رەجئى تالاق (ئايالى بىلەن يېنىشىۋېلىشقا بولىدىغان تالاق) ھەققىدە | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان

رەجئى تالاق (ئايالى بىلەن يېنىشىۋېلىشقا بولىدىغان تالاق) ھەققىدە | ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان

ئەللامە سالىھ فەۋزاننىڭ «الملخص الفقهي» ناملىق ئەسىرىدىن تەرجىمە قىلىندى

رۇجۇئ (الرجعة): ئەر كىشىنىڭ تالاق قىلىنغان، ئەمما نىكاھ رىشتىسى تامامەن ئۈزۈلمىگەن ئايالى بىلەن — ئۇنىڭ ئىددىتى تۈگىمىگەن ھالەتتە يېڭى نىكاھ ئەھدىسى تۈزمەستىنلا — نىكاھ مۇناسىۋىتىنى داۋام قىلىشىدۇر.

دەلىللىرى: قۇرئان، سۈننەت ۋە ئالىملارنىڭ ئىجمائىدۇر.

قۇرئاندىن: ئاللاھ تائالانىڭ: «ئەگەر ئۇلار (ئەرلەر) ئىسلاھ قىلىشنى خالىسا، بۇنىڭ ئىچىدە (ئىددىت مەزگىلىدە) ئاياللىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ئەڭ ھوقۇقلۇقتۇر» (سۈرە بەقەرە، 228-ئايەت)، يەنە: «تالاق ئىككى قېتىمدۇر، ئاندىن (ئايالنى) يا ياخشىلىق بىلەن تۇتۇپ قېلىش، ياكى ياخشىلىق بىلەن قويۇپ بېرىش كېرەك» (سۈرە بەقەرە، 229-ئايەت) ۋە «ئۇلارنىڭ (ئىددىت) مۆھلىتى تولغاندا، ئۇلارنى يا ياخشىلىق بىلەن تۇتۇپ قېلىڭلار، ياكى ياخشىلىق بىلەن ئايرىلىڭلار» (سۈرە تالاق، 2-ئايەت) دېگەن سۆزلىرىدۇر.

سۈننەتتىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبنى ئۆمەرنىڭ ۋەقەسىدە: «ئۇنىڭغا ئېيتقىن، ئايالىغا رۇجۇئ قىلسۇن (يانىسۇن)» دېگەن سۆزىدۇر. شۇنداقلا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى تالاق قىلىپ، كېيىن قايتا يانغان (رۇجۇئ قىلغان).

ئىجمائتىن: ئىبنى مۇنزىر مۇنداق دەيدۇ: «ئالىملار شۇنىڭغا ئىتتىپاق كەلدىكى، ئەركىن كىشى ئايالىنى بىر ياكى ئىككى تالاق قىلسا، قۇل كىشى بىر تالاق قىلسا، ئىددىت مەزگىلىدە يېنىش (رۇجۇئ قىلىش) ھوقۇقى بار.»

بۇنىڭدىكى ھېكمەت: ئەر كىشى تالاق قىلىپ پۇشايمان قىلسا، قايتا ئويلىنىپ تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىشتۇر. بۇ ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە بولغان رەھمىتىدۇر.

رۇجۇئنىڭ سەھىھ بولۇش شەرتلىرى:

تالاق سانى تولۇق بولماسلىقى كېرەك: يەنى ئەركىن ئەر ئۈچىنچى تالاقنى، قۇل ئىككىنچى تالاقنى قىلمىغان بولۇشى شەرت. ئەگەر تالاق سانى تولۇق بولسا، ئايال باشقا بىر ئەرگە ھەقىقىي نىكاھلىنىپ ئاجراشمىغىچە، بىرىنچى ئەرگە ھالال بولمايدۇ.

جىنسىي يېقىنچىلىق قىلىنغان بولۇشى شەرت: ئەگەر تويدىن كېيىن يېقىنچىلىق قىلماي تۇرۇپ تالاق قىلسا، رۇجۇئ قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئايالنىڭ ئىددىتى بولمايدۇ.

تالاق بەدەل ئالماي قىلىنغان بولۇشى شەرت: ئەگەر ئايال مال بېرىپ ئاجراشقان بولسا (خۇلئى)، ئەر يېڭى نىكاھسىز ۋە ئايالنىڭ رازىلىقىسىز يېنىشالمايدۇ.

نىكاھ ئەسلىدىن سەھىھ بولۇشى شەرت: ئەگەر بۇزۇق (پاسىد) نىكاھتا تالاق قىلغان بولسا، رۇجۇئ قىلىشقا بولمايدۇ.

رۇجۇئ ئىددىت مەزگىلىدە بولۇشى شەرت: ئاللاھ تائالانىڭ «بۇنىڭ ئىچىدە (ئىددىتتە) قايتۇرۇشقا ھوقۇقلۇقتۇر» دېگەن سۆزىگە ئاساسەن.

