«ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان» - مۇجتەھىد پەتىۋا تورى
رەجئى تالاق (ئايالى بىلەن يېنىشىۋېلىشقا بولىدىغان تالاق) ھەققىدە | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان
رەجئى تالاق (ئايالى بىلەن يېنىشىۋېلىشقا بولىدىغان تالاق) ھەققىدە | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان
ئەللامە سالىھ فەۋزاننىڭ «الملخص الفقهي» ناملىق ئەسىرىدىن تەرجىمە قىلىندى
رۇجۇئ (الرجعة): ئەر كىشىنىڭ تالاق قىلىنغان، ئەمما نىكاھ رىشتىسى تامامەن ئۈزۈلمىگەن ئايالى بىلەن — ئۇنىڭ ئىددىتى تۈگىمىگەن ھالەتتە يېڭى نىكاھ ئەھدىسى تۈزمەستىنلا — نىكاھ مۇناسىۋىتىنى داۋام قىلىشىدۇر.
دەلىللىرى: قۇرئان، سۈننەت ۋە ئالىملارنىڭ ئىجمائىدۇر.
قۇرئاندىن: ئاللاھ تائالانىڭ: «ئەگەر ئۇلار (ئەرلەر) ئىسلاھ قىلىشنى خالىسا، بۇنىڭ ئىچىدە (ئىددىت مەزگىلىدە) ئاياللىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ئەڭ ھوقۇقلۇقتۇر» (سۈرە بەقەرە، 228-ئايەت)، يەنە: «تالاق ئىككى قېتىمدۇر، ئاندىن (ئايالنى) يا ياخشىلىق بىلەن تۇتۇپ قېلىش، ياكى ياخشىلىق بىلەن قويۇپ بېرىش كېرەك» (سۈرە بەقەرە، 229-ئايەت) ۋە «ئۇلارنىڭ (ئىددىت) مۆھلىتى تولغاندا، ئۇلارنى يا ياخشىلىق بىلەن تۇتۇپ قېلىڭلار، ياكى ياخشىلىق بىلەن ئايرىلىڭلار» (سۈرە تالاق، 2-ئايەت) دېگەن سۆزلىرىدۇر.
سۈننەتتىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبنى ئۆمەرنىڭ ۋەقەسىدە: «ئۇنىڭغا ئېيتقىن، ئايالىغا رۇجۇئ قىلسۇن (يانىسۇن)» دېگەن سۆزىدۇر. شۇنداقلا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى تالاق قىلىپ، كېيىن قايتا يانغان (رۇجۇئ قىلغان).
ئىجمائتىن: ئىبنى مۇنزىر مۇنداق دەيدۇ: «ئالىملار شۇنىڭغا ئىتتىپاق كەلدىكى، ئەركىن كىشى ئايالىنى بىر ياكى ئىككى تالاق قىلسا، قۇل كىشى بىر تالاق قىلسا، ئىددىت مەزگىلىدە يېنىش (رۇجۇئ قىلىش) ھوقۇقى بار.»
بۇنىڭدىكى ھېكمەت: ئەر كىشى تالاق قىلىپ پۇشايمان قىلسا، قايتا ئويلىنىپ تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىشتۇر. بۇ ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە بولغان رەھمىتىدۇر.
رۇجۇئنىڭ سەھىھ بولۇش شەرتلىرى:
تالاق سانى تولۇق بولماسلىقى كېرەك: يەنى ئەركىن ئەر ئۈچىنچى تالاقنى، قۇل ئىككىنچى تالاقنى قىلمىغان بولۇشى شەرت. ئەگەر تالاق سانى تولۇق بولسا، ئايال باشقا بىر ئەرگە ھەقىقىي نىكاھلىنىپ ئاجراشمىغىچە، بىرىنچى ئەرگە ھالال بولمايدۇ.
جىنسىي يېقىنچىلىق قىلىنغان بولۇشى شەرت: ئەگەر تويدىن كېيىن يېقىنچىلىق قىلماي تۇرۇپ تالاق قىلسا، رۇجۇئ قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئايالنىڭ ئىددىتى بولمايدۇ.
تالاق بەدەل ئالماي قىلىنغان بولۇشى شەرت: ئەگەر ئايال مال بېرىپ ئاجراشقان بولسا (خۇلئى)، ئەر يېڭى نىكاھسىز ۋە ئايالنىڭ رازىلىقىسىز يېنىشالمايدۇ.
نىكاھ ئەسلىدىن سەھىھ بولۇشى شەرت: ئەگەر بۇزۇق (پاسىد) نىكاھتا تالاق قىلغان بولسا، رۇجۇئ قىلىشقا بولمايدۇ.
رۇجۇئ ئىددىت مەزگىلىدە بولۇشى شەرت: ئاللاھ تائالانىڭ «بۇنىڭ ئىچىدە (ئىددىتتە) قايتۇرۇشقا ھوقۇقلۇقتۇر» دېگەن سۆزىگە ئاساسەن.
رۇجۇئ جەزمىي بولۇشى شەرت: «ئەگەر پالانى ئىش بولسا يېنىمەن» دېگەندەك شەرتلىك بولسا ساھىھ بولمايدۇ.
رۇجۇئدا «ئىسلاھ قىلىش» نى مەقسەت قىلىش شەرتتۇ؟
رۇجۇئ قانداق بولىدۇ؟
سۆز بىلەن: «ئايالىمغا رۇجۇئ قىلدىم»، «ئۇنى قايتۇردۇم»، «ئۇنى تۇتۇپ قالدىم» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن بولىدۇ.
ئەمەل بىلەن: ئەگەر ئەر يېنىشنى نىيەت قىلىپ يېقىنچىلىق قىلسا، توغرا قاراش بويىچە رۇجۇئ ھاسىل بولىدۇ.
رۇجۇئ قىلغاندا گۇۋاھچى تۇرغۇزۇش سۈننەت، بەزى ئالىملار (ئىمام ئەھمەدتىن كەلگەن بىر رىۋايەت بويىچە) ۋاجىپ دەيدۇ. شەيخ تەقىييۇددىن: «يوشۇرۇن قىلىنغان رۇجۇئ ھېچقانداق ئەھۋالدا سەھىھ بولمايدۇ» دېگەن.
رۇجۇئ تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ھۆكمى:
ئىددىت مەزگىلىدىكى ئايال يەنىلا ئايالى ھېسابلىنىدۇ. نەپىقە، كىيىم-كېچەك ۋە تۇرالغۇ بېرىلىدۇ. ئايال يولدىشى ئۈچۈن قايتا يانسۇن دەپ (يەنى يېنىشىۋېلىش مەقسىتىدە) زىننەتلىنىدۇ. بىرى ئۆلۈپ كەتسە يەنە بىرى مىراسخور بولىدۇ. ئەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە ساياھەت قىلسا، خالۋەتتە قالسا ۋە يېقىنچىلىق قىلسا بولىۋېرىدۇ.
رۇجۇئ ۋاقتى قاچان تۈگەيدۇ؟
ئىددىت تۈگىگەن ھامان يېنىش ھوقۇقى تۈگەيدۇ. ئەگەر ئايال ئۈچىنچى ھەيزدىن پاك بولسا، يېڭى نىكاھ، ۋەلىي ۋە گۇۋاھچىلارسىز يېنىشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئۈچىنچى تالاق قىلىنغان بولسا، ئايال باشقا بىر ئەرگە ھەقىقىي نىكاھلىنىپ، جىنسىي يېقىنچىلىق قىلىنغاندىن كېيىن ئاجراشمىغىچە بىرىنچى ئەرگە ھالال بولمايدۇ.
ئىبنى قەييىم مۇنداق دەيدۇ: «ئۈچىنچى تالاقتىن كېيىن باشقا ئەرگە تېگىپ ئاندىن بىرىنچىسىگە ھالال بولۇشى ئاللاھنىڭ كاتتا نېئمىتىدۇر. تەۋرات شەرىئىتىدە تالاق قىلىنغان ئايال باشقىغا تەگسە بىرىنچىسىگە مەڭگۈ ھالال بولمايتتى، ئىنجىلدا بولسا تالاق تامامەن چەكلەنگەن ئىدى. بىزنىڭ شەرىئىتىمىز ئەڭ مۇكەممەل بولۇپ، بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەيدۇ.»
ئەسكەرتىش: ئىككىنچى ئەر بىلەن بولغان نىكاھ جەزمەن ھەقىقىي «رىغبەت نىكاھى» بولۇشى شەرت، پەقەت بىرىنچى ئەرگە ھالال قىلىش ئۈچۈنلا قىلىنغان سۈنئىي نىكاھ (ھالاللاپ بېرىش) بولسا، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئارىيەت ئېلىنغان تېكە» دەپ ئاتىغاندەك ھارام ۋە باتىل نىكاھتۇر. بۇنىڭ بىلەن ئايال بىرىنچى ئەرگە ھالال بولمايدۇ. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر. — مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلپ تارقاتتى
The post رەجئى تالاق (ئايالى بىلەن يېنىشىۋېلىشقا بولىدىغان تالاق) ھەققىدە | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post رەجئى تالاق (ئايالى بىلەن يېنىشىۋېلىشقا بولىدىغان تالاق) ھەققىدە | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
سەپەر ھالىتىدە جۈمە نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىنى جۈپلەپ ئوقۇش دۇرۇسمۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان
سەپەر ھالىتىدە جۈمە نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىنى جۈپلەپ ئوقۇش دۇرۇسمۇ؟
ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان بۇ ھەقتىكى سوئالغا مۇنداق جاۋاپ بەرگەن:
جۈمە نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىنى جۈپلەپ ئوقۇشقا بولمايدۇ، بۇنداق قىلىشنىڭ يوللۇقلىقىغا شەرئىي دەلىل يوق. سەلەف سالىھىننىڭ جۈمە نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىنى جۈپلەپ ئوقۇغانلىقى توغرىسىدا نەقىل مەۋجۇت ئەمەس.
ئەسىر نامىزى تۈر جەھەتتە جۈمە نامىزى بىلەن ئوخشىمايدۇ. ئەسىر نامىزى (سەپەر پەيتىدە ياكى كۈچلۈك ئېھتىياج ھالىتىدە) پېشىن نامىزى بىلەن جۈپلەپ ئوقۇلىدۇ (جۈمە نامىزى بىلەن ئەمەس).
