زۇھد - مۇجتەھىد پەتىۋا تورى
دۇنياغا ھەۋەس قىلغۇچىلار ۋە ئاخىرەتكە ھەۋەس قىلغۇچىلار
دۇنيانىڭ قۇلىمۇ، ئاللاھنىڭ قۇلىمۇ
(فۇرقان دەۋەت مەركىزى)
بسم الله الرحمن الرحيم
قەلبنىڭ ئاخىرەتكە ئىنتىلىشتىن مەھرۇم قېلىپ، دۇنياغا باغلىنىپ قېلىشىنىڭ ئۆزىلا كىشى ئۈچۈن يېتەرلىك مۇسىبەتتۇر.
ئاخىرەتكە ئىككىلەمچى، دۇنياغا بىرلەمچى مۇئامىلە قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئالدىدا ھېچبىر مەرتىۋىسى يوقتۇر.
كىم مۇشۇ بالا-مۇسىبەتكە مۇپتىلا بولغان بولسا تەۋبە قىلىپ توغرا يولغا قايتسۇن.
كىم بۇ بالا-مۇسىبەتتىن ئەمىن قالغان بولسا ئاللاھقا بولغان شۈكرىنى سالىھ ئەمەللەر ئارقىلىق تېخىمۇ ئاشۇرسۇن.
ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:
بَلْ تُؤْثِرُونَ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا وَالْآخِرَةُ خَيْرٌ وَأَبْقَىٰ
ھالبۇكى، سىلەر (دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدىغان، ماددىيەتكە ئالدانغان، ئاخىرەتكە تەلپۈنمەيدىغان ئىي غاپىل ئىنسانلار!) دۇنيا ھاياتىنى ئۈستۈن كۆرىسىلەر. (ئاللاھنى رازى قىلىش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە مۇستەھكەم ئەمەل قىلىپ ياشىغان تەقۋادارلار ئۈچۈن) ئاخىرەت ياخشىدۇر، (ئاخىرەتتىكى ھايات، ئاخىرەتتىكى ساناقسىز نېمەت ۋە بەخىتلىك ھايات) مەڭگۈلۈكتۇر. (سۈرە ئەئلا 16-،17-ئايەت)
ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:
كَلَّا بَلْ تُحِبُّونَ الْعَاجِلَةَ ﴿٢٠﴾
وَتَذَرُونَ الْآخِرَةَ ﴿٢١﴾
ئاخىرەتكە (ئاخىرەتتىكى مەڭگۈلۈك ھايات ئۈچۈن سالىھ ئەمەل-ئىبادەتلەرنى قىلىشقا1) سەل قارايسىلەر. (ئاخىرەت ئۈچۈن ياشاشنى تەرك ئېتىسىلەر. ئاخىرەتنى تاشلاپ، دۇنيانى تاللايسىلەر.2) [1.2. (تفسير السعدي)]
وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ نَّاضِرَةٌ ﴿٢٢﴾
ئۇ كۈندە (مەڭگۈلۈك ئاخىرەتنىڭ تۇنجى كۈنى بولغان قىيامەت كۈنىدە) بىر قىسىم يۈزلەر نۇرلۇق بولىدۇ. (بۇ ئاخىرەتنى دۇنيانىڭ ئالدىغا قويۇپ ياشىغان تەقۋادار مۆمىنلەرنىڭ يۈزلىرىدۇر.1 بۇلارنىڭ يۈزلىرى نۇرلۇق، گۈزەل ۋە خۇشاللىققا چۆمگەن بولىدۇ.2) [1. تفسير السعدي 2. (تفسير البغوي)]
إِلَى رَبِّهَا نَاظِرَةٌ ﴿٢٣﴾
(بۇ يۈزلەرنىڭ ئىگىلىرى) ئاللاھنىڭ يۈزىنى (ھېچبىر توسۇق، پەردىسىز ھالدا، بىۋاستە ئوپئوچۇق1) كۆرىدۇ.2 (جەننەت ئەھلى مۆمىنلەر جەننەت ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتقا ئوخشىمايدىغان گۈزەل يۈزىنى ئۆز مەرتىۋىلىرىگە يارىشا شەكىلدە كۆرۈش نېمىتىگە نائىل بولىدۇ. بەزى مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتقا ئوخشىمايدىغان، ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان گۈزەل يۈزىنى ھەر كۈنى ئەتىگەندە ۋە ئاخشامدا كۆرىدۇ. بەزى مۆمىنلەر جۈمەدىن-جۈمەگىچە ھەپتىدە بىر قېتىم كۆرىدۇ. ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ يۈزىنى كۆرىدۇ ۋە بۇنىڭدىن تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە لەززەت ئېلىپ، چەكسىز خۇشاللىققا چۆمىدۇ. ئاللاھنىڭ يۈزىنى ھەر كۆرگەنچە ئۇلارنىڭ يۈزلىرى تېخىمۇ پارلاق ۋە گۈزەللىشىپ كېتىدۇ.3) [1.(تفسير البغوي) 2.(زاد المسير) 3.(تفسير السعدي)]
ئىمام ئىبنۇل جەۋزى مۇنداق دېگەن: مۆمىنلەرنىڭ ئۇلۇغ ئاللاھنى كۆرۈشى ھەقتۇر، بۇنىڭدا ھېچبىر شۈبھە يوقتۇر. بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەر سەھىھ. مەن بۇلارنى «ئەلمۇغنى» ۋە «ئەلخەدائىق» ناملىق ئەسەرلىرىمدە بايان قىلدىم. — زاد المسير
وَوُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ بَاسِرَةٌ ﴿٢٤﴾
(قىيامەتتە) يەنە بىر تۈركۈم يۈزلەر تۈرۈلۈپ كەتكەن بولىدۇ. (بۇلار دۇنيانى ئاخىرەتتىن ئۈستۈن تۇتقانلارنىڭ يۈزىدۇر. بۇلارنىڭ يۈزلىرى خارلىق ۋە غەمكىنلىك ئىچىدە تۈرۈلۈپ كەتكەن بولىدۇ.1) [1.(2)]
تَظُنُّ أَن يُفْعَلَ بِهَا فَاقِرَةٌ ﴿٢٥﴾
(چۈنكى1) بېشىغا بەك ئېغىر بالا-قازا كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ. (چۈنكى، بۇلار دوزاخقا تاشلىنىدىغان كىشىلەردۇر.2 بۇخىل بەدبەخت كىشىلەر سائادەتمەن كىشىلەرنىڭ ئەكسىچە ئاللاھنىڭ گۈزەل يۈزىنى كۆرۈشتىن مەھرۇمدۇر.3) [1.(تفسير السعدي) 2.(تفسير البغوي) 3.(زاد المسير)]
دۇنيانى ئاخىرەتتىن ئەلا بىلىش كاپىرلارنىڭ ئەخلاقى بولۇپ، ئاللاھ مۇنداق دېگەن:
{الَّذِينَ يَسْتَحِبُّونَ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا عَلَى الْآخِرَةِ}
{كاپىرلار دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەتتىن ئارتۇق كۆرىدۇ.} (سۈرە ئىبراھىم، 3-ئايەت)
دىندىن يېنىپ مۇرتەد بولغان بىر پىرقىنىڭ كاپىر بولۇشىدىكى سەۋەبى، دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەت ھاياتىدىن ئۈستۈن كۆرگەنلىكىدىن بولغان. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
{ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمُ اسْتَحَبُّوا الْحَيَاةَ الدُّنْيَا عَلَى الْآخِرَةِ وَأَنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْكَافِرِينَ }
{ئۇلارنىڭ مۇرتەد بولۇپ ئىسلام دىنىدىن چىقىشىدىكى سەۋەب1، ئۇلارنىڭ دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەت ھاياتىدىن ئارتۇق كۆرگەنلىكى ئۈچۈندۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ كاپىر قەۋمنى توغرا يولغا يېتەكلىمەيدۇ.} (سۈرە نەمل، 107-ئايەت) [1.مختصر في التفسير]
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «دۇنيا شۇنداق بىر يەركى، دۇنيادا ساغلام كىشى كېسەل بولىدۇ، خاتىرجەم كىشى ئەنسىزلىككە چۈشىدۇ. نامرات پەرىشان بولىدۇ، باي پىتنىگە چۈشىدۇ. دۇنيانىڭ ھالال مېلىدا (قىيامەت كۈنى) ھېساب بار، دۇنيادا ھارام يول ئارقىلىق قولغا كەلگەن مال ئۈچۈن قىيامەت كۈنى دوزاخ ئوتى باردۇر.» hedisim.com (ئىبنى جەۋزى: مىنھاج قاسىدىن)
سەلەف ئىماملىرىدىن سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇ ھازمدىن «سېنىڭ مال-دۇنيارىڭ نېمە؟» دەپ سورىلىۋىدى، ئۇ «ئاللاھقا ئىشىنىشىم ۋە ئىنسانلارنىڭ قولىدىكىن ئۈمىدىمنى ئۈزۈشۈم» دېدى. hedisim.com (سىفاتۇس سەفۋا: 449)
كىشى دۇنياۋىي نەرسىلەرگە ئەھمىيەت بەرگەنسېرى قەلبىدە ئاخىرەتنىڭ مۇھەببىتى سۇسلايدۇ. ھەتتا كىشىنىڭ قەلبىدە دۇنيا ماتالىرىغا بولغان سۆيگۈ، مۇھەببەت، قىزىقىش شۇ دەرىجىدە ئاشىدۇكى، بۇنداق قەلبىدە ئاخىرەت مۇھەببىتىدىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ. ئاخىرەت مۇھەببىتىدىن مەھرۇم قالغان قەلب تامامەن ئۆلگەن قەلب بولۇپ، بۇنداق قەلب ئېگىسى ئىبادەتلەرگە، بۇنداق كىشى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان سالىھ ئىبادەتلەرگە رىغبەت كۆرسىتەلمەيدۇ، ھارام ۋە شۈبھىلىك نەرسىلەردىن ئۆزىنى تارتىشى تەسكە توختايدۇ، ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتى يوقنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قالىدۇ.