رۇجۇئ جەزمىي بولۇشى شەرت: «ئەگەر پالانى ئىش بولسا يېنىمەن» دېگەندەك شەرتلىك بولسا ساھىھ بولمايدۇ.

رۇجۇئدا «ئىسلاھ قىلىش» نى مەقسەت قىلىش شەرتتۇ؟
بەزى ئالىملار: «بۇ شەرت، چۈنكى ئاللاھ <ئەگەر ئىسلاھ قىلىشنى خالىسا> دېدى» دەيدۇ. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە: «پەقەت ئىسلاھ قىلىشنى ۋە ياخشىلىق بىلەن تۇتۇشنى مەقسەت قىلغان كىشىنىڭلا يېنىشىغا يول قويۇلىدۇ» دېگەن. يەنە بەزىلەر: «بۇ شەرت ئەمەس، ئايەت پەقەت ئىسلاھقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈندۇر» دەيدۇ. ئەمما بىرىنچى قاراش تېخىمۇ كۈچلۈكتۇر.

رۇجۇئ قانداق بولىدۇ؟

سۆز بىلەن: «ئايالىمغا رۇجۇئ قىلدىم»، «ئۇنى قايتۇردۇم»، «ئۇنى تۇتۇپ قالدىم» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن بولىدۇ.

ئەمەل بىلەن: ئەگەر ئەر يېنىشنى نىيەت قىلىپ يېقىنچىلىق قىلسا، توغرا قاراش بويىچە رۇجۇئ ھاسىل بولىدۇ.

رۇجۇئ قىلغاندا گۇۋاھچى تۇرغۇزۇش سۈننەت، بەزى ئالىملار (ئىمام ئەھمەدتىن كەلگەن بىر رىۋايەت بويىچە) ۋاجىپ دەيدۇ. شەيخ تەقىييۇددىن: «يوشۇرۇن قىلىنغان رۇجۇئ ھېچقانداق ئەھۋالدا سەھىھ بولمايدۇ» دېگەن.

رۇجۇئ تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ھۆكمى:
ئىددىت مەزگىلىدىكى ئايال يەنىلا ئايالى ھېسابلىنىدۇ. نەپىقە، كىيىم-كېچەك ۋە تۇرالغۇ بېرىلىدۇ. ئايال يولدىشى ئۈچۈن قايتا يانسۇن دەپ (يەنى يېنىشىۋېلىش مەقسىتىدە) زىننەتلىنىدۇ. بىرى ئۆلۈپ كەتسە يەنە بىرى مىراسخور بولىدۇ. ئەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە ساياھەت قىلسا، خالۋەتتە قالسا ۋە يېقىنچىلىق قىلسا بولىۋېرىدۇ.

رۇجۇئ ۋاقتى قاچان تۈگەيدۇ؟
ئىددىت تۈگىگەن ھامان يېنىش ھوقۇقى تۈگەيدۇ. ئەگەر ئايال ئۈچىنچى ھەيزدىن پاك بولسا، يېڭى نىكاھ، ۋەلىي ۋە گۇۋاھچىلارسىز يېنىشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئۈچىنچى تالاق قىلىنغان بولسا، ئايال باشقا بىر ئەرگە ھەقىقىي نىكاھلىنىپ، جىنسىي يېقىنچىلىق قىلىنغاندىن كېيىن ئاجراشمىغىچە بىرىنچى ئەرگە ھالال بولمايدۇ.

ئىبنى قەييىم مۇنداق دەيدۇ: «ئۈچىنچى تالاقتىن كېيىن باشقا ئەرگە تېگىپ ئاندىن بىرىنچىسىگە ھالال بولۇشى ئاللاھنىڭ كاتتا نېئمىتىدۇر. تەۋرات شەرىئىتىدە تالاق قىلىنغان ئايال باشقىغا تەگسە بىرىنچىسىگە مەڭگۈ ھالال بولمايتتى، ئىنجىلدا بولسا تالاق تامامەن چەكلەنگەن ئىدى. بىزنىڭ شەرىئىتىمىز ئەڭ مۇكەممەل بولۇپ، بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەيدۇ.»

ئەسكەرتىش: ئىككىنچى ئەر بىلەن بولغان نىكاھ جەزمەن ھەقىقىي «رىغبەت نىكاھى» بولۇشى شەرت، پەقەت بىرىنچى ئەرگە ھالال قىلىش ئۈچۈنلا قىلىنغان سۈنئىي نىكاھ (ھالاللاپ بېرىش) بولسا، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئارىيەت ئېلىنغان تېكە» دەپ ئاتىغاندەك ھارام ۋە باتىل نىكاھتۇر. بۇنىڭ بىلەن ئايال بىرىنچى ئەرگە ھالال بولمايدۇ. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر. — مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلپ تارقاتتى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