مۇھەددىس ئەلبانى: دۇئادىن كېيىن يۈزنى سىيپاش ھەدىسلىرىنىڭ زەئىپلىكىنىڭ بايانى

دۇئادىن كېيىن يۈزنى سىيپاش توغرىسدا كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ زەئىپلىكىنىڭ بايانى

بۇ ماقالە 20-ئەسىردىكى مەشھۇر مۇھەددىس ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: 1999-يىلى) نىڭ «ئىرۋائۇل غەلىل» ناملىق ئەسىرىنىڭ 2-جىلد، 178~182-بەتلىرىدىن تەرجىمە قىلىندى

مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلدى

mujtehid.com

    بىرىنجى ھەدىس: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دۇئادا قوللىرىنى كۆتۈرسە، قوللىرى بىلەن يۈزىنى سىيپىمىغۇچە قوللىرىنى چۈشۈرمەيتتى.»

بۇ ھەدىس زەئىپ. بۇ ھەدىسنى تىرمىزى (2-244)، ئىبنى ئەساكىر (7-12-2) رىۋايەت قىلغان. ھەدىسنىڭ سەنەدىدە ھامماد ئىبنى ئىسا ئەل جۇھەنىي بار. (ھەدىس ھەزىرتى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تۇتىشىدۇ، ھەدىسنىڭ سەنەدى قىسقارتىلدى.)

ئىمام تىرمىزى بۇ ھەدىسنى بايان قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىس سەھىھ غەرىپتۇر. بىز بۇ ھەدىسنىڭ پەقەتلا ھامماد ئىبنى ئىيساغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بۇ ھەدىسنى يالغۇز ئۇلا رىۋايەت قىلغان. ئۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىس ئاز بولسىمۇ، كىشىلەر ئۇنىڭدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. (تىرمىزىنى باھاسى تۈگىدى)

ھالبۇكى، ئىبنى ھەجەر تەھرىبتا ئېيتقىنىدەك: بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدى ئاجىزدۇر. ئىبنى ھەجەر ھامماد ئىبنى ئىسا توغرىسىدا تەھزىبتا مۇنداق دېگەن:

يەھيا ئىبنى مەئىين ئۇنى (يەنى بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدىكى ھامماد ئىبنى ئىسانى) «شەيخۇن سالىھ»(ھەدىسى دەلىل سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنمايدىغان راۋىي) دېگەن.

ئەبۇ ھاتىم (بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدىكى ھامماد ئىبنى ئىسانى) «ھەدىسى زەئىپ» دېگەن.

ئەبۇ داۋۇد (بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدىكى ھامماد ئىبنى ئىسانى) «ئاجىز راۋىي، مۇنكەر ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلىدۇ» دېگەن. ھاكىم بىلەن نەققاش «ئۇ ئىبنى جۇرەيج ۋە جەئفەر سادىق ئارقىلىق يالغان ھەدىس رىۋايەت قىلىدۇ» دېگەن.

داراقۇتنى ئۇنى «زەئىپ راۋىي» دېگەن.

ئىبنى ھىببان «ئۇ ئىبنى جۇرەيج ۋە ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئۇمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ نامىدا خاتا يول بىلەن ھەدىس رىۋايەت قىلىدۇ. بۇ ئىلىمنى چۈشىنىدىغانلار ئۇنىڭ قەستەنلىك بىلەن قىلغان رىۋايىتىنى بىلىۋالالايدۇ، ئۇنىڭدىن كەلگەن ھەدىسنى ھۆججەت قىلىش جائىز ئەمەس» دېگەن.

ئىبنى ماكولا «مۇھەددىسلەر ئۇنىڭ ھەدىسىنى زەئىپ دەپ جاكارلىغان» دېگەن.

دېمەك، بۇ ھەدىس بەك زەئىپ بولغانلىقتىن، ھەسەنلىك دەرىجىسىگە چىقالمايدۇ، سەھىھ بولۇشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

بۇ ھەقتىكى باشقا بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دۇئا قىلىپ قوللىرىنى كۆتۈرسە، قوللىرى بىلەن يۈزىنى سىيپايتتى.»

بۇ ھەدىس زەئىپ. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد (1492-نومۇرلۇق ھەدىس) رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ھەدىسنىڭ سەنەدىدىكى ھەفس ئىبنى ھىشام نامەلۇم، شۇنداقلا بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدىكى ئىبنى لاھىئەمۇ زەئىپ راۋىيدۇر.

