شەھەردە ياشاش ئەۋزەلمۇ ياكى يالغۇز ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن چۆل – جەزىرىدە \ يېزا – قىشلاقلاردا ياشاش ئەۋزەلمۇ؟

ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن كىشىلەردىن ئايرىلىپ، ئادەمسىز چۆل – جەزىرىلەردە ياشاش ئەۋزەلمۇ ياكى جامائەت بىلەن بىرگە بولۇش ئۈچۈن شەھەردە ياشاش ئەۋزەلمۇ؟

بۇ سوئالغا مەشھۇر فەقىھ، مۇھەددىس ئالىم ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق جاۋاب بەرگەن:

جاۋاب: ئەگەر كىشى شەھەردە ياشاش سەۋەبلىك دىنىغا زىيان يېتىشىدىن ئەنسىرىسە، ئۇ چاغدا كىشىلەردىن ئايرىلىپ چۆل – جەزىرىلەردە ياكى دىنىغا زىيان يەتمەيدىغان بىرەر يېزىدا ياشىشى ئەۋزەلدۇر. ئەگەر دىنىغا زىيان يەتمەيدىغان بولسا، شەھەردە ياشىشى ئەۋزەلدۇر.

چۈنكى شەھەردە ياشاش مۇسۇلمانلارنىڭ جامائەت نامازلىرىغا، دىنىي شۇئارلىرىغا، زىكىر \ ئىلىم مەجلىسلىرىگە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ياخشىلىقلىرىغا شاھىت بولۇش پۇرسىتى يارىتىدىغانلىقى ئۈچۈن ئەۋزەلدۇر. لېكىن، كىشى دىنىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بىدئەت ئەھلىلىرى بىلەن، ياكى دۇنيانىڭ شەھۋەتلىرىگە چاقىرىدىغانلار بىلەن، ياكى غەيۋەت – شىكايەت قىلىپ باشقا بۇزۇقچىلىقلارغا باشلايدىغانلار بىلەن بىرگە ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر. ( فَتَّاوَى الإِمامِ النَّوَوَيِ 273)
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