جۈمە نامىزىنى ئەسىر نامىزى بىلەن جۈپلەپ ئوقۇشقا بولمايدۇ.
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com
The post سەپەر ھالىتىدە جۈمە نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىنى جۈپلەپ ئوقۇش دۇرۇسمۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post سەپەر ھالىتىدە جۈمە نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىنى جۈپلەپ ئوقۇش دۇرۇسمۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
رامزان كۈندۈزىدە ئايالى بىلەن جىما قىلغان كىشى قانداق قىلىدۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان
رامزان كۈندۈزىدە ئايالى بىلەن جىما قىلغان كىشى قانداق قىلىدۇ؟
ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان بۇ ھەقتىكى سوئالغا مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
ئالدى بىلەن ئەر ۋە ئايال ئىككەيلەن جىما قىلغان كۈننىڭ قازاسىنى قىلدۇ.
ئاندىن، ئەگەر تاپالىسا ھەر بىرى بىردىن قۇل ئازاد قىلىدۇ. تاپالمىسا، ئەر ۋە ئايال ھەر ئىككىسى ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى ئاي روزا تۇتىدۇ. [ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى]
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
ئەرەپچە مەنبەسى ئۈچۈن چېكىڭ
The post رامزان كۈندۈزىدە ئايالى بىلەن جىما قىلغان كىشى قانداق قىلىدۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post رامزان كۈندۈزىدە ئايالى بىلەن جىما قىلغان كىشى قانداق قىلىدۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
يالغۇز جۈمە كۈنى روزا تۇتۇش دۇرۇسمۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان
ئەللامە سالىھ فەۋزان رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
جۈمە كۈنىگە خاس قىلىپ، يالغۇز جۈمە كۈنى روزا تۇتۇش ھارام. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇنى چەكلىگەن. ئەمما، جۈمە كۈنىگە قوشۇپ باشقا كۈنىمۇ روزا تۇتۇش (مەسىلەن، پەيشەنبە ۋە جۈمە، ياكى جۈمە ۋە شەنبە كۈنى روزا تۇتۇش) دۇرۇس. [ئەرەپچە مەنبەسى ئۈچۈن چېكىڭ]
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com
The post يالغۇز جۈمە كۈنى روزا تۇتۇش دۇرۇسمۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post يالغۇز جۈمە كۈنى روزا تۇتۇش دۇرۇسمۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ئەلەۋىي پىرقىسى قانداق پىرقە؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان
ئەلەۋىي پىرقىسى قانداق پىرقە؟
ئەللامە سالىھ فەۋزان بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:
ئەلەۋىيلەر شىئەلەر جۈملىسىدىن بولۇپ، ئەلەۋىيلەر ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئىلاھلاشتۇرۇپ، ئاللاھ ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇ، ياكى ئەلىي ئىلاھتۇر دەپ ئېتىقاد قىلىدىغانلاردۇر. (ئەلەۋىيلەر كاپىردۇر.)
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
من هم العلوِيُّون
The post ئەلەۋىي پىرقىسى قانداق پىرقە؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ئەلەۋىي پىرقىسى قانداق پىرقە؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ئائىلەمنى بېقىش ئۈچۈن دىنىي ئىلىم ئېلىشنى توختاتسام بولامدۇ؟ | سالىھ فەۋزان پەتىۋاسى
ئائىلەمنى بېقىش ئۈچۈن دىنىي ئىلىم ئېلىشنى توختاتسام بولامدۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە سالىھ فەۋزان
سوئال: مەن بىر شەرئىي ئىلىم تەلەپ قىلىۋاتقان تالىپ. ئائىلەمنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى ناھايىتى ناچار. بۇ ۋەجىدىم، مېنىڭ رىزق ئىزدەپ ئىشلەپ، تىجارەت قىلىشىم، بۇ ئارقىلىق ئائىلەمگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشىم ئىلىم تەھسىل قىلىشىمغا قارىغاندا ياخشى بولامدۇ؟
شەيخ بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاپ بەرگەن:
شۇنداق. ئەگەر ئەھۋال مۇشۇنداق بولسا، سىزنىڭ ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىز ئۈچۈن رىزق تەلەپ قىلىپ ئىشلەپ-خىزمەت قىلىشىڭىز ئىلىم ئۆگىنىشىڭىزدىن ئەۋزەلدۇر.
ئەگەر شەرئىي ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن رىزق تەلەپ قىلىشنى تەڭ ئېلىپ بارالىسىڭىز، شۇنداق قىلسىڭىز بولىدۇ. دەرس پەيتىدە دەرسكە قاتنىشىپ، ئاندىن قايتىپ بېرىپ ئىشلىسىڭىز، مۇشۇ ھالەتتە رىزق تەلەپ قىلىش بىلەن ئىلىم تەلەپ قىلىشنى بىرلەشتۈرسىڭىز بولىدۇ. [ئەللامە سالىھ فەۋزان پەتىۋاسى]
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
سەلەپ سالىھىننىڭ دىننى دۇنيا تېپىشقا ۋاسىتە قىلىشنى قاتتىق ئەيىپلىشى، ھالالدىن ئىشلەپ تېپىپ يېيىشكە تەرغىپ قىلىشى
مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى | mujtehid.com
ئىمام سۇفيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئەركەكلەرنىڭ يولىنى لازىم تۇتۇپ، كىرىمىڭنى ھالال يولدىن ھۈنەر-كەسىپ قىلىش بىلەن تاپ ۋە ئائىلە بالا-چاقىلىرىڭغا (ھالال تاپقىنىڭدىن) خىراجەت قىل.» mujtehid.com (حلية الأولياء 5\229)
سۇفيان سەۋرى مۇنداق دېگەن: «ئى قۇرئان يادقا ئالغۇچىلار! بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! ئاللاھتىن قورقۇشتا بەدىنىڭلاردا ئىزھار بولغىنى قەلبىڭلاردا يىلتىز تارتقىنىدىن ئارتۇق بولۇپ قالمىسۇن. (يەنى، قەلبىڭلاردا ئاللاھتىن بوشراق قورقۇپ تۇرۇغلۇق، سۆز-ھەرىكىتىڭلاردا ئاللاھتىن بەك قورقىدىغاندەك بولىۋالماڭلار.) رىزق يوللىرى ئوچۇق ئاشكارىدۇر، رىزق تەلەپ قىلىشتا (ھالالدىن ھۈنەر-كەسىپ قىلىپ ئىشلەش ئارقىلىق) گۈزەل يول تۇتۇڭلار. (ئىشلىمەي يېتىۋېلىپ) مۇسۇلمانلارغا يۈك بولۇپ قالماڭلار.» mujtehid.com (حلية الأولياء 5\288)
سۇفيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق بايان قىلىدۇ: بەسرەگە بارغىنىمدا شەيخ يۇنۇس ئىبنى ئۇبەيدنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇم. ئۇ يەردە بەئەينى بېشىغا قۇش قونىۋالغاچقا قۇش ئۇچۇپ كەتمىسۇن دەپ مىدىر-سىدىر قىلماي تۇرغان كىشىلەردەك جىمجىت ئولتۇرغان، مىسكىن ياشلارنى كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا «ئەي قۇرئان ھافىزلىرى! بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ ھەرىكەتلىنىڭلار! ئىشلەپ جاننى قامداش يوللىرى ئوپئوچۇق رەۋىشتە كۆرسىتىلگەندۇر. ئىشلەپ ھۈنەر-كەسىپ قىلىڭلار. ھالال يول بىلەن جان قامداشنى تاشلاش سەۋەبلىك كىشىلەرگە يۈك بولىۋالماڭلار» دېدىم. شۇنىڭ بىلەن، يۇنۇس ئىبنى ئۇبەيد ئۇلارغا بۇرۇلۇپ «تۇرۇڭلار، ئۆز كۈچۈڭلارغا تايىنىپ ھۈنەر-كەسىپ قىلىپ كۈنۈڭلارنى قامدىمىغۇچە، سىلەردىن ھېچكىم مەن بىلەن ئولتۇرمىسۇن» دېدى. سۇفيان سەۋرى مۇنداق دېگەن: «ۋاللاھى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ياشلارنىڭ يۇنۇسنىڭ يېنىدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرمىدىم.» mujtehid.com (حلية الأولياء 5\288)
ئىمام سۇفيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كەينىمدە قىيامەت كۈنى ھېسابىنى بېرىشىم كېرەك بولغان ئون مىڭ دىرھەم قالدۇرۇپ قويۇشۇم، مەن ئۈچۈن (دۇنيادا) ئىنسانلارغا موھتاج بولۇشۇمدىن بەكراق سۆيۈملۈكتۇر.» mujtehid.com (حلية الأولياء 5\228)
بىر ئادەم سۇفيان سەۋرىنىڭ يېنىغا كېلىپ «ئى ئەبۇ ئابدۇللاھ! بۇ دىنارلارنى قولىڭدا تۇتۇپ يۈرىسەنغۇ؟» دېۋىدى، سۇفيان سەۋرى مۇنداق دېدى: «ئاغزىڭنى يۇم. ئەگەر بۇ دىنارلار بولمىغان بولسا، پادىشاھلار بىزنى قول سۈرتكۈچ جامبا ئورنىدا قوللانغان بولاتتى.» ئاندىن سۇفيان سەۋرى مۇنداق دېدى:«كىمنىڭ قولىدا پۇل بولسا، ئۇنى زايە قىلمىسۇن ۋە ئۇنىڭ مۇۋاپىق رەۋىشتە ئىشلەتسۇن. بۇ شۇنداق زامانكى، موھتاجلىققا چۈشكەن كىشىنىڭ ئەڭ ئاۋۋال خەجلەيدىغان نەرسىسى ئۆزىنىڭ دىنىدۇر.» mujtehid.com (حلية الأولياء 5\288)
