رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار. دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ھەر قانداق ئىش بىدئەتتۇر، ھەر قانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر.» mujtehid.com [سنن أبو داود السنة (4607) ، مسند أحمد بن حنبل (4/127) ، سنن الدارمي المقدمة (95).]
ئىمام شافىي، ئىمام ئەھمەد ۋە ئىمام بۇخارىنىڭ زاماندىشى، مەشھۇر ھەدىس ئالىمى ئەھمەد ئىبنى سىنان (ھ 171-256) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «لَيْسَ فِي الدُّنْيا مُبْتَدِعٌ إلّا وهُوَ يُبْغِضُ أهْلَ الحَدِيثِ فَإذا ابْتَدَعَ الرَّجُلُ نُزِعَ حَلاوَةُ الحَدِيثِ مِن قَلْبِهِ»«دۇنيادا ئەھلى ھەدىسنى پەقەت بىدئەتچىلا ئۆچ كۆرىدۇ. كىشى بىدئەت پەيدا قىلسا، ئۇنىڭ قەلبىدىن ھەدىسنىڭ لەززىتى تارتىۋېلىنىدۇ.» mujtehid.com (شرف أصحاب الحديث للخطيب، معرفة علوم الحديث للحاكم ١/٤، شرح لامية ابن تيمية ٢/٢٤)
ئىمام ئىبنى تەيمىييە مۇنداق دېگەن: ئەھلى بىدئەت تولىمۇ ئوچۇق ۋە كەڭ تارقالغان سۈننەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىلاپلىق قىلىدۇ. mujtehid.com (ئىبنى تەيمىييە مەجمۇئۇل فەتاۋا 19-71)
· ئىمام فۇزەيل ئىبنى ئىيازرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىر بىدئەت ئەھلىنى ياخشى كۆرسە، ئاللاھ ئۇنىڭ ئەمىلىنى يوق قىلىپ، ئۇنىڭ قەلبىدىن ئىسلامنىڭ نۇرىنى چىقىرىۋالىدۇ.» mujtehid.com (ئىمام بەربەھارى-شەرھۇس سۇننە،194-نومۇر)
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە مۇنداق دېگەن: ئاللاھ ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان ئىش — بىدئەتتۇر. mujtehid.com (شرح العمدة في الفقه ٣\٦٠٢)
· ئىمام فۇزەيل ئىبنى ئىيازرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بىر بەندىسىنىڭ بىدئەتچىنى ئۆچ كۆرگىنىنى بىلسە، ئەمىلى ئاز بولغان تەقدىردىمۇ بۇ بەندىسىنى مەغفىرەت قىلىۋېتىدۇ.» mujtehid.com (ئىمام بەربەھارى-شەرھۇس سۇننە،199-نومۇر)
سەلەپ ئىماملىرىدىن يەھيا ئىبنى ئەبى ئۆمەر شەيبانى مۇنداق دېگەن: ئاللاھ بىدئەتچىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ. بىدئەتچى بىر بىدئەتنى تاشلىسا، ئۇنىڭدىنمۇ قەبىھ بىدئەتكە كۆچىدۇ. mujtehid.com (الاعتصام للشاطبي 99)
· تابىئىن ئىمام فۇزەيل ئىبنى ئىيازرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «سۈننەت ئەھلىدىن بىرىنىڭ بىدئەت ئەھلىگە ياردەم بېرىشى پەقەتلا نىپاق سەۋەبىدىن بولىدۇ.» mujtehid.com (ئىمام بەربەھارى-شەرھۇس سۇننە 199-نومۇر؛ ئەلئىبانە 429، لالىكائى-ئەھلى سۈننەت ئېتىقادى،266-نومۇر)
· ئىمام فۇزەيل ئىبنى ئىيازرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«كىمكى يۈزىنى بىدئەت ئەھلىدىن يۈز ئۆرۈسە، ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمان بىلەن تولدۇرىدۇ.» mujtehid.com (ئىمام بەربەھارى-شەرھۇس سۇننە، 199-نومۇر)
ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بىدئەتچى بىلەن بىر يەردە بولما، چۈنكى بىدئەتچى قەلبىڭنى كېسەل قىلىدۇ. mujtehid.com (الاعتصام للشاطبي 97)
ئىبنى ۋەدداھ رەھىمەھۇللاھ تابىئىن ئىمام ھەسەن بەسرىي رەھىمەھۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: بىدئەتچى قانچىلىك كۆپ ناماز ئوقۇشقا ۋە روزا تۇتۇشقا تىرىشقانسېرى، ئاللاھتىن شۇنچە ئۇزاقلىشىدۇ. mujtehid.com (الاعتصام للشاطبي 96)