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كىمكى دۇنيا (يەنى دۇنياغا مۇھەببەت باغلاش) بىلەن دۇنيانى ياراتقان ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىنى قەلبىدە جەم قىلغىنىنى داۋا قىلسا، راستتىنلا يالغان سۆزلىگەن بولىدۇ.» hedisim.com (ئىبنى ئابدىلبەر: ئەلئىنقىتا 139)
كىشىنىڭ ئاخىرەت سائادىتىنى كۆزلىشى ۋاجىپتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن كىشىنىڭ كۆزى توق، قەلبى باي بولۇشى، دۇنياۋىي ماتالارغا، ماددىيەتكە ئاچكۆز بولماسلىقى، دۇنياۋىي نەرسىلەرنى چوڭ بىلمەسلىكى كېرەك بولىدۇ. ئازغىنە دۇنياۋىي ماتاغا رازى بولۇش، دۇنيادىكى كۆزنى قامۇشتۇرىدىغان، كۆڭۈل تارتىدىغان، كىشىگە، ئائىلىگە سۆلەت بېغىشلايدىغان نەرسىلەرگە ئۆزىنى ئۇرماسلىق — قەلبنىڭ ئاخىرەتتىن بۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللاردىندۇر.
ئەبۇ ھازىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ دۇنيادا ماڭا بەرمىگەن نېمەت، ماڭا بەرگەن نېمەتتىن ئۈستۈندۇر.» hedisim.com (سىفاتۇس سەفۋا: 450)
كىشى دۇنيا ماتاسىدىن بىرىگە كۆز تاشلايدۇ، شۇنىڭ ئېرىشىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ ۋە پۇل-مال سەرپ قىلىدۇ. ئۇنىڭغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئاز ئۆتمەي يەنە بىر دۇنيا ماتاسىغا كۆز تاشلايدۇ، ئۇنىڭغا ئېرىشىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە بىر دۇنيا ماتاسىغا … دۇنيا كىشىنى مانا مۇشۇنداق ئالدايدۇ. كىشى دۇنيا ماتاسىنى قوغلاشقانسېرى تۇزلۇق يېمەكلىك يەۋىلىپ ئۇسسۇزلۇقى قانمايۋاتقان ئادەمدەك، بارغانچە دۇنياغا تويماس، ئېرىشكەنلىرىگە رازى بولماس بولۇپ كېتىدۇ.
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «دۇنياغا نىسبەتەن زاھىد بولۇش قەلب ۋە بەدەن ئۈچۈن راھەتلىكتۇر.» hedisim.com (ئىبنى مۇبارەك، كىتابۇز زۇھد، 593-نومۇر)
سالىھلارنىڭ، ئابىدلارنىڭ، ئاخىرەت ئۈچۈن ياشىغۇچىلارنىڭ ئورتاق پىرىنسىپلىرىدىن بىرى — قۇربى يېتىدىغان تۇرۇپ نۇرغۇن دۇنيا ماتالىرىدىن ئۇزاق تۇرۇشتۇر. ئۇلار «بىر دۇنيا ماتاسىغا كۆز تاشلىسام، ئۇنىڭغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئىككىنچىسىگىمۇ كۆز تاشلاپ قالىمەن، قەلبىمگە دۇنيا مۇھەببىتى يەرلىشىپ قالىدۇ» دېگەن ئەنسىرەش بىلەن، ئاسان قولغا كەلتۈرەلەيدىغان نۇرغۇن دۇنيا ماتالىرىدىن ئۇزاق تۇرىدۇ، نەتىجىدە دۇنيا مۇھەببىتىنىڭ ئۆزىنى ئەسىرگە ئېلىۋېلىشىدىن ئەمىن قېلىپ، دۇنيا مۇھەببىتىنىڭ كونتروللۇقىدىن ئۇزاق ھالدا ئۆزىنىڭ ئاخىرەت ھاياتى ئۈچۈن ئىشلەيدۇ.
سەۋبان ئىبنى رافى مۇنداق نەقىل قىلىدۇ: ئەبۇ ھازم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «دۇنيانىڭ ئۆتۈپ كەتكەن قىسىمى چۈش، قالغان قىسىمى خىيالدىن ئىبارەتتۇر.» hedisim.com (سىفاتۇس سەفۋا: 449)
دۇنياغا ھەۋەس قىلىش پىتنىسىدىن ئەمىن قالغان بەندىلەرگە خۇش مۇبارەك بولسۇن.
ئەبۇل ئابباس سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:
بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە كېلىپ «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ماڭا بىر ئەمەلنى سۆزلەپ بەرگەيلىكى، ئۇ ئەمەلنى قىلسام مېنى ئاللاھمۇ، ئىنسانلارمۇ ياخشى كۆرسۇن» دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«دۇنياغا ھەۋەس قىلما، ئاللاھ سېنى ياخشى كۆرىدۇ. باشقىلارنىڭ قولىدىكىگە ھەۋەس قىلما، كىشىلەر سېنى ياخشى كۆرىدۇ.» hedisim.com (ئىبنى ماجە 4102؛ رىيازۇس سالىھىن 472؛ تەبرانى-ئەلكەبىر 5972؛ ھاكىم 4\313؛ ئىبنى ھەجەر بۇلۇغۇلمەرامدا 1475، ھەسەن دېگەن)
ھۇزەيفە ئىبنى يەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئالتۇن-كۆمۈش چىنە-قاچىلاردا ئىچمەڭلار، بۇنداق چىنە-قاچىلاردا يېمەڭلار. چۈنكى، بۇلار دۇنيادا ئۇلارنىڭ (يەنى كاپىرلارنىڭ)، ئاخىرەتتە سىلەرنىڭدۇر.» hedisim.com (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىس، بۇلۇغۇلمەرام 14)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((اقتربت الساعة، ولا يزداد الناس إلا حرصا ولا يزدادون من الله إلا بعدا)) «قىيامەت يېقىنلاشتى. شۇنداق تۇرۇغلۇق، ئىنسانلارنىڭ دۇنياغا بولغان ھېرىسمەنلىكى ۋە ئاللاھتىن يىراقلىشىشى ئاشماقتا.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 1321؛ سەھىھ جامىئۇس سەغىر، 1146)
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنغان: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۈرەمدىن تۇتۇپ تۇرۇپ ((كُنْ فِي الدُّنْيَا كَأَنَّكَ غَرِيْبٌ أَوْ عَابِرُ سَبِيْلٍ)) «دۇنيادا بىر غېرىپتەك ياكى مۇساپىردەك بولغىن» دېدى. hedisim.com (بۇخارى 6053)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((تَعِسَ عبدُ الدِّينارِ، والدِّرْهَمِ، والقَطِيفَةِ، والخَمِيصَةِ، إنْ أُعْطِيَ رَضِيَ، وإنْ لَمْ يُعْطَ لَمْ يَرْضَ)) «دىنارنىڭ، دىرھەمنىڭ، تاۋار-دۇردۇننىڭ ۋە كىيىم-كېچەكنىڭ قۇلى ھالاك بولدى. ئۇنىڭغا بېرىلسە رازى بولىدۇ، بېرىلمىسە نارازى بولىدۇ.» hedisim.com (بۇخارى 2730، بۇلۇغۇلمەرام 1451) [يەنى ئۇنىڭ خۇشاللىقى دۇنيا ماتاسىغا، دۇنيا نېمەتلىرىگە ئېرىشىش، خاپىلىقى دۇنيا ماتاسىنىڭ، دۇنيا نېمەتلىرىنىڭ بەزىلىرىدىن مەھرۇم قېلىشتۇر.]
