دىنلار، پىرقىلەر، مەزھەپلەر - مۇجتەھىد پەتىۋا تورى

ئىمام نەۋەۋىنىڭ ئەقىدىسى قانداق ئەقىدە؟ | مۇھەددىس مەشھۇر ھەسەن سالمان
ئىمام نەۋەۋىنىڭ ئەقىدىسى قانداق ئەقىدە؟

سوئال: ئىمام نەۋەۋىينىڭ ئەقىدىسى توغرىسىدىكى ئەڭ توغرا قاراش قايسى؟

(ئەسكەرتىش: ئىسلام دۇنياسىدا ئىمام نەۋەۋىنى «ئەشئەرىي» دەپ قاراش مەشھۇر بولۇپ، ئەشئەرىيلەر «نەۋەۋىمۇ ئەشئەرىي ئىدى» دەپ، ئۆزىنىڭ توغرىلىقىنى نەۋەۋى قاتارلىق بۈيۈك ئالىملار ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇ سوئال مۇشۇ سەۋەبلىك سورالغان)

پەتىۋا بەرگۈچى:

پەتىۋا بەرگۈچى: مۇھەددىس مەشھۇر ھەسەن سالمان

(شەيخ مەشھۇر ئىمام ئەلبانىينىڭ ئەڭ سەۋىيەلىك ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرىدۇر، شۇنداقلا زامانىمىزنىڭ مەشھۇر ئۆلىمالىرىدىن بىرىدۇر)

جاۋاب: ئىمام نەۋەۋىينىڭ (ئاللاھنىڭ سۆزىدىكى) «ھەرپ ۋە ئاۋاز» غا ئائىت بىر رىسالىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۆزىنىڭ (ئەشئەرىيلەرنىڭ قارىشى بولغان) «كەلام نەفسىي» قارىشىدىن يانغانلىقىنى ئوچۇق بايان قىلغان. شۇنداقلا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز زاتىغا لايىق رەۋىشتە، ئۆزى خالىغان شەكىلدە سۆزلەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

ئىمام نەۋەۋىينىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى ئىبنى ئەتتار دەمەشقىي بولۇپ، ئۇ «مۇختەسەر نەۋەۋىي» (ئىمام نەۋەۋىينىڭ قىسقارتىلمىسى) دەپ ئاتىلاتتى. كىشىلەر ئىچىدە ئىمام نەۋەۋىينى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان كىشى دەل مۇشۇ ئىبنى ئەتتاردۇر. ئىبنى ئەتتار ئىمام زەھەبىي بىلەن ئېمىلداش قېرىنداش ئىدى. (ئىمام زەھەبى بولسا ئۆز زامانىسىدا سەلەپ ئەقىدىسىنىڭ ئەڭ گېگانىت قوغدىغۇچىسى ئىدى، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييەنىڭ شاگىرتى ئىدى.) ئەللامە ئىبنى ئەتتارمۇ ئۆزىنىڭ (بۇرۇنقى ئەشئەرىي) ئەقىدىسىدىن يانغانلىقى توغرىسىدا بىر كىتاب يېزىپ، ئۇنى «الاعتقاد الخالص من الشك» (شەك-شۈبھىدىن خالىي ساپ ئەقىدە) دەپ ئاتىغان. ئۇ مەزكۇر كىتابىدا «ئىسبات» (ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى ئۆز پېتى قوبۇل قىلىش) ئەقىدىسىگە (يەنى سەلەپنىڭ ئەقىدىسىگە) قايتقانلىقىنى، شۇنداقلا قۇرئان ۋە سۈننەتتە كەلگەن (ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىگە) ئۆزگەرتمەستىن (مەنىسىنى بۇرمىلىماستىن)، تەكيىپ قىلماستىن (كەيپىياتىنى، قانداقلىقىنى سۈرۈشتۈرمەستىن)، تەئتىل قىلماستىن (ئىنكار قىلماستىن) ۋە تەشبىھ قىلماستىن (مەخلۇقاتلارغا ئوخشاتماستىن) ئىمان ئېيتىشقا قايتقانلىقىنى بايان قىلغان. (شەيخ بۇ يەردە ئىمام نەۋەۋىنىڭ شاگىرتى ئىبنى ئەتتارغا ئوخشاشلا سەلەپ ئەقىدىسىدە ئىكەنلىكىگە ئىشارە قىلىۋاتىدۇ.)

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

مەنبە: https://meshhoor.com/fatwa/3054/

The post ئىمام نەۋەۋىنىڭ ئەقىدىسى قانداق ئەقىدە؟ | مۇھەددىس مەشھۇر ھەسەن سالمان first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post ئىمام نەۋەۋىنىڭ ئەقىدىسى قانداق ئەقىدە؟ | مۇھەددىس مەشھۇر ھەسەن سالمان appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

نۇرغۇن ئالىملار ئەشئەرىي ئىدى، دېگۈچىگە رەددىيە | مۇھەددىس مەشھۇر ھەسەن سالمان
نۇرغۇن ئالىملار ئەشئەرىي ئىدى، دېگۈچىگە رەددىيە | مۇھەددىس مەشھۇر ھەسەن سالمان

سوئال:

مىسىردىن كەلگەن بىر قېرىندىشىمىز يەنە مۇنداق دەيدۇ: بەزى ئەشئەرىيلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەقىدىسىنىڭ توغرىلىقىغا: «تەپسىرشۇناس، ئۇسۇلشۇناس ۋە ھەدىسشۇناس ئالىملارنىڭ كۆپىنچىسى ئەشئەرىي ئىدى» دەپ دەلىل كەلتۈرىدۇ. ئۇلارغا قانداق رەددىيە بېرىمىز؟

مۇھەددىس مەشھۇر ھەسەن سالمان ھافىزەھۇللاھنىڭ جاۋابى:

بۇ ھەقتىكى سۆزلەر ناھايىتى ئۇزۇن ۋە كۆپ. لېكىن ئۇلارغا قىسقىچە رەددىيە بەرگەندە مۇنداق دەيمىز: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى «ئەڭ ياخشى دەپ تەرىپلەنگەن» دەسلەپكى ئۈچ ئەۋزەل ئەسىرگە (زامانغا) باغلىغان. (يەنى شۇ دەسلەپكى ئۈچ ئەسىردىكى سەلەپ-سالىھىننىڭ ئەقىدىسىدە بولۇشقا بۇيرۇغان.) بۇ دەۋرلەردە ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي تېخى تۇغۇلمىغان ئىدى. باشقا كىشىلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدىغان ئۆلچەممۇ دەل شۇ دەۋردۇر.  (يەنى كىشىنىڭ يولى، ئەقىدىسى دەسلەپكى ئۈچ ئەسىر سەلەپ-سالىھىننىڭ ئەقىدىسىگە توغرا كەلسە، ئۇ ھەق ئۈستىدە. ئەكسىچە بولسا باتىل ئۈستىدە بولغان بولىدۇ.) ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىيدىن ئىلگىرى كىشىلەر ساپ دىن، ياخشىلىق ۋە پەزىلەت ئۈستىدە ئىدى. ئۇ دەۋرلەر دەل شۇ ئەۋزەل ئەسىرلەردۇر.

ئاندىن، ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي ئەسلىدە مۇئتەزىلىي ئىدى، كېيىن تەۋبە قىلىپ، (سەلەپ ئەقىدىسىگە) قايتقانلىقىنى ئوچۇق جاكارلىغان. ئۇنىڭ قايتىشى ئومۇمىي جەھەتتىن بولغان بولۇپ، شەيخۇل ئىسلام (ئىبنى تەيمىيە) بايان قىلغاندەك، ئۇنىڭدا يەنىلا بەزى تەنقىدلىنىدىغان (تولۇق قۇتۇلالمىغان) قاراشلار قېپقالغان ئىدى. مەن «سەھىھۇل مۇسلىم» دەرىسىدە بىر قېتىم بۇ ھەقتە تەپسىلىي چۈشەنچە بەرگەن ئىدىم.

ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن تەپسىرشۇناس ۋە ھەدىسشۇناس ئالىملار بىر-بىرىدىن نەقىل قىلىشىپ (ئەگىشىپ) كەلگەن. شۇڭا، جۇۋەينىي ۋە باقىللانىي قاتارلىقلارنى بىر تارازىغا، ئىبنى ھەجەر ۋە نەۋەۋىي قاتارلىقلارنى يەنە بىر تارازىغا قويۇش (يەنى ئۇلارنى ئوخشاش بىر مىزاندا ئۆلچەش) ئادالەتسىزلىكتۇر. چۈنكى ئالدىنقىلىرى (ئەشئەرىي مەزھىپىنى) قۇرغۇچىلار (ئاساس سالغۇچىلار)، كېيىنكىلىرى بولسا پەقەت نەقىل قىلغۇچىلار (ئەگەشكۈچىلەر) دۇر. قۇرغۇچىنىڭ ھۆكمى بىلەن نەقىل قىلغۇچىنىڭ ھۆكمى ئوخشاش بولمايدۇ.

بولۇپمۇ كېيىنكى دەۋرلەردە ئىلىملەردىكى كەسىپلىشىش (تەخەسسۇس) ئېنىق گەۋدىلىنىشكە باشلىدى. زاماننىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، ھايات ۋە ياشاش ئۇسۇلى شاخلىنىپ، مۇرەككەپلىشىپ كەتكەچكە، كەسىپلىشىشمۇ كۈچەيدى. ھەتتا بۈگۈنكى كۈندە مۇئامىلە ئىلمىنىڭ ئىچىدىمۇ يەنە ئايرىم كەسىپلەر بارلىققا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىنسان بىر ساھەنى چۈشەنسە، باشقا ساھەلەرنى چۈشەنمەيدىغان ئەھۋال شەكىللەندى. نەتىجىدە، بەزى ھەدىسشۇناس ۋە پىقھىشۇناس ئالىملار ئەقىدىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلماستىن ۋە تەكشۈرمەستىن، پەقەت باشقىلاردىن ئۆگىنىش ۋە تەقلىد قىلىش ئارقىلىقلا قوبۇل قىلدى. شۇڭلاشقا، بۇنداق ئالىملارنى «ئەشئەرىي» دەپ ئاتاش خاتا. شۇنداق، ئۇلار ئەشئەرىيلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدىن نەقىل ئالغان، لېكىن ئۇلار دەل شۇنداق قاراشلار ئومۇملاشقان بىر مۇھىتتا ياشىغانلىقى ئۈچۈن، شۇلارغا ئەگىشىپ قالغان.

ئەگەر ئاللاھ ئۇلارغا ھەدىس ئىلمىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، بەزى يېتۈك ھەدىسشۇناسلارنىڭ سۆزلىرىنىمۇ ئىلىم بىلەن رەت قىلغانغا ئوخشاش، تەۋھىد (ئەقىدە) ئىلمىدىمۇ تەتقىقاتچى بولۇشقا مۇيەسسەر بولغان بولسا ئىدى، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدە مۇنداق (ئەشئەرىيچە) خاتالىقلار كۆرۈلمىگەن بولاتتى.

خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، ئۆلچەم كۆپ سانلىق بولۇشتا ئەمەس. كۆپ سانلىق بولۇش پەقەت دەسلەپكى ئەۋزەل ئەسىرلەردىلا ئۆلچەم بولالايدۇ. خاتالىقتا بىر-بىرىگە ئەگىشىپ مېڭىش — كۆپ سانلىقنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىشنى تەقەززا قىلمايدۇ (يەنى نۇرغۇن ئادەمنىڭ بىر خاتالىققا ئەگىشىپ قېلىشى ئۇنى توغرا قىلىپ قويمايدۇ.)

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

مەنبە: https://meshhoor.com/fatwa/f869/

The post نۇرغۇن ئالىملار ئەشئەرىي ئىدى، دېگۈچىگە رەددىيە | مۇھەددىس مەشھۇر ھەسەن سالمان first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post نۇرغۇن ئالىملار ئەشئەرىي ئىدى، دېگۈچىگە رەددىيە | مۇھەددىس مەشھۇر ھەسەن سالمان appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

زامانىمىزنىڭ خاۋارىجلىرى كىم؟ | مۇھەددىس مەشھۇر ھەسەن سالمان
زامانىمىزنىڭ خاۋارىجلىرى كىم؟ | مۇھەددىس مەشھۇر ھەسەن سالمان

سوئال: زامانىمىزدىكى خاۋارىجلار كىملەر؟

مۇھەددىس مەشھۇر ھەسەن سالمان ھافىزەھۇللاھ

(ئىمام ئەلبانى رەھىمەھۇللاھنىڭ ئەڭ يېقىن شاگىرتلىرىدىن بىرىدۇر، شۇنداقلا سەلەپ ئەقىدىسىگە مەھكەم ئېسىلغان، زامانىمىزنىڭ مەشھۇر ئۆلىمالىرىدىن بىرىدۇر.)

جاۋاب:

مەن سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، (مۇسۇلمانلىقىنى ئىزھار قىلغان) دۆلەت رەھبەرلىرىنى كاپىرغا چىقىرىدىغان، يەنى ئۇلارنى «ئاللاھ نازىل قىلغان ھۆكۈمدىن باشقا نەرسە بىلەن ھۆكۈم قىلدى» دېگەن سەۋەب بىلەن كاپىرغا چىقىرىدىغان ھەر قانداق كىشى خاۋارىجدۇر.

ئەمما، كىمكى (بۇنى دېگۈچى مەيلى دۆلەت رەھبىرى بولسۇن، ياكى باشقا ھەر قانداق كىشى بولسۇن) «ئىسلام بۇ زامانغا ماس كەلمەيدۇ» ياكى «مېنىڭ چىقارغان ھۆكۈمۈم ئىسلامنىڭ ھۆكۈمىدىن ياخشىراق» دېگۈچىنى كاپىرغا چىقارسا، ئۇنىڭ بۇ كاپىرغا چىقىرىشى ئۆز ئورنىدا بولغان، يوللۇق رەۋىشتىكى كاپىرغا چىقىرىشتۇر. ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ قائىدىلىرىمۇ دەل مۇشۇنى تەقەززا قىلىدۇ.

ھاكىملارنى (يەنى مۇسۇلمان ھۆكۈمدار، رەھبەرلەرنى) كاپىرغا چىقىرىۋاتقان بۇ كىشىلەرگە كەلسەك، ئۇلار گوياكى شۇ ھاكىملار بىلەن بىللە ياشاۋاتقاندەك، ئۇلارنىڭ ئىچكى-سىرتقى بارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىنچىكىگىچە تولۇق بىلىدىغاندەكلا (ئۆزلىرىچە جەزملەشتۈرۈپ كەسكىن) ھۆكۈم چىقىرىۋېرىدۇ.

ئەسلىدە، مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن تۈپ قائىدە — ئۇلارنىڭ ئىسلام دائىرىسىدە قېلىشى (يەنى شەك-شۈبھە ياكى خىيال بىلەنلا مۇسۇلماننى كاپىرغا چىقارماسلىقى) دۇر.

ئەگەر سەن (خاۋارىجلارنى كاپىرغا چىقىرىش-چىقارماسلىقتا) ئىككىلىنىپ قالساڭ، (ياكى ئىسلامنى ئىزھار قىلغان ھۆكۈمدارنىڭ خاۋارىج ئىكەنلىكىدە ئىككىلىپ قالساڭ) ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تۇتقان يولنى تۇتقىن. چۈنكى، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خاۋارىجلارنى ئۆلتۈرۈش (ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلىش) ئىشىنى دەل ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىدى.

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

مەنبە: https://meshhoor.com/category/%d8%a7%d9%84%d9%81%d8%aa%d8%a7%d9%88%d9%89/%d8%a7%d9%84%d8%b9%d9%82%d9%8a%d8%af%d8%a9/

The post زامانىمىزنىڭ خاۋارىجلىرى كىم؟ | مۇھەددىس مەشھۇر ھەسەن سالمان first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post زامانىمىزنىڭ خاۋارىجلىرى كىم؟ | مۇھەددىس مەشھۇر ھەسەن سالمان appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

ئاشقۇن سوپىلار ئۆزىنى ئىلاھ دەپ قارامدۇ؟ | ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋاسى
ئاشقۇن سوپىلار ئۆزىنى ئىلاھ دەپ قارامدۇ؟ | ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋاسى

ئىمام مۇھەممەد بىن سالىھ ئەلئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:

سوپىلارنىڭ ئاشقۇنلىرى كائىناتتا ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم \ ھېچنەرسە يوق دەپ قارايدۇ. يەنى ئۇلار ۋەھدەتۇل ۋۇجۇدچىلاردۇر. شەيخۇل ئىسلام (ئىبنى تەيمىييە) ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ئۇلار «چاپاننىڭ ئىچىدە ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم يوق» دەيدۇ. يەنى ئۆزىنىڭ چاپىنىنى كۆرسىتىپ شۇنداق دەيدۇ. ئاللاھ بىزنى بۇنداق ئېتىقادتىن ساقلىسۇن. ئۇ يەنە «سۇبھانى، سۇبھانى، سۇبھانى» (مەن پاكتۇرمەن، مەن پاكتۇرمەن، مەن پاكتۇرمەن) دەپ ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ توۋلايدۇ. يەنى ئۆزىنى (ئاللاھ دەپ) قارايدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ئاللاھ دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ كاپىر ئىكەنلىكىدە، (ئىسلامىي ھۆكۈمدارنىڭ) ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشىنىڭ ۋاجىب ئىكەنلىكىدە ھېچقانداق شەك يوق. ئەمما سوپىلارنىڭ ئىچىدە بۇنىڭدىن تۆۋەنرەك دەرىجىدىكىلەرمۇ بار. ئۇلارنىڭمۇ نۇرغۇنلىغان ئەجەبلىنەرلىك باتىل ئىشلىرى بار.

— مۇجتەھىد تورى تەجىمە قىلىپ تارقاتتى

مەنبە: https://www.youtube.com/watch?v=aFtm5WNVWrA

The post ئاشقۇن سوپىلار ئۆزىنى ئىلاھ دەپ قارامدۇ؟ | ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋاسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post ئاشقۇن سوپىلار ئۆزىنى ئىلاھ دەپ قارامدۇ؟ | ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋاسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

ئىسلامدا تەسەۋۋۇپنىڭ (سوپىلىقنىڭ) ھۆكمى نېمە؟
سوئال: ئىسلامدا سوپىلىقنىڭ ھۆكۈمى نېمە؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان ھافىزەھۇللاھ

جاۋاب:

سوپىلىق، ئىسلامدا سوپىلىق يوق. سوپىلىق (يەنى تەسەۋۋۇپ) يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان بىدئەتتۇر. سوپىلىق بىدئەت بولۇپ، ئىسلامدىن ئەمەس. كىمكى تەسەۋۋۇپ (سوپىلىق) يولىغا كىرىپ قالغان بولسا، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللىگە تەۋبە قىلىشى كېرەك. شۇنداقلا، سۈننەتكە قايتىپ، سەلەف سالىھلەر (بۇرۇنقى ئۆتكەن ياخشىلار) ماڭغان ئاللاھنىڭ دىنىدا توغرا يولدا مېڭىشى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋە ئۇنىڭ راشىد خەلىپىلىرىنىڭ (توغرا يولدىكى خەلىپىلىرىنىڭ) يولىغا قايتىشى كېرەك.

توغرا يول (مەنھەج) مۇشۇدۇر — يەنى سەلەپ – سالىھىننىڭ يولىدۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بۇ ئۈممەت 73 پىرقىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ، بىرىدىن باشقا ھەممىسى دوزاخقا كىرىدۇ.» ساھابىلەر: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇ (دوزاخقا كىرمەيدىغان پىرقە) قايسى پىرقە؟» دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇلار مەن ۋە مېنىڭ ساھابىلىرىم ماڭغان يولدا بولغانلاردۇر» دېگەن.

شۇڭا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىنىڭ يولىدىن باشقا يولدا ئامانلىق ۋە نىجاتلىق يوقتۇر.

سوپىلىق پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يولى ئەمەس، ساھابىلەرنىڭمۇ يولى ئەمەس، ۋە شۇنداقلا بۇرۇنقى ئەۋزەل ئەسىرلەرنىڭمۇ (يەنى دەسلەپكى ئۈچ ئەسىرنىڭمۇ) يولى ئەمەستۇر. بەلكى ئۇ ئىسلامغا يېڭىدىن پەيدا بولغان بىدئەتتۇر.

تەسەۋۋۇپتا (يەنى سوپىلىقتا) نۇرغۇن ئازغۇنلۇقلار بار. تەسەۋۋۇپتا قەبرىگە چوقۇنۇش، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللىگە شىرك كەلتۈرۈش، ئۆلۈكلەرگە ئېتىقاد قىلىش (ئۆلۈكلەر پايدا-زىيان يەتكۈزەلەيدۇ دەپ ئىشىنىش) ئەھۋاللىرىمۇ مەۋجۇت. بۇ خىل ئەھۋالدا سوپىلىق يولى — ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈش يولى بولۇپ قالىدۇ.

