قانداق قىلساق ئاللاھ بىزنى ياخشى كۆرىدۇ؟ | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ

قانداق قىلساق ئاللاھ بىزنى ياخشى كۆرىدۇ؟ | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ

ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ «رىيازۇس سالىھىن شەرھى» دە مۇنداق دېگەن:

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مقۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:

«(ئى رەسۇلۇم!) ئېيتقىنكى: ئەگەر سىلەر ئاللاھنى ياخشى كۆرسەڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلار، شۇندىلا  ئاللاھ سىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ.» (ئال ئىمران سۈرىسى، 31-ئايەت) دېگەن ئايەتتۇر.

بەزى ئالىملار بۇ ئايەتكە «سىناق ئايىتى» دەپ نام بەرگەن. چۈنكى ئۇلۇغ ئاللاھ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدىغانلارنى سىنايدۇ. «بىز ئاللاھنى ياخشى كۆرىمىز» دېگەن سۆز ئاددىيلا بىر دەۋا. لېكىن ئاللاھنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغۇچىنىڭ دەلىل كەلتۈرۈشى كېرەك.  ئاللاھ تائالا: «(ئى رەسۇلۇم!) ئېيتقىنكى: ئەگەر سىلەر ئاللاھنى ياخشى كۆرسەڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلار…» دەپ بۇيرۇغان. دېمەك، ئاللاھنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىپ تۇرۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگەشمىگەن كىشى راستچىل ئەمەس، ئەكسىچە يالغانچىدۇر. چۈنكى ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ئالامىتى، ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئەگىشىشتۇر. كىشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىشتىن قانچىلىك ئارقىدا

قالسا، ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتىڭلارمۇ شۇنچىلىك ئازىيىدۇ. ئەمدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىشنىڭ نەتىجىسى نېمە؟ بۇنىڭ جاۋابى مۇنۇ ئايەتتە بايان قىلىنغان: {ئاللاھ سىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ.} مانا بۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىشنىڭ، ئۇ زاتنىڭ بۇيرۇق – چەكلىمىلىرىگە رىئايە قىلىشنىڭ مېۋىسىدۇر. كىشى رەسۇلۇللاھ ئەگىشىپ، ئىتائەت قىلسا ئاللاھ ئۇنى ياخشى كۆرۈشى. ئاللاھ سىلەرنى پەقەت ئۆزى رازى بولىدىغان ئىشلارنى قىلغىنىڭلاردا ئاندىن ياخشى كۆرىدۇ. كىشىنىڭ «مەن ئاللاھنى ياخشى كۆرىمەن» دېيىشى مۇھىم ئەمەس، ئەسلى مۇھىم بولغىنى ئاللاھنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈشىدۇر. ئاللاھتىن بىزنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بەندىلىرىدىن قىلىشىنى تىلەيمەن. ئەسلى شەرەپ ۋە ئەڭ مۇھىم بولغىنى مانا شۇدۇر — ئاللاھنىڭ سېنى ياخشى كۆرۈشىدۇر.

ئۇلۇغ ئاللاھ بىر كىشىنى ياخشى كۆرسە، ئۇنىڭ دىنىي ۋە دۇنياۋىي ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «ئاللاھ بىر كىشىنى ياخشى كۆرگەندە جىبرىل پەرىشتىگە: «مەن پالانىنى ياخشى كۆردۈم، سەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرگىن» دەيدۇ. جىبرىل پەرىشتىمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاندىن ئاسماندىكىلەرگە: «ئاللاھ پالانىنى ياخشى كۆردى، سىلەرمۇ ئۇنى ياخشى كۆرۈڭلار» دەپ نىدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاسماندىكىلەرمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ. كېيىن ئۇ كىشى يەر يۈزىدىمۇ قوبۇل قىلىنىشقا (مۆمىنلەر تەرىپىدىن ياخشى كۆرۈلۈشكە) ئېرىشىدۇ.» شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ، قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇ كىشى باشقا كىشىلەرنىڭ پېشۋاسىغا ئايلىنىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئەسلى مەقسەت ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىشتۇر. لېكىن، بۇنىڭغا پەقەت رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغان كىشىلەرلا ئېرىشەلەيدۇ.

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