ئامىر ئىبنى ئابدۇلقەيس رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«ئۆزۈڭنى قۇرئانغا بەر. كىمكى ئۆزىنى قۇرئانغا بەرمىسە نەپسى دۇنياغا باغلىنىپ قالىدۇ.» hedisim.com (ئىمام ئەھمەد: زۇھد كىتابى 1260)
نۇئمان رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: سۇفيان ئىبنى ئۇيەينەنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: زۆرۈرىيەت ھېسابلانغان نەرسىلەرنى ئۈمىد قىلىش دۇنيانى ياخشى كۆرۈش ھېسابلانمايدۇ. hedisim.com (سىفاتۇس سەفۋا: 493)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((من أحبَّ دنياهُ أضرَّ بآخرتِه ومن أحبَّ آخرتَه أضرَّ بدنياهُ فآثروا ما يبقى على ما يفنى)) «كىم دۇنيانى ياخشى كۆرسە، ئاخىرىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. كىم ئاخىرەتنى ياخشى كۆرسە، دۇنياسىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. سىلەر مەڭگۈلۈك ئاخىرەتنى ۋاقىتلىق دۇنيادىن ئۈستۈن تۇتۇڭلار.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 8313؛ ئىبنى ھەجەر-تەخرىق مىشكات مەسابىھ 5\10؛ مۇسنەد ئەھمەد 19697؛ سەھىھ ھەدىس)
— فۇرقان دەۋەت مەركىزى
The post دۇنياغا ھەۋەس قىلغۇچىلار ۋە ئاخىرەتكە ھەۋەس قىلغۇچىلار first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post دۇنياغا ھەۋەس قىلغۇچىلار ۋە ئاخىرەتكە ھەۋەس قىلغۇچىلار appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
«دۇنيا ـــ مۆمىننىڭ تۈرمىسىدۇر، كاپىرنىڭ جەننىتىدۇر» ھەدىسىنىڭ شەرھى
بۇ ھەدىستە شەك بارمۇ؟
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((الدُّنْيَا سِجْنُ الْمُؤْمِنِ ، وَجَنَّةُ الكَافِرِ))«دۇنيا ـــ مۆمىننىڭ تۈرمىسىدۇر، كاپىرنىڭ جەننىتىدۇر.» (مۇسلىم 734)
بۈيۈك تابىئىن ھەيسەمە ئىبنى ئابدۇراھماننىڭ تۆۋەندىكى سۆزى يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ ناھايىتى گۈزەل شەرھى بولالايدۇ:
مەشھۇر تابىئىن ئالىم ئەئمەش رەھىمەھۇللاھ، ھەيسەمە ئىبنى ئابدۇراھمان رەھىمەھۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: ھەيسەمە مۇنداق دېدى: پەرىشتىلەر ئاللاھقا «ئى رەببىم! مۆمىن بەندەڭدىن مال-دۇنيانى قىسىسەن، يەنى تېخى مۆمىن بەندەڭنى بالا-مۇسىبەتلەرگە مۇپتىلا قىلىسەن» دېيىشىدۇ. ئاللاھ پەرىشتىلەرگە «مۆمىن بەندەمگە تەييارلاپ قويغان ساۋاب، مۇكاپاتلارغا قاراڭلار» دەيدۇ. پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇ خىل مۆمىن بەندىلەرگە تەييارلاپ قويغان ساۋاب، مۇكاپاتلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن «ئى رەببىم! دېمەك، مۆمىن بەندەڭگە دۇنيادا كەلگەن ئېغىرچىلىق، بالا-مۇسىبەتلەر زىيان سالالمايدىكەن» دېيىشىدۇ. ئاندىن، پەرىشتىلەر ئاللاھقا «ئى رەببىم! كاپىرلارنى بالا-مۇسىبەتلەردىن ئۇزاق قىلىدىكەنسەن، ئۇنىڭغا قوشۇپ مال-دۇنيانى ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنىڭ ئاستىغا كەڭرى يېيىپ بېرىدىكەنسەن» دېيىشىدۇ. ئاللاھ پەرىشتىلەرگە «ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا بېرىدىغان جازايىمغا قاراڭلار» دەيدۇ. پەرىشتىلەر كاپىرغا ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ بېرىدىغان جازاسىنى كۆرگەندىن كېيىن «ئى رەببىم! كاپىرلارنىڭ دۇنيادا قولغا كەلتۈرگەنلىرى ئۇلارغا ھېچقانداق پايدا بەرمەيدىكەن» دېيىشىدۇ. (ئىبنۇل جەۋزى: صفة الصفوة 2\53)
ئاللاھنىڭ مۆمىنلەرنى پۇل-مالدىن قىسىشى — يەر يۈزىدىكى مۆمىنلەرنىڭ كۆپچىلىكى پۇل-مېلى كۆپ بولمىغان، دۇنيالىق ئېھتىياجلىرىنى تەستە ياكى ئاران-ئاران قامدايدىغان كىشىلەردۇر. پۇلدار، باي مۆمىنلەر تارىختىن بۇيان ئاز نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. «مۆمىن بەندەڭنى پۇل-مالدىن قىسىسەن» دېيشىتىن قىسمەن باي مۆمىنلەر ئەمەس، كۆپ ساندىكى بايلىقى ئاز مۆمىنلەر كۆزدە تۇتۇلغاندۇر.
ئىمام ئىبى ھەجەر جاۋابەن مۇنداق دەپتۇ:
«ھەدىسنىڭ سەھىھلىكىدە، ھەقلىقىدە ۋە توغرىلىقىدا شەك يوق. سېنىڭ نەزىرىڭدە بىز راھەت – پاراغەت، ئىززەت – ھۆرمەت ئىچىدە ھايات كەچۈرۈۋاتىمىز. سەن بولساڭ خارلىق ۋە پېقىرلىق ئىچىدە ھايات كەچۈرۈۋاتىسىەن. ئەمما، مۆمىننىڭ ئاخىرەتتە ئېرىشىدىغان راھەت – پاراغەتكە سېلىشتۇرغاندا بىزنىڭ دۇنيادىكى راھەت – پاراغەتلىرىمىز پەقەت تۈرمىدىكى ئادەمنىڭ راھەت – پاراغىتىگە ئوخشايدۇ. بىزنىڭ دۇنيادىكى ئۈستۈنلىكىمىز ۋە راھەت – پاراغىتىمىز ئاخىرەتكە سېلىشتۇرغاندا ھېچنەرسىگە ئەرزىمەيدۇ. بۇنىڭغا قارىغاندا، بىزنىڭ دۇنيادىكى ھاياتىمىز ئاخىرەتتىكى ھاياتىمىزغا سېلىشتۇرغاندا بەئەينى تۈرمىدىكى ئادەمدەك چەكلىمە ۋە قىيىنچىلىق ئىچىدىدۇر.