· ئىمام فۇزەيل ئىبنى ئىياز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىدئەت ئەھلىنىڭ دەككىسىنى بەرسە، ئاللاھ ئۇنى ئەڭ بۈيۈك دەھشەت كۈنى (قىيامەت كۈنىدە) خاتىرجەم قىلىدۇ.» mujtehid.com (ئىمام بەربەھارى-شەرھۇس سۇننە،199-نومۇر)
· تابىئىن ئىمام فۇزەيل ئىبنى ئىيازرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىدئەت ئەھلىگە ئاھانەت قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ جەننەتتىكى دەرىجىسىنى يۈز دەرىجە كۆتۈرىدۇ.» mujtehid.com (ئىمام بەربەھارى-شەرھۇس سۇننە،199-نومۇر)
تابىئىن ئىمام يەھيا ئەبۇ كەسىر مۇنداق دېگەن: بىدئەتچى بىلەن بىر يولدا مېڭىپ قالساڭ (يولۇڭنى ئۆزگەرتىپ) دەرھال باشقا يولدىن ماڭ. mujtehid.com (الاعتصام للشاطبي 98)
ئىمام سۇفيان سەۋرى مۇنداق دېگەن: بىدئەت شەيتانغا گۇناھتىنمۇ بەك سۈيۈمۈكتۇر. چۈنكى: گۇناھ تەرك ئېتىلىدۇ، ئەمما بىدئەت (ئاسانلىقچە) تەرك ئېتىلمەيدۇ. mujtehid.com (ئىمام ئىبنى جەۋزى: تەلبىسۇل ئىبلىس) * يەنى گۇناھ قىلغان كىشى مەن بىر گۇناھ قىلدىم دەپ ھامان بىر كۈنى ئۇ گۇناھىدىن يېنىشى مۇمكىن. بىدئەتچى — مەن ياخشى ئىش قىلىۋاتىمەن دەپ بىدئىتىدە تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. تاكى بىدئەتچى ھەقنى ئىزدەپ، ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەقنى ئۆگتىدىغان بىر ھەمراھنى ياكى دەۋەتچىنى نېسىپ قىلغانغا قەدەر.
· ئىمام ئەھمەدنىڭ دەۋردىشى، بۈيۈك ئالىم بىشىر ئەلھارىس مۇنداق دېگەن: «ئىسلام سۈننەتتۇر، سۈننەت بولسا ئىسلامدۇر.» mujtehid.com (ئىمام بەربەھارى-شەرھۇس سۇننە،184-نومۇر)
ئىبنى ۋەھىب رەھىمەھۇللاھ تابىئىن ئالىم ئەبۇ ئىدرىس ھەۋلانى رەھىمەللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: مەسجىدنى ئۆچۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئوت كەتكەن ھالەتتە كۆرۈشۈم، مەسجىدتە تۈزەتكىلى بولمايدىغان بىر بىدئەتنى كۆرۈشۈمدىن ياخشىراقتۇر. mujtehid.com (الاعتصام للشاطبي 96)
ئىبنى سىرىن ھاۋايى-ھەۋىسىگە ئەگىشىدىغان كىشىلەرنىڭ ئەڭ تېز دىندىن چىقىپ كېتىدىغان كىشىلەر دەپ قارىغان. بۇنى ئىمام ئاجۇرىي نەقىل قىلغان. mujtehid.com (الاعتصام للشاطبي 98)
تابىئىن ئىمام ئەبۇ بەكر ئىبنى ئەيياش رەھىمەھۇللاھتىن «ئى ئەبۇ بەكرى! سۈننەت ئەھلى كىمدۇر؟» دەپ سورىۋىدى، «باشقا ھېچبىر ئىشقا ھاۋايى-ھەۋىسىگە ئەگىشىدىغانلارغا غەزەپ قىلغاندەك غەزەپ قىلمايدىغان كىشىدۇر» دېدى. mujtehid.com (الاعتصام للشاطبي 99)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سەن ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن كىشى بىلەن بىللە بولىسەن.» mujtehid.com (بۇخارى 3688؛ مۇسلىم 2639)
ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
