كىشىنى كاپىر قىلىدىغان ئون ئىش | ئىمام ئىبنى باز

كىشىنى كاپىر قىلىدىغان ئون ئىش

ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ -ۋاپاتى: ھ 1420، م 1999

فۇرقان دەئۋەت مەركىزى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

mujtehid.com

ئالەملەرنىڭ پەرۋەرىگارى ئاللاھقا ھەمدۇ-سانالار بولسۇن. ئاخىر زامان پەيغەمبىرى، پەيغەمبىرىمىز،  يولباشچىمىز مۇھەممەدسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە دۇرت ۋە سالاملار بولسۇن. ئۇ زاتنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە ئۇ زاتقا ئەگەشكەن بارلىق مۆئمىن مۇسۇلمانلارغا سالاملار بولسۇن.
ئىي مۇسۇلمان قېرىندىشىم! سىزنى ئسىلامدىن چىقىرىپ كاپىر قىلىدىغان تۆۋەندىكى ئون ئىشتىن ئاگاھ بولۇشىڭىزنى سورايمەن.
[1] ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش.(مەخلۇقاتنى ئىدارە قىلىشتا، رىزىق بېرىشتە، ئىنسانلارغا ياخشىلىق ۋە يامانلىق چۈشۈرۈشتە ۋە باشقا بارلىق ئىشلاردا ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بار دەپ ئېتىقاد قىلىش، مەۋجۇت بولمىغان، ئىنسانلار ئۆزى ئويلاپ چىقىرىۋالغان يالغان ئىلاھلارنى ئاللاھنىڭ شېرىكى دەپ ئەقىدە باغلاش.) ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:« كىمكى اﷲ غا شېرىك كەلتۈرىدىكەن (يەنى اﷲ دىن غەيرىيگە ئىلاھ دەپ ئىتىقاد قىلىدىكەن)، اﷲ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ، زالىملارغا ھېچبىر مەدەتكار (يەنى اﷲ نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى) بولمايدۇ»-سۈرەمائىدە، 72-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى
ئۆلۈكلەرگە تېۋىنىش، ئۇلاردىن ياردەم، مەدەت تىلەش(ياكى پالانچىنىڭ روھى يۆلىدى دەپ ئېتىقاد قىلىش-تەرجىماندىن)،ئۇلارغا ئاتاپ سوۋغا سالام تەييارلاش، مال سويۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتۇر. (كىمدە بۇلاردىن بىرەرسى تېپىلىدىكەن، شەرىئەتتە، ئاللاھنىڭ ھۆكمىدە، مۆئمىنلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ كاپىردۇر)
[2] ئاللاھ بىلەن ئۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ۋاسىتە قويۇش. ئۇنىڭغا(ياكى ئۇلارغا) (يەنى ئۆزى بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرىسدا ۋاسىتە قىلىۋالغان ئاشۇ كىشىگە(كىشىلەرگە) ياكى نەرسىگە-نەرسىلەرگە) دۇئا قىلىش. ئۇنىڭدىن(ياكى ئۇلاردىن) ئاللاھ ئالدىدا شاپائەت تىلەش، شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ ئالدىدا ئۇ(ياكى ئۇلار) ئۆزىگە پايدا كەلتۈرەلەيدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىشكىشىنى كاپىر قىلىدۇ.
[3] كىمكى مۇشرىكنىڭ مۇشرىكلىكىنى تەستىقلىماستىن، ئۇنىڭدا ئىمان بار دەپ ئىشەنسە، مۇشرىكنىڭ مۇشرىكلىكىدىنشەك قىلىپ، ئۇنى مۇشرىك ئەمەس دېسە، مۇشرىكنىڭ مۇشرىكلىكىنى توغرا دەپ تەستىقلىسا، شۇنداق قىلغان كىشىنىڭ ئۆزى ئىسلامدىن چىقىپ كېتىدۇ.
[4] مەلۇم بىر يول ياكى مەلۇم بىر ھۆكۈم پەيغەمبەرلەرنىڭ يولىدىن ياكى ھۆكۈمىدىن توغرا ھەم مۇكەممەل دەپ تەستىقلىسا، شۇنداق كىشى جەزمەن كاپىردۇر. باشقا يولنى پەيغەمبەرنىڭ يولىدىن ياخشى دەپ شەيتانىي يوللارغا مايىل بولغىچىلارنىڭ كونكېرت ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە:
ئا) ئىنسان تۈزگەن قانۇن ئىسلام شەرىئىتىدىن ياخشى دەپ ئىشىنىش. مەسىلەن،ئىسلام شەرىئىتى 20-ئەسىرگە(21-ئەسرىگە) ماس كەلمەيدۇ؛ ئىسلام مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دېيىش. ياكى ئىسلام ئاللاھ بىلەنمۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت سېستىمىسى، ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتقا(ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا) تەدبىقلىنىشى ناتوغرا دەپ بىلىش. 

ئە) «گۇناھكارنىڭ جازاسىنى ئاللاھ بېرىدۇ. ئوغرىنىڭ قولىنى كېسىش، (ھالال جۈپتى تۇرۇپ زىنا قىلغان)زىناخورنى تاش-بوران قىلىش بۇ ئاي-بۇ كۈنلەرگە ماس كەلمەيدۇ» دېيىش.