ئەمدى، سېنىڭ دۇنيادىكى بۇ پېقىرلىقىڭ ۋە خارلىقىڭ — ئاخىرەتتە تارتىدىغان جازايىڭ ۋە قىينچىلىقىڭ ئالدىدا ھېچنېمە ئەمەس. سەن ھازىر دۇنيادا بەئەينى جەننەتتە ياشىغاندەك ياشاۋاتىسەن، ئەمىنلىك ئىچىدە، خاتىرجەملىك ئىچىدە ياشاۋاتىسەن. ھېچكىم جېنىڭغا ۋە مېلىڭغا چېقىلالمايدۇ. ھېچكىم سېنى شەخسىي ئەركىنلىكىڭدىن توسالمايدۇ. ئۆيۈڭدەخالىغىنىڭنى قىلىسەن، سىرتقا چىقىپ خالىغان يەرگە بارالايسەن. خالىغان تامىقىڭنى يەپ، خالىغان ئايال بىلەن ئۆيلىنەلەيسەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاخىرەت ھاياتىڭغا سېلىشتۇرغاندا سەن ئۈچۈن بەئەينى جەننەتتە ياشاۋاتقاندەك بىر ئىش. مۇشۇ ھالىتىڭدە، ئىسلامدىن باشقا دىن ئۈستىدە ئۆلسەڭ، ئاخىرەتتە تارتىدىغان جازايىڭ بەك شىددەتلىك بولىدۇ، ئاقىۋەتتە دۇنيادا بەئەينى جەننەتتە ياشىغاندەك ياشاپتىكەنمەن دەپ قالىسەن. شۇڭا، ھەدىس توغرا. سەن ھەر قانچە پېقىر ۋە خار ھالەتتە ياشاۋاتقاندەك تۇرساڭمۇ، بۇ ھاياتىڭ ئاخىرەت ھاياتىڭغا سېلىشتۇرغاندا سەن ئۈچۈن جەننەتتەك كەڭرى ۋە راھەت ھايات. بىز ھەر قانچە راھەت – پاراغەت ۋە ئىززەت ھۆرمەت ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك تۇرساقمۇ، دۇنيادىكى بۇ ھاياتىمىز ئاخىرەتتىكى نازۇ – نېمەتلەر ۋە ئىززەت – ئېكراملارغا سېلىشتۇرغاندا بەئەينى دوزاختەك تار ھايات ھېسابلىنىدۇ.»
يۇقىرىدا ئىككى مىسال بېرىلدى. بىرىنچىسى، دۇنيادا قىينچىلىق ئىچىدە ياشىغان مۆمىن بىلەن كەڭچىلىك ئىچىدە ياشىغان كاپىرنىڭ سېلىشتۇرمىسى. ئىككىنچىسى، دۇنيادا كەڭچىلىك ئىچىدە ياشىغان مۆمىن بىلەن تارچىلىقتا ياشىغان كاپىرنىڭ سېلىشتۇرمىسى. «دۇنيا مۆمىننىڭ تۈرمىسى، كاپىرنىڭ جەننىتى» دېگەن سەھىھ ھەدىس ھەر ئىككىلى ھالەتتىكى كىشىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولۇپ، ئاللاھ بىزلەرنى مۆمىنلىك ھالىتىدە ياشاپ، مۆمىنلىك ھالىتىدە ۋاپات تېپىشقا نېسىپ قىلسۇن.
— قۇدرەت بارات تەييارلىدى
The post «دۇنيا ـــ مۆمىننىڭ تۈرمىسىدۇر، كاپىرنىڭ جەننىتىدۇر» ھەدىسىنىڭ شەرھى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post «دۇنيا ـــ مۆمىننىڭ تۈرمىسىدۇر، كاپىرنىڭ جەننىتىدۇر» ھەدىسىنىڭ شەرھى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ئىمان ۋە تەقۋانى ئاشۇرۇش ئۈچۈن: زۇھد ھەدىسلىرى
زۇھد ھەدىسلىرى
مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أول ما يحاسب به العبد يوم القيامة الصلاة: فإن صلحت صلح له سائر عمله، وإن فسدت فسد سائر عمله)) «قىيامەت كۈنى بەندىدىن تۇنجى بولۇپ ھېسابى ئېلىنىدىغان ئىش نامازدۇر. ئەگەر نامىزىنىڭ ھېسابىدىن ياخشى ئۆتەلىسە، بەندە باشقا ئەمەللىرىنىڭ ھېسابىدىنمۇ ياخشى ئۆتەلەيدۇ. ئەگەر ناماز ھېسابىدىن ئۆتەلمىسە، باشقا ئەمەللىرىنىڭ ھېسابىدىنمۇ ئۆتەلمەيدۇ.» (جامىئۇس سەغىر 2818؛ سەھىھ جامىئ‍ 2573؛ ئەنەس ئىبنى مالىكتىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((أسوأ الناس سرقة الذي يسرق من صلاته: لا يتم ركوعها، ولا سجودها، ولا خشوعها))«ئىنسانلاردىن ئوغرىنىڭ ئەڭ يامىنى ئۆزىنىڭ نامىزىدىن ئوغرىلىغۇچىدۇر. ئۇ نامىزىنىڭ رۇكۇ، سەجدە ۋە خۇشۇئ‍نى تولۇق ئادا قىلمايدۇ.» (سەھىھ جامىئۇس سەغىر 986؛  شۇئەيب ئارنائۇت تەخرىج مۇسنەد ئەھمەد 2264، سەھىھ)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: مەن مەسجىد سۇپىسىنى ماكان تۇتۇپ ياشىغان ساھابىلەردىن يەتمىش ساھابىنى كۆردۈم. ھېچبىرىنىڭ ئۇچىسىدا بەدىنىنى تولۇق ئورايدىغان كىيىمى يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ پەقەتلا يا بەدىنىنىڭ ئۈستىگە كىيىدىغان كىيىمى بار ئىدى، يا ئاستىغا كىيدىغان كىيىمى بار ئىدى. ئۇلار كىيىملىرىنى بوينىغا چىگىۋالاتتى. بەزىلىرىنىڭ كىيىمى پاچىقىغىچە كېلەتتى، بەزىلىرىنىڭ ھوشۇقىغىچە كېلەتتى. ئۇلار ئەۋرەتلىرىنىڭ كۆرىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن كىيىمىنى قوللىرى بىلەن پوملاپ تۇتۇۋالاتتى. (بۇخارى 442؛ رىيازۇس سالىھىن 469) لَقَدْ رَأيْتُ سَبعِينَ مِنْ أهْلِ الصُّفَّةِ ، مَا منهُمْ رَجُلٌ عَلَيْهِ رِدَاءٌ : إمَّا إزارٌ ، وَإمَّا كِسَاءٌ ، قَدْ رَبَطُوا في أعنَاقِهِمْ ، فَمِنْهَا مَا يَبْلُغُ نِصْفَ السَّاقَيْن ، وَمِنْهَا مَا يَبْلُغُ الكَعْبَيْنِ ، فَيَجْمَعُهُ بِيَدِهِ كَراهِيَةَ أنْ تُرَى عَوْرَتُهُ . رواه البخاري .