دەۋەتچىلەرنىڭ مەجبۇرىيىتى ھەق دىننى توغرا شەكىلدە يەتكۈزۈشتۇر، ھەقنى ئوچۇق بايان قىلىشتۇر ۋە ھەقكە دەۋەت قىلىشتۇر. ئاللاھ ئۆزى خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ. ناۋادا سەن بىدئەتچىلەرنى ياخشىلىققا، تەۋھىدكە، ئىمانغا، بىدئەتنى تەرك ئېتىشكە چاقىرساڭ، بىدئەتچىلەر بۇ چاقىرىقىڭغا ئاۋاز قوشمىسا، ئۇ ھالدا ئۇلار بىلەن مۇناسىۋىتىڭنىڭ ئۈزىسەن، ئۇلار بىلەن دوست-ھەمراھ بولمايسەن، ئۇلارنى تەرك ئېتىسەن، ئۇلارنى ئۆيۈڭگە چاقىرمايسەن، ئۇلارنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشمايسەن، چاقىرغان يېرىگە بارمايسەن. (ئۇنداق قىلساڭ) ئاقىۋەتتە ئۇلار سېنى ئۆزىنىڭ باتىل يولىغا دەۋەت قىلىدۇ. چۈنكى سەن ئۇلار بىلەن دوست بۇرادەرچىلىك، سورۇنداشلىقنى داۋام قىلىپ، چاقىرىقلىرىغا ئاۋاز قوشساڭ، ئۇلارنىڭ ئىش-ئەمەللىرىگە (باتىل يولىغا) رازى بولغان بولۇپ قالىسەن. (فتاوى الجامع الكبير >حكم مجالسة أهل البدع ومخالطتهم)
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ مۇنداق دېگەن: بىز (رەسۇلۇللاھقا) ئىتائەت قىلىمىز، (دىندا يېڭىلىق پەيدا قىلىش ئارقىلىق باشقىلارنى ئۆزىمىزگە) ئىتائەت قىلدۇرمايمىز. (رەسۇلۇللاھقا) ئەگىشىمىز، بىدئەت پەيدا قىلمايمىز. (رەسۇلۇللاھنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى بايان قىلىنغان سەھىھ) رىۋايەتلەرگە چىڭ ئېسىلغانلىكى تەقدىردە ئازمايمىز. mujtehid.com (لالىكائى: ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەتنىڭ ئېتىقادى 93)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن ئىدى:«يەھۇدىيلار يەتمىش بىر پىرقىگە، ناسارالار يەتمىش ئىككى پىرقىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. چوقۇمكى، مېنىڭ ئۈممىتىم يەتمىش ئۈچ پىرقىگە بۆلۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسىلا جەننەتتە، قالغىنى دوزاختا بولىدۇ. ئۈممىتىمدىن جەننەتكە كىرىدىغان بىر پىرقە مېنىڭ ۋە ساھابىلىرىمنىڭ يولىدا ماڭغان كىشىلەردۇر.» mujtehid.com (بۇ ئىمام ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە، ھاكىم قاتارلىق ھەدىس ئىماملىرى توپلىغان سەھىھ ھەدىستۇر.)
تابىئىن ئىمام يۇنۇس ئىبنى ئۇبەيد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئۆزىگە سۈننەت كۆرسىتىلگىنىدە غېرىپ ئۇ سۈننەتنى (ھەق دەپ) قوبۇل قىلىدۇ. ئۇنىڭدىنمۇ غېرىپراقى سۈننەتكە ئەگەشكەن كىشىدۇر. mujtehid.com (الاعتصام للشاطبي 99)
تابىئىن ئىمام فۇزەيل ئىبنى ئىياز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ھىدايەت يولىغا ئەگەشكىن، بۇ يولدا ماڭىدىغانلارنىڭ ئازلىقى ساڭا زىيان سالمايدۇ. ئازغۇنلۇق يوللىرىدىن ئۇزاق تۇر. بۇ يوللاردا ھالاك بولغانلارنىڭ كۆپلۈكى سېنى ئالداپ قويمىسۇن. mujtehid.com (الاعتصام للشاطبي 97)
ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: سۈننەتكە ئۇيغۇن ئاز ئەمەل، بىدئەت قوشۇلۇپ قالغان كۆپ ئەمەلدىن ئەۋزەلدۇر. mujtehid.com (الاعتصام للشاطبي 97)
مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:
«يَأتِي أناس يُجادلونكُم بشُبُهات القرآن؛ خُذوهُم بالسنَنِ؛ فإن أصْحابَ السّنَنِ أعْلمُ بكتِاب اللهِ» «قۇرئاندىكى مۇتەشابىھ ئايەتلەر ئارقىلىق سىلەر بىلەن مۇنازىرە قىلىشىدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەر مەيدانغا چىقىدۇ. سىلەر ئۇنداقلارنى سۈننەت بىلەن جىمىقتۇرۇڭلار. چۈنكى، سۈننەتكە ئەگەشكۈچى كىشىلەر ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان كىشىلەردۇر.» mujtehid.com (أخرجهما الإمام اللالكائي في «شرح أصول اعتقاد أهل السنة والجماعة»، وابن بطة في«الإبانة»)