ئىبنى ئەبۇ نەجىھ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (تابىئىن ئالىم، بۈيۈك مۇپەسسىر) مۇجاھىد {وَلَا تَتَبَدَّلُوا الْخَبِيثَ بِالطَّيِّبِ} {پاكنى ناپاكقا ئالماشتۇرماڭلار} (نىسا سۈرىسى، 2-ئايەت) ئايىتىنى تەپسىرلەپ مۇنداق دېگەن: «ساڭا تەقدىر قىلىنغان ھالال رىزق قولۇڭغا چۈشۈشتىن بۇرۇن ئالدىراپ كېتىپ ھارام رىزىقنى قولغا چۈشۈرۈش كويىدا بولما.» mujtehid.com (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\240)
ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «كىشى ئۆزىگە پۈتۈلگەن رىزقتىن ئۆلۈمدىن قاچقاندەك قاچقان تەقدىردىمۇ، ئۆلۈم ئۇنى تاپقاندەك، رىزىقىمۇ ئۇنى تاپىدۇ.» دەل مۇشۇ مەزمۇندا سەھىھ ھەدىس كەلگەن. ھەزىرتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ مۇشۇنداق سۆز نەقىل قىلىنغان. mujtehid.com (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\240)
مۇئاۋىيە ئىبنى قۇررە رەھىمەھۇللاھ مۇنۇ ۋەقەلىكنى بايان قىلغان: ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر توپ كىشىنىڭ يېنىغا كېلىپ «نېمە ئادەملەر سىلەر؟» دەپ سورىۋىدى، ئۇلار «بىز مۇتەۋەككىلۇنلارمىز (يەنى ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغۇچىلارمىز)» دېيىشتى. ھەزىرتى ئۆمەر ئۇلارغا «ھالبۇكى سىلەر مۇتتەككىلۇنلارسىلەر. (كىشىلەرنىڭ قولىدىكى پۇل-مالغا تەلمۈرۈپ تاما قىلغۇچىلارسىلەر.) ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغۇچىلارنىڭ كىملىكىنى سىلەرگە دەپ بېرەيمۇ؟ ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغۇچىلار — داننى زېمىنغا كۆمۈپ بولۇپ، ئاندىن (ئۇنىڭدىن ئاشلىق چىقىرىپ بېرىدىغانلىقى جەھەتتە) رەببىگە ئىشەنگەن كىشىلەردۇر» دېدى. mujtehid.com (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\258)
سەھل ئىبنى ئابدۇللاھ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: كىم ھالالدىن پۇل-مال تېپىشنى ئەيىپلىسە سۈننەتنى ئەيىپلىگەن بولىدۇ. كىم، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشنى ئەيىپلىسە ئىماننى ئەيىپلىگەن بولىدۇ.» (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\293)
ئەلى ئىبنى ئەسسام رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان كىشىنىڭ ھۈنەر-كەسىپ ئەھلى بولۇشى مېنىڭ ئۈچۈن بەكمۇ سۆيۈملۈكتۇر. چۈنكى، كىشى مۇھتاجلىقتا قالسا، تۇنجى بولۇپ خەجلەيدىغان نەرسىسى دىنى بولىدۇ.» mujtehid.com (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\269)
مۇسا ئىبنى مۇكرەم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بىرەيلەن ھەسەن بەسرىدىن «ئەي ئەبۇ سەئىد! مەن قۇرئانىمنى ئېچىپ تاكى كەچ كىرگۈچە ئۇنى ئوقۇش بىلەن مەشغۇل بولىمەن» دېۋىدى، ھەسەن بەسرى ئۇنىڭغا:«قۇرئاننى ئەتىگەن، ئاخشاملىرى، كېچىلىرى ئوقۇ. ئۇنىڭدىن باشقا چاغدا ھۈنەر-كەسىپىڭ بىلەن، ساڭا ئۇيغۇن كەلگەن ئىشلار بىلەن شۇغۇللان» دېدى. mujtehid.com (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\269) * ئۆزىنى ئىلىم-ئىبادەتكە ئاتىسا دۇنيالىق جەھەتتە ئۆزى ۋە ئائىلىسى خەقكە مۇھتاج بولۇپ قالىدىغان كىشىنىڭ ھالال-ھۈنەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشى پەرز بولىدۇ. ئۆزىنى ئىلىم-ئىبادەتكە ئاتىغان تەقدىردىمۇ، ئۆزىنىڭ، ئائىلىسىنىڭ ۋە ئۆزىگە قاراشلىق كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن چىققۇدەك پۇلدار، پۇل-مالغا ئېھتىياجى يوق كىشىنىڭ ئىلىم-ئىبادەتكە ئۆزىنى بېرىشى ئەۋزەل بولىدۇ.
ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئەر كىشىنىڭ ئۆز ئائىلىسىنىڭ خەج-خىراجىتى ئۈچۈن ھالالدىن ھۈنەر-كەسىپ قىلىشىدىنمۇ ئەۋزەل ئەمەل يوقتۇر. ھەتتا، ئاللاھ يولىدىكى نەپلە جىھادتىنمۇ ئۈستۈندۇر.» mujtehid.com (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\282) * يەنى، ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ مال-دۇنياغا ئېھتىياجى بار ئەر كىشىنى دېمەكچى. پۇلدار، مال-دۇنياسى كۆپ، باي ئەر كىشىنى دېمەكچى ئەمەس.
ئىمام بەيھەقى مۇنداق دېگەن: (من زهد منهم في الدنيا ورغب في الآخرة، اكتفى بأقلّ ما يكون قوتا، وتصدّق بالباقي، كما كان القراء من أصحاب النبي ﷺ يصنعونه، أو اقتصر على اكتساب أقلّ ما يكون قوتا ثمّ اشتغل بعد ذلك في العبادة والله أعلم) «كىشى دۇنياغا نىسبەتەن زاھىت بولۇپ، ئاخىرەتكە رىغبەت كۆرسەتسە، ئازغا قانائەت قىلىپ، كۆپىنى سەدىقە قىلسا، يەتكۈدەك خەج-خىراجەتىنى تېپىش ئۈچۈن تىرىشىپ، باشقا ۋاقتىنى ئىبادەتكە ئايرىسا، ياكى (ھالال كۈچى بىلەن ئىشلەش بىلەن بىرگە) ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى يېمەك-ئىچمەك ۋە لازىمەتلىكلەرگە ئېرىشىش يولىنى تۇتۇپ، بۇنىڭدىن باشقا ۋاقتىنى ئاللاھقا ئىبادەتكە ئايرىسا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قۇرئان ھاپىزى ساھابىلىرىدەك يول تۇتقان بولىدۇ. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.» mujtehid.com (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\282)
سۇفيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر نەپلە ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانماقچى بولساڭ، باشتا ئۆيۈڭدە يېمەك-ئىچمەك بارمۇ-يوق، بۇنىڭغا قارا. ئەگەر يېمەك-ئىچمەك بارسا، ئۇ چاغدا نەپلە ئىبادىتىڭنى قىل. ئەگەر يېمەك-ئىچمەك بولمىسا، ئۇ ھالدا باشتا يېمەك-ئىچمەكنى ھەل قىل، ئاندىن نەپلە ئىبادەت قىل.» mujtehid.com (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\282)
ئىبراھىم ئەلخەۋۋاس رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشنىڭ ئۈچ ئەدەبى بار: (1) كارۋانغا يېنىدا ئوزۇق-تۈلۈك بار ھالەتتە قېتىلىش. (2) كېمىگە ئوزۇق-تۈلۈكى بار ھالەتتە چىقىش. (3) ئۆيىدە يېمەك-ئىچمەكنى بار قىلىپ بولۇپ، ئاندىن مەسجىدتە ئولتۇرۇش.» mujtehid.com (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\282)
چوڭ تابىئىنلاردىن ئەبۇ ھازىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مېلىمنىڭ ئەيڭ ياخشىسى ئاللاھقا ئىشىنىشىم ۋە كىشىلەرنىڭ قولىدىكىدىن ئۈمىدىمنى ئۈزۈشۈمدۇر.» mujtehid.com (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\298)
تابىئىنلاردىن ئەبۇ ھازىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«ئىلگىرىكى ئالىملارنى ۋالىيلار يېنىغا چاقىراتتى، لېكىن ئۇ ئالىملار ۋالىيلاردىن قاچاتتى. بۈگۈنكى ئالىملار بولسا ئىلىمنى ئەتراپلىق تەھسىل قىلغاندىن كېيىن، ۋالىيلارنىڭ ئىشىكىگە باردى. ۋالىيلار ئۇلاردىن قاچتى، ئۇلار بولسا ۋالىيلارنىڭ (باشلىق، ھوقۇقدارلارنىڭ) ئارقىسىدىن يۈگۈرۈشتى.» mujtehid.com (بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\633)
سۇفيان سەۋرى مۇنداق دېگەن:«ئەگەر سەن نان ۋە سەۋزە-چامغۇر بىلەن قانائەت قىلساڭ، ئاشۇلار (يەنى خان-پادىشاھلار، باشلىقلار ۋە بايلار) سېنى قۇل قىلالمايدۇ.» (حلية الأولياء 5\221)
(ساھابە زۇبەير ئىبنى ئاۋۋامنىڭ نەۋرىسى، ھەزىرتى ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ چەۋرىسى) ھىشام ئىبنى ئۇرۋە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ((ما شر شيء من البطالة في العالم)) «ئالىم ئۈچۈن ھورۇنلۇقتىنمۇ يامان نەرسە يوق.» mujtehid.com (الزهد لأبي داود ١/٣٥٦، شعب الإيمان ٢/٣١٣) * ئالىم ھورۇن بولسا دۇنياۋى جەھەتتە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىشلەشتىن باش تارتىپ، بايلارغا، باشلىقلارغا ۋە خەلققە يۆلىنىۋالىدۇ. دىننى ۋە مۇسۇلمانلارنى جانلاندۇرۇشنىڭ يولىغا ئەمەس، دىن ۋە مۇسۇلمانلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دۇنيالىقىنى جانلاندۇرۇشنى كەسىپ قىلىۋالىدۇ، دىنىي تاپاۋەت يولىغا كىرىۋالىدۇ. دىنىي جەھەتتە بولسا، ئىبادەتلەرگە سۇس قاراپ پاسىقلىشىپ كېتىدۇ.