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((ابغوني الضعفاء فإنما ترزقون وتنصرون بضعفائكم)) «مېنى ئاجىزلاردىن ئىزدەڭلار. چۈنكى، سىلەر پەقەتلا ئاجىزلىرىڭلار سەۋەبلىك رىزىقلاندۇرىلىسىلەر ۋە ياردەمگە ئېرىشىسىلەر.» (سەھىھ ئەبۇ داۋۇد 2594؛ تىرمىزى 1702؛ سەھىھ مۇسنەد ئەھمەد 1044؛ سەھىھ)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((الدُّنْيَا سِجْنُ الْمُؤْمِنِ ، وَجَنَّةُ الكَافِرِ))«دۇنيا ـــ مۆمىننىڭ تۈرمىسىدۇر، كاپىرنىڭ جەننىتىدۇر.» (مۇسلىم 734؛ رىيازۇس سالىھىن 470)
سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:
بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە كېلىپ «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ماڭا بىر ئەمەلنى سۆزلەپ بەرگەيلىكى، ئۇ ئەمەلنى قىلسام مېنى ئاللاھمۇ، ئىنسانلارمۇ ياخشى كۆرسۇن» دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى (( ازْهَدْ في الدُّنْيَا يُحِبّك اللهُ ، وَازْهَدْ فِيمَا عِنْدَ النَّاسِ يُحِبّك   النَّاسُ )):«دۇنياغا ھەۋەس قىلما، ئاللاھ سېنى ياخشى كۆرىدۇ. باشقىلارنىڭ قولىدىكىگە ھەۋەس قىلما، كىشىلەر سېنى ياخشى كۆرىدۇ.»(ئىبنى ماجە 4202؛ رىيازۇس سالىھىن 472) عن أَبي العباس سهل بن سعد الساعدي  ، قَالَ : جَاءَ رَجُلٌ إِلَى النبي ، فقال : يَا رسولَ الله ، دُلَّنِي عَلَى عَمَلٍ إِذَا عَمِلْتُهُ أحَبَّنِي اللهُ وَأحَبَّنِي  النَّاسُ ، فقال : (( ازْهَدْ في الدُّنْيَا يُحِبّك اللهُ ، وَازْهَدْ فِيمَا عِنْدَ النَّاسِ يُحِبّك   النَّاسُ )) حديث حسن رواه ابن ماجه وغيره بأسانيد حسنة .
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((اقتربت الساعة، ولا يزداد الناس إلا حرصا ولا يزدادون من الله إلا بعدا))«قىيامەت يېقىنلاشتى. شۇنداق تۇرۇغلۇق، ئىنسانلارنىڭ دۇنياغا بولغان ھېرىسمەنلىكى ۋە ئاللاھتىن يىراقلىشىشى ئاشماقتا.»(سەھىھ جامىئۇس سەغىر، 1146)
نۇئمان ئىبنى بىشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق بايان قىلىدۇ:
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) كىشىلەر قولغا كەلتۈرگەن ماللار توغرۇلۇق سۆز قىلدى، ئاندىن مۇنداق دېدى: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ كۈنبويى ئاچلىقتىن تولغانغىنىنى، قورسىقىنى تويغازغۇدەك ناچار خورما بولسىمۇ تاپالمىغانلىقىنى كۆردۈم. (مۇسلىم 2978؛ رىيازۇس سالىھىن 473) عن النعمان بن بشير رضي الله عنهما ، قَالَ : ذَكَرَ عُمَرُ بْنُ الخَطَّابِ  ، مَا أَصَابَ النَّاسُ مِنَ الدُّنْيَا ، فَقَالَ : لَقَدْ رَأيْتُ رسول الله  يَظَلُّ الْيَوْمَ يَلْتَوِي مَا يَجِدُ مِنَ الدَّقَلِ مَا يَمْلأ بِهِ بَطْنَهُ . رواه مسلم .
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋسسەللەم ۋاپات بولغان چاغدا، ئۆيۈمدە تاختا بېشىدىكى ئازغىنە ئارپىدىن باشقا يېگۈدەك ھېچقانداق نەرسە يوق ئىدى. مەن شۇ ئارپىدىن ئۇزۇنغىچە يېدىم. ئاندىن ئۇنىڭ ئېغىرلىقىن ئۆلچەپ باققان ئىدىم، ئارپا (تېز مۇددەتتە) تۈگەپ كەتتى. (بۇخارى 3097؛ مۇسلىم 2973) وعن عائشة رضي الله عنها ، قالت : تُوفي رسول الله، وَمَا في بَيْتِي مِنْ شَيْءٍ يَأكُلُهُ ذُو كَبِدٍ إِلاَّ شَطْرُ شَعِيرٍ في رَفٍّ لي ، فَأكَلْتُ مِنْهُ حَتَّى طَالَ  عَلَيَّ ، فَكِلْتُهُ فَفَنِيَ . متفقٌ عَلَيْهِ
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((كف عنا جشاءك؛ فإن أكثرهم شبعا في الدنيا أطولهم جوعا يوم القيامة)) «كىشىلەرنىڭ يېنىدا كېكىرمە. دۇنيادا توق يۈرگەنلەر قىيامەت كۈنى ئاچ قالىدۇ.» (جامىئۇس سەغىر 6265؛ سەھىھ تىرمىزى 2478؛ ئىبنى ئۆمەردىن)
سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (( لَوْ كَانَت الدُّنْيَا تَعْدِلُ عِنْدَ الله جَنَاحَ بَعُوضَةٍ ، مَا سَقَى كَافِراً مِنْهَا شَرْبَةَ مَاءٍ ))«ئەگەر دۇنيا ئاللاھنىڭ نەزىرىدە پاشىنىڭ قانىتىچىلىك ئېتىبارغا ئىگە بولغان بولسا، ئاللاھ كاپىرغا بىر يۇتۇم سۇنىمۇ ئىچكۈزمىگەن بولاتتى.» (تىرمىزى 2320؛ ئىبنى ماجە 4110؛ رىيازۇس سالىھىن 477)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (( أَلاَ إنَّ الدُّنْيَا مَلْعُونَةٌ ، مَلْعُونٌ مَا فِيهَا ، إِلاَّ ذِكْرَ اللهِ تَعَالَى ، وَمَا وَالاهُ ، وَعالِماً وَمُتَعَلِّماً ))«ئاگاھ بولۇڭلاركى! دۇنياغا لەنەت قىلىنغان. دۇنيادىكى نەرسىلەرگىمۇ لەنەت قىلىنغان. پەقەتلا ئاللاھنىڭ زىكرى، ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەمەللەر، (رەسۇلۇللاھقا قەتئىي ئەگەشكەن) ئالىم ۋە (رەسۇلۇللاھقا قەتئىي ئەگەشكەن) شەرئىي ئىلىم ئۆگەنگۈچى بۇنىڭدىن مۇستەسنا.» (تىرمىزى 744؛ تىرمىزى ‹ھەسەن سەھىھ› دېگەن؛ رىيازۇس سالىھىن 478؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ)
كەئب ئىبنى ئىياز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ زات مۇنداق دېگەن: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:((إنَّ لِكُلِّ أُمَّةٍ فِتْنَةً ، وفِتْنَةُ أُمَّتِي : المَالُ))«ھەر ئۈممەتنىڭ بىر پىتنىسى بار. ئۈممىتىمنىڭ پىتنىسى مال-دۇنيادۇر.»(تىرمىزى 2336؛ تىرمىزى ھەسەن سەھىھ دېگەن؛ رىيازۇس سالىھىن 481)
كەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((مَا ذِئْبَانِ جَائِعَانِ أُرْسِلا في غَنَمٍ بِأفْسَدَ لَهَا مِنْ حِرْصِ المَرْءِ عَلَى المَالِ وَالشَّرَفِ لِدِينهِ))«كىشىنىڭ پۇل-مالغا ۋە شان-شۆھرەتكە بولغان ھېرىسمەنلىكىنىڭ دىنىغا سالىدىغان زىيىنى، قوي پادىسى ئىچىگە قويۇپ بېرىلگەن ئىككى ئاچ بۆرىنىڭ قوي پادىسىغا سالغان زىيىنىدىنمۇ چوڭراقتۇر.»(تىرمىزى 2376؛ ھەسەن سەھىھ؛ رىيازۇس سالىھىن 485)
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بورا ئۈستىدە ئۇخلىغان ئىدى. قوپقىنىدا مۇبارەك بېقىنلىرى بورىنىڭ ئىزى بولۇپ كېتىپتۇ. ئۇ زاتقا ‹ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى، سىلىگە كارىۋات ياساپ بەرسەك بوپتىكەن› دېيىلدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم جاۋابەن مۇنداق دېدى:«مېنىڭ دۇنيا بىلەن نېمە ئىشىم؟ مەن دۇنياغا نىسبەتەن بىر ياغاچنىڭ ئاستىدا سايىدىغان، ئاندىن ئۇنى تاشلاپ كەتكەن يولۇچىغا ئوخشاشمەن.»(تىرمىزى 2377؛ رىيازۇس سالىھىن 486) وعن عبد الله بن مسعود t ، قَالَ : نَامَ رسول الله r عَلَى حَصيرٍ ، فَقَامَ وَقَدْ أثَّرَ في جَنْبِهِ ، قُلْنَا : يَا رَسُولَ اللهِ ، لَوْ اتَّخَذْنَا لَكَ وِطَاءً . فَقَالَ : (( مَا لِي وَلِلدُّنْيَا ؟ مَا أَنَا في الدُّنْيَا إِلاَّ كَرَاكِبٍ اسْتَظَلَّ تَحْتَ شَجَرَةٍ ثُمَّ رَاحَ وَتَرَكَهَا )) رواه الترمذي ، وقال : (( حديث حسن صحيح )) .