كۆرگىنىمىزدەك، بىرىنچى ھەدىس بەك زەئىپ بولغانلىقتىن، بۇ ئىككى ھەدىس بىر-بىرىنى كۈچەيتەلمەيدۇ-ھەسەنلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرەلمەيدۇ.

ئىككىنجى ھەدىس: «ئاللاھقا دۇئا قىلساڭلار قولۇڭلارنىڭ دۈمبىسى بىلەن ئەمەس ئالقىنى بىلەن دۇئا قىلىڭلار، دۇئانى تۈگەتكەندە ئالقىنىڭلار بىلەن يۈزۈڭلارنى سىيپاڭلار.»

بۇ ھەدىس زەئىپ. ئىبنى ماجە (1181، 3866)، ئىبنى نەسىر – قىيامۇل لەيل (137-بەت)، تەبرانى-ئەلكەبىر (3-98-1)، ھاكىم (1-536) سالىھ ئىبنى ھەسساندىن، ئۇ مۇھەممەد ئىبنى كەئىبتىن، ئۇ ئىبنى ئابباستىن رىۋايەت قىلغان مەرفۇئ ھەدىستۇر.

بۇخارى بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدىكى سالىھ ئىبنى ھەسسانغا «ھەدىسى مۇنكەر» دەپ باھا بەرگەنلىكتىن، بۇ ھەدىس زەئىپتۇر.

نەسائىي بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدىكى سالىھ ئىبنى ھەسسانغا «ھەدىسى ئېلىنمايدۇ» دەپ باھا بەرگەن.

ئىبنى ھىببان بۇ ھەدىسنىڭ سەنەندىدىكى سالىھ ئىبنى ھەسسان توغرۇلۇق «ئۇ ناخشىچى دېدەكلەرگە ئىگە بولغان، مۇزىكا ئاڭلىغان، ئىشەنچىلىك راۋىيلار نامىدىن يالغان ھەدىس توقىغان» دەپ باھا بەرگەن.

ئىبنى ئەبۇ ھاتىم «كىتابۇل ئىئلال» دا مۇنداق دېگەن (2-351) «دادام (ئەبۇ ھاتىم رازى) دىن بۇ ھەدىس توغرۇلۇق سورىسام، ئۇ سالىھ ئىبنى ھەسسان توغرۇلۇق ‹ھەدىسى مۇنكەر› دېدى.»

بۇ ھەدىسنى ئىبنى نەسىرمۇ رىۋايەت قىلغان. سەنەدىدە سالىھ ئىبنى ھەسسان، ئىسا ئىبنى مەيمۇن، مۇھەممەد ئىبنى كەئىب قاتارلىقلار بار. بۇ سەنەدتىكى ئىسا ئىبنى مەيمۇنمۇ ئوخشاشلا ئاجىز راۋىي سانىلىدۇ. ئىبنى ھىببان ئىبنى مەيمۇن توغرۇلۇق «ئۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى يالغان» دېگەن. نەسائىي ئىبنى مەيمۇننى «ئىشەنچىسىز» دېگەن.

ئىبنى ئابباسقا نىسبەت بېرىلگەن تۆۋەندىكى ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد (1485)، بەيھەقى (2-212) رىۋايەت قىلغان بولۇپ (راۋىي ئىسىملىرى تەرجىمە قىلىنمىدى)، ھەدىستە «… ئاللاھتىن قولۇڭلارنىڭ دۈمبىسى بىلەن ئەمەس ئالقىنىڭلار بىلەن تىلەڭلار، دۇئا تۈگىگەندىن كېيىن ئالقىنىڭلار بىلەن يۈزۈڭلارنى سىيپاڭلار» دېيىلگەن.

بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىمۇ ئوخشاشلا ئاجىز. بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدىكى ئابدۇل مەلىكنى ئەبۇ داۋۇد زەئىپ دېگەن. بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدىكى ئابدۇللاھ ئىبنى شەيخنىڭ ئۇستازى دېيىلگۈچىمۇ نامەلۇمدۇر. بۇ نامەلۇم كىشىنىڭ ئىبنى ھەسسان ياكى ئىبنى مەيمۇن بولۇش مۇمكىنچىلىكىمۇ بار بولۇپ، بۇ ئىككىسى ھەققىدىكى باھا يۇقىرىدا بېرىلدى.

