ھامىلدار ۋە بالا ئەمدۈرۈۋاتقان ئايال تۇتالمىغان رامزان روزىسىنى قازاسىنى قىلىدۇ، فىدىيە بېرىشى بىھاجەت
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى
mujtehid.com
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن
ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، نەسائىي، ئىبنى ماجە قاتارلىق بەش مۇھەددىس ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان:((إنَّ اللهَ وضع عن المسافرِ شطرَ الصلاةِ والصومَ عن المسافرِ وعن المرضعِ والحُبلَى))«ئاللاھ تائالا مۇساپىردىن نامازنىڭ يېرىمىنى ۋە روزىنى كۆتۈرۈۋەتتى، شۇنداقلا بالا ئەمدۈرىدىغان ئايالدىن ۋە ھامىلدار ئايالدىن روزىنى كۆتۈرۈۋەتتى.» [(ئىبنى ھەجەر — تەخرىج مىشكات مەسابىھ 2\333؛ ئەلبانىي — تەخرىج مىشكات مەسابىھ 1967، سەھىھ) مۇشۇ مەزمۇندىكى ھەدىس يەنە (سەھىھ ئىبنى ماجە 1361؛ سەھىھ ئەبۇ داۋۇد 2408؛ ۋادىئى—سەھىھ مۇسنەد ئەھمەد 74) قاتارلىقلارمۇ ئۆز كىتابلىرىدا نەقىل قىلغان ۋە بۇ ھەدىسنى تەكشۈرگەن ئەلبانىي قاتارلىق مۇھەددىسلەر ھەدىسنى سەھىھ دېگەن)]
ئىمام بۇخارى باشچىلىقىدىكى مەشھۇر ھەدىس كىتابلىرىنىڭ مۇھەددىسلىرىمۇ ھەدىس كىتابلىرىغا ھامىلدار ۋە بالا ئەمدۈرۈۋاتقان ئايال تۇتالمىغان رامزان روزىسىنى قازاسىنى قىلىدىغانلىقىغا ئىشارە قىلىدىغان ماۋزۇلارنى قويغان.
ھەدىستىن ئوچۇق ئايان بولغىنىدەك، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بالا ئەمدۈرۈۋاتقان ئايال بىلەن ھامىلدار ئايالنىڭ روزىسىنى مۇساپىرنىڭ روزىسى بىلەن ئوخشاش ھۆكۈم ئاستىدا تىلغا ئالدى. يەنى، مۇساپىرنىڭ سەپەردە تۇتالمىغان روزىسىنى كېيىنكى كۈنلەردە تولۇقلاپ تۇتۇشى قۇرئاندىلا ئوچۇق بايان قىلىنغان مەسىلە. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:{فَمَن كَانَ مِنكُم مَّرِيضًا أَوْ عَلَى سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَ} «سىلەردىن كىم كېسەل بولۇپ قالغان، ياكى سەپەر ئۈستىدە بولغان بولسا، تۇتالمىغان روزىسىنى باشقا كۈندە تۇتىدۇ.» (بەقەرە سۈرىسى، 184-ئايەت)
رەسۇلۇللاھتىن مۇئەييەن بىر مەزمۇندا سەھىھ ھالەتتە بىزگىچە يېتىپ كەلگەن بىر ھەدىس بىلەن ساھابىلەردىن شۇ مەزمۇندا بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئەسەردىكى ھۆكۈم بىردەك بولمىسا، ئۇ ھالدا بىزگە چۈشكىنى رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكمىنى تۇتۇشتۇر. ساھابىلەرنىڭ سەھىھلىكى ئىسپاتلانغان سۆزى دىندا ھۆججەت. ئەمما، ھۆججەت بولۇشنىڭ شەرتى رەسۇلۇللاھنىڭ شۇ مەزمۇندىكى سۆزىگە زىت ياكى بىردەك ئەمەس بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. رەسۇلۇللاھنىڭ ئېيتقانلىقى ئېنىقلا بولغان سۆز ئىكەن، ئۇ سۆز رەت قىلىنمايدۇ، شەرتسىز قوبۇل قىلىنىدۇ. ساھابىنىڭ سۆزى رەسۇلۇللاھنىڭكى بىلەن زىت بولمىغان تەقدىردە، ياكى باشقا ساھابىلەر تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنمىغان تەقدىردە قوبۇل قىلىنىدۇ. ئەكسىچە بولسا، رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكمىنىڭ ئۈستىگە ساھابىلەرنىڭ ھۆكمىنى چىقىرىۋېلىش توغرا بولمايدۇ. مۇشۇ ھامىلدار ۋە قۇچىقىدا بالىسى بار ئايالنىڭ روزا تۇتۇشى مەسىلىسىدىكىدەك، ساھابىنىڭ سۆزى رەسۇلۇللاھنىڭكى بىلەن بىردەك بولمىسا، ساھابىنىڭ سۆزىنى ئەمەس، رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىنى تۇتىمىز. ھەم ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بىلەن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ بۇ ھەقتىكى ھۆكمى راشىد خەلىپە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭكى بىلەن بىردەك ئەمەسلىكى، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭكى بىلەن ئوخشاشلىقى سۆزلىنىدۇ.