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

The post ئىسلامدا تەسەۋۋۇپنىڭ (سوپىلىقنىڭ) ھۆكمى نېمە؟ first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post ئىسلامدا تەسەۋۋۇپنىڭ (سوپىلىقنىڭ) ھۆكمى نېمە؟ appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

قۇرئاندا ھىجاپنىڭ، يۈز يېپىشنىڭ پەرزلىكىنى بىلدۈرىدىغان بەش ئايەت بار
قۇرئاندا ھىجاپنىڭ پەرزلىكىنى بىلدۈرىدىغان بەش ئايەت بار — ئەللامە مۇھەممەد ھەسەن دۇرەيئى رەھىمەھۇللاھ

ئىزدەش كەلىمىلىرى: يۈز يېپىش، قۇرئاندا يۈز يېپىش ھەققىدە ئايەت بارمۇ، يۈز يېپىش پەرزمۇ، يۈز ئەۋرەتمۇ؟

مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق مەشھۇر ئالىم، ئەللامە مۇھەممەد ئىبنى ھەسەل دۇرەيئى (2022 – يىلى ۋاپات بولغان) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:

يۈز يېپىش مەسىلىسىدە، «قۇرئاندا يۈز ياپىدىغان ھۆكۈم يوق» دېگەنلەر قۇرئانغا زۇلۇم قىلدى ۋە قۇرئانغا نىسبەتەن خاتا يول تۇتتى. ئۇلار قۇرئاننى چوڭقۇر بىلمىگەندىكىن، نېمىشقا (بىلمىگەن ئىشىدا ھۆكۈم قىلىپ «قۇرئاندا يۈز يېپىش يوق») دەيدۇ؟

قۇرئان كەرىمدە نامەھرەملەرنىڭ ئالدىدا يۈزنى ۋە ئاياللارنىڭ پۈتۈن ئەزالىرىنى ياپىدىغان پەردىنىڭ (ھىجابنىڭ) ۋاجىپلىقى بايان قىلىنغان. قۇرئان كەرىمدە بۇ ھەقتە بەش ئايەت كەلگەن بولۇپ، ھەر بىر ئايەت ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوخشاش مەنىنى (يەنى يۈز يېپىشنى ۋە پۈتۈن بەدەننى يېپىشنى) ئىپادىلەيدۇ:

بىرىنچى ئايەت:

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَقَرْنَ فِي بُيُوتِكُنَّ وَلَا تَبَرَّجْنَ تَبَرُّجَ الْجَاهِلِيَّةِ الْأُولَىٰ﴾ ﴿ئۆيۈڭلاردا ئولتۇرۇڭلار، جاھىلىيەت دەۋرىدىكىدەك تەبەررۇج قىلماڭلار (زىننەتلىرىڭلارنى ئاشكارىلىماڭلار.)﴾(سۈرە ئەھزاب، 33-ئايەت) «تەبەررۇج» (تەبەررُج) دېمەك — نامەھرەملەرنىڭ ئالدىدا زىننەتلىرىنى كۆرسىتىش دېمەكتۇر. ئەگەر يۈز زىننەت بولمىسا، ئۇنداقتا يەنە قانداق نەرسە زىننەت بولسۇن؟ بۇ ئىنتايىن غەلىتە ئىش، كىشىلەر ھەقىقەتلەرنى كۆرمەسكە سېلىۋاتىدۇ ياكى بىلمەيۋاتىدۇ.

ئىككىنچى ئايەت:

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَإِذَا سَأَلْتُمُوهُنَّ مَتَاعًا فَاسْأَلُوهُنَّ مِن وَرَاءِ حِجَابٍ ۚ ذَٰلِكُمْ أَطْهَرُ لِقُلُوبِكُمْ وَقُلُوبِهِنَّ﴾ ﴿ئەگەر سىلەر ئاياللاردىن بىرەر نەرسە سورىساڭلار، پەردە ئارقىسىدىن سوراڭلار! بۇنداق قىلىش سىلەرنىڭ قەلبلىرىڭلار ئۈچۈنمۇ، ئۇلارنىڭ قەلبلىرى ئۈچۈن ئەڭ پاكتۇر.﴾ (سۈرە ئەھزاب، 53-ئايەت)

مادامىكى ئاللاھ تائالا دۇنيادىكى ئەڭ پاكىز ئەۋلاد بولغان ساھابىلەرنى مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرى بىلەن پەردە ئارقىسىدىن سۆزلىشىشكە بۇيرۇغان ئىكەن، ئۇنداقتا ئۇلاردىن تۆۋەن تۇرىدىغان باشقىلارغا بۇ ھۆكۈم تېخىمۇ زۆرۈر ئەمەسمۇ؟

(رەببانىي ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: ئاياللارنىڭ يات ئەرلەر بىلەن سۆزلەشكەندە، ئۇلار بىلەن ئېلىم – بېرىم قىلغاندا يۈزى ئوچۇق تۇرۇشىنىڭ جائىز ئەمەسلىكىدە مۇشۇ ئايەتنىمۇ دەلىل قىلىدۇ. شۇنداقلا ئايەتتىكى «بۇنداق قىلىش سىلەرنىڭ قەبلىڭلار ئۈچۈنمۇ، ئۇلارنىڭ قەلبى ئۈچۈنمۇ پاكتۇر» دېگەن جۈملىدىن، بۇنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، بارچە ھۆر مۆمىنە خانىم – قىزلار ئۈچۈن پەرز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى،  ئايەتتە يات ئەرلەرگە ھىجاپ ئارقىسىدا تۇرۇپ مۇخاتاپ بولۇشنىڭ نەتىجىسىنىڭ قەلبنىڭ پاك تۇرۇشى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىۋاتىدۇ. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئۆزىنىڭ شەخسىي پىكىرىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدىغان بىدئەتچى كىشىلەر، ياكى ئايەتنىڭ باش ئاخىرىنى باغلاشنى بىلمەيدىغان نادان كىشىلەر دېگەندەك «بۇ ئايەت مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرىغا — يەنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرىغا خاس» بولسا، قەلبنىڭ پاكلىقىمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرىغا خاس، باشقا ئاياللىرىغا خاس ئەمەس بولغان بولۇپ قالىدۇ. باشقا ئاياللار يات ئەرلەرگە مۇخاتاپ بولغاندا ياكى كۆرۈنگەندە يۈز ۋە بەدەننى تولۇق ياپىدىغان كامىل ھىجاپقا ئەھمىيەت بەرمىسىمۇ، قەلبى پاك تۇتمىسىمۇ بولىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئايەتتە ھىجاپلىنىش قەلب پاكلىقىغا باغلانغان ئىكەن، ئايەتنىڭ ھۆكمى ھەم رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرىغا، ھەم ئۈممەتنىڭ باشقا بارچە خانىم – قىزلىرىغا ئومۇمىيدۇر. ئۇلارنىڭمۇ ھەم ھىجاپلىنىش، ھەم قەلبىنى پاك تۇتۇش مەجبۇرىيىتى بار. نامەھرەمگە يۈزنى ئاچماسلىق قەلبنىڭ پاك بولۇشىدىكى زۆرۈر شەرتتۇر. ئاللاھنىڭ بۇ ھەقتىكى ھۆكمى مانا بۇدۇر.- تەرجىماندىن)

ئۈچىنچى ئايەت:

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا لِبُعُولَتِهِنَّ أَوْ آبَائِهِنَّ أَوْ آبَاءِ بُعُولَتِهِنَّ﴾ ﴿ئۇلار (ئاياللار) زىننەتلىرىنى (ياتلارغا) كۆرسەتمىسۇن. پەقەت ئەرلىرىگە، ئاتىلىرىغا… (ۋە باشقا مەھرەملىرىگە كۆرسەتسە بولىدۇ.)﴾ (سۈرە نۇر، 31-ئايەت) ئالىملار بۇ ئايەتتىكى مۇستەسنا قىلىنغانلاردىن (يەنى مەھرەملەردىن) باشقىلارغا زىننەتنى كۆرسىتىشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنى بايان قىلغان. ئەگەر كىشىلەر ئۈچۈن بۇ ئايەتنى «تەدەببۇر» (چوڭقۇر پىكىر) قىلىش پۇرسىتى بولسا، بۇنىڭ يۈزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئىنتايىن ئېنىق ئايەت ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايتتى.

(يەنى سۈرە نۇرنىڭ 31 – ئايىتىدە زىننەت كەلىمىسى ئۈچ يەردە چىقىدۇ.

باشتا {زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا}«ئوچۇق زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن» دەپ كېلىدۇ. بۇ ھەقتە «ئوچۇق زىننەت يۈز ۋە قولدۇر» دېگەن كىشىلەر، شۇ ئايەتنىڭ داۋامىدىكى {وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا لِبُعُولَتِهِنَّ أَوْ آبَائِهِنَّ} «زىننەتلىرىنى ئاشكارلىمىسۇن، لېكىن ئېرىگە ياكى دادىلىرىغا …. ئاشكارلىكىسا بولىدۇ} دېگەن جۈملىدىكى «زىننەت»نى، يەنى يوشۇرۇن زىننەتنى يەنە «يۈز ۋە قول» دەپ چۈشەندۈرەلەمدۇ؟ ياق ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. ئەگەر يوشۇرۇن زىننەتنىمۇ «يۈز ۋە قول» دەپ چۈشەندۈرۈشكە توغرا كەلسە، ئۇ چاغدا «ئېرىگە، دادىسىغا، ئوغۇللىرىغا…» يۈز ۋە قولىدىن باشقا يېرىنى ئاچسا بولمايدۇ، دېگەن ھۆكۈم چىقىپ قالىدۇ. ئايەتنىڭ داۋامىدا ئۈچىنچى يەردە يەنە «زىننەت» دەپ چىقىدۇ.

مەزكۇر ئايەتتە بىرىنچى قېتىم تىلغا ئېلىنغان زىننەت ئاشكارە زىننەت بولۇپ، ئۇ توغرا تەبىر بويىچە ئايال كىشىنىڭ سىرتقى كىيىمىدۇر.  ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان كېيىنكى ئىككى زىننەت يوشۇرۇن زىننەت بولۇپ، بۇ يوشۇرۇن زىننەت ئايال كىشىنىڭ يۈزى، قولى ۋە زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقايدىغان بىلەك، بويۇن، قۇلاققا ئوخشاش ئەزالىرىدۇر. خاتا ھالدا «يۈز يېپىش ۋاجىپ\ پەرز ئەمەس» دېگەنلەر بۇ ئايەتتىكى ئاشكارا زىننەتنىڭ نېمىلىكىنى ئېنىق بىلەلمەي، ئاشكارا زىننەتكە يوشۇرۇن زىننەتنىڭ تەبىرىنى بېرىپ، بۇ جەھەتتىكى ھەقنى قولدىن بېرىپ قويغان. ئايەتتە چىققان ئۈچ زىننەتتىن نېمىلەرنىڭ مەقسەت قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە سەگەكلىك بىلەن ئىزدەنمەستىنلا مەزھەپ تەرەپبازلىقىغا، ياكى زەئىپ ھەدىسلەرگە ئېسىلىۋېلىپ، ھەقنى تېپىشتا كەتكۈزۈپ قويغان. ئەڭ توغرا نىيەتلىكلىرىمۇ ئايەتنى، ئۇنىڭ تەپسىرىنى ۋە بۇ ھەقتىكى سەھىھ ھەدىسلەرنى ماسلاشتۇرۇپ چۈشىنىشتە يېتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتىن ئاجىز كەلگەن. ئەڭ چاتاق يېرى، يۈز يېپىش پەرز ئەمەس دەپ قاتتىق خاتالاشقانلار ھىجاپنىڭ پەرز قىلىنىشىدىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ئەھۋاللارنى ئىنچىلىكىلىك بىلەن ئايرىپ مۇئامىلە قىلماي، ھىجاپ ئايىتىدىن كېيىن ۋە كۈنىمىزگىچە كۈچكە ئىگە بولغان يۈز يېپىش بۇيرۇقىغا، ھىجاپ ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرىكى يۈزنىڭ ئوچۇق تۇرغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسلەرنى سۆرەپ ئەكىلىپ، زورلاپ دەلىل قىلىشقا تىرىشىپ تارىخنى ئوڭتەي – توڭتەي قىلىپ ھەقتىن تېيىلىپ كەتكەن. خەئسەمىيەلىك ئايال ساھابە ھەققىدە كەلگەن ھەدىستىكى بەزى ئىبارىلەرگە قاراپ ئالدىراپلا «ئۇ ئايالنىڭ يۈزى ئوچۇق ئىدى» دەپ شەخسىي چۈشەنچىسىگە ئەگىشىپ كەتكەن، شۇ ھەقتىكى ھەدىسكە ئۆز چۈشەنچىسى بىلەن مەنە بېرىپ، يۈز يېپىش مەسىلىسىدە ھەقتىن تامامەن چەك ئايرىغان، ئەجەللىك خاتالىققا چوڭقۇر پاتقان.