ئىمام سۇفيان سەۋرى ئىبنى مۇندەكىر رەھىمەھۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: «قىيامەت كۈنى بەندە ئاللاھنىڭ ئالدىغا دۇنيادا ئۆزى قىلىشى كېرەك بولغان دىنىي ۋاجىباتلارنى ئورۇندىغان ھالەتتە كەلسە، ئەمما بۇ بەندە دۇنيانى ياخشى كۆرگەن بەندە بولغان بولسا، ئاللاھ بىر نىدا قىلغۇچىغا مۇنداق دەپ نىدا قىلىشىنى بۇيرۇيدۇ: «بىلىڭلاركى، بۇ پالانچىنىڭ بالىسى پالانچىدۇر، ئاللاھ ياخشى كۆرمىگەن نەرسىنى ياخشى كۆرگەن كىشىدۇر.» mujtehid.com (حلية الأولياء 5\225)
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: من اجتهد في طاعة الله ورسوله بحسب استطاعته كان من أهل الجنة «كىم بار كۈچى بىلەن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتسە جەننەت ئەھلىدىن بولىدۇ.» mujtehid.com (منهاج السنة ٣\٥٠٥)
The post ئائىلەمنى بېقىش ئۈچۈن دىنىي ئىلىم ئېلىشنى توختاتسام بولامدۇ؟ | سالىھ فەۋزان پەتىۋاسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ئائىلەمنى بېقىش ئۈچۈن دىنىي ئىلىم ئېلىشنى توختاتسام بولامدۇ؟ | سالىھ فەۋزان پەتىۋاسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
تاكسىچىنىڭ چېركاۋغا بارماقچى بولغان خېرىدارنى چېركاۋغا ئاپىرىپ قويۇشى دۇرۇسمۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان
تاكسىچىنىڭ چېركاۋغا بارماقچى بولغان خېرىدارنى چېركاۋغا ئاپىرىپ قويۇشى دۇرۇسمۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان
رىياسەتچى: بۇ قېرىندىشىمىز مۇنداق سوراپتۇ: پەزىلەتلىك شەيخ، مەن سەئۇدىي ئەرەبىستاندىن باشقا دۆلەتتە تاكسىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىمەن. بەزى چاغلاردا تاكسىرىمغا چىققان خېرىدارلار مەندىن ئۆزى چېركاۋغا ئاپىرىپ قويۇشۇمنى تەلەپ قىلىدۇ. چېركاۋغا بارماقچى بولغان خېرىدارلىرىمنى چېركاۋغا ئاپىرىپ قويۇشۇم دۇرۇس بولامدۇ؟
شەيخ بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
ياق، دۇرۇس بولمايدۇ. بۇنداق قىلىش گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەم بېرىش ھېسابلىنىدۇ. (گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەم قىلىش شۇ گۇناھ ۋە زۇلۇم ھارام بولغىنىدەكلا ھارامدۇر.) شۇڭا، كىشىلەرنى چېركاۋقا ئاپىرىپ قويسىڭىز بولمايدۇ.
* تاكسىچىلارنىڭ خېرىدارلىرىنى قاۋاقخانىغا، دېسكوخانىغا، پاھىشىخانىغا ۋە باشقا ھەر قانداق ئەخلاقسىزلىق سورۇنلىرىغا  ياكى بىدئەت، شىرىك پائالىيەت-مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلىدىغان سورۇنلارغا، ناخشا-مۇزىكىلار چېلىنىپ، ئۇسۇل-تانسىلار ئوينىلىدىغان يەرلەرگە، قەبرىپەرەس مۇشرىكلار پىرلىرىدىن مەدەت سوراش ئۈچۈن بارىدىغان قەبرە، مەقبەرە ياكى شۇ تىپتىكى ئالاھىدە ئورۇنلارغا ئاپىرىپ قويۇشى ئوخشاشلا گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەم بەرگەنلىك بولىدۇ.
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
The post تاكسىچىنىڭ چېركاۋغا بارماقچى بولغان خېرىدارنى چېركاۋغا ئاپىرىپ قويۇشى دۇرۇسمۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post تاكسىچىنىڭ چېركاۋغا بارماقچى بولغان خېرىدارنى چېركاۋغا ئاپىرىپ قويۇشى دۇرۇسمۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
مېنى تاماكا ساتىدىغان پۇكەيگە مەسئۇل قىلىپ قويدى، تاماكا ساتسام گۇناھكار بولامدىم؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان
مېنى تاماكا ساتىدىغان پۇكەيگە مەسئۇل قىلىپ قويدى، تاماكا ساتسام گۇناھكار بولامدىم؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان
رىياسەتچى: بۇ سوئال سورىغۇچى مۇنداق سوراپتۇ: مەن بىر ماگىزىندا كاسسىرلىق خىزمىتى قىلىمەن، باشلىق مېنى تاماكا سېتىشقا مەسئۇل قىلىپ قويدى. ۋەزىپەمگە بىنائەن خېرىدارلارغا تاماكا ساتسام گۇناھكار بولىمەنمۇ؟
ئەللامە سالىھ فەۋزان بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
شۇنداق، گۇناھكار بولىسىز. ئەگەر تاماكىنى ساتسىڭىز گۇناھكار بولىسىز. ھالال تاۋارلاردىن باشقىنى ساتماسلىقىڭىز كېرەك.
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
The post مېنى تاماكا ساتىدىغان پۇكەيگە مەسئۇل قىلىپ قويدى، تاماكا ساتسام گۇناھكار بولامدىم؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post مېنى تاماكا ساتىدىغان پۇكەيگە مەسئۇل قىلىپ قويدى، تاماكا ساتسام گۇناھكار بولامدىم؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
شەرئىي ئىلىمنى يېڭى باشلىغان تالىپ ئۆز خەلقىگە دەۋەت قىلىشى كېرەكمۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان
شەرئىي ئىلىمنى يېڭى باشلىغان تالىپ ئۆز خەلقىگە دەۋەت قىلىشى كېرەكمۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان ھافىزەھۇللاھ
سوئال: شەرئىي ئىلىم ئوقۇشنى يېڭى باشلىغان تالىپ ئۆز دۆلىتىدىكى كىشىلەرگە دەۋەت قىلىشى كېرەكمۇ، كىشىلەرگە نەبەۋىي سۈننەت ئۈستىدىكى ئالىم، دەۋەتچىلەرنى تەشۋىق قىلىپ، تونۇتۇشى كېرەكمۇ؟
شەيخ بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
ھەئە، شۇنداق قىلىشى كېرەك. شەرئىي ئىلىمنى يېڭى باشلىغان تالىپ ئۆز ئىلىم سەۋىيەسىگە ماس ھالدا كىشىلەرنى ئىسلامغا چاقىرىشى كېرەك. شۇنداقلا، ئۇ يەنە كىشىلەرگە ھەق ئۈستىدىكى ئالىملارنى ۋە دەۋەتچىلەرنى تونۇشتۇرۇپ، كىشىلەرنى ئۇلاردىن مەنپەئەتلىشىشكە تەشۋىق قىلىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا كىشىلەر ھەق ئۈستىدىكى ئالىم ۋە دەۋەتچىلەرنى تونۇپ، مەنپەئەتلىنەلەيدۇ ۋە ئۇلاردىن سوئال سوراش ئارقىلىق دىنىنى ئۆگىنىپ، ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىيالايدۇ.
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
The post شەرئىي ئىلىمنى يېڭى باشلىغان تالىپ ئۆز خەلقىگە دەۋەت قىلىشى كېرەكمۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post شەرئىي ئىلىمنى يېڭى باشلىغان تالىپ ئۆز خەلقىگە دەۋەت قىلىشى كېرەكمۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ھەر بىر مۇسۇلمان ئايەت ھەدىسلەرنى باشقىلارغا تارقىتىشى كېرەكمۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى
ھەر بىر مۇسۇلمان ئايەت ھەدىسلەرنى باشقىلارغا تارقىتىشى كېرەكمۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان ھافىزەھۇللاھ
سوئال: ئاللاھ سىلىگە ياخشى مۇكاپات بەرسۇن. سوئال سورىغۇچى مۇنداق يېزىپتۇ: ئاللاھ سىلىگە ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار» ھەدىسىنىڭ مەنىسى نېمە؟ چۈنكى بەزى ئىنسانلارنىڭ ئىلىم سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىكىگە باقماي، بۇ ھەدىسنى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ، كىشىلەرگە دەۋەت قىلىۋاتقىنىنى كۆرىۋاتىمىز.
شەيخ بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
ئىسلام شەرئىتىنى تارقىتىش پەرزدۇر. لېكىن، ئىسلام شەرىئىتىنى تارقىتىش بەزىدە ئايەتلەرنى ۋە ھەدىسلەرنى باشقىلارغا ئۆز پېتى، ئۆز لەۋزى بويىچە يەتكۈزۈش بىلەن بولىدۇ. ئايەتلەرنىڭ ۋە ھەدىسلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىگەن ياكى ئۆز رەيى بويچە يۈزەكى چۈشەنگەن كىشى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ لەۋزىنى ئەينى پېتى يەتكۈزىدۇ. كىشى قۇرئاننىڭ بىر قىسىمىنى ياكى ھەممىسىنى يادلىغان بولسا، ئۇنى ئوقۇشنى باشقا كىشىلەرگە ئۆگىتىدۇ ۋە يادلاتقۇزىدۇ. ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئاساسى بولغان ئايەت ھەدىسلەرنىڭ لەۋزىنى تارقىتىش دېگىنىمىزدىن مەقسەت مانا بۇدۇر.