بۇ سەۋەبلىك، تۆت ئىمام بالا ئەمگۈزۈۋاتقان ئايال بىلەن ھامىلدار ئايالنىڭ روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىدىغانلىقىدا ئىتتىپاق. بۇلاردىن ئۈچى، يەنى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، شافىي ۋە ئەھمەد قازاسىنى قىلسا يېتەرلىك، فىديە بېرىش ھاجەت ئەمەس دېدى. ئىمام مالىك بولسا، قازاسىنى قىلىشتىن باشقا، تۇتالمىغان ھەر بىر كۈنى ئۈچۈن ئارپا ياكى خورما دېگەنلەردىن بىر مۇدتىن فىدىيە بېرىدۇ دېدى. بۇنىڭدىن ئايدىڭ بولىدۇكى، تۆت ئىمام بۇ ھالەتتىكى ئاياللارنىڭ كېيىن روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىدىغانلىقى بىردەك ئىتتىپاق. ئەمما، قازاسىنىمۇ قىلىدۇ، فىدىيەمۇ بېرىدۇ دېگەن قاراشتا ئىتتىپاق ئەمەس، بۇ ئىمام مالىكقا خاس.
بۇ قاراشنى تۇتقان سەلەپ ۋە خەلەپ ئالىملىرى بالا ئەمدۈرۈۋاتقان ۋە ھامىلدار ئايالنى كېسەلنىڭ ھۆكمىدە دەپ بىلىدۇ. ۋە ئاللاھنىڭ مۇنۇ ئايىتىنى دەلىل قىلىدۇ:{فَمَن كَانَ مِنكُم مَّرِيضًا أَوْ عَلَى سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَ} «سىلەردىن كىم كېسەل بولۇپ قالغان، ياكى سەپەر ئۈستىدە بولغان بولسا، تۇتالمىغان روزىسىنى باشقا كۈندە تۇتىدۇ.» (بەقەرە سۈرىسى، 184-ئايەت) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇ ھەقتىكى «ئاللاھ تائالا مۇساپىردىن نامازنىڭ يېرىمىنى ۋە روزىنى كۆتۈرۈۋەتتى، شۇنداقلا بالا ئەمدۈرىدىغان ئايالدىن ۋە ھامىلدار ئايالدىن روزىنى كۆتۈرۈۋەتتى» دېگەن ھەدىسىمۇ مۇشۇ ئايەتنى ئىزاھلايدۇ دېيىشىدۇ. بالا ئەمدۈرۈۋاتقان ۋە ھامىلدار ئايالنىڭ تۇتالمىغان روزىسىنىڭ كېيىن قازاسىنى قىلىشى ئايەت ھەدىستىكى بىلەن بىردەك ھالدا، سەلەپ زامانىدىكى ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر ئارىسىدىكى كۆپ سانلىق ئالىملارنىڭ ھۆكمى.
ئەللامە ئىبنى باز مۇنداق دېگەن:«ھامىلدار ئايال بىلەن بالا ئەمدۈرۈۋاتقان ئايالنىڭ روزا جەھەتتىكى ھۆكمى كېسەلنىڭ ھۆكمى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بۇنداق ئاياللارغا روزا تۇتۇشتا مۇشەققەت بولسا، روزا تۇتماسلىقىغا شەرىئەتتە رۇخسەت قىلىنغان. بۇنداق ئاياللار كېسەلگە ئوخشاش قۇدرىتى يەتكەن چاغدا تۇتالمىغان روزىسىنى قازاسىنى قىلىدۇ. ئەھلى ئىلىمدىن بەزىسى بۇنداق ئاياللارنىڭ تۇتالمىغان ھەر بىر كۈنى ئۈچۈن مىسكىنگە تاماق بېرىشى يېتەرلىك (قازاسىنى قىلمايدۇ) دەپ قارىغان. ئەمما، بۇ ئاجىز قاراشتۇر. توغرىسى، بۇ خىلدىكى ئاياللارنىڭ مۇساپىر ۋە كېسەلگە ئوخشاش تۇتالمىغان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشىدۇر. ئاللاھ مۇنداق دېگەن:{فَمَن كَانَ مِنكُم مَّرِيضًا أَوْ عَلَى سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَ} «سىلەردىن كىم كېسەل بولۇپ قالغان، ياكى سەپەر ئۈستىدە بولغان بولسا، تۇتالمىغان روزىسىنى باشقا كۈندە تۇتىدۇ.» (بەقەرە سۈرىسى، 184-ئايەت) بۇنىڭغا ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنۇ سۆزىمۇ دەلىل بولىدۇ، ئۇ دەيدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن ((إنَّ اللهَ وضع عن المسافرِ شطرَ الصلاةِ والصومَ عن المسافرِ وعن المرضعِ والحُبلَى))«ئاللاھ تائالا مۇساپىردىن نامازنىڭ يېرىمىنى ۋە روزىنى كۆتۈرۈۋەتتى، شۇنداقلا بالا ئەمدۈرىدىغان ئايالدىن ۋە ھامىلدار ئايالدىن روزىنى كۆتۈرۈۋەتتى.» [(ئىبنى ھەجەر — تەخرىج مىشكات مەسابىھ 2\333؛ ئەلبانىي — تەخرىج مىشكات مەسابىھ 1967، سەھىھ) مۇشۇ مەزمۇندىكى ھەدىس يەنە (سەھىھ ئىبنى ماجە 1361؛ سەھىھ ئەبۇ داۋۇد 2408؛ ۋادىئى—سەھىھ مۇسنەد ئەھمەد 74) قاتارلىقلارمۇ ئۆز كىتابلىرىدا نەقىل قىلغان ۋە بۇ ھەدىسنى تەكشۈرگەن ئەلبانىي قاتارلىق مۇھەددىسلەر ھەدىسنى سەھىھ دېگەن)] (مجموع فتاوى ومقالات الشيخ ابن باز 15/ 224)
بۇ ھەقتىكى دەلىللەردىن قارىغاندا، توغرا ھۆكۈم ھامىلدار ۋە بالا ئەمگۈزۈۋاتقان ئاياللارنىڭ تۇتالمىغان روزىسىنىڭ قازاسىنى كېيىن قىلىدۇ، فىدىيە بەرمەيدۇ.