{وَلَا يَضْرِبْنَ بِأَرْجُلِهِنَّ لِيُعْلَمَ مَا يُخْفِينَ مِن زِينَتِهِنَّ} {زىننەتلىرىدىن يوشۇرۇن تۇرغانلىرىنى بىلنىشىشى ئۈچۈن پۇتلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن.} جاھىلىيەتتىكى بۇزۇق ئاياللار يات ئەرلەرنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن پۇتىغا تاقىغان، كىيىمىنىڭ ئاستىدا يوشۇرۇن تۇرىدىغان زىننىتىنىڭ ئاۋاز چىقىرىپ يات ئەرنى جەلپ قىلىشى ئۈچۈن پۇتىنى يەرگە ئۇراتتى، نەتىجىدە پۇتىغا تاقىغان خالخال – بىلەكزۈكلىرىدىن جىرىڭشىغا ئاۋاز چىقاتتى. ئاللاھ دەل مۇشۇ ئاۋازنى توسىۋاتىدۇ، مۇشۇ ئاۋاز ئارقىلىق ئەرلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىشتىن مۆمىنە ئاياللارنى توسىۋاتىدۇ.  ئايەتنىڭ بۇ جۈملىسىدىكى يوشۇرۇن زىننەت ئايال كىشىنىڭ پۇتىغا تاقىغان بىلەيزۈكلىرىنى كۆرسىتىدۇ. قۇرئان قىيامەتكىچە كۈچكە ئىگە. ھازىر پۇتقا بىلەزۈك تاقايدىغان ئىش ئاساسەن يوق. ئۇنداق ئىكەن، ئايال كىشى ئايىقىنىڭ ئىچىگە كەيگەن پايپاق ۋەھاكازالىرىنى يات ئەرگە كۆرسەتسە بولمايدۇ. چۈنكى، پۇتقا تاقىغان خالخال – بىلەزۈكنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشتىن چەكلىگەن ئاللاھ، پۇتنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشتىن، ياكى پۇتقا كىيگەن جەزبىدار پايپاقلاردىن چەكلىمەمدۇ؟ ئايال كىشىنىڭ پۇتىغا تاقىغان زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ئاۋازىنى يات ئەرلەرگە بىلنەشتۈرۈشتىن چەكلىگەن ئاللاھ، ئايال كىشىنىڭ ئاۋازىنى، بولۇپمۇ چىرايلىق، يۇمشاق، جەلىپكار ئاۋازىنى يات ئەردىن چەكلىمەمدۇ؟ زىننەت بۇيۇمىدىن ئىبارەت بىر جانسىز تۆمۈر – تەسەكنىڭ بىر – بىرىگە ئۇرۇلغان ئاۋازىدىن چەكلىگەن ئاللاھ، ئايال كىشىنىڭ ئەڭ گۈزەل جايى بولغان يۈزىنى، قاش – قاپاق، لەۋلىرىنى، يۇمران قوللىرىنى ۋە پۇتلىرىنى يات ئەرگە كۆرسىتشتىن چەكلىمەمدۇ؟ بۇ ئايەت ئەقىل ئىگىلىرىگە ئەنە شۇنداق خىتاپ قىلىۋاتىدۇ.

بۇ ئايەتتىكى بىرىنچى زىننەت ئاشكارە زىننەتنى بايان قىلىدۇ، ئاشكارە زىننەت — ئاياك كىشى سىرتقا چىققاندا تېىشغا كىيىدىن كىيىم – كېچەكتۇر.

سۈرە نۇرنىڭ 31 – ئايىتىدىكى «كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان زىننەت»نىڭ كىيىم ئىكەنلىكىنى ئىبنى مەسئۇد ۋە باشقا ساھابە، تابىئىنلار بايان قىلغان. بۇ سەھىھ ھۆكۈم بولۇپ، «كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان زىننەت» نىڭ — يەنى ئاشكارا زىننەتنىڭ كىيىم ئىكەنلىكى سۈرە ئەئرافنىڭ 31 – ئايىتى ئارقىلىق سابىتتۇر. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دەيدۇ: {يَا بَنِي آدَمَ خُذُوا زِينَتَكُمْ عِندَ كُلِّ مَسْجِدٍ} {ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر نامازدا زىننىتىڭلارنى (يەنى كىيىمىڭلارنى) كىيىڭلار} (ئەئراف سۈرىسى، 31-ئايەتتىن)

ئايەتتىكى ئىككىنچى زىننەت – ئايال كىشىنىڭ يۈزىنى، قولىنى ۋە بويۇن باشلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما، ھىجاپ ئايىتىنىڭ ھېكمىتىنى ۋە باش ئايىقىنى چۈشەنمىگەنلەر خاتا ھالدا يوشۇرۇن زىننەتتىن ئىبارەت يۈز ۋە قولنى — ئاشكارا زىننەت دەپ داۋا قىلدى.

ئاللاھ بۇ ئايەتتە زىكىر قىلىنغان ئۈچىنچى زىننەتنى ئاللاھ ئوچۇق قىلىپ «يوشۇرغان زىننەتلىرى» دەپ ئاتىدى.  بۇ ئايەتتە تۇنجى قېتىم تىلغان ئېلىنغان ئاشكارا زىننەتتىن باشقا  ئىككى زىننەت يوشۇرۇن زىننەتتۇر. كېيىنكى ئىككى يوشۇرۇن زىننەتتىن مەقسەت — ئايال كىشىنىڭ يۈز، قول، قاش، لەۋ، بويۇن، قۇلاق، بىلەك، پۇت ۋە پاچاق قاتارلىق زىننەت تاقىلىدىغان ئەزالىرىدۇر.

ئۈچىنچى زىننەتتە ئاللاھ «يوشۇرغان زىننىتىنىڭ بىلىنىشى ئۈچۈن پۇتلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن» دېدى. دېمەك، مۆمىنە ئايال كىشىنىڭ پۇتىغا تاقىغان زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ئاۋازىنى يات ئەرگە ئاڭلىتىشتىن توسقان ئاللاھ، ئۇنىڭ يۈزىنى يات ئەرگە كۆرسىتىشتىن ئەلۋەتتە توسىدۇ. ئايەتتىكى ئىككىنچى زىننەتتە ئاللاھ «بۇ زىننىتىنى ئەرلىرىگە، دادىلىرىغا كۆرسەتسە بولىدۇ…» دەۋاتىدۇ. ئەمما يۈز يېپىشنىڭ پەرزلىكىنى ئاڭقىرالمىغانلار بۇ ئۈچ زىننەتنى ئايرىپ ۋە باغلاشتۇرۇپ چۈشىنىشتىن ئاجىز كەلگەن. ئۇلار ھىجاپ ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى يۈزنىڭ، قولنىڭ ئوچۇق تۇرغىنى ھەققىدىكى بىر نەچچە ھەدىسلەرگە ئېسىلىۋېلىپ، ئۇنى ھىجاپ ئايىتدىن كېيىنكى دەۋرلەرگىمۇ دەلىل قىلىپ ئوچۇقتىن ئوچۇق خاتالاشتى، نۇرغۇن پىتنە ۋە ھاراملارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولدى.

سۈرە نۇرنىڭ 31 – ئايىتىدىكى «كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئاشكارا زىننەت»نىڭ «يۈز بىلەن قول» ئەمەس، كىيىم ئىكەنلىكىنى ئىبنى مەسئۇد ۋە باشقا ساھابە، تابىئىنلار بايان قىلغان. بۇ سەھىھ ھۆكۈم بولۇپ، «كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان زىننەت»نىڭ كىيىم ئىكەنلىكى سۈرە ئەئرافنىڭ 31 – ئايىتى ئارقىلىق سابىتتۇر. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دەيدۇ: {يَا بَنِي آدَمَ خُذُوا زِينَتَكُمْ عِندَ كُلِّ مَسْجِدٍ} {ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر نامازدا زىننىتىڭلارنى (يەنى كىيىمىڭلارنى) كىيىڭلار} (ئەئراف سۈرىسى، 31-ئايەتتىن)

بەزىلەر، رەسۇلۇللاھ ئەسما ئانىمىزغا «بالاغەتكە يەتكە ئايال يۈزى بىلەن قولىدىن باشقىسىنى ياتلارغا كۆرسەتسە بولمايدۇ دېگەن»، دېيىشىپ، بۇ ھەقتە كەلگەن ناھايىتى زەئىپ ھەدىسنى دەلىل قىلىۋالىدۇ. ئايەتنى ۋە سەھىھ دەلىللەرنى تاشلاپ، زەئىپ ھەدىسنى دەلىل دەپ ئەگىشىۋېلىش يا جاھىل، ياكى تەرەپباز، نەپسى – خاھىشىغا ئەگىشىدىغان كىشىلەرنىڭلا ئىشىدۇر. بۇ ھەقتىكى ھەدىسنىڭ زەئىپلىكى توغرىسىدىكى تەتقىقاتنىڭ ئۇلىنىشى ماقالىنىڭ ئاخىرىغا قىستۇرما قىلىندى.