كىشىنىڭ فىقھىي ئىلىمى بولمىسا، ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى يەتكۈزگەندە ئۇ ئايەتلەرنى ۋە ھەدىسلەرنى ئۆز كاللىسى بويىچە تەپسىرلىمەيدۇ، چۈشەندۈرۈپ شەرھلىمەيدۇ، ھالبۇكى شەرئىي دەلىلنىڭ لەۋزى قانداق بولسا شۇ پېتى يەتكۈزۈش بىلەنلا بولدى قىلىدۇ. فىقھىي ئىلىمى يوق كىشى ئىنسانلارغا قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇيدۇ ۋە قۇرئاننى ئوقۇشنى ئۆگىتىدۇ، ھەدىسلەرنى يادلاتقۇزىدۇ، شۇنداقلا ئىنسانلارغا ۋەز-نەسىھەت بولسۇن ئۈچۈن ئۆزى ئىگىلىگەن ئايەت ھەدىسلەرنى ئوقۇپ بېرىدۇ. بۇنداق قىلىشتا، يەنى ئايەت ھەدىسلەرنىڭ تەپسىرىنى ۋە شەرھىنى مەخسۇس ئۆگەنمىگەن كىشىنىڭ ئايەت ھەدىسلەرنى ئۆز لەۋزى بويىچە، ئۆز پېتى باشقىلارغا يەتكۈزىشىدە ھېچبىر چەكلىمە يوق.
ئىسلام شەرىئىتىنى يەتكۈزۈشنىڭ ئىككىنچى تۈرى بولسا، ئايەت ھەدىسلەرنىڭ مەنىسىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشتۇر. تەبلىغ-دەۋەتنىڭ بۇ قىسىمىنى پەقەت ئالىملار قىلىدۇ.
ئايەت ھەدىسلەرنىڭ مەنىسىنى ئىنچىكە ۋە توغرا رەۋىشتە چۈشەنمىگەن، ئالىم بولمىغان كىشىنىڭ قۇرئاننى تەپسىر قىلىشىغا، ھەدىسلەرنى شەرھلىشىگە بولمايدۇ. ھالال ھارام مەسىلىلىرىدە پەتىۋا بېرىشىگە تېخىمۇ بولمايدۇ. بۇلار پەقەتلا ئالىملارنىڭ ئىشىدۇر.
بۇ ئىككى ئەھۋالنى ياخشى چۈشىنىۋېلىشىڭلار لازىم. ئايەت ھەدىسنى باشقىلارغا يەتكۈزۈش ئەلۋەتتە شۇ ئايەت ھەدىس يېتىپ كەلگەنلىكى ھەر كىمگە پەرزۇدر. لېكىن، ئالىم بولمىغان كىشى ئايەت ھەدىسنىڭ زاھىرىي مەنىسىنى يەتكۈزۈش بىلەنلا بولدى قىلىدۇ، مەنىسى ھەققىدە سۆز قىلمايدۇ. ئالىم كىشى بولسا ھەم ئايەت ھەدىسلەرنىڭ لەۋزىنى يەتكۈزىدۇ، ھەم ئۇنىڭ مەنىسىنى يەتكۈزىدۇ.
ئايەت ھەدىسلەرنى ئۆز پېتى يەتكۈزۈش — ئاللاھنىڭ كىتابىدىن ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدىن قانچىلىك خەۋەردار بولسا شۇنچىلىك دەرىجىدە ئۆز لەۋزى بويىچە يەتكۈزۈش ھەر كىمگە پەرزدۇر. بۇ خىل كىشىلەر شەرئىي دەلىللەرنى\ ئايەت-ھەدىسلەرنى مەنە بەرمەستىن كىشىلەرگە ئۆز پېتى يەتكۈزىدۇ، (يادلاتقۇزۇشقا قۇربى يەتسە) يادلاتقۇزىدۇ.
ئالىم كىشى بولسا، ئايەت ھەدىسلەرنىڭ لەۋزىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگەن، مەنىسىنىمۇ يەتكۈزىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئايەت ھەدىسلەرنى توغرا چۈشىنەلىشى ئۈچۈن تەپسىرلەپ، شەرھلەيدۇ.
مانا بۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار» ھەدىسىنىڭ مەنىسىدۇر.
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
The post ھەر بىر مۇسۇلمان ئايەت ھەدىسلەرنى باشقىلارغا تارقىتىشى كېرەكمۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ھەر بىر مۇسۇلمان ئايەت ھەدىسلەرنى باشقىلارغا تارقىتىشى كېرەكمۇ؟ | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
كىچىك بالىنى كۆتۈرۈۋېلىپ ناماز ئوقۇش دۇرۇسمۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان
كىچىك بالىنى كۆتۈرۈۋېلىپ ناماز ئوقۇش دۇرۇسمۇ؟
سوئال: ئايال كىشىنىڭ (ياكى ئەر كىشىنىڭ) ناماز ئوقۇۋېتىپ كىچىك بالىنى كۆتۈرۈۋېلىشى دۇرۇسمۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان ھافىزەھۇللاھ
شەيخ بۇ سوئالغا مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
كىچىك بالىنى كۆتۈرۈۋېلىپ ناماز ئوقۇش دۇرۇس. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قىزى زەينەپ رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قىزى ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى كۆتۈرۈۋېلىپ ناماز ئوقۇغان. ناماز ئوقۇۋاتقان ياكى ئوقۇماقچى بولغان كىشىنىڭ كىچىك بالىنى كۆتۈرۈۋېلىشىغا ھاجەت تۇغۇلسا، كىچىك بالىنى كۆتۈرۈۋېلىپ ناماز ئوقۇشى دۇرۇس بولىدۇ.
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
The post كىچىك بالىنى كۆتۈرۈۋېلىپ ناماز ئوقۇش دۇرۇسمۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post كىچىك بالىنى كۆتۈرۈۋېلىپ ناماز ئوقۇش دۇرۇسمۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
بىدئەتچىلەرگە رەددىيە بېرىشنىڭ ھۆكمى | ئەللامە سالىھ فەۋزان
بىدئەتچىلەرگە رەددىيە بېرىشنىڭ ھۆكمى
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە سالىھ فەۋزان ھافىزەھۇللاھ
سوئال: پەزىلەتلىك شەيخ، ئاللاھ سىلىنى مۇھاپىزەت قىلسۇن. بىدئەتچىلەرگە رەددىيە بېرىش رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يولىمۇ؟ ياكى بىدئەت ئەھلىگە رەددىيە بېرىش ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا تەپرىقچىلىك، جاڭجال تېرىش غەرىزىدىكى كىشىلەر تېپىپ چىققان ئىشمۇ؟
جاۋاب: ئەي قېرىندىشىم، قۇرئاننى ئوقۇپ بېقىڭ! قۇرئاندا يەھۇدىيلارغا، مۇشرىكلارغا، مۇناپىقلارغا ۋە پاسىقلارغا قانداق رەددىيە بېرىلگەن ئىكەن؟ ئاللاھ قۇرئاندا بۇ خىلدىكى ئىنسانلارغا نۇرغۇن ئايەتلەر ئارقىلىق رەددىيە بەرگەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەممۇ رەددىيە بەرگەن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ رەددىيەلىرى سەھىھ ھەدىسلەردە كۆپلەپ مەۋجۇت. شۇنداقلا، سەلەف-سالىھىننىڭ ئۆلىمالىرىمۇ بىدئەتچىلەرگە، مۇشرىكلارغا، ئەھلى كىتابقا ۋە پاسىقلارغا رەددىيە بەرگەن. بىدئەتچىلەرگە، ئازغۇنلارغا رەددىيە بېرىش كېرەك. بۇنداق قىلىش ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانغا سەمىمىيەت كۆرسىتىش ھېسابلىنىدۇ. ئازغۇنلار، بىدئەتچىلەر ۋە كاپىرلار ئۆز ئازغۇنلۇقلىرىنى بازارغا سالغاندا قاراپ ئولتۇرمايمىز. «پالانچى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىنى بۆلدى» دەۋىلىشىپ، ھەممەيلەنگە ياخشىچاق بولۇپ ئولتۇرۇش ھەق ئەھلىنىڭ ئىشى ئەمەس. يامان كىشىلەرگە، يامان ئىدىيە، تەشەببۇس، بىدئەت ۋە ئازغۇنلۇقلارغا رەددىيە قايتۇرۇش ئارقىلىق ھەقنى ئادا قىلىش قانداقمۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش بولسۇن؟ ئازغۇن، بىدئەتچىلەردىن ھەق ئەھلىدىن بۆلۈپ ئايرىڭ، ئۇلار ھەق ئەھلىدىن ئايرىلسۇن، ئۇزاقلاشسۇن.
بىلىنگەيكى، مۆمىننىڭ قەلبى ھەق بىلەن ئارام تاپىدۇ. خاتالىقىغا رەدىيە قايتۇرۇلسا سۆيۈنىدۇ ۋە خاتالىقىدىن يانىدۇ. (شۇڭا، ھەقنى بايان قىلىپ، باتىلغا ۋە باتىل ئەھلىگە، بىدئەتچىگە رەددىيە قايتۇرۇش چەكتىن ئاشمىغان، ئادالەتتىن ئايرىلمىغان، تۆھمەتتىن ئۇزاق تۇرغان ھەر قانداق ئەھۋالدا ماختىلىدۇ. باتىل ئەھلى ھەق تەنقىدتىن تېخىمۇ قېچىپ ھەق ئەھلىدىن ئايرىلىدۇ، مۆمىن خاتاسىدىن يېنىپ ھەقكە قايتىدۇ.)
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
The post بىدئەتچىلەرگە رەددىيە بېرىشنىڭ ھۆكمى | ئەللامە سالىھ فەۋزان first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post بىدئەتچىلەرگە رەددىيە بېرىشنىڭ ھۆكمى | ئەللامە سالىھ فەۋزان appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ئايال كىشىنىڭ ئەر دوختۇرغا داۋالىنىشىنىڭ ھۆكمى | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان
ئايال كىشىنىڭ ئەر دوختۇرغا داۋالىنىشىنىڭ ھۆكمى؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە سالىھ فەۋزان ھافىزەھۇللاھ
سوئال: پەزىلەتلىك شەيخ، ئاللاھ سىلىگە ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن. بىر ئايال باشقا بىر ئايال بىلەن بىرلىكتە، ياكى ئانىسى بىلەن، ياكى ئاچىسى ۋە سىڭلىسى بىلەن، ئىككى ئايال بولۇپ، داۋالىنىش ئۈچۈن ئەر دوختۇرنىڭ يېنىغا بېرىشىنىڭ شەرئىي ھۆكمى نېمە؟ ئەر دوختۇرغا كۆرۈنگىلى بېرىشنىڭ سەۋەبى، ئۆزى داۋالانماقچى بولغان دوختۇرخانىدا ئۆز كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايال دوختۇر يوق. شۇنداقلا، ئەر دوختۇرغا بىر ئايال كىشىنىڭ ھەمراھلىقىدا داۋالىنىش ئۈچۈن بارغان بۇ ئايال يۈزىنى، پۇتلىرىنى ۋە قوللىرىنى تولۇق ئوراپ، ئۆلچەملىك شەرئىي ھىجاپ بىلەن بارىدۇ، ئەر دوختۇرغا گەپ قىلىشقا توغرا كەلگەندە ئاۋاز تۈسىنى ئۆزگەرتىپ گۈزەللەشتۈرمەيدۇ، ئەر دوختۇرغىمۇ قارىمايدۇ. بۇنىڭ ھۆكمى نىمە؟ ئاللاھ سىلىنى ياخشى مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلىغاي.