ب) ئىش-ھادىسلەر ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىش، جازالاش ۋە باشقا ئىشلارنى ئىسلام شەرىئىتىدە كۆرسىتىلمىگەن بىر يول بىلەن ئورۇنداشنى يوللۇق دەپ تەستىقلاش. گەرچە باشقا قانۇن تۈزۈملەرنى ئىسلام شەرىئىتىدىن ئەلا دەپ بىلمىسىۇ، لېكىن شەرىئەتتە چەكلەنگەن زىناخورلۇق، ھاراقخورلۇق، جازانىخورلۇق قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھاراملىقىغا ئىقرار قىلماستىن، شۇلارنى يوللۇق دەپ ئېتىراپ قىلىش. ئۆلىمالارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن، بۇنداق كىشى كاپىر ھېسابلىنىدۇ.

[5] رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھالال ھۆكۈم قىلغان مەلۇم بىر ئىشنى ھالال سانىغان، لېكىن ئۇنىڭ ھالال بولۇپ قالغىندىن يىرگەنگەن كىشى ھەم ئىسلامدىن چىقىپ كېتىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:
«بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى ئۇلار اﷲ نازىل قىلغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) يامان كۆرۈش بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى بەربات قىلىدۇ»(47-سۈرە مۇھەممەد،9-ئايەت)

[6] كىمكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دىنىنى، ئۇ زات كۆرسەتكەن جازا ۋە مۇكاپاتلارنى مەسخىرە قىلىدىكەن، ئۇ كاپىردۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:
««سىلەر اﷲ نىڭ دىنىنى، اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى (يەنى كىتابنى) ۋە اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ؟» دېگىن. سىلەر (يالغان قەسەم ئىچىپ) ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن، (پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىش بىلەن) كاپىر بولدۇڭلار»-9-سۈرە تەۋبە،65-66-ئايەتلەر

[7] سېھرىگەرلىك(سېرىكچىلىك ياكى داخانلىق) قىلىش. ئىسسىتقۇ-سوۋۇتقۇ قىلىش.(ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدا ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىش، بالىنى ئاتىسىغا، قېرىناشلارنى بىر-بىرىگە ئۆچ قىلىۋېتىش…. ياكى بىرىنىڭ كۆڭلىنى باشقا بىر يوچۇن ئادەمگە مايىل قىلىپ قويۇش..دېگەندەك). ياكى بىر كىشى قىلىشنى خالىمايدىغان ئىشنى سېھىر ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۇ ئىشقا مايىل قىلىپ قويۇش. يۇقارقىدەك ئىشلارنى قىلغۇچى ھەم، قىلغۇزغۇچى ھەم ئىسلامدى نچىقىپ كاپىر بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:
«سۇلايمان(سېھرىگەر بولغىنى ۋە سېھىر ئۆگىنىش بىلەن) كاپىر بولغىنى يوق، لىكىن شەيتانلار كىشىلەرگە سېھىر ئۆگىتىپكاپىربولدى، ئۇلار بابىلدىكى ھارۇت- مارۇت دىگەن ئىككى پەرىشتىگە نازىل بولغان سېھىرنى ئۆگىتەتتى. (بۇ ئىككى پەرىشتە)بىز كىشىلەرنى سىنايمىز، كاپىر بولمىغىن، دىمىگىچە ھىچ كىشىگە ئۆگەتمەيتتى. ئۇلار بۇ ئىككىسىدىن ئەر-خوتۇننى بىر-بىرىدىن ئايرىۋىتىدىغان نەرسىلەرنى (يەنى سېھىرگەرلىكنى) ئۆگىنەتتى»(2-سۈرە بەقەرە، 102-ئايەت)

[8] مۇسۇلمانلارغا قارشى ھالدا مۇشرىكلارنى قوللاش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش. ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۆمىنلەر! يەھۇدىي ۋە ناسارالارنى دوست تۇتماڭلار. ئۇلار بىر-بىرىنى دوست تۇتىدۇ. سىلەردىن كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇمۇ ئەنە شۇلاردىن سانىلىدۇ، اﷲ زالىم قەۋمنى ھەقىقەتەن ھىدايەت قىلمايدۇ.»(5:51)

[9] كىمكى مەلۇم كىشىلەر ئاللاھ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەمگە چۈشۈرگەن شەرىئەتكە ئەمەل قىلمىسىمۇ بولىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلسا ئۇ جەزمەن كاپىردۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:
 «كىمكى ئىسلام (دىنىدىن) باشقا دىننى تىكلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ(يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر.»(3-سۈرە ئال ئىمران 85-ئايەت)

[10] ئسىلام پىرىنسىپلىرىنى تامامەن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش، شەرىئەتتىن خەۋەرسىز يۈرۈش ۋە شەرىئەت بويىچە ئىش قىلماسلىق. ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:
«پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ۋەز- نەسىھەت قىلىنغان، ئاندىن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ بىز گۇناھكارلارنى چوقۇم جازالايمىز.»(32-سۈرە سەجدە، 22-ئايەت)

ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ:«كاپىرلار ئۆزلىرى ئاگاھنالدۇرۇلغان نەرسىدىن بۇرۇلۇپ كېتىدۇ.»
چاقچاق قىلىپ ياكى قورقۇنچ سەۋەبىدىن يۇقارقى ئىشلارنى قىلغان، تەستىقلىغانلار ھەم ئوخشاش ھۆكۈمدە(كاپىردۇر).

يۇقارقىدەك ئىشلارنى قىلىپ سېلىپ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ۋە جازاسىغا قېلىشتىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمىز.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