تۆتىنچى ئايەت: (ئەھزاب سۈرىسىنىڭ 59 – ئايىتى)

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ قُل لِّأَزْوَاجِكَ وَبَنَاتِكَ وَنِسَاءِ الْمُؤْمِنِينَ يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِن جَلَابِيبِهِنَّ ۚ﴾ ﴿ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، ئۇلار جىلباپلىرى (يەنى چۈمپەردىلىرى) بىلەن پۈتۈن بەدىنىنى ياپسۇن.﴾ (سۈرە ئەھزاب، 59-ئايەت) ئايەتتىكى «جەلابىيب» كەلىمىسى «جىلباب» كەلىمىسىنىڭ كۆپلۈك شەكلى. ئۇنداقتا جىلباب دېگەن نېمە؟ ساھابە ئىبنى مەسئۇد، تابىئىنلاردىن ئۇبەيدە، قەتادە، ھەسەن بەسرى، سەئىد ئىبنى جۇبەير، ئىبراھىم نەخەئىي، ئاتا خۇراسانىي قاتارلىق بۈيۈك زاتلار  «جىلباب — خمارنىڭ (يەنى لېكچەكنىڭ ئۈستىگە كىيىدىغان (بەدەننى پۈتۈنلەي ئورايدىغان) كىيىمدۇر» دېگەن. (ئىبنى كەسىر تەپسىرىگە قاراڭ) ئەمما، بىزنىڭ قۇرئاننى چوڭقۇر تەتقىق قىلماي تۇرۇپلا تەرجىمە قىلىشقا ئالدىراپ كېتىدىغان چالا تەرجىمانلىرىمىز بۇ ئايەتتىكى جىلبابنىمۇ، سۈرە نۇرنىڭ 31- ئايىتىدىكى خىمارنىمۇ ئوخشاش مەنىگە بۇرمىلاپ «ياغلىق، رومال» دەپ تەرجىمە قىلىپ، ئايەتنىڭ مەنىسىنى ئوڭتەي – توڭتەي قىلىپ، ئاللاھنىڭ ئايىتىگە ئۆز رايى، ئۆز خاتا مەزھىپى، ياكى ئۆز شەخسىي چۈشەنچىسى بويىچە خاتا مەنە بەردى. بۇ ھەقتىكى ئېتىرازلاردىن كېيىن، بەزىلىرى بۇ ئايەتتىكى «جىلباب» كەلىمىسىگە «پۈركەنجە» دەپ مەنە بېرىشكە مەجبۇر بولدى. خۇلاسىكالام، ئايەتتىكى «جىلباب» باشقا چىگىۋالىدىغان ياغلىق، ياكى رومال ئەمەس. ئۇ باشنىڭ چوققىسىدىن باشلاپ پۇتقىچە چۈشۈپ تۇرىدىغان چۈمبەلدۇر. قۇرئاننىڭ مۆتىۋەر تەپسىرلىرىنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇ مەسىلە ئوچۇق بايان قىلىنغان. ئەمما يۈز يېپىش ھەققىدە سۆز قىلغۇچى داموللا، قارىھاجىملىرىمىز مۆتىۋەر تەپسىرلەردىكى بۇ خىل مەنىلەرنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىپ، ئايەتنىڭ مەنىسىنى ئۆزى تەۋە بولغان مەزھەپكە، ئۆزى كۆتۈرۈپ يۈرگەن شەخسىي چۈشەنچىگە بۇرمىلىۋەتكەن.

بەشىنچى ئايەت (سۈرە نۇر، 60-ئايەت):

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَالْقَوَاعِدُ مِنَ النِّسَاءِ اللَّاتِي لَا يَرْجُونَ نِكَاحًا فَلَيْسَ عَلَيْهِنَّ جُنَاحٌ أَن يَضَعْنَ ثِيَابَهُنَّ غَيْرَ مُتَبَرِّجَاتٍ بِزِينَةٍ ۖ وَأَن يَسْتَعْفِفْنَ خَيْرٌ لَّهُنَّ ۗ وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ﴾ ﴿تۇغۇت يېشىدىن ئۆتۈپ كەتكەن، نىكاھلىنىشنى ئۈمىد قىلمايدىغان (يەنى ئەرگە مەيلى تارتمايدىغان دەرىجىدە قېرىغان) ياشانغان ئاياللارنىڭ زىننەتلىرىنى كۆرسەتمەسلىك شەرتى بىلەن سىرتقى كىيىملىرىنى (يەنى جىلبابىنى) سېلىۋىېتىشىدە گۇناھ يوق.﴾ (سۈرە نۇر، 60-ئايەت)

ئەگەر بۇ ياشانغان، قېرى ئاياللار ھەققىدىكى يەڭگىللىتىش ھۆكمى بولسا، ئۇنداقتا بۇ ھۆكۈمنىڭ سىرتىدىكى ئاياللارنىڭ، ياش ئاياللارنىڭ ھۆكمى نېمە بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ زىننەتلىرىنى ياپىدىغانلىقى تېخىمۇ ئېنىق بىر ھۆكۈمدۇر.

(ئايەتتە «زىننەتلىرىنى ئاشكارە قىلماستىن كىيىملىرىنى سېلىۋەتسە بولىدۇ» دەۋاتىدۇ. بۇ ئايەتتە قېرىپ كەتكەن، ئەرلەرگە مەيلى يوق ئانىلار جىلبابىنى سېلىۋەتسە بولىدۇ، يەنى يۈزىنى ياپمىسا بولىدۇ، يۈزىنى ئېچىۋەتسە رۇخسەت دەۋاتىدۇ.

كەينىگە ئۇلاپلاپ «ئىپپەتلىكلىك يولىنى تۇتسا ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى» دەپ، سىرتلاردا، يات ئەرلەر بار يەردە يۈزىنى ئاچمىسا، بۇ تېخىمۇ ياخشى، ئىپپەتلىكلىككە تېخىمۇ ئۇيغۇن دەۋاتىدۇ. -ت)

ھىجاپلىنىش، ئورىنىش، يۈز يېپىش مەسىلىسى  — ئۈممەتنىڭ نۇمۇسىنى، ئىززىتىنى ۋە شەرىپىنى قوغداش مەسىلىسىدۇر. بىر ئادەمنىڭ چىقىپ «قۇرئاندا پەردە (ھىجاب) يوق» دېيىشى قۇرئانغا قىلىنغان چوڭ بىر تۆھمەتتۇر. مەنچە ئۇنداق ئادەم قۇرئاننى تېخى ھەقىقىي رەۋىشتە ئوقۇمىغان، ھەتتا قۇرئاننىڭ نەدىن باشلىنىپ نەدە تۈگەيدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىغان (قارا قورساق) ئادەمدۇر.» — ئەللامە مۇھەمەمد دۇرەيئى رەھىمەھۇللاھ.

تېما:

يۈز ۋە قولنىڭ ئەۋرەت ئەمەسلىكى ھەققىدىكى ھەدىس دەلىلگە يارىمايدىغان بەك زەئىپ ھەدىستۇر

https://www.hedisim.com/2026/06/28/121-5/

The post قۇرئاندا ھىجاپنىڭ، يۈز يېپىشنىڭ پەرزلىكىنى بىلدۈرىدىغان بەش ئايەت بار first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post قۇرئاندا ھىجاپنىڭ، يۈز يېپىشنىڭ پەرزلىكىنى بىلدۈرىدىغان بەش ئايەت بار appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

سوپىلار قانداق كىشىلەر، ئۇلارنىڭ يولى توغرىمۇ؟
سوپىلار قانداق كىشىلەر، ئۇلارنىڭ يولى توغرىمۇ؟

سوئال: سوپىلار قانداق كىشىلەر، ئۇلارنىڭ يولى توغرىمۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان ھافىزەھۇللاھ

(مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى)

جاۋاب: سوپىلارنىڭ ئەسلى — ئىبادەتكە، زاھىدلىققا ۋە دۇنيادىن قول ئۈزۈشكە تىرىشىدىغان ئىبادەتگۇيلار ۋە زاھىدلار ئىدى. دەسلەپتە ئۇلار شۇنداق بولغان ۋە ئىستىقامەت ئۈستىدە بولغان. ئەمما، ئۇلارنىڭ بۇ (شەرىئەتتە بولمىغان ئارتۇقچە) ئەمەللىرى ۋە زاھىدلىقتىكى قاتتىق قول يولى ماختىغۇدەك ئىش ئەمەس ئىدى. تەسەۋۋۇپ دەسلىۋىدە گەرچە ھەر جەھەتتىن ماختىغۇدەك بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ چاغلاردا ئۇنىڭغا تېخى (كېيىنراق سوپىلار \ تەسەۋۋۇپچىلار ئارىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان) ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈش ۋە دىنىي چەك – چېگرالاردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ كېتىش قىلمىشىلىرى يوق ئىدى.

ئەمما، تەسەۋۋۇپقا شىرك ۋە كۇفرىنىڭ سىڭىپ كىرىشى بىلەن ئۇ ئۆزگەردى. ئۇلار گويا «ئاللاھقا يەتكەن ۋە ئاللاھنى تونۇغان» ئەۋلىيالار بار، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرگە ئەگىشىشىگە ھاجەت يوق، دەپ ئېتىقاد قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار گويا ئاللاھتىن بىۋاسىتە بۇيرۇق ئالىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ، مۇرىتلىرى بولسا ئۇلارغا قەتئىي ئىتائەت قىلىدۇ. ئۇلار: «مۇرىت شەيخىنىڭ ئالدىدا خۇددى غەسسالنىڭ (ئۆلۈك يۇيغۇچىنىڭ) قولىدىكى ئۆلۈكتەك تۇرۇشى كېرەك» دەيدۇ. يەنى مۇرىت شەيخىگە ھېچقانداق قارشى چىقمايدۇ ۋە ئۇ نېمە بۇيرۇسا قوبۇل قىلىدۇ. مانا تەسەۋۋۇپ مۇشۇ ھالغا يەتتى. ئاللاھ ساقلىسۇن، بۇ شەك-شۈبھىسىز كۇفرىدۇر.

ھەتتا بۇ ئىش «ۋاھدەتۇل ۋۇجۇد» (ۋۇجۇدنىڭ بىرلىكى) ئېتىقادىغىچە بېرىپ يەتتى. بۇ — «كائىناتتىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ ئۆزىدۇر، ياراتقۇچى بىلەن يارىتىلغۇچى ئوتتۇرىسىدا پەرق يوق» دېگەن سۆزدۇر. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە: «كائىناتتا بىر ياراتقۇچى ۋە ئۇنىڭ يارىتىلغان مەخلۇقلىرى بار» دېگەن كىشى مۇشرىكتۇر. ئۇلارنىڭچە تەۋھىدنىڭ مەنىسى — سېنىڭ بۇ كائىناتتىكى ھەممە نەرسىنى ئاللاھنىڭ ئۆزى دەپ بىلىشىڭدۇر. شۇڭا، بىرەر نەرسىگە چوقۇنغان كىشى ئەمەلىيەتتە ئاللاھقا چوقۇنغان ھېسابلىنىدۇ (دەيدۇ ئۇلار). بۇتلارغا، تاشلارغا، دەرەخلەرگە چوقۇنغۇچىلار ئەسلىدە ئاللاھقا چوقۇنغانمىش، چۈنكى ئۇلار بۇ كائىناتتىكى بىر نەرسىگە چوقۇنۇۋاتقانمىش. ئىبنى ئەرەبى، ھەللاج، تىلمىسانى، ئىبنى سەبئىن ۋە باشقا تاغۇتلار تەسەۋۋۇپنى مۇشۇ ھالغا ئېلىپ كەلدى. ئاللاھ ساقلىسۇن، ئۇلار ئىشنىڭ ئاخىرىنى مۇشۇنداق يىرگىنچلىك كۇفرىغا ئاپاردى.

