بۇ ھەدىستە شەك بارمۇ؟
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((الدُّنْيَا سِجْنُ الْمُؤْمِنِ ، وَجَنَّةُ الكَافِرِ))«دۇنيا ـــ مۆمىننىڭ تۈرمىسىدۇر، كاپىرنىڭ جەننىتىدۇر.» (مۇسلىم 734)
بۈيۈك تابىئىن ھەيسەمە ئىبنى ئابدۇراھماننىڭ تۆۋەندىكى سۆزى يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ ناھايىتى گۈزەل شەرھى بولالايدۇ:
مەشھۇر تابىئىن ئالىم ئەئمەش رەھىمەھۇللاھ، ھەيسەمە ئىبنى ئابدۇراھمان رەھىمەھۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: ھەيسەمە مۇنداق دېدى: پەرىشتىلەر ئاللاھقا «ئى رەببىم! مۆمىن بەندەڭدىن مال-دۇنيانى قىسىسەن، يەنى تېخى مۆمىن بەندەڭنى بالا-مۇسىبەتلەرگە مۇپتىلا قىلىسەن» دېيىشىدۇ. ئاللاھ پەرىشتىلەرگە «مۆمىن بەندەمگە تەييارلاپ قويغان ساۋاب، مۇكاپاتلارغا قاراڭلار» دەيدۇ. پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇ خىل مۆمىن بەندىلەرگە تەييارلاپ قويغان ساۋاب، مۇكاپاتلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن «ئى رەببىم! دېمەك، مۆمىن بەندەڭگە دۇنيادا كەلگەن ئېغىرچىلىق، بالا-مۇسىبەتلەر زىيان سالالمايدىكەن» دېيىشىدۇ. ئاندىن، پەرىشتىلەر ئاللاھقا «ئى رەببىم! كاپىرلارنى بالا-مۇسىبەتلەردىن ئۇزاق قىلىدىكەنسەن، ئۇنىڭغا قوشۇپ مال-دۇنيانى ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنىڭ ئاستىغا كەڭرى يېيىپ بېرىدىكەنسەن» دېيىشىدۇ. ئاللاھ پەرىشتىلەرگە «ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا بېرىدىغان جازايىمغا قاراڭلار» دەيدۇ. پەرىشتىلەر كاپىرغا ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ بېرىدىغان جازاسىنى كۆرگەندىن كېيىن «ئى رەببىم! كاپىرلارنىڭ دۇنيادا قولغا كەلتۈرگەنلىرى ئۇلارغا ھېچقانداق پايدا بەرمەيدىكەن» دېيىشىدۇ. (ئىبنۇل جەۋزى: صفة الصفوة 2\53)
ئاللاھنىڭ مۆمىنلەرنى پۇل-مالدىن قىسىشى — يەر يۈزىدىكى مۆمىنلەرنىڭ كۆپچىلىكى پۇل-مېلى كۆپ بولمىغان، دۇنيالىق ئېھتىياجلىرىنى تەستە ياكى ئاران-ئاران قامدايدىغان كىشىلەردۇر. پۇلدار، باي مۆمىنلەر تارىختىن بۇيان ئاز نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. «مۆمىن بەندەڭنى پۇل-مالدىن قىسىسەن» دېيشىتىن قىسمەن باي مۆمىنلەر ئەمەس، كۆپ ساندىكى بايلىقى ئاز مۆمىنلەر كۆزدە تۇتۇلغاندۇر.
ئىمام ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ ئۆز دەۋرىنىڭ، شۇنداقلا بارچە ئىسلام دەۋرىنىڭ ئەڭ بىلىملىك ئالىملىرىدىن بىرىدۇر. بۇ زات مىسىردا ياشىغان بولۇپ، مىسىردا پادىشاھتىن تارتىپ ئاددىي خەلقكىچە ئىمام ئىبنى ھەجەرنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيتتى، ئۇنىڭدىن دۆلەتنىڭ ۋەزىر – ۋۇزارالىرىمۇ ئىنتايىن تەپ تارتاتتى. بىر كۈنى مىسىردا ئۆز ۋاقتىدىكى ئىسلام دۆلىتىگە باج تۆلەپ، خار ھالەتتە ياشاۋاتقان بىر يەھۇدى ئىمام ئىبنى ھەجەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «ئەي شەيخ! پەيغەمبىرىڭلار <دۇنيا كاپىرنىڭ جەننىتى، مۆمىننىڭ دوزىخى> دېگەن ئىكەن. ئەمما، ھازىر دەل ئەكسىچە بولىۋاتىدىغۇ. مەسىلەن، سىلىگە نىسبەتەن سىلى مۆمىن، مەن كاپىر. سىلى راھەت – پاراغەت ئىچىدە، ئىززەت – ھۆرمەت بىلەن ھايات كەچۈرىۋاتىدىلا. مەن بولسام خارلىقتا، ھەر قايسىڭلارغا بېقىندى بولۇپ، كۆزۈڭلارغا قاراپ پەسەندى ھايات كەچۈرۈۋاتىمەن. بۇنىڭغا قارىغاندا بۇ ھەدىس رېئاللىقنىڭ ئەكسى بولۇپ قالمىدىمۇ؟» دەپ سوئال تاشلاپتۇ.