بۇنى كۈچلەندۈرىدىغان يەنە بىر دەلىل بار، ئۇ بولسىمۇ رەسۇلۇللاھ ئاياللارنىڭ دىنى چالا ئىكەنلىكىنى بايان قىلغاندا، ساھابە ئاياللار سەۋەبىنى سورىغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇنىڭغا «چۈنكى، سىلەر ھەيزدار ھالەتتە ناماز ئوقۇمايسىلەر ئەمەسمۇ» دېگەن مەزمۇندا جاۋاب بەرگەن. ھامىلدار ياكى بالا ئەمدۈرۈۋاتقان بولساڭلار روزا تۇتمايسىلەر ئەمەسمۇ دېمىگەن. ھەيزدار ئايالنىڭ نامازا ئوقۇمايدىغانلىقى ۋە كېيىنكى چاغدا قازاسىنى قىلمايدىغانلىقى ئەھلى سۈننەت مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا ئىتتىپاققا كەلگەن مەسىلە. ئەگەر، ئىسلام شەرىئىتىدە ھامىلدار ۋە بالا ئەمگۈزىدىغان ئايالنىڭ روزا تۇتمايدىغانلىقى ۋە ھەيزدار ئايالنىڭ ئوقۇمىغان نامىزىنىڭ قازاسىنى قىلمايدىغاندەك روزىسىنىڭمۇ قازاسىنى قىلمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن بولسا، ئۇ ھالدا رەسۇلۇللاھ ئاياللارنىڭ دىنى كاملىق سەۋەبىنى بايان قىلغاندا ھەيزدار بولۇپ قالغاندا ناماز ئوقۇمايدىغانلىقىدىن سىرت، ھامىلدار ياكى بالا ئېمىتىۋاتقان ئايالنىڭ روزا تۇتمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان بولاتتى. بۇ جەھەتتىنمۇ، بۇ خىلدىكى ئايالنىڭ قازاسىنى قىلىدىغانلىقى بىلنىشىدۇ.
بەزى كىشىلەرنىڭ دېگىنىدەك، «ھامىلدار ياكى بالا ئەمدۈرۈۋاتقان ئايال ئۆزىنىڭ سالامەتلىكى ياكى بالىنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرىسە، رامزان روزىسىدىن تۇتماي، تۇتالمىغان كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىۋالىدۇ» دېگەن ھۆكۈم بەزىلەرنىڭ دېگىنىدەك ئۆلىمالار ئىجتىھاد قىلىپلا دەۋالغان، «ئاساسى يوق گەپ» بولماستىن، مەشھۇر ساھابە ئىبنى ئابباس مۇشۇنداق دېگەن.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھ تائالانىڭ: وَعَلَى الَّذِينَ يُطِيقُونَهُ فِدْيَةٌ طَعَامُ مِسْكِينٍتەرجىمىسى: روزىنى (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، كۈنلۈكى ئۈچۈن بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىدىيە بېرىشى لازىم دېگەن ئايىتىنى چۇشەندۇرۇپ «گەرچە روزا تۇتۇشقا قادىر بولالىسىمۇ ياشانغان بوۋاي-مومايلارغا روزا تۇتماستىن ھەر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن بىر مىسكىنگە تويغۇدەك يېمەك بېرىشكە رۇخسەت قېلىنغان. بالا ئېمىتكۈچى ياكى ھامىلدار ئايال بالىنىڭ ياكى تۆرەلمىنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرىسە، ئۇلارغىمۇ روزا تۇتماي ھەر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن بىر مىسكىنگە يېمەك بېرىشكە رۇخسەت قېلىنغان.» [ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى2317-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى «ئىرۋائۇل غەلىل» ناملىق ئەسەردە سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن].
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى
Mujtehid.com
Post Views: 18
شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