بۈگۈنكى كۈندە بولسا، سوپىلارنىڭ ئىبادەتلىرى ئومۇمەن شەرىئەتتە رۇخسەت قىلىنمىغان بىدئەتلەردىن ئىبارەتتۇر. ئۇلار بىدئەتلەر بىلەن ئەمەل قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. «سادات»لىرى (پىر-شەيخلىرى) نېمىنى بۇيرۇسا شۇنى قىلىدۇ. «پەيغەمبەرگە ئەگىشىشىمىز كېرەك» دېمەيدۇ. «پەيغەمبەرلەر ئادەتتىكى كىشىلەر (ئاۋام) ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن، بىز بولساق خاۋاسلارغا (ئالاھىدە تاللانغانلارغا) ئەگىشىمىز» دەيدۇ.

بەزىلىرى بولسا: «ئەگەر كىشى مەرىپەتتە (ئاللاھنى تونۇشتا) ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتسە، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەتلەر ساقىت بولىدۇ» دەيدۇ. يەنى ئۇنىڭغا نە ناماز، نە روزا، نە زاكات فارىز ئەمەسمىش. شۇنىڭغا ئوخشاش، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا ھېچقانداق نەرسە ھارام بولماسمىش؛ نە زىنا، نە لىۋاتە (بەچچىۋازلىق) ھارام ئەمەسمىش، چۈنكى ئۇ گويا ئاللاھقا يەتكەنمىش! ئاللاھ ساقلىسۇن، بۇنىڭدىن ئارتۇق كۇفرى بارمۇ؟ بۇ كۇفرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چېكىدۇر. ئۇلارنىڭ دەۋاسىچە، تەرىقەت شەيخلىرى كائىناتتا خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىپ، ياشىتىش، ئۆلتۈرۈش، نېئمەت بېرىش ياكى مەنئى قىلىش ھوقۇقىغا ئىكەنمىش. مانا تەسەۋۋۇپ ۋە ئۇلار ماڭغان يول!

ئازغۇنلۇق مانا مۇشۇنداق «ياخشى نىيەت» بىلەن باشلىنىپ، كېيىن تەرەققىي قىلىپ مۇشۇنداق يامان ئاقىۋەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. قاچانكى ئۇلارنىڭ زاھىدلىقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا خىلاپ بولدى، ئىشنىڭ ئاخىرى مۇشۇ نۇقتىغا كېلىپ يەتتى. ئىبادەتلىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن شەرىئەتكە چىڭ يېپىشقانلارغا كەلسەك، ئەلھەمدۇلىللاھ، ئۇلاردا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى ۋە شەرىئەتكە خىلاپلىق قىلىشمۇ سادىر بولمىدى. چۈنكى ئۇلار توغرا يولدا ماڭدى. كېيىن پەيدا بولغان بۇ بىدئەتلەر ئۈستىدە ماڭغانلارنىڭ ئاقىۋىتى بولسا، ئاللاھ ساقلىسۇن، مانا مۇشۇنداق بولىدۇ.

مەنبە: «شَرْحُ رِسَالَةِ مَعْنَى الطَّاغُوتِ»، سوئال-جاۋاب قىسمى.

The post سوپىلار قانداق كىشىلەر، ئۇلارنىڭ يولى توغرىمۇ؟ first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post سوپىلار قانداق كىشىلەر، ئۇلارنىڭ يولى توغرىمۇ؟ appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

بىدئەتچى ئىمامنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇش دۇرۇسمۇ؟
بىدئەتچى ئىمامنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇش دۇرۇسمۇ؟

مۇتلەق مۇجتەھىد، مۇھەددىس فەقىھ، ئىمام ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ «الإشراف على مذاهب العلماء» ناملىق ئەسىرىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:

[خاۋارىجلارنىڭ ۋە (باشقا) ئەھلى بىدئەتلەرنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇش بابى]

ئالىملار خاۋارىجلارنىڭ ۋە باشقا ئەھلى بىدئەتتىن (دىنىي) ئەھۋالى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان كىشىلەرنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇش مەسىلىسىدە ئىختىلاپ قىلىشتى. بىر تۈركۈم ئالىملار ئۇلارنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇشنى دۇرۇس دەپ قارىدى. خاۋارىجلارنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇشنى جائىز دەپ قارىغانلارنىڭ ئىچىدە ئەبۇ جەئفەر (ئىمام باقىر) باردۇر.

ھەسەن (بەسرى) «بىدئەتچى ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇلىدۇ» دېگەن. ئىمام شافىئىي مۇنداق دېگەن: «ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇش دۇرۇس. گەرچە ئۇ كىشىنىڭ دىنىي ئەھۋالى مەدھىيەلەشكە ئەرزىمىسىمۇ ئوخشاشلا دۇرۇس بولىدۇ.»

سۇفيان سەۋرىي قەدەرىيلەر (تەقدىرنى ئىنكار قىلغۇچىلار) ھەققىدە: «ئۇلارنى ئىماملىققا ئۆتكۈزمەڭلار» دېگەن.

ئىمام ئەھمەد (ئىبنى ھەنبەل) مۇرجىئيلار ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئۇ (ئۆز بىدئىتىگە) دەۋەت قىلغۇچى بولسا، ئۇنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇلمايدۇ. كىمكى بىر جەھمىينىڭ، ياكى ھەدىسلەرنى رەت قىلىدىغان قەدەرىينىڭ، ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر راپىزىينىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇغان بولسا، نامىزىنى قايتا ئوقۇسۇن.»

ئىمام ئەھمەد يەنە مۇنداق دېگەن: «نەپسى – خاھىشىغا ئەگىشىپ كەتكەنلەرنىڭ (يەنى بىدئەتچىلەرنىڭ) كەينىدە — ئەگەر ئۇلار ئۆز نەپسى – خاھىشلىرىغا (بىدئىتىگە) دەۋەت قىلغۇچى بولسا — ناماز ئوقۇلمايدۇ.»

ئىمام مالىك مۇنداق دېگەن: «قەدرىيلەر ۋە باشقا بىدئەتچىلەرنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇلمايدۇ. لېكىن زالىم ھۆكۈمدارلارنىڭ (ئەئىممەتۇل جەۋر) كەينىدە ناماز ئوقۇلىدۇ» دېگەن.

ئەبۇ بەكرى (ئىمام ئىبنى مۇنزىر) مۇنداق دېدى: كىمنىڭ بىدئىتى ئۇنى كاپىرلىققا ئېلىپ بارغان (يەنى ئىسلامدىن چىقارغان) بولسا، ئۇنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇش جائىز ئەمەس. كىمنىڭ ئەھۋالى بۇنداق بولمىسا (يەنى كاپىرلىق دەرىجىسىگە يەتمىگەن بولسا)، ئۇنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇش جائىزدۇر. لېكىن بىز بۇنداق سۈپەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىماملىققا ئۆتكۈزۈلۈشىنى ياقتۇرمايمىز. — مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

(مەنبە: الإشراف على مذاهب العلماء لابن المنذر)

The post بىدئەتچى ئىمامنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇش دۇرۇسمۇ؟ first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post بىدئەتچى ئىمامنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇش دۇرۇسمۇ؟ appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

ماختىلىدىغان تەسەۋۋۇپ بارمۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى
ماختىلىدىغان تەسەۋۋۇپ بارمۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى

سوئال: دەۋەتچى ئاتالغان بەزى كىشىلەر سوپىلىقنى ماختىلىدىغان سوپىلىق ۋە تەنقىدلىنىدىغان سوپىلىق دەپ ئىككى قىسىمغا ئايرىۋاپتۇ. بۇنداق ئايرىش توغرىمۇ؟

ئەللامە سالىھ فەۋزان پەتىۋاسى:

بۇ باتىل تەقسىم. سوپىلىقنىڭ \ تەسەۋۋۇپنىڭ ھەممە تۈرى تەنقىدلىنىدۇ. ماختىلىدىغان تەسەۋۋۇپ مەۋجۇت ئەمەس. چۈنكى تەسەۋۋۇپ \ سوپىلىق بىدئەتتۇر. بىدئەتنىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇقتۇر.

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com

The post ماختىلىدىغان تەسەۋۋۇپ بارمۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post ماختىلىدىغان تەسەۋۋۇپ بارمۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

مۆتەزىلە پىرقىسى بىلەن خاۋارىجلارنىڭ پەرقى نېمە؟ | ئەللامە ئابدۇلئەزىز راجىھىي پەتىۋاسى
مۆتەزىلە پىرقىسى بىلەن خاۋارىجلارنىڭ پەرقى نېمە؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئابدۇلئەزىز راجىھىي رەھىمەھۇللاھ

مۆتەزىلە پىرقىسى خاۋارىج پىرقىسىدىن پەرقلىق پىرقە ھېسابلىنىدۇ. مۆتەزىلىلەر: مۇسۇلمان ئەگەر چوڭ گۇناھقا چۈشسە ئىماندىن چىقىپ كېتىدۇ، لېكىن دىندىن چىققان كاپىر بولمايدۇ. كاپىرمۇ ئەمەس، مۆمىنمۇ ئەمەس، پاسىق بولىدۇ. چوڭ گۇناھ قىلغان كىشى مۆمىنلىك دەرىجىسى بىلەن كاپىرلىق دەرىجىسىدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ، مۆتەزىلە پىرقىسى چوڭ گۇناھ قىلغان كىشىگە كاپىرلىق مۇئامىلىسى قىلمايدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.

خاۋارىجلار بولسا: چوڭ گۇناھ قىلغان كىشىنى ئىسلامدىن چىقىپ مۇرتەد كاپىر بولۇپ كېتىدۇ، بۇنداق بىرىنىڭ مېلى ۋە قېنى ھالال، كاپىر مۇئامىلىسى كۆرىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ئەمما، مۆتەزىلىلەر بىلەن خاۋارىجلار چوڭ گۇناھ قىلغۇچىنى دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، دېگەن باتىل ئېتىقادتا ئىتتىپاقتۇر. (فتاوى منوعة – الراجحي 1\32)

* ئەللامە ئابدۇلئەزىز راجىھىي ئىمام ئىبنى بازنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق شاگىرتلىرىدىن بولۇپ، ئىمام ئىبنى بازغا شاگىرتقا كىرگەندىن باشلاپ تاكى ئۇ زات ۋاپات بولغۇچە يېنىدىن ئايرىلمىغان. ئابدۇلئەزىز راجىھىي ئەھلى سۈننەتنىڭ چاقنىغان ئالىملىرىدىندۇر. ئاللاھ قەبرىسىنى نۇرلاندۇرسۇن، دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرسۇن، ئىلىمىنى ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن، ئامىن.