بۇ ھەدىسنى يەنە ھاكىم (4-270) رىۋايەت قىلغان. (راۋىيلار قىسقارتىلدى.) زەھەبى ھاكىمدىن كەلگەن بۇ ھەقتىكى ھەدىس سەنەدىدىكى ئىبنى مۇئاۋىيەنى داراقۇتنىنىڭ يالغانچى دېگەنلىكىنى دەلىل قىلىپ، بۇ ھەدىسنى توقۇلما دېگەن.

ئەبۇ داۋۇد بۇ ھەدىس توغرىسىدا «بۇ ھەدىس مۇھەممەد ئىبنى كەئىبتىن ئىككى خىل سەنەد ئارقىلىق رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، سەنەدىدىكى راۋىيلارنىڭ ھەممىسى زەئىپ» دېگەن.

بالا-قازا مەزگىللىرىدە قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇغاندا ئىككى قولنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىدە كەلگەن بولۇپ، يەتمىش قارىي مۇشرىكلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈگەندە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازدا قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇپ ئىككى قولىنى كۆتۈرگەن، بۇ ھەقتىكى ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد (3-137)، تەبرانى-ئەسسەغىر (111) ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن سەھىھ سەنەدتە رىۋايەت قىلغان. ۋىتىردىكى قۇنۇت دۇئاسىدا قول كۆتۈرۈش يەنە ھەزىرتى ئۇمەر ۋە باشقىلاردىنمۇ رىۋايەت قىلىنغان. بىراق، قۇنۇت دۇئاسىنى تۈگىتىپ قوللىرى بىلەن يۈزىنى سىيپاش توغرۇلۇق سەھىھ ھەدىس يوق، ساھابىلەرمۇ بۇنداق قىلمىغان، شۇنداق بولغانلىقتىن قۇنۇت دۇئاسى ۋە باشقا چاغلاردىكى قول كۆتۈرۈشكە بولىدىغان دۇئالاردا ئىككى قولنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش ـــ شۈبىھسىزكى ــــ بىدئەتتۇر.

نامازنىڭ سىرتىدا دۇئادىن كېيىن يۈزىنى سىيپاش توغرىسىدا پەقەتلا يۇقىرىدا كەلگەن ئىككى ھەدىس بولۇپ، بۇ ئىككى ھەدىس بىر-بىرىنى كۈچەيتىپ ھەسەنلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرىدۇ، دەۋېلىش توغرا ئەمەس. (سەۋەبى يۇقىرىدا بايان قىلىندى.) ئىمام نەۋەۋىينىڭ دېگىنىدەك «بۇ ئىككى ھەدىسنىڭ سەنەدىدە ئېغىر دەرىجىدە زەئىپلىك مەۋجۇت.» شۇڭا ئىمام نەۋەۋىي «ئەلمەجمۇئ» تا دۇئادىن كېيىن يۈزىنى سىيپاش توغرۇلۇق سۆز قىلىپ «بۇنداق قىلىش مۇستەھەب ھېسابلانمايدۇ» دېگەن ۋە ئىبنى ئابدۇسسالامنىڭ «پەقەت نادان كىشىلا شۇنداق قىلىدۇ» دېگىنىنى قوللىغان.

دۇئادا قول كۆتۈرۈش توغرىسىدىكى كۆپلىگەن سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئەمما بۇ سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ ھېچقايسىسىدا يۈزىنى سىيپىغانلىق توغرىسىدا خەۋەرنىڭ بولماسلىقى «(قول كۆتۈرۈشكە بولىدىغان دۇئالاردا) دۇئادىن كېيىن يۈز ئىككى قول بىلەن سىيپالمايدۇ دېيىش» نى كۈچلەندۈرىدۇ. بۇنىڭدىن، دۇئادىن كېيىن يۈزنى سىيپاشنىڭ شەرىئەتتە بەلگىلەنمىگەنلىكى ۋە دۇرۇس ئەمەسلىكى ئايدىڭلىشىدۇ.»

(مۇھەددىس ئەلبانى رەھىمەھۇللاھنىڭ «ئىرۋائۇل غەلىل» ناملىق ئەسىرىنىڭ 2-جىلد، 178~ 182- بېتىدىن فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەرجىمە قىلدى.)

قال العز بن عبد السلام : ولا يمسح وجهه بيديه عقيب الدعاء إلا جاهل .
شاپىي ئۆلىماسى ئىز ئىبنى ئابدۇسسالام مۇنداق دېگەن: جاھىلدىن باشقىسى دۇئا قىلىپ يۈزىنى سىيپىمايدۇ. «فتاوى العز بