ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ

تابىئىنلاردىن بىلال ئىبنى سەئىد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن ئىدى: ((وَاللَّهِ لَوْ كَانَتِ الدُّنْيَا تَزِنُ عِنْدَ اللَّهِ جَنَاحَ ذُبَابَةٍ مَا سَقَى فِرْعَوْنَ مِنْهَا شَرْبَةَ مَاءٍ)) «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر دۇنيا ئاللاھنىڭ نەزىرىدە پاشىنىڭ قانىتىچىلىك قىممەتكە ئىگە بولغان بولسا، ئاللاھ فىرئەۋنگە بىر يۇتۇم سۇنىمۇ ئىچكۈزمىگەن بولاتتى.» mujtehid.com (ئىمام ئەھمەد: «زۇھد كىتابى» 725-نومۇر) | قۇدرەت بارات تەرجىمىسى

ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:  ((إِنَّ الَّذِينَ أَلْسِنَتُهُمْ رَطْبَةٌ بِذِكْرِ اللَّهِ يَدْخُلُ الْجَنَّةَ وَهُوَ يَضْحَكُ)) «تىللىرى ئاللاھنىڭ زىكىرى بىلەن نەم تۇرىدىغان كىشىلەر كۈلگەن ھالەتتە جەننەتكە كىرىدۇ.» mujtehid.com (ئىمام ئەھمەد: «زۇھد كىتابى» 726-نومۇر) | قۇدرەت بارات تەرجىمىسى

ئەبۇ دەردا رەرزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ((الْعَالِمُ وَالْمُتَعَلِّمُ فِي الْأَجْرِ سَوَاءٌ وَلَا خَيْرَ فِيمَا سِوَاهُمَا)) «شەرئىي ئىلىم ئۆگىتىدىغان ئالىم بىلەن شەرئىي ئىلىمنى ئۆگەنگۈچى ئەجىر-ساۋابتا ئوخشاش. بۇ ئىككىسىدىن باشقىسىدا ياخشىلىق يوق.» mujtehid.com (ئىمام ئەھمەد: «زۇھد كىتابى» 727-نومۇر) | قۇدرەت بارات تەرجىمىسى

ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:  ((إِنَّ أَخْوَفَ مَا أَخَافُ إِذَا لَقِيتُ رَبِّي تبارك وتعالى أَنْ يَقُولَ لِي: قَدْ عَلِمْتَ فَمَاذَا عَمِلْتَ فِيمَا عَلِمْتَ)) (قىيامەت كۈنى) ئاللاھ بىلەن ئۇچراشقىنىمدا، مېنى ئەڭ قورقۇتىدىغان ئىش ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ ماڭا «سەن بىلگەن ئىدىڭ، بىلگەنلىرىڭگە قانچىلىك ئەمەل قىلدىڭ؟» دەپ سورىشىدۇر. |  mujtehid.com (ئىمام ئەھمەد: «زۇھد كىتابى» 731-نومۇر) | قۇدرەت بارات تەرجىمىسى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