The post مۆتەزىلە پىرقىسى بىلەن خاۋارىجلارنىڭ پەرقى نېمە؟ | ئەللامە ئابدۇلئەزىز راجىھىي پەتىۋاسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post مۆتەزىلە پىرقىسى بىلەن خاۋارىجلارنىڭ پەرقى نېمە؟ | ئەللامە ئابدۇلئەزىز راجىھىي پەتىۋاسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

ئەلەۋىي پىرقىسى قانداق پىرقە؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان
ئەلەۋىي پىرقىسى قانداق پىرقە؟

ئەللامە سالىھ فەۋزان بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:

ئەلەۋىيلەر شىئەلەر جۈملىسىدىن بولۇپ، ئەلەۋىيلەر ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئىلاھلاشتۇرۇپ، ئاللاھ ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇ، ياكى ئەلىي ئىلاھتۇر دەپ ئېتىقاد قىلىدىغانلاردۇر. (ئەلەۋىيلەر كاپىردۇر.)

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

من هم العلوِيُّون

The post ئەلەۋىي پىرقىسى قانداق پىرقە؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post ئەلەۋىي پىرقىسى قانداق پىرقە؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

قۇرئانچىلار كاپىرمۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى
قۇرئان بىلەن كۇپايىلىنىشنى داۋا قىلىپ، سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىنىڭ ھۆكمى نېمە؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ

سوئال: سىلى يۇقىرىدا قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ ھۆكمىنى تۇتۇشنىڭ پەرزلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتىلە. كۈنىمىزدە «قۇرئانچىلار» دەپ ئاتىلىدىغان بىر پىرقە مەۋجۇت. ئۇلارغا نىسبەتەن قانداق مەيدان تۇتۇشىمىز كېرەك؟

ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ بۇ سوئالغا مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:

ئۇلار قۇرئانچىلار ئەمەس، يالغانچى-كاززاپلاردۇر. ئۇلار قۇرئانچىلار ئەمەس، قۇرئاننىڭ دۈشمەنلىرىدۇر. چۈنكى، قۇرئان كىشىنى سۈننەتكە بۇيرۇيدۇ. قۇرئان كىشىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە بويسۇنۇشقا، ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچى ئەسلىدە قۇرئاننى ئىنكار قىلغۇچىدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئاسىيلىق قىلغان كىشى قۇرئانغا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ. ئۇلار قۇرئانچىلار ئەمەس، قۇرئانغا قارشى چىققۇچىلاردۇر، قۇرئاننىڭ ھۆكمىدىن باشقا ھۆكۈمگە ماڭغان ئازغۇنلاردۇر. قۇرئانچىلار — ئەھلى ئىلىمنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن كاپىرلاردۇر.

سۈننەت بويىچە ئەمەل قىلماستىن، سۈننەتنى ئىنكار قىلىپ، قۇرئانغا ئاساسلىنىپلا ئەمەل قىلىمەن دېگۈچى كاززاپتۇر. بۇنداق كىشى قۇرئانغا تايانغۇچى ئەمەس، قۇرئانغا ئاساسەن ئىش كۆرگۈچى ئەمەس، ئەكسىچە ئازغۇندۇر، ئازدۇرغۇچىدۇر. قۇرئانچىلار ئەھلى ئىلىمنىڭ ئىجمائىسى بويىچە كاپىردۇر. مەن بۇ جەھەتتە «سۈننەت بويىچە ئەمەل قىلىشنىڭ ۋاجىپلىقى» (وجوب العمل بالسنة) ناملىق بىر رىسالە يازغانمەن. بۇ رىسالە نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان. [بۇ پەتىۋانىڭ ئەرەپچە مەنبەسى: فتاوى الدروس>ما حكم من ينكر السنة بزعم الاكتفاء بالقرآن؟]

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

تۆۋەندىكىسى قۇرئاندىن يالغان قۇرئانچىلارغا رەددىيە فىلىمىدۇر

The post قۇرئانچىلار كاپىرمۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post قۇرئانچىلار كاپىرمۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

رافىزىيلار دىندىن چىققان مۇرتەدلەرمۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز
رافىزىيلار دىندىن چىققان مۇرتەدلەرمۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ

سوئال: رافىزىيلار دىندىن چىققان مۇرتەدلەرمۇ؟

شەيخ بۇ سوئالغا مۇنداق جەۋەب بەرگەن:

(رافىزىيلار شىئەلەرگە تەۋە پىرقە بولۇپ[1]،) ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى دىندىن چىققان مۇرتەد كاپىرلاردۇر. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئىبادەت قىلىدۇ، ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مەدەت تىلەيدۇ. ئاللاھنى تاشلاپ ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا دۇئا قىلىدۇ. بۇنداق قىلمىشلار كىشىنى دىندىن چىقىرىپ كاپىر قىلىۋېتىدىغان چوڭ كۇفۇر جۈملىسىدىندۇر.

مۇسۇلمانلاردىن نەپرەتلىنىپ «ساھابىلەر ئارىسىدا ئۈچ ساھابىدىن (ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى قوشقاندا تۆت ساھابىدىن — يەنى ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، سالمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، مىقداد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىق تۆت ساھابىدىن) باشقىسى دىندىن چىققان مۇرتەد كاپىرلاردۇر» دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان ئىمامىيە پىرقىسى، يەنى راپىزىيلار ۋە ئۇلارغا ئوخشاشلىرى، نۇسەيرىيەلەر ۋە ئۇلارغا ئوخشاشلىرى كاپىرلاردۇر. ئەمما، شىئەلەرنىڭ زەيدىيە پىرقىسى كاپىر ئەمەس، چۈنكى زەيدىيە پىرقىسىنىڭ ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئەۋزەل كۆرۈشى باشقا شىئە پىرقىلىرى ئارىىسدا ئەڭ تۆۋەندۇر. (زەيدىيە پىرقىسى ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۈچ خەلىپىدىن ئەۋزەل دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان بولۇپ، ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئىلاھلاشتۇرمايدۇ ۋە ساھابىلەرنى سۆكۈپ تىللىمايدۇ.)  ھەزىرتى ئەلىنى ھەزىرتى ئوسماندىن (ياكى باشقا ئىككى خەلىپىدىن) ئەۋزەل دەپ قارىغۇچىلار كاپىر ھېسابلانمايدۇ، لېكىن بۇنداق ئېتىقاد قىلىش خاتا. (شىئەلەرنىڭ زەيدىيە پىرقىسىدەك) ھەزىرتى ئەلىنى ھەزىرتى ئەبۇ بەكرىدىن ۋە ھەزىرتى ئۆمەردىن ئەۋزەل دەپ قارايدىغان، ئەمما ئۇلارنى تىللاپ سۆكمەيدىغانلار دىندىن چىقىپ كەتكەن مۇرتەد كاپىرلار ئەمەس. (يۇقىرىدا ناملىرىنى تىلغا ئالغىنىمىزدەك) شىئە پىرقىلىرى كۆپتۇر.

بەزى ئۆلىمالار شىئە پىرقىلىرىنى يىگىرمە ئىككى پىرقىگە بۆلىنىدۇ دېيىشكەن. شىئە پىرقىلرىدىن ئەھلى بەيتكە ئىبادەت قىلىدىغان، ئەھلى بەيتتىن مەدەت تىلەيدىغان، ياكى ساھابىلەرنى تىللايدىغان، ياكى ساھابىلەرنى كاپىر دەيدىغان شىئە پىرقىلىرى ئەمەل ئارقىلىق كاپىر بولغانلاردۇر. ۋەياكى «پەرىشتە جىبرىل ھەزىرتى ئەلىگە كېلىدىغان پەيغەمبەرلىككە خائىنلىق قىلىپ مۇھەممەدكە (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) ئېلىپ كەلگەن» دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان شىئەلەرمۇ مۇرتەد كاپىرلاردۇر.

لېكىن، ئەمەل ياكى ئېتىقاد ئارقىلىق كاپىر بولمىغان، يۇقىرىقىلاردىن باشقا شىئە پىرقىلىرى كاپىر ئەمەس، ناقىس مۇسۇلمانلاردۇر، بىدئەت ئەھلى مۇسۇلمانلاردۇر. [مەنبە: فتاوى الجامع الكبير > حكم تكفير الرافضة]

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

نەقىل مەنبەلىرى:

[1] بۇ ئەللامە سالىھ فەۋزاننىڭ سۆزى بولۇپ. ئەرەپچە مەنبەسى ئۈچۈن چېكىڭ}

The post رافىزىيلار دىندىن چىققان مۇرتەدلەرمۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post رافىزىيلار دىندىن چىققان مۇرتەدلەرمۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

كىشىنىڭ ئۆزىنى «مەن مالىكى» ياكى «مەن ھەنبەلى» دېيىشى دۇرۇسمۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان پەتىۋاسى
كىشىنىڭ ئۆزىنى «مەن مالىكى» ياكى «مەن ھەنبەلى» دېيىشى دۇرۇسمۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە سالىھ فەۋزان

سوئال: پەزىلەتلىك شەيخ! كىشىنىڭ ئۆزىنى «مەن مالىكى» (يەنى مەن مالىكىي مەزھىپىدە) دېيىشى، ياكى «مەن ھەنبەلى» (مەن ھەنبەلى مەزھىبىدە) دېيىشى دۇرۇسمۇ؟ چۈنكى، بەزى ئىلىم تالىپلىرى بۇنداق دېيىشنى دۇرۇس ئەمەس دېيىشىۋاتىدۇ.

ئەللامە سالىھ فەۋزان:

ئۇنىڭ نېمە دېيىشىنى كۈتىسەن؟

كىشىنىڭ ئۆزىنى «مەن ھەنبەلى، مەن شافىي، مەن مالىكى» دېيىشىدە ھېچبىر مەسىلە يوق. بۇلار ئەھلى سۈننەت مەزھىپىدۇر. كىشىنىڭ ئەھلى سۈننەتنىڭ مەزھەپلىرىنى ئىنكار قىلىشى دۇرۇس ئەمەس.

بىراق، ئۆزىنى مەزھەپكە تەۋە قىلغان كىشى مەسىلەن «ھەق ھەنبەلى مەزھىپىدىن باشقىسىدا ئەمەس» دېسە، بۇ دۇرۇس ئەمەس.

تۆت مەزھەپنىڭ ھەممىسى ئەھلى سۈننەتكە تەۋە مەزھەپلەردۇر ۋە ياخشىلىق ئۈستىدىدۇر دېيىلسە، بۇنىڭدا ھېچبىر خاتالىق يوق. [ئەللامە سالىھ فەۋزاننىڭ بۇ ھەقتىكى پەتىۋاسى مۇشۇ يەردە تۈگىدى.]

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:

ومَعْلُومٌ أنَّ أهْلَ المَذاهِبِ كالحَنَفِيَّةِ والمالِكِيَّةِ والشّافِعِيَّةِ والحَنْبَلِيَّةِ دِينُهُمْ واحِدٌ. وكُلُّ مَن أطاعَ اللَّهَ ورَسُولَهُ مِنهُمْ بِحَسَبِ وُسْعِهِ كانَ مُؤْمِنًا سَعِيدًا بِاتِّفاقِ المُسْلِمِينَ.