جاۋاب: ئايال كىشىنىڭ ئەر دوختۇرغا كېسەل كۆرسىتىشى دۇرۇس ئەمەس. تۆۋەندىكى ئۈچ خىل شەرت ئاستىدىلا، ئاندىن ئايال كىشىنىڭ ئەر دوختۇرغا كېسەل كۆرسىتىشى دۇرۇس بولىدۇ.
بىرىنچى شەرت: ئايال كىشىدە مەۋجۇت بولغان كېسەل ئاغرىقنى داۋالايدىغانغا شۇ ئەر دوختوردىن باشقا سالاھىيەتلىك ئايال دوختۇر تېپىلماسلىقى. ئىككىنچى شەرت: مەزكۇر ئايال كىشىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىشقا موھتاج بولۇشى؛ داۋالىنىشنى تەرك ئەتسە خەتەرگە ياكى يامان ئاقىۋەتكە دۇچ كېلىش خەۋپى بولۇشى. ئۈچىنچى شەرت: ئەر دوختۇر بىلەن يالغۇز قالماسلىقى. يەنى، داۋالىنىدىغان ئايالنىڭ يېنىدا ھەر قانداق ئەھۋالدا بىر ئايال ياكى باشقا ئەر كىشى بولۇشى. داۋالاش باھانىسى بىلەن ئايرىم خانىدە ئايال كىشى بىلەن ئەر دوختۇرنىڭ يالغۇز قالماسلىقى. چۈنكى، ئايال كىشىنىڭ يات ئەر بىلەن يالغۇز قېلىشى ھارام. تۆتىنچى شەرت: ئايال كىشىنىڭ كامىل ھىجابلانغان بولۇشى. ئايال كىشى بەدىنىنىڭ داۋالاش ئۈچۈن ئېچىشقا ئېھتىياجلىق بولغان قىسىمىدىن باشقا ھېچبىر يېرىنى، مەيلى يۈزىنى، مەيلى قوللىرىنى، مەيلى پۇتىنى ۋەياكى باشقا يېرىنى ئاچمايدۇ. بەدىنىنىڭ شەكلىنى بىلنەشتۈرۈپ قويۇشىغا بولمايدۇ. مانا مۇشۇ تۆت شەرت تەڭ تېپىلسا، بۇنداق ئەھۋالدىكى ئايال كىشى ئەر دوختۇرغا داۋالانسا دۇرۇس بولىدۇ. [ئەللامە سالىھ فەۋزاننىڭ پەتىۋاسى مۇشۇ يەردە ئاياقلاشتى.]
* ئەرلەرنىڭ ئايال دوختۇرغا داۋالىنىشىنىڭ ھۆكمىمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاش — دۇرۇس ئەمەس. ئەر بىمارلار داۋالىنىشى ئۈچۈن ئەر دوختۇرغا بېرىشى كېرەك. كۈنىمىزدە ھەر قايسى ساھەلەردە ئەر دوختۇرلارمۇ، ئايال دوختۇرلارمۇ كەڭرى تېپىلىدۇ. ئايال كىشىنىڭ ئەر دوختۇرغا داۋالىنىشنى، ئەر كىشىنىڭ ئايال دوختۇرغا داۋالىنىشنى كۆڭلى تارتىشى قەلبنىڭ ئاللاھ ياخشى كۆرمەيدىغان، پىتنىگە سەۋەب بولىدىغان ئىشلارغا مايىل بولغانلىقىنىڭ، قەلبنىڭ گۇناھ يولىنى ئىختىيار قىلغانلىقىنىڭ، ئىسلام شەرىئىتىدىكى نامەھرەملەردىن ئۇزاق تۇرۇش بەلگىلىمىسىگە سەل قارىغانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئايال كىشى ھەر قانچە ئىزدىنپمۇ ئۆزىنى داۋالايدىغان ئايال دوختۇر تاپالمىغان، ئەر كىشى ھەر قانچە ئىزدىنىپمۇ ئۆزىنى داۋالايدىغان ئەر دوختۇر تاپالمىغان ئەھۋالدا، ئاندىن يات جىنىستىكى دوختۇرغا داۋالىنىشتىن باشقا يول قالمىغان ئەھۋالدا، بۇنداق قىلىش دۇرۇس بولىدۇ. ۋەياكى كېسەلنىڭ ئەھۋالى بەك جىددىي بولۇپ، ئوخشاش جىنىستىكى دوختۇرنى تېپىپ بولغۇچە كېسەلنىڭ جېنىغا زامىن بولۇش ياكى ئېغىر جىسمانىي زىيانغا ئۇچراش قاتارلىق خەتەر مەۋجۇت بولسا، ئۇ ھالدا  يات جىنىستىكى دوختۇرغا داۋالىنىش دۇرۇس بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللار نادىر كۆرىلىدىغان بولغانلىقتىن، نورمال ئەھۋالدا كىشىنىڭ يات جىنىستىكى دوختۇرغا داۋالىنىشى قەتئىي دۇرۇس بولمايدۇ.
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
The post ئايال كىشىنىڭ ئەر دوختۇرغا داۋالىنىشىنىڭ ھۆكمى | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ئايال كىشىنىڭ ئەر دوختۇرغا داۋالىنىشىنىڭ ھۆكمى | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
«لائىلاھە ئىللەللاھ» دېگەن، ئەمما بەش ۋاخ ناماز ئوقۇمىغان كىشى جەننەتكە كىرەمدۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان
«لائىلاھە ئىللەللاھ» دېگەن، ئەمما بەش ۋاخ ناماز ئوقۇمىغان كىشى جەننەتكە كىرەمدۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە سالىھ فەۋزان ھافىزەھۇللاھ
سوئال: پەزىلەتلىك شەيخ، ئاللاھ سىلىگە تەۋپىق ئاتا قىلغاي. سوئال سورىغۇچى كىشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «كىمكى چىن قەلبىدىن ئىشىنىپ تۇرۇپ ئىخلاس بىلەن لائىلاھە ئىللەللاھ دېسە جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەن ھەدىسى ھەققىدە «ناماز ئوقۇماستىن لائىلاھە ئىللەللاھ دېگەن كىشى مۇشۇ ھەدىستە دېيىلگەن جەننەتكە كىرگۈچىلەر قاتارىدىن بولالامدۇ؟» دەپ سوراۋاتىدۇ.
جاۋاب: بەش ۋاخ نامازنى مۇكەممەل رەۋىشتە، ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلمايدىغان كىشىنىڭ تىلىدا «لائىلاھە ئىلاھە ئىللەللاھ» دەپ قويۇشى ئۇنىڭغا ھېچبىر پايدا بەرمەيدۇ. سوئالدا تىلغا ئېلىنغان ھەدىس ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا «لائىلاھە ئىللەللاھ» دەپ ئىمان ئېيتىپ ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ئۈچۈندۇر. ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا ئىمان ئېيتىپ «لائىلاھە ئىللەللاھ» دېگەن كىشى مۇشۇ تەۋھىد كەلىمىسى ئارقىلىق جەننەتكە كىرىدۇ.
ھالبۇكى، تىلىدا «لائىلاھە ئىللەللاھ» دەپ قويۇپ، ئەمەلىيىتىدە «لائىلاھە ئىللەللاھ»نىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك شەرتى بولغان نامازنى تەرك ئەتكەن كىشىگە «لائىلاھە ئىللەللاھ» پايدا بەرمەيدۇ.
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
ئەسكەرتىش: (1) بۇ ئىسلام يۇرتىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ياكى ناماز ئوقۇمىغان كىشىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئېنىق ئىلىم يېتىپ كەلگەن تۇرۇپ بەش ۋاقىت نامازنى ئۆز ۋاقتىدا مۇكەممەل ئوقۇمىغان كىشى ئۈچۈندۇر. ئىسلام يۇرتلىرىدىن ئۇزاق يەرلەردە ياشاپ، ياكى ئاتاقتا ئىسلام يۇرتى ئاتالسىمۇ، «لائىلاھە ئىللەللاھ» دەپ قويساقلا مۇسۇلمان بولىمىز دەپ قارايدىغان كىشىلەر ئارىسىدا ياشاپ، بۇنىڭ ھەقىقىتى ھەققىدە، بەش ۋاخ نامازنى تەرك ئېتىشنىڭ چوڭ كۇفۇر ئىكەنلىكى توغرۇلۇق ئېنىق ئىلىم يېتىپ كەلمىگەن كىشى ئاللاھقا رەسۇلۇللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان بولسا، ئاللاھقا شىرك كەلتۈرمىگەن، رەسۇلۇللاھنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ۋە سەھىھ سۈننىتىنى تەستىقلاپ، قوبۇل قىلغان بولسا، ئەمما بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇماسلىقنىڭ كىشىنى كاپىر قىلىۋېتىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئېنىق بىلىم ئۆزىگە يەتكمىگەن بولسا، ئىسلام ئۆلىمالىرىدىن ھېچكىم بۇنداق كىشىنى كېسىپلا كاپىر دېگەن ئەمەس، ئەللامە سالىھ فەۋزانمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. ئىسلام ئۆلىمالىرى بۇ خىلدىكى جاھالەتنىڭ ئۆزۈر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشقان. پەتىۋادا سۆزى بولۇنغان، لائىلاھە ئىللەللاھ پايدا بەرمەيدىغان كىشى ئىسلام يۇرتىدا ياشايدىغان ياكى دارۇل كۇفۇردا ياشىسىمۇ بەش ناماز ئوقۇشنىڭ پەرزلىكى، ئوقۇماسلىقنىڭ كۇفۇرلۇق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئىلىم يېتىپ كەلگەن كىشىدۇر. ئۆلىمالار كىشىگە قۇرئاننىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئۇنىڭغا ئومۇمىي مەنەدا دەلىلنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكى دەپ قارايدۇ. قولىدا\ كىتاب ئىشكاۋىدا\ مەسجىدتە قۇرئان (ئەرەپ بولمىغان ياكى ئەرەپچە بىلمەيدىغان بولسا قۇرئاننىڭ توغرا تەرجىمە تەپسىرى) تۇرۇپ، ماڭا دەلىل يېتىپ كەلمىدى دېيىشنىڭ يالغانچىلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشىدۇ.
