرىجىسىگە پەيغەمبەرلىك نۇرىدىن نۇرلانغان بۇنداق ئۇلۇغ سالىھە ئايالدىن باشقا ھەر قانداق ئەر ياكى ئاياللار يېتەلمەسلىكى ئېنىق.
كۈنىمىزدە ياسىداق ئۆي، ھەشەمەتلىك ھايات قوغلىشىش يولىدا كېچە كۈندۈز غەيرەت كۆرىسىتىدىغان، باشقىلار بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ، باشقىلار بىلەن دۇنياۋىيلىق جەھەتتە بەسلىشىشنى ھاياتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمىغا ئايلاندۇرۇۋالغان پۈچەكلەرمۇ ئاز ئەمەس. ئاللاھ بۇنداقلارنىڭ قەلبىنى ۋە تويماس نەپسىنى ئىسلاھ قىلىپ بەرسۇن.
ۋاپات بولۇپ يەرنىڭ تېگىگە كىرىپ كەتكەن بىر مىيىتتىن ھايا قىلىپ جىلبابىنى سالمىغان بىر ئۇلۇغ ساھابە ئايالنىڭ ئىزباسارى ئىكەنلىكىنى داۋا قىلىدىغان نۇرغۇن ئاياللار ھېسسىياتلىق، جانلىق تىرىك ئەرلەردىن ھايا قىلماي ئۇ يەر – بۇ يەرلىرىنى ئېچىۋېلىشى كىشىنى تولىمۇ ئېچىندۇرىدۇ. مىيىتتىن ھايا قىلىپ ئۆزى بىلەن مىيىت ئارىسىغا تام سوقتۇرغان بۇ ئۇلۇغ ساھابە ئاياللارنىڭ ئەگەشكۈچىسى ئىكەنلىكىنى داۋا قىلىدىغان بىر قىسىم خانىم – قىزلار تىرىك ئەرلەر بىلەن خۇشال ھالدا بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ قوپۇپ، ئارقىدىنلا ئاللاھتىن فىردەۋسۇل جەننەتنى تىلەپ يۈرۈشمەكتە. رەسۇلۇللاھ بىزگە ئۈلگە بولغاندەك، ئۇ زاتنىڭ ئىپپەتلىك ئاياللىرىمۇ بىز ئۈچۈن، بولۇپمۇ مۆمىنە خانىم – قىزلار ئۈچۈن ئۈلگىدۇر. ئۇلۇغ ئاللاھ ئائىشە ئانىمىزنىڭ ئىپپەت – ھاياسىدىن بارچە مۆمىنە خانىم – قىزلارنى مول نېسىۋىلەندۈرسۇن.
ئىپپەت – ھايا يولىنى تۇتقان، ئۆلچەملىك ھىجاپنى تەرك ئەتمىگەن پاك خانىم – قىزلارنى ئاشقۇنلۇق بىلەن، مۇتىئەسسىپلىك بىلەن، قالاقلىق ۋە ئەقىلسىزلىك بىلەن ئەيىپلەيدىغان بارچە مۇناپىقلارنى ئاللاھ ئۆزى بىر تەرەپ قىلسۇن.
ئائىشە ئانىمىزنىڭ مۇنۇ ۋەقەلىكىمۇ مۆمىنە خانىم – قىزلارنىڭ ئىپپەت – ھاياسىنى ساقلاشقا قىلىنغان مۇھىم تەشۋىقلەردىن بىرى:
ئىمام شافي مۇسنەدىدە مۇنداق نەقىل قىلغان: ئەبۇ سۇلايمان ئانىسىدىن مۇنداق نەقىل قىلىدۇ: ئەبۇ سۇلايماننىڭ ئانىسى، مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىدا ئىدى. بۇ پەيتتە ئۇنىڭ يېنىغا ئۇ قۇللۇقتىن ئازاد قىلغان ئاياللاردىن بىرى كىرىپ مۇنداق دېدى: «ئى مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى! كەبىنى يەتتە قېتىم تاۋاپ قىلدىم، (ھەجرۇلئەسۋەد) رۇكنىنى ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم سىلىدىم» دېۋىدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «ئاللاھ ساڭا ئەجىر بەرمىسۇن، ئاللاھ ساڭا ئەجر بەرمىسۇن. (ئەرلەرگە ئارىلىشىپ رۇكنغا يېقىنلىشىشنىڭ ئورنىغا) ئەرلەردىن ساقلىنىپ، (رۇكنىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ) تەكبىر ئېيتىپ (ھەجرۇل ئەسۋەدكە سالام قىلىپ)، ئاندىن ئۆتۈپ كېتىۋەرسەڭ بولمامتى؟» (مۇسنەد شافىي، معرفة السنن والآثار ٧/٢٢٠ — أبو بكر البيهقي، السنن الكبرى – البيهقي – ط العلمية ٥/١٣١، السنن الكبرى للبيهقي برقم (٩٣٤٩) | ھەدىسنى قۇدرەت بارات تەرجىمە قىلدى
رەسىمدىكىسى: ئائىشە ئانىمىزنىڭ ھۇجرىسىنىڭ ۋە ئۈچ قەبرىنىڭ جايلىشىش ئەھۋالىنىڭ تەخمىنىي تەسۋىرى (رەسىم: مەدىنە پەيغەمبەر مەسجىدى ئىمامى ۋە خاتىبى، مەشھۇر قارىي، قازى ۋە داڭدار ئۆلىما ئابدۇلمۇھسىن قاسىمنىڭ «مەدىنىنىڭ پەزىلىتى» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئىنگىلىزچە نۇسخىسىدىن ئېلىندى)
