ھارامخور، تۆھمەتخور، پاسىق كىشىلەرنىڭ زىيىنىدىن مۇسۇلمانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش غەيۋەت ھېسابلىنامدۇ؟ | ھەرەم ئالىملىرى پەتىۋا ئورگىنى

ھارامخور، تۆھمەتخور، پاسىق كىشىلەرنىڭ زىيىنىدىن مۇسۇلمانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش غەيۋەت ھېسابلىنامدۇ؟ | ھەرەم ئالىملىرى پەتىۋا ئورگىنى

سوئال: ئەگەر بىر كىشىنىڭ ئەخلاقىنىڭ ناچارلىقى مەلۇم بولسا، ئۇ ھاراق ئىچىدىغان كىشى بولسا، ياكى باشقا چوڭ گۇناھلارنى (مەسىلەن، گەپ توشۇش، كىمنىڭ گېپى بولسا شۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ، يۈزىنى تۆكۈش قاتارلىق ھارام قىلمىشلاردىن) ئاشكارا قىلىدىغان بولسا، بىز باشقىلارغا ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلساق جائىز بولامدۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى ئورگان: ھەرەم ئۆلىمالىرى پەتىۋا ئورگىنى

پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز، ئەللامە ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان، ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئالشەيخ، ئەللامە بەكرى ئەبۇ زەيد، ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان

مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

جاۋاب: پاسىقلارنىڭ ۋە چوڭ گۇناھ سادىر قىلغۇچىلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋاجىپتۇر. ئەگەر بىر مۇسۇلمان «باشقا مۇسۇلمانلار بۇ خىل ناچار كىشىنىڭ قىلمىشىنىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ قالمىسۇن» دەپ ئەنسىرىسە، باشقىلارنىڭ ئۇلارنىڭ توزىقىغا ياكى زىيانكەشلىكىگە چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن، شۇ خىل پاسىقلارنىڭ ئەھۋالىنى  مۇناسىۋەتلىك مۇسۇلمانلارغا ئاشكارىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ. شۇنداقلا، ئاللاھنىڭ ئۇ خىل پاسىقلارغا ھىدايەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىپ، پاسىقلارغا ۋە چوڭ گۇناھ سادىر قىلغۇچىلارغىمۇ نەسىھەت قىلىش مۇسۇلمان ئۈچۈن ۋاجىپتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «دىن نەسىھەتتۇر» دېۋىدى، ساھابىلەر: «ئى رەسۇلۇللاھ! كىم ئۈچۈن؟» دەپ سورىدى.، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ كىتابى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئاۋام خەلق ئۈچۈندۇر» دەپ جاۋاب بەرگەن. (تەمىم ئىبنى ئەۋس ئەددارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)

مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر. ئاللاھنىڭ سالات ۋە سالامى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدكە، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا بولسۇن. (فتاوى اللجنة الدائمة – المجموعة الأولى 12\382)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