ئەسكەرتىش (2): بەش ۋاخ نامازنى ئوقۇمىغۇچى كاپىر بولامدۇ يوق؟ مەسىلىسىدە ئىسلام ئۆلىمالىرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل ھۆكۈم بەرگەن بولۇپ، بىر گۇرۇپ ئىسلام ئۆلىماسى نامازنىڭ پەرزلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ھورۇنلۇق قىلىپ ناماز ئوقۇمىغۇچىنى كاپىر بولمايدۇ دەپ قارىغان. يەنە بىر گۇرۇپ ئىسلام ئۆلىماسى نامازنىڭ پەرزلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ھورۇنلۇق قىلىپ ناماز ئوقۇمىغان كىشى كاپىر بولىدۇ دەپ ھۆكۈم بەرگەن. بۇ توغرا ھۆكۈمدۇر. ئاللاھ ئىنسانلارنى ۋە جىنلارنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتقان بولۇپ، ئاللاھقا قىلىنىدىغان ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ ئۈستىنى ۋە ئەڭ مۇھىمى بەش ۋاخ نامازدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «كىشى بىلەن كۇفۇر ۋە شىرىك ئوتتۇرىسىدىكى پەرق نامازدۇر، كىمكى ناماز ئوقۇمىسا كاپىر بولىدۇ» دېگەن. تابىئىن ئىمام ئابدۇللاھ ئىبنى شەقىق ئەلئۇقەيلى رەھىمەھۇللاھ «ساھابىلەر نامازنى تاشلاشتىن باشقا پەرزنى تاشلاشنى كاپىرلىق سانىمايتتى» دېگەن. بۇ ھەقتە نەچچىلىگەن سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن. كىشىنىڭ بەش ۋاخ نامازنى ھورۇنلۇق قىلىپ ئوقۇماسلىق ھوقۇقى يوق. ئىسلام ئۆلىمالىرى ئارىسىدىكى سەھىھ دەلىللەرگە ئەڭ ئۇيغۇن، دەلىلى ئەڭ كۈچلۈك قاراش بەش ۋاخ نامازنى ھورۇنلۇق قىلىپ ئوقۇمايدىغان كىشىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىدۇر.
ئەسكەرتىش (3): ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ ناماز ئوقۇش مەجبۇرىيىتى يوق دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىنىڭ كاپىر ئىكەنلىكىگە بارچە ئىسلام ئۆلىمالىرى ئىتتىپاققا كەلگەن بولۇپ، بۇ نامازنىڭ پەرزلىكىنى ئىنكار قىلغانلىقتۇر. نامازنىڭ پەرزلىكىنى ئىنكار قىلغان كىشى بارچە ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ئىتتىپاقى بويىچە كاپىردۇر. بۇ جەھەتتە باشقىچە پىكىردە بولغان بىرمۇ ئىسلام ئۆلىماسى يوق.
The post «لائىلاھە ئىللەللاھ» دېگەن، ئەمما بەش ۋاخ ناماز ئوقۇمىغان كىشى جەننەتكە كىرەمدۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post «لائىلاھە ئىللەللاھ» دېگەن، ئەمما بەش ۋاخ ناماز ئوقۇمىغان كىشى جەننەتكە كىرەمدۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
خوش ياقسا ناماز ئوقۇپ، خوش ياقمىسا ئوقۇمىغان ھالەتتە ئۆلگەن يولدىشىم ئۈچۈن روزا تۇتسام بولامدۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان پەتىۋاسى
خوش ياقسا ناماز ئوقۇپ، خوش ياقمىسا ئوقۇمىغان ھالەتتە ئۆلگەن يولدىشىم ئۈچۈن روزا تۇتسام بولامدۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان پەتىۋاسى
سەئۇدىي ئەرەبىستاندا ياشايدىغان بىر مۇسۇلمان ئايال ئەللامە سالىھ فەۋزاندىن مۇنداق سوئال سورىدى:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك شەيخ، بالىلىرىمنىڭ دادىسى ۋاپات بولۇپ كەتتى، ئۇنىڭ روزىسى چالا ئىدى، پەرز روزىنى بەزىدە تۇتۇپ، بەزىدە تۇتمايتتى، يولدىشىم ئۈچۈن سەدىقە قىلسام دۇرۇس بولامدۇ؟
شەيخ سالىھ فەۋزان: يولدىشىڭىز نامازلارنى ئوقۇمتى، نامازلىرىنى قاچۇرۇۋەتمەي ئۆز ۋاقتىدا كامىل ئادا قىلامتى؟
سوئال سورىغۇچى ئايال: نامازلىرىغا ئەھمىيەت بەرمەيتتى.
شەيخ سالىھ فەۋزان: بەش ۋاخ نامازدىن بەزىلىرىنى ئوقۇماي تەرك ئېتەمتى؟
سوئال سورىغۇچى ئايال: شۇنداق، نۇرغۇنلىغان نامازلىرىنى ئوقۇماي تەرك ئەتكەن ئىدى.
شەيخ سالىھ فەۋزان: ئۇ بۇ قىلمىشىدىن تەۋبە قىلىپ بەش نامازنى ئۆز ۋاقتىدا تولۇق ئوقۇيدىغان بولماستىن، نامازلارنى ئوقۇماي تەرك قىلىدىغان ھالەتتە ئۆلدىمۇ؟
سوئال سورىغۇچى ئايال: بەزىدە نامازنى ئۆيدە ئوقۇيتتى، بەزىدە جۈمە نامىزىنى ئوقۇيتتى، بەزى بەزىدە ناماز ئوقۇيتتى.
شەيخ سالىھ فەۋزان: مېنىڭ مەقسەت قىلىۋاتقىنىم يولدىشىڭىز نامازلارنى ئوقۇماي تەرك ئېتەمتى يوق؟ مەن نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇمتى يوق دەپ سوراۋاتقىنىم يوق.
سوئال سورىغۇچى ئايال: ياق، ئۇ ھېچبىر زامان بەش ۋاخ نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇپ باقمىدى.
شەيخ سالىھ فەۋزان: ئۇنداقتا، يولدىشىڭىز نامازلارنى جامائەت بىلەن ئوقۇمىسىمۇ، جامائەتنى تەرك ئەتسىمۇ، بەش نامازنى تەرك ئەتمەي ئۆز ۋاقتىدا ئايرىم ئوقۇۋالامتى؟
سوئال سورىغۇچى ئايال: ياق، نامازلارنى ئوقۇمايتتى.
شەيخ سالىھ فەۋزان: ئوقۇشقا قۇربى بار تۇرۇپ قەستەن ئوقۇمامتى؟
سوئال سورىغۇچى ئايال: ھورۇنلۇق قىلىپ ئوقۇمايتتى، ھورۇنلۇق سەۋەبلىك … ئوقۇمايتتى.
شەيخ سالىھ فەۋزان: ئۇنداقتا، ئۇنىڭ ئۈچۈن روزا تۇتمايسىز، چۈنكى ئۇنىڭغا ھەر قانداق ياخشى ئەمەل پايدا بەرمەيدۇ.
سوئال سورىغۇچى ئايال: ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە قىلساممۇ پايدىسى يوقمۇ؟
شەيخ سالىھ فەۋزان: بەش نامازنى خوش ياقسا ئوقۇپ، خوش ياقمىسا ئوقۇماي، مۇشۇ ھالىتىدە ئۆلگەن كىشىگە باشقا ياخشى ئەمەللەرمۇ مەنپەئەت بەرمەيدۇ، سەدىقىمۇ ئوخشاشلا مەنپەئەت بەرمەيدۇ، بۇنداق كىشى ئۈچۈن مەغفىرەت تەلەپ قىلىپ دۇئامۇ قىلىنمايدۇ.
سوئال سورىغۇچى ئايال: …. ئاللاھ ئەجرلىرىنى بەرسۇن ھۆرمەتلىك شەيخ…
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
ئەسكەرتىش: شەيخ سالىھ فەۋزان ھەفىزەھۇللاھ تارىختا ئۆتكەن بىر بۆلۈك مۇجتەھىد ئۆلىمالارغا ئوخشاش ھالدا، بەش ۋاخ نامازدىن قايسى بىرىنى، يەنى بىر ۋاخ نامازنى ئوقۇشقا قۇربى يېتىدىغان تۇرۇپ قەستەن ئوقۇمىغان كىشى مۇرتەد كاپىر بولۇپ كېتىدۇ، ھورۇنلۇق قىلىپ ئوقۇمىسىمۇ ھەم شۇنداق، دەپ قارايدۇ. يۇقىرىدا سۆزى بولۇنغان ئەرنى شەيخ بىر بۆلۈم مۇجتەھىد ئالىملارغا بىردەك ھالدا مۇرتەد كاپىر دەپ قارىغان بولسىمۇ، ئايالنىڭ كۆڭلىنىڭ بۇزۇلۇشىنى نەزەردە تۇتۇپ، «يولدىىشڭىز كاپىر ھالەتتە ئۆلۈپتۇ» دەپ كەسكىن ئېيتىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭ مۇرتەد كاپىرلىقىنى ئۈستى يېپىق شەكىلدە ئايالغا بايان قىلىپ بەردى.