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (( إن الظلم ظلمات يوم القيامة)) «(دۇنيادا قىلىنغان) زۇلۇم-گۇناھلىق ئىشلار قىيامەت كۈنىدىكى قاراڭغۇلۇقتۇر.» (مۇسلىم 2579)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أحب البلاد إلى الله مساجدها، و أبغض البلاد إلى الله أسواقها))«ماكانلارنىڭ ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈكى مەسجىدلەردۇر؛ ئاللاھ ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغىنى بازارلاردۇر.» (مۇسلىم 671؛ سەھىھ جامىئۇس سەغىر 167)
ئەبۇ سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((فُقَرَاءُ الْمُهَاجِرِينَ يَدْخُلُونَ الْجَنَّةَ قَبْلَ أَغْنِيَائِهِمْ بِخَمْسِمِائَةِ سَنَةٍ))«نامرات مۇھاجىرلار باي مۇھاجىرلاردىن بەش يۈز يىل بۇرۇن جەننەتكە كىرىدۇ.»(تىرمىزى 2351)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((يدْخُلُ الفُقَرَاءُ الْجَنَّةَ قَبْلَ الأَغْنِيَاءِ بِخَمْسِمئَةِ عَامٍ))«پېقىر مۆمىنلەر باي مۆمىنلەردىن بەش يۈز يىل بۇرۇن جەننەتكە كىرىدۇ.»(تىرمىزى 2353؛ سەھىھ؛ رىيازۇس سالىھىن 487)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((يَدْخُلُ فُقَرَاءُ الْمُسْلِمِينَ الْجَنَّةَ قَبْلَ أَغْنِيَائِهِمْ بِنِصْفِ يَوْمٍ وَهُوَ خَمْسُمِائَةِ عَامٍ))«نامرات مۇسۇلمانلار باي مۇسۇلمانلاردىن يېرىم كۈن بۇرۇن جەننەتكە كىرىدۇ. بۇ يېرىم كۈن بەش يۈز يىلغا تەڭدۇر.»(تىرمىزى 2354؛ تىرمىزىي سەھىھ دېگەن؛ ئەلبانى ھەسەن سەھىھ دېگەن)
ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:((مَا كَانَ يَفْضُلُ عَنْ أَهْلِ، بَيْتِ النَّبِيِّ صلى الله عليه وسلم خُبْزُ الشَّعِيرِ))«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن ھېچقاچان ئارپا نېنى يېتەرلىك بولۇپ باقمىغان.»(تىرمىزى 2359؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن)
ئىبنى ئابباس ۋە ئىمران ئىبنى ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((اطَّلَعْتُ في الجَنَّةِ فَرَأيْتُ أكْثَرَ أهْلِهَا الفُقَرَاءَ ، وَاطَّلَعْتُ في النَّارِ فَرَأيْتُ أكْثَرَ أهْلِهَا النِّسَاءَ))«جەننەتكە قارىدىم، جەننەت ئەھلىنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ پېقىرلار ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. دوزاخقا قارىدىم، دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ئاياللار ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.» (بۇخارى 6449؛ مۇسلىم 2737؛ رىيازۇس سالىھىن 488)
ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((قُمْتُ عَلَى بَابِ الجَنَّةِ ، فَكَانَ عَامَّةُ مَنْ دَخَلَهَا المَسَاكِينُ ، وَأصْحَابُ الجَدِّ مَحبُوسُونَ ، غَيْرَ أنَّ أصْحَابِ النَّارِ قَدْ أُمِرَ بِهِم إِلَى النَّارِ))«جەننەتنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇردۇم. جەننەتكە كىرگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يوقسۇللار ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. پۇلدارلار ھېساب ئۈچۈن ساقلىتىپ قويۇلۇپتۇ. دوزاخ ئەھلى دوزاخقا بۇيرۇلۇپ بولغان ئىدى.»(بۇخارى 6547؛ مۇسلىم 2736؛ رىيازۇس سالىھىن 489)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((أدخل الله الجنة رجلا كان سهلا: مشتريا، وبائعا، وقاضيا، ومقتضيا))«ئاللاھ ئالغاندا، ساتقاندا، قەرزىنى تۆلىگەندە ۋە قەرز سۈيلىگەندە كەڭ قوللۇق قىلىپ سىلىق بولغان مۆمىن كىشىنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ.» (ئەلبانى-سەھىھ جامىئۇس سەغىر 243، ھەسەن؛ مۇنزىرى-ئەتتەرغىب ۋەتتەرھىب 3\25؛ ئىمام مۇنزىرى ئىسنادى ئىشەنچىلىك دېگەن، شەيخ ئەلبانى ھەسەن دېگەن)
سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: خەندەك غازىتىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىللە ئىدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەندەك كولايتتى، بىز توپىنى توشۇيتتۇق. ئۇ زات بىزنى كۆرۈپ «ئاللاھىم! پەقەت ئاخىرەت ھاياتىلا ھەقىقىي ھاياتتۇر. مۇھاجىر ۋە ئەنسارلارنى مەغفىرەت قىلغىن» دەپ دۇئا قىلدى.(بۇخارى 6414؛)((حَدَّثَنَا سَهْلُ بْنُ سَعْدٍ السَّاعِدِيُّ كُنَّا مَعَ رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ فِي الْخَنْدَقِ وَهُوَ يَحْفِرُ وَنَحْنُ نَنْقُلُ التُّرَابَ وَيَمُرُّ بِنَا فَقَالَ اللَّهُمَّ لَا عَيْشَ إِلَّا عَيْشُ الْآخِرَهْ فَاغْفِرْ لِلْأَنْصَارِ وَالْمُهَاجِرَهْ))
سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ((عَنْ سَهْلٍ قَالَ سَمِعْتُ النَّبِيَّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَقُولُ مَوْضِعُ سَوْطٍ فِي الْجَنَّةِ خَيْرٌ مِنْ الدُّنْيَا وَمَا فِيهَا وَلَغَدْوَةٌ فِي سَبِيلِ اللَّهِ أَوْ رَوْحَةٌ خَيْرٌ مِنْ الدُّنْيَا وَمَا فِيهَا))«جەننەتىكى بىر قامچىچىلىك يەر دۇنيادىن ۋە دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەردىن ياخشىراقتۇر. ئاللاھ يولىدا بىر ئەتىگەن ياكى بىر ئاخشام (كۈچ سەرپ قىلىش) دۇنيادىن ۋە دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەردىن ياخشىراقتۇر.»(بۇخارى 6415؛)
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان: پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۈرەمدىن تۇتۇپ تۇرۇپ «دۇنيادا بىر غېرىپتەك، ياكى يولۇچىدەك بولغىن» دېدى.