ئىمام ئىبى ھەجەر جاۋابەن مۇنداق دەپتۇ:
«ھەدىسنىڭ سەھىھلىكىدە، ھەقلىقىدە ۋە توغرىلىقىدا شەك يوق. سېنىڭ نەزىرىڭدە بىز راھەت – پاراغەت، ئىززەت – ھۆرمەت ئىچىدە ھايات كەچۈرۈۋاتىمىز. سەن بولساڭ خارلىق ۋە پېقىرلىق ئىچىدە ھايات كەچۈرۈۋاتىسىەن. ئەمما، مۆمىننىڭ ئاخىرەتتە ئېرىشىدىغان راھەت – پاراغەتكە سېلىشتۇرغاندا بىزنىڭ دۇنيادىكى راھەت – پاراغەتلىرىمىز پەقەت تۈرمىدىكى ئادەمنىڭ راھەت – پاراغىتىگە ئوخشايدۇ. بىزنىڭ دۇنيادىكى ئۈستۈنلىكىمىز ۋە راھەت – پاراغىتىمىز ئاخىرەتكە سېلىشتۇرغاندا ھېچنەرسىگە ئەرزىمەيدۇ. بۇنىڭغا قارىغاندا، بىزنىڭ دۇنيادىكى ھاياتىمىز ئاخىرەتتىكى ھاياتىمىزغا سېلىشتۇرغاندا بەئەينى تۈرمىدىكى ئادەمدەك چەكلىمە ۋە قىيىنچىلىق ئىچىدىدۇر.
ئەمدى، سېنىڭ دۇنيادىكى بۇ پېقىرلىقىڭ ۋە خارلىقىڭ — ئاخىرەتتە تارتىدىغان جازايىڭ ۋە قىينچىلىقىڭ ئالدىدا ھېچنېمە ئەمەس. سەن ھازىر دۇنيادا بەئەينى جەننەتتە ياشىغاندەك ياشاۋاتىسەن، ئەمىنلىك ئىچىدە، خاتىرجەملىك ئىچىدە ياشاۋاتىسەن. ھېچكىم جېنىڭغا ۋە مېلىڭغا چېقىلالمايدۇ. ھېچكىم سېنى شەخسىي ئەركىنلىكىڭدىن توسالمايدۇ. ئۆيۈڭدەخالىغىنىڭنى قىلىسەن، سىرتقا چىقىپ خالىغان يەرگە بارالايسەن. خالىغان تامىقىڭنى يەپ، خالىغان ئايال بىلەن ئۆيلىنەلەيسەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاخىرەت ھاياتىڭغا سېلىشتۇرغاندا سەن ئۈچۈن بەئەينى جەننەتتە ياشاۋاتقاندەك بىر ئىش. مۇشۇ ھالىتىڭدە، ئىسلامدىن باشقا دىن ئۈستىدە ئۆلسەڭ، ئاخىرەتتە تارتىدىغان جازايىڭ بەك شىددەتلىك بولىدۇ، ئاقىۋەتتە دۇنيادا بەئەينى جەننەتتە ياشىغاندەك ياشاپتىكەنمەن دەپ قالىسەن. شۇڭا، ھەدىس توغرا. سەن ھەر قانچە پېقىر ۋە خار ھالەتتە ياشاۋاتقاندەك تۇرساڭمۇ، بۇ ھاياتىڭ ئاخىرەت ھاياتىڭغا سېلىشتۇرغاندا سەن ئۈچۈن جەننەتتەك كەڭرى ۋە راھەت ھايات. بىز ھەر قانچە راھەت – پاراغەت ۋە ئىززەت ھۆرمەت ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك تۇرساقمۇ، دۇنيادىكى بۇ ھاياتىمىز ئاخىرەتتىكى نازۇ – نېمەتلەر ۋە ئىززەت – ئېكراملارغا سېلىشتۇرغاندا بەئەينى دوزاختەك تار ھايات ھېسابلىنىدۇ.»
يۇقىرىدا ئىككى مىسال بېرىلدى. بىرىنچىسى، دۇنيادا قىينچىلىق ئىچىدە ياشىغان مۆمىن بىلەن كەڭچىلىك ئىچىدە ياشىغان كاپىرنىڭ سېلىشتۇرمىسى. ئىككىنچىسى، دۇنيادا كەڭچىلىك ئىچىدە ياشىغان مۆمىن بىلەن تارچىلىقتا ياشىغان كاپىرنىڭ سېلىشتۇرمىسى. «دۇنيا مۆمىننىڭ تۈرمىسى، كاپىرنىڭ جەننىتى» دېگەن سەھىھ ھەدىس ھەر ئىككىلى ھالەتتىكى كىشىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولۇپ، ئاللاھ بىزلەرنى مۆمىنلىك ھالىتىدە ياشاپ، مۆمىنلىك ھالىتىدە ۋاپات تېپىشقا نېسىپ قىلسۇن.
— قۇدرەت بارات تەييارلىدى