مەلۇمكى، ھەنەفىي، مالىكىي ، شافىئىي ۋە ھەنبەلىي ھەزھىپىگە ئەگەشكۈچىلەرنىڭ دىنى بىر. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن تاقىتىنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلغانلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن بەختلىك مۆئمىندۇر. (ئىمام ئىبنى تەيمىييە، مەجمۇئۇل فەتۋا 27-جىلد، 462-بەت)

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com

The post كىشىنىڭ ئۆزىنى «مەن مالىكى» ياكى «مەن ھەنبەلى» دېيىشى دۇرۇسمۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان پەتىۋاسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post كىشىنىڭ ئۆزىنى «مەن مالىكى» ياكى «مەن ھەنبەلى» دېيىشى دۇرۇسمۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان پەتىۋاسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

مۇرجىئە پىرقىسى قانداق پىرقە؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان پەتىۋاسى
مۇرجىئە پىرقىسى قانداق پىرقە؟

ئەللامە سالىھ فەۋزان ھافىزەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:

ئەھلى بىدئەت پىرقىلىرى شىئە، قەدەرىيە، خاۋارىج ۋە مۇرجىئەدىن ئىبارەت تۆت چوڭ پىرقىدىن تەشكىل تاپقان.

تۆتىنچى پىرقە خاۋارىج پىرقىسىنىڭ زىددى بولغان پىرقە بولۇپ، بۇ پىرقە مۇرجىئە پىرقىسىدۇر.

مۇرجىئەلەر — ئەمەل-ئىبادەتنىڭ ئىمان جۈملىسىدىن ئىكەنلىكىنى رەت قىلىدۇ.

مۇرجىئەلەر ئەمەل ئىمان جۈملىسىدىن ئەمەس، دېيىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىشى ھېچقانداق ئەمەل ئىبادەت قىلمىغان تەقدىردىمۇ، بارچە ئەمەل ئىبادەتلەرنى تەرك ئەتكەن تەقدىردىمۇ مۆمىندۇر دېيىشىدۇ.

بۇ پىرقىنىڭ «مۇرجىئە» دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەب، ئۇلار ئەمەلنى ئىماندىن كېچىكتۈرگەنلىكى ئۈچۈندۇر.

مۇرجىئەلەر ئۆز ئىچىدىن پىرقىلەرگە بۆلۈنگەن.

مۇرجىئەلەرنىڭ ئەڭ ناچىرى جەھمىيلەردۇر.

جەھمىي مۇرجىلىرى «ئىمان — پەقەتلا قەلب ئارقىلىق تونۇش» دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ئەگەر كىشى قەلبىدىلا تونىسا، قەلبى بىلەن تەستىقلىمىغان تەقدىردىمۇ، مۆمىندۇر، دېيىشىدۇ.

كىشىنىڭ بىلىپ قويۇشىلا يېتەرلىك، دېيىشىدۇ. جەھمىيلەرنىڭ نەزىرىدە، قەلبىدە بىلىپلا قويغان كىشى مۆمىندۇر. جەھمىيلەر — ئىمان دېگەن پەقەتلا بىلىپلا قويۇشتىن ئىبارەت دېيىشىدۇ.

مۇرجىيلارغا تەۋە ئىككىنچى پىرقە — ئەشئەرىيلەردۇر.

ئەشئەرىيلەر «ئىمان — قەلبتە ئېتىقاد قىلىشتۇر» دېيىشىدۇ. ئەشئەرىيلەرنىڭ نەزىرىدە ئىماننى تىلدا ئىقرار قىلىپ، ئىماننىڭ تەقەززالىرىنى بەدەن ئەزالىرى بىلەن ئورۇنداش كېرەك ئەمەس.

ئەشئەرىيلەر — قەلبىدە ئېتىقاد قىلىش كىشىنىڭ مۆمىنلىكىگە يېتىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.

مۇرجىيلارنىڭ ئۈچىنچى پىرقىسى، ئەشئەرىي مۇرجىيلىرىنىڭ قارشىسىدا تۇرىدىغان كارامىيە مۇرجىيلىرى پىرقىسىدۇر.

كارامىيە مۇرجىيلىرى — قەلبتە تەستىقلاپ ئېتىقاد قىلمىغان تەقدىردىمۇ، تىل بىلەن سۆزلەپ قويۇش (يەنى تىلدا شاھادەت كەلىمىسى ئېيتىپ قويۇش، ئىماننى دەۋا قىلىپ قويۇش) ئىماندۇر، دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىماننى پەقەت تىلدا سۆزلەپ قويۇش دەپ قارايدۇ.

مۇرجىئەلەرنىڭ تۆتىنچى پىرقىسى — فەقىھ مۇرجىيلىرىدۇر. فەقىھ مۇرجىيلىرى — ئىمان دېگەن قەلبىتە ئېتىقاد قىلىپ، تىلدا سۆزلەشتۇر، دەيدۇ. فەقىھ مۇرجىيلىرى — كىشى ئىماننىڭ تەقەززاسى ھېسابلانغان ئەمەل-ئىبادەتلەرنى بەجا كەلتۈرمىگەن تەقدىردىمۇ، مۆمىن بولىۋېرىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.

مۇرجىيلارنىڭ بۇ تۆت پىرقىسىنىڭ ھەممىسى بىردەك ھالدا ئەمەلنى ئىمان جۈملىسىدىن ئەمەس دەپ ئېتىقاد قىلىشىدۇ.

بىراق، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى قەلبنىڭ ئەمىلى، ۋە تىلنىڭ ئىقرارى جەھەتلەردە بىر-بىرى بىلەن ئىختىلاپ قىلىشىدۇ.

فەقىھ مۇرجىيلىرى باشقا مۇرجىئە پىرقىلىرى ئارىسىدا ئېتىقادىي بۇزۇقلىقى ئەڭ يەڭگىل بولغان مۇرجىئە پىرقىسىدۇر.

مۇرجىئىيلار تۆت چوڭ ئەھلى بىدئەت پىرقىنىڭ تۆتىنچىسىدۇر.

— فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

مەزكۇر پەتىۋانىڭ ۋىديو نۇسخىسىنى يۇتيۇب قانىلىمىزدىن ئاڭلاش ئۈچۈن چېكىڭ

The post مۇرجىئە پىرقىسى قانداق پىرقە؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان پەتىۋاسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post مۇرجىئە پىرقىسى قانداق پىرقە؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان پەتىۋاسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

جەھمىيە ۋە ئەشئەرىي پىرقىلىرى قانداق پىرقە؟ | ئەللامە ئابدۇلئەزىز راجىھىي پەتىۋاسى
جەھمىيە پىرقىسىنىڭ ماھىيىتى

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئابدۇلئەزىز راجىھىي رەھىمەھۇللاھ

ئەرەپچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: قۇدرەت بارات (2023 – يىلى)

ئەللامە ئابدۇلئەزىز راجىھىي رەھىمەھۇللاھتىن مۇنداق دەپ سورالدى:

ئاللاھ سىلىگە ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن. جەھمىيە پىرقىسى شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە دېگەندەك خاس جەھمىيەلەر، ئاشقۇن جەھمىيەلەر، مۆتەزىلىلەر ۋە ئەشئەرىيلەردىن ئىبارەت ئۈچ پىرقىگە ئايرىلامدۇ؟ ياكى ئۇلاردىن شاخلىنىپ چىقىپ پەيدا بولغان باشقا پىرقىلەرمۇ بارمۇ؟

شەيخۇل بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييەنىڭ دېگىنىدەك، جەھمىيە پىرقىسى — ئەشھەرىيە جەھمىيلىكى، مۆتەزىلە جەھمىيلىكى ۋە ئاشقۇن جەھمىيلىكتىن ئىبارەت ئۈچ پىرقىدىن تەركىپ تاپقان.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە ئەشئەرىي ۋە مۆتەزىلە پىرقىلىرىنىمۇ جەھمىي دەپ ئاتىغان. چۈنكى، بۇ ئىككى پىرقىدە جەھمىيلىك ئالاھىدىلىكلىرى مەۋجۇت.

جەھمىيلىك — جەھم ئىبنى سەۋفۋاننىڭ مەزھىبىگە ئەگىشىش دېگەنلىك بولۇپ، جەھمىيلەر ئاللاھنىڭ ھەم ئىسىملىرىنى، ھەم سۈپەتلىرىنى رەت قىلىدۇ.

مۆتەزىلە پىرقىسىدە جەھمىيلىك ئالاھىدىلىكلىرى بار. چۈنكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى رەت قىلىپ، ئىسىملىرىنىلا قوبۇل قىلىدۇ.

ئەشئەرىيلەردىمۇ جەھمىيلىك ئالاھىدىلىكلىرى بار. چۈنكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن يەتتە سۈپەتنىلا قوبۇل قىلىپ، قالغان سۈپەتلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنى قوبۇل قىلىدۇ.

تولۇق جەھمىيەلەرگە كەلسەك، ئۇلار ھەم ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى، ھەم ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئالىملار ۋە ئۈممەتنىڭ ئىماملىرى مانا بۇ خىل ھەقىقىي جەھمىيلەرنى كاپىر دېگەن. ھەتتا سەلەپ دەۋرىدە ياشىغان بۈيۈك ئىمام ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«جەھمىيە پىرقىسى رەسۇلۇللاھقا ئۈممەت ھېسابلىنىدىغان يەتمىش ئۈچ پىرقىنىڭ دائىرىسىگە كىرەلمەيدۇ. ئۇلار يەتمىش ئۈچ پىرقىنىڭ سىرتىدىدۇر.»

ئىمام ئىبنى قەييىمنىڭ دېگىنىدەك، ھەقىقىي جەھمىيەلەرنىڭ كاپىرلىقىدا بەش يۈز ئىسلام ئالىمى ئىتتىپاققا كەلگەن.

مۆتەزىلىلەرگە كەلسەك، بەزى ئۆلىمالار ئۇلارنى كاپىر دېگەن، بەزىلەر بىدئەت ئەھلى دېگەن. جۇمھۇر ئۆلىما مۆتەزىلە پىرقىسى مەنسۇپلىرىنى بىدئەتچى دەپ قارايدۇ، بەزى ئالىملار ئۇلارنى كاپىر دېگەن.

ئاللاھنىڭ يەتتە سۈپىتىدىن باشقا سۈپەتلىرىنى رەت قىلىدىغان ئەشلەرىيلەرگە كەلسەك، ئۇلار ئەھلى بىدئەتتۇر.

— مۇجتەھىد تورى تارقاتتى

The post جەھمىيە ۋە ئەشئەرىي پىرقىلىرى قانداق پىرقە؟ | ئەللامە ئابدۇلئەزىز راجىھىي پەتىۋاسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.

The post جەھمىيە ۋە ئەشئەرىي پىرقىلىرى قانداق پىرقە؟ | ئەللامە ئابدۇلئەزىز راجىھىي پەتىۋاسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.