The post خوش ياقسا ناماز ئوقۇپ، خوش ياقمىسا ئوقۇمىغان ھالەتتە ئۆلگەن يولدىشىم ئۈچۈن روزا تۇتسام بولامدۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان پەتىۋاسى first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post خوش ياقسا ناماز ئوقۇپ، خوش ياقمىسا ئوقۇمىغان ھالەتتە ئۆلگەن يولدىشىم ئۈچۈن روزا تۇتسام بولامدۇ؟ | ئەللامە سالىھ فەۋزان پەتىۋاسى appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
ئېرىدىن ئاجراشقان ئايال باشقا ئەر بىلەن توي قىلسا، بالىسىنى ئىلىكىدە تۇتالامدۇ؟ | ئىمام ئىبنى قۇدامە، ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن
ئېرىدىن ئاجراشقان ئايال باشقا ئەر بىلەن توي قىلسا، بالىسىنى ئىلىكىدە تۇتۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولالامدۇ؟ | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن، سالىھ ئەلفەۋزان
ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇشۇ ھەقتە سورالغان سوئالغا مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يولدىشى تەرىپىدىن تالاق قىلىنغان ساھابە ئايالغا مۇنداق دېگەن:«سىز باشقا ئەر بىلەن توي قىلىمغانلىكى مۇدەتتە، پەرزەنتىڭىزگە ھامىيلىق قىلىشقا ئۆزىڭىز ھەڭ ھەقلىق.» (سۇنەن ئەبۇ داۋۇد 2276) ھەدىسنىڭ مەنىسى، بالىغا ھامىيلىق قىلىپ، يېنىڭىزدا تۇرغۇزۇشقا سىز ئەڭ ھەقلىق، دېگەنلىكتۇر.
ئاجرىشىپ كەتكەن ئايال كىشى تاكى باشقا ئەر بىلەن توي قىلمىغۇچە، بالىلىرىنى ئۆز يېنىدا تۇتۇشقا ئەڭ ھەقلىق بولىدۇ. ئەگەر بۇنداق ئايال باشقا ئەر بىلەن توي قىلسا، ئۇ ھالدا بالىغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى ئاخىرلىشىدۇ. ئەكسىچە، بالىنىڭ ئەسلى دادىسى بالىغا ئىگە بولۇپ، ھامىيلىق قىلىدۇ.
بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئەگەر ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن بالىسى بار ئايال كىشى باشقا ئەرگە ياتلىق بولسا ۋە بالىلىرىغا داۋاملىق ئىگە بولۇپ يېنىدا تۇتسا، ئۇ ھالدا بالا بۇ ئايالنىڭ يېڭى ئېرىنىڭ ھامىيلىقىغا ئۆتىدۇ. ئايالنىڭ يېڭى ئېرى، يەنى بالىنىڭ ئۆگەي دادىسى بەلكىم بالىغا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئاسىراپ پەپىلەپ ياخشى كۆرگەن تەقدىردە، بالا ئۆگەي دادىسىغا ئۆز دادىسىدىنمۇ بەك ئىچەكىشىپ، ئامراق بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. ياكى ئۆگەي دادا ئۆگەي بالىسىغا تەڭسىز، ئادالەتسىز، يامان مۇئامىلە قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئايال كىشى قايتا توي قىلسا، بالىغا ئىگىدارچىلىق قىلىشتا دادىدىن ھەقلىقراق بولۇش ئىمتىيازى ئاخىرلىشىدۇ. (ئاجراشقان ئايال قايتا توي قىلسا، بالىغا ئەسلى دادىسى ئىگىدارچىلىق قىلىش بالا ئۈچۈن ئەڭ ياخشى بولىدۇ. چۈنكى، مەسئۇلىيەتچان مۇسۇلمان دادا ئۆز پەرزەنتىگە ھەرگىز يامان مۇئامىلە قىلىپ، بالىنىڭ ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلمايدۇ. باشقا ئايال بىلەن ئۆيلەنگەن تەقدرىدىمۇ، يېڭى ئايالىنىڭ بالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، بالىنى ياخشى كۆرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، يېڭى ئايالىنى بۇنىڭغا مەجبۇرلاپ بۇيرۇق چۈشۈرەلەيدۇ. ئەمما، ئايال كىشى يولدىشىغا بۇيرۇق قىلالمايدۇ، يولدىشى ئەسكىلىك قىلىپ، زۇلۇم سالسا يولدىشىنى زۇلۇمدىن قايتۇرۇشتىن ئومۇمىي ھالدا ئاجىز كېلىپ قالىدۇ. ئايال توي قىلمىغانلىكى مۇددەتتە بالىغا ئەڭ ھەقلىق ئىكەنلىكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھۆكمىدۇر.)
ئەللامە سالىھ فەۋزان ھەفىزەھۇللاھ بۇ ھەقتە سورالغان سوئالغا مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
ئاجراشقان، بالىسى بار ئايال باشقا ئەر بىلەن قايتا نىكاھلانسا، بالىغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى ئاخىرلىشىدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يولدىشى تەرىپىدىن تالاق قىلىنغان، بالا ھەققىدە رەسۇلۇللاھقا شىكايەت قىلىپ كەلگەن ساھابە ئايالغا مۇنداق دېگەن:«سىز باشقا ئەر بىلەن توي قىلىمغانلىكى مۇدەتتە، پەرزەنتىڭىزگە ھامىيلىق قىلىشقا ئۆزىڭىز ھەڭ ھەقلىق.» (سۇنەن ئەبۇ داۋۇد 2276)
بۇ ھۆكۈمنى مۇستەسنا قىلىدىغان بىر ئەھۋال بار بولۇپ، ناۋادا يولدىشى بىلەن ئاجراشقان ئايال ئۆز بالىسىنىڭ تۇغقانلىرىدىن بىرەرسىگە ياتلىق بولسا، ئۇ ھالدا بالىنى ئۆز ئىلىكىدە تۇتۇپ، ھامىيلىق قىلىشىدا چەكلىمە يوقتۇر. (چۈنكى، مەزكۇر ئايال بىلەن توي قىلغان ئەر كىشى نورمال ئەھۋال ئاستىدا بالا ئۆز ئۇرۇق-تۇغقىنى بولغانلىقى ئۈچۈن بالىنى يات كۆرۈپ، يەكلەپ، يامان مۇئامىلە قىلمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالا ئۆز ئايالىنىڭ بالىسى بولغاچقا، بالىغا ئىككىلى نۇقتىدىن ياخشى مۇئامىلە قىلىش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى.) يېڭى ئەر بىلەن نىكاھلانغان ھامان، ئايالنىڭ بالىغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى ئاخىرلىشىدۇ.
ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر «ئەلكافىي» ناملىق ئەسىرىدە، ئىمام ئىبنى قۇدامە «ئەلمۇغنىي» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:
ئۆلىمالار ئىجمائقا كەلگەن مەسىلىلەردىن بىرى شۇكى، ئاتا-ئانا ئاجراشسا، بالا تاكى ئەقىل يېشىغا كەلگۈچە بالىنى بېقىش ھوقۇقىغا ئانا بەكراق ھەقلىق بولىدۇ. چۈنكى، بالىلار بۇ باسقۇچتا پەقەت ئانىلا بېرەلەيدىغان مېھىر-مۇھەببەت ۋە كۆڭۈل بۆلۈشكە موھتاج بولىدۇ. بىراق، ئايال باشقا ئەرگە ياتلىق بولسا، بالا بىلەن ئۆگەي ئاتا ئوتتۇرىسىدا زىددىيەتلەر بولىدىغانلىقى سەۋەبلىك، ئانىنىڭ بالىنى بېقىشقا بەكراق ھەقلىقلىقى كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. ئىمام ئىبنى مۇنزىر ـــ ئايال كىشىنىڭ باشقا ئەرگە ياتلىق بولسا، ئايال كىشىنىڭ بالىنى بېقىشتىكى ھوقۇقى بىكار بولۇپ كېتىدىغانلىقى توغرىلىق ئىجمائ بار، دېگەن. (ئىبنى ئابۇلبەر «ئەلكافى» 1-296؛ «ئەلمۇغنى»8\194)
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
ئەسكەرتىش: ئېرىدىن ئاجراشقان ئايال كىشى ئۈچ تالاق بىلەن ئاجراشمىغانلىكى تەقدىردە، قايتا توي قىلسام بالامغا ئىگە بولۇشتىن ئايرىلىپ قالىمەن دەپ بولسىمۇ باشقا ئەرگە ياتلىق بولۇشتىن ئۇزاق تۇرۇپ، بالىسى ئۈچۈن ياشىشى مۇمكىن. مۇشۇ ھالەتتە ياشاپ، ئاقىۋەتتە باشتىكى يولدىشى بىلەن يېنىشىۋېلىشىمۇ مۇمكىن. ئاجراشقان ئەر ئاياللارنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن شەكىلدە قايتا يېنىشىۋېلىشى ھەم ئەر ئۈچۈن، ھەم ئايال ئۈچۈن، ھەم بالا ئۈچۈن، ھەتتا جەمئىيەت ئۈچۈنمۇ ئەڭ ياخشى ئاقىۋەتتۇر.  شەرىئەتنىڭ ئانا قايتا ياتلىق بولمىغۇچە توغرا خاتانى ئايرىش يېشىغا يەتمىگەن نارەسىدە بالىغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق بولۇشىنىڭ ھېكمەتلىرىدىن بىرى بالىنى ئۆگەي دادا ئالدىدا ئۆگەيلىك تارتىپ خورلىنىشتىن ساقلاپ قېلىش بولسا، يەنە بىر ھېكمىتى مۇشۇ بولۇشى مۇمكىن. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
The post ئېرىدىن ئاجراشقان ئايال باشقا ئەر بىلەن توي قىلسا، بالىسىنى ئىلىكىدە تۇتالامدۇ؟ | ئىمام ئىبنى قۇدامە، ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن first appeared on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.
The post ئېرىدىن ئاجراشقان ئايال باشقا ئەر بىلەن توي قىلسا، بالىسىنى ئىلىكىدە تۇتالامدۇ؟ | ئىمام ئىبنى قۇدامە، ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن appeared first on مۇجتەھىد پەتىۋا تورى.