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دائىم مۇنداق دەيتتى: «كەچ قىلساڭ سەھەرنى كۈتمە؛ سەھەر قىلساڭ ئاخشام بولۇشىنى كۈتمە. كېسەل بولۇشتىن ئىلگىرى ساق ۋاقتىڭنى غەنىيمەت بىل، ساڭا ئۆلۈم كېلىشتىن ئىلگىرى ھاياتىڭنى غەنىيمەت بىل (غەنىيمەت چاغلىرىڭدا ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىۋال).»(بۇخارى 6416؛) عَنْ عَبْدِ اللَّهِ بْنِ عُمَرَ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمَا قَالَ أَخَذَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ بِمَنْكِبِي فَقَالَ كُنْ فِي الدُّنْيَا كَأَنَّكَ غَرِيبٌ أَوْ عَابِرُ سَبِيلٍ وَكَانَ ابْنُ عُمَرَ يَقُولُ إِذَا أَمْسَيْتَ فَلَا تَنْتَظِرْ الصَّبَاحَ وَإِذَا أَصْبَحْتَ فَلَا تَنْتَظِرْ الْمَسَاءَ وَخُذْ مِنْ صِحَّتِكَ لِمَرَضِكَ وَمِنْ حَيَاتِكَ لِمَوْتِكَ
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر مەن مۆمىن بەندەمنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىنى ۋاپات قىلدۇرسام، ئۇ ساۋاب ئۈمىد قىلىپ بۇنىڭغا سەبر قىلسا، مەن ئۇنىڭغا جەننەتنى بېرىمەن.»(بۇخارى 6424؛) عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ أَنَّ رَسُولَ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ يَقُولُ اللَّهُ تَعَالَى مَا لِعَبْدِي الْمُؤْمِنِ عِنْدِي جَزَاءٌ إِذَا قَبَضْتُ صَفِيَّهُ مِنْ أَهْلِ الدُّنْيَا ثُمَّ احْتَسَبَهُ إِلَّا الْجَنَّةُ
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((قال الله تعالى: حقت محبتي على المتحابين، أظلهم في ظل العرش يوم القيامة يوم لا ظل إلا ظلي)) «ئاللاھ مۇنداق دېدى: مېنىڭ يولۇمدا ئۆز ئارا ياخشى كۆرۈشكەن تەۋھىد ئەھلى مۆمىنلەر مېنىڭ ياخشى كۆرۈشۈمگە ئېرىشىدۇ. مەن ئۇلارنى ھېچبىر سايە بولمىغان قىيامەت كۈنىدە ئەرشنىڭ سايىسى ئاستىدا سايىدىتىمەن.» (جامىئۇس سەغىر 6058؛ سەھىھ جامىئۇس سەغىر 4320؛ ئۇبادە ئىبنى سامىتتىن)
مىرداس ئەلئەسلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سالىھ كىشىلەر بىر-بىرلەپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئاندىن، ئارپىنى ئەلگەك بىلەن تاسقىسا ئەلگەكتە قېلىپ قالىدىغان (ئەخلەت-چاۋار) غا ئوخشاش ئىنسانلار قالىدۇ. بۇنداقلارنى ئاللاھ تائالا قىلچىمۇ ئېتىبارغا ئالمايدۇ.»(بۇخارى 6434؛) عَنْ مِرْدَاسٍ الْأَسْلَمِيِّ قَالَ قَالَ النَّبِيُّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَذْهَبُ الصَّالِحُونَ الْأَوَّلُ فَالْأَوَّلُ وَيَبْقَى حُفَالَةٌ كَحُفَالَةِ الشَّعِيرِ أَوْ التَّمْرِ لَا يُبَالِيهِمْ اللَّهُ بَالَةً
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئائىلىسى مەدىنىگە كەلگەندىن باشلاپ، تاكى ئۇ زات ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۇدا ئۈچ كۈن بۇغداي نېنى بىلەن قورسىقىنى تويغۇزۇپ باقمىدى. (بۇخارى 6454؛) عَنْ عَائِشَةَ قَالَتْ مَا شَبِعَ آلُ مُحَمَّدٍ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مُنْذُ قَدِمَ الْمَدِينَةَ مِنْ طَعَامِ بُرٍّ ثَلَاثَ لَيَالٍ تِبَاعًا حَتَّى قُبِضَ
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئائىلىسى بىر كۈندە ئىككى ۋاخ تاماق يەپ باقمىدى. بىر ۋاخ تامىقى خورمىدىن باشقىسى بولمىدى.» (بۇخارى 6455؛) عَنْ عَائِشَةَ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهَا قَالَتْ مَا أَكَلَ آلُ مُحَمَّدٍ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ أَكْلَتَيْنِ فِي يَوْمٍ إِلَّا إِحْدَاهُمَا تَمْرٌ
ئائىشە رەزىيەللھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:«بىز ئاي بويى تاماق ئېتىش ئۈچۈن ئوت ياقمايتتۇق. يەيدىغىنىمىز پەقەتلا خورما بىلەن سۇ ئىدى. بىرەر پارچە گۆش كېلىپ قېلىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا.»(بۇخارى 6458؛) عَنْ عَائِشَةَ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهَا قَالَتْ كَانَ يَأْتِي عَلَيْنَا الشَّهْرُ مَا نُوقِدُ فِيهِ نَارًا إِنَّمَا هُوَ التَّمْرُ وَالْمَاءُ إِلَّا أَنْ نُؤْتَى بِاللُّحَيْمِ
ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيرگە «ئى قىز قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى! بىز ئىككى ئاي ئىچىدە ئۈچ ھىلال ئاينى كۆرەتتۇق، بۇ جەرياندا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۆيلىرىدە تاماق ئۈچۈن ئوت قالانمايتتى» دېدى. ئۇرۋە مۇنداق دەيدۇ: «نېمە يەپ جان كەچۈرەتتىڭلار؟» دەپ سورىۋىدىم مۇنداق دېدى:«سۇ بىلەن خورمىدىن ئىبارەت ئىككى قارىنى يەيتۇق. بىراق، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بىر قىسىم ئەنسارى قوشنىلىرى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ تېمەن تۆگىلىرى ياكى قويلىرى بار ئىدى. ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئۆيلرىدىن سۈت ئەۋەتەتتى. ئۇ زات بىزگە ئۇنىڭدىن ئىچكۈزەتتى.»(بۇخارى 6459؛) عَنْ عُرْوَةَ عَنْ عَائِشَةَ أَنَّهَا قَالَتْ لِعُرْوَةَ ابْنَ أُخْتِي إِنْ كُنَّا لَنَنْظُرُ إِلَى الْهِلَالِ ثَلَاثَةَ أَهِلَّةٍ فِي شَهْرَيْنِ وَمَا أُوقِدَتْ فِي أَبْيَاتِ رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نَارٌ فَقُلْتُ مَا كَانَ يُعِيشُكُمْ قَالَتْ الْأَسْوَدَانِ التَّمْرُ وَالْمَاءُ إِلَّا أَنَّهُ قَدْ كَانَ لِرَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ جِيرَانٌ مِنْ الْأَنْصَارِ كَانَ لَهُمْ مَنَائِحُ وَكَانُوا يَمْنَحُونَ رَسُولَ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مِنْ أَبْيَاتِهِمْ فَيَسْقِينَاهُ
ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:(لَيْسَ لاِبْنِ آدَمَ حَقٌّ فِي سِوَى هَذِهِ الْخِصَالِ بَيْتٌ يَسْكُنُهُ وَثَوْبٌ يُوَارِي عَوْرَتَهُ وَجِلْفُ الْخُبْزِ وَالْمَاءِ)«ئادەم بالىسىنىڭ تۇرىدىغان تۇرالغۇ، ئەۋرىتىنى ياپىدىغان كىيىم، بىر بۇردا نان ۋە سۇ دىن باشقىغا ھەققى يوقتۇر.» (تىرمىزى 2341؛ ئىمام تىرمىزى ھەسەن سەھىھ دېگەن؛ ئەلبانى زەئىپ دېگەن؛ زەھەبى سەنەدىدىكى ھارىس ئىبنى سائىبنىڭ ئىشەنچىلىكلىكى توغرىسىدا ئىختىلاپ بار دېگەن؛ مۇنزىرى ئىسنادى سەھىھ، ياكى ھەسەن، ياكى شۇنىڭغا يېقىن دېگەن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (مَنْ أَصْبَحَ مِنْكُمْ آمِنًا فِي سِرْبِهِ مُعَافًى فِي جَسَدِهِ عِنْدَهُ قُوتُ يَوْمِهِ فَكَأَنَّمَا حِيزَتْ لَهُ الدُّنْيَا)«سىلەردىن كىمكى ئائىلىسىدە ئامان-ئېسەن ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزسا، تېنى سالامەت بولسا ۋە شۇ كۈنلۈك يېمىكى ھازىر بولسا، ئۇنىڭغا بەئەينى پۈتۈن دۇنيا (ماتاسى) توپلانغا باراۋەردۇر.»(تىرمىزى 2346؛ ئىمام تىرمىزى ھەسەن غەرىيب دېگەن، ئىمام ئىبنى ھەجەر مىشكات تەخرىجىدە ھەسەن دېگەن؛ ئەلبانى ھەسەن دېگەن)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئى رەببىم! مۇھەممەدنىڭ ئائىلىسىگە كۈن كەچۈرەلىگۈدەك دەرىجىدە رىزق ئاتا قىلغىن» دەپ دۇئا قىلدى.(بۇخارى 6460؛) عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ قَالَ قَالَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ اللَّهُمَّ ارْزُقْ آلَ مُحَمَّدٍ قُوتًا
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھتىن قورقۇپ ياش تۆككەن مۆمىن تاكى سۈت ئەمچەككە قايتمىغۇچە دوزاخقا كىرمەيدۇ. ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغاندا كۆتۈرۈلگەن توپا-چاڭ بىلەن دوزاخنىڭ تۈتۈنى بىر يەردە جەم بولمايدۇ.» (تىرمىزى 1633؛ نەسائىي 3108؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن) عن أبي هريرة – رضي اللَّه عنه – قال : قالَ رسُولُ اللَّهِ صَلّى اللهُ عَلَيْهِ وسَلَّم : » لا َيَلِجُ النَّارَ رَجْلٌ بَكَى مِنْ خَشْيَةِ اللَّه حَتَّى يَعُودَ اللَّبَنُ في الضَّرْع ، وَلا يَجْتَمعُ غُبَارٌ في سَبِيلِ اللَّه ودُخانُ جَهَنَّمَ » . رواه الترمذي (1633) والنسائي (3108) . وصححه الألباني .
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((أكثر من «لا حول ولا قوة إلا بالله» فإنها من كنز الجنة))«لاھەۋلە ۋەلاقۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ نى كۆپ دېگىن، چۈنكى ئۇ جەننەت خەزىنىسىدىندۇر.» (ئەلبانى: سەھىھ تىرمىزى 3602)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إنَّ الإيمانَ لَيَخْلَقُ في جَوْفِ أحدِكُمْ كَما يَخلَقُ الثّوبُ، فاسْألُوا اللهَ تعالى: أنْ يُجَدِّدَ الإيمانَ في قُلوبِكمْ)) «سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ قەلبىدىكى ئىمانى بەئەينى ئۇچىسىدىكى كىيىمى كونىرىغاندەك كونىرايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ تائالادىن قەلبىڭلاردىكى ئىماننىڭ يېڭىلاپ بېرىشنى سوراڭلار.» (سۇيۇتى-جامىئۇس سەغىر 1957؛ ئەلبانى-سەھىھ جامىئۇس سەغىر 159؛ سەھىھ ھەدىس)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إنَّ اللهَ تعالى جَوادٌ يحبُّ الجُودَ، ويحبُّ مَعالِي الأَخلاقِ، ويكرَهُ سَفسافَها)) «ئاللاھ تائالا مەرتتۇر، مەرتلىكنى ياخشى كۆرىدۇ، گۈزەل خۇي-مىجەزلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. ناچار، پەس خۇي-مىجەزلەرنى يامان كۆرىدۇ.» (جامىئۇس سەغىر 1723؛ سەھىھ جامىئۇس سەغىر 1744؛ تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ ۋە ئىبنى ئابباستىن، سەھىھ)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إنَّ أزواجَ أهلِ الجنةِ ليغُنِّين أزواجَهنَّ بأحسنِ أصواتٍ ما سمعها أحدٌ قطُّ)) «جەننەت ئەھلىنىڭ ئاياللىرى ئەرلىرىگە ھېچ كىم ئاڭلاپ باقمىغان گۈزەل نەغمىلەرنى ئېيتىپ بېرىدۇ.» (سۇيۇتى-جامىئۇسسەغىر 2199؛ ئەلبانى سەھىھ جامىئ 1561؛ سەھىھ)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن سبحان الله، والحمد لله، و لا إله إلا الله، والله أكبر تنفض الخطايا كما تنفض الشجرة ورقها)) «سۇبھاناللاھ، ۋەلھەمدۇلىللاھ، ۋەلا ئىلاھە ئىللەللاھ ۋەللاھۇ ئەكبەر كەلىمىلىرى — خۇددى دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى تۆككەندەك — تەۋھىد ئەھلى مۆمىننىڭ گۇناھلىرىنى تۆكىدۇ.» (سۇيۇتى-جامىئۇسسەغىر 2277؛ ئەلبانى-سەھىھ جامىئ 2089؛ سەھىھ؛ ئەھمەد شاكىر-تەخرىج مۇسنەد ئەھمەد 8\36؛ سەھىھ)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىنسانلار يامان ئىش قىلغۇچىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنى يامانلىقتىن توسمىسا، ئاللاھ تائالا يېقىن زاماندا ئۇلارنىڭ ھەممىسى تېتىيدىغان ئازاب ئەۋەتىدۇ.» (جامىئۇس سەغىر 2136؛ سەھىھ تىرمىزى 2168، سەھىھ ھەدىس)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن أفضل عباد الله يوم القيامة الحمادون))«قىيامەت كۈنى بەندىلەرنىڭ ئەڭ ئۈستۈنى ئاللاھقا كۆپلەپ ھەمدە ئېيتقۇچىلاردۇر.» (سەھىھ جامىئۇس سەغىر 1571)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (أنا وكافِلُ اليتيمِ في الجنةِ هكذا) «مەن بىلەن يېتىمنى بېقىپ، ھالىدىن خەۋەر ئالغان كىشى بىلەن جەننەتتە مانا مۇشۇنداقمىز.» پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇشۇنداق دەپ، شاھادەت بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى ئىشارە قىلدى.  (سەھىھ جامى 1475؛ سەھىھ بۇخارى 6005) بۇ ھەدىس رەسۇلۇللاھ ئەلەيھى سالاتۇ ۋەسسالامنىڭ دەرىجىسى بىلەن يېتىمنى ياخشى تەربىيلەپ، بېقىپ چوڭ قىلغان مۆمىننىڭ دەرىجىسى ئارىسىدا شاھادەت بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارماق ئارىسىدىكىچىلىكلا پەرق بولىدىغانلىقىنى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. (فەتھۇلبارى)
ئىبنى بەتتال رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغان كىشى جەننەتتە رەسۇلۇللاھنىڭ قوشنىسى بولىمەن دېسە، ھەدىسكە كۆرستىلگىنىنى قىلغاي. (فەتھۇل بارى)
مۇسنەد ئەھمەدتە سەۋباننىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ئىنسان گۇناھ-مەسىيەت سەۋەبىدىن رىزىقتىن مەھرۇم قالىدۇ.» [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 4022-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ھەسەن دەپ ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن]. ((عن ثوبان قال : قال رسول الله صلى الله عليه وعلى آله وسلم : » إن الرجل ليُحرم الرزق بالذنب يُصيبه » رواه ابن ماجه (4022) وحسنه الألباني في صحيح ابن ماجه .))
سەلەف ئالىملىرىدىن ئەبۇ سۇلايمان دارانىي مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئىبادەت — پاچاقنى پاچاققا مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇپ، باشقىسىنىڭ سەن ئۈچۈن نان ئوشتۇپ، خىزمەت قىلىشى ئەمەس. ئىبادەتنى — يەيدىغان نېنىڭنى ھالال كۈچۈڭ بىلەن تېپىپ يېيىشتىن باشلا. يېمەك-ئىچمىكىڭنى (ۋە ئېھتىياجىڭنى) ئۆز كۈچۈڭگە تايىنىپ ھەل قىل، ئاندىن ئىبادەت قىل. ئىشىكىڭنىڭ چېكىلىپ، باشقىسىنىڭ سەن ئۈچۈن دۇنيالىق پۇل-مال، لازىمەتلىكلەرنى ئەكىلىپ بېرىشىنى تاما قىلىدىغان قەلبتە ياخشىلىق يوق.» mujtehid.com (ئىبنۇل جەۋزى: صفة الصفوة 2\382)
The post ئىمان ۋە تەقۋانى ئاشۇرۇش ئۈچۈن: زۇھد ھەدىسلىرى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ئىمان ۋە تەقۋانى ئاشۇرۇش ئۈچۈن: زۇھد ھەدىسلىرى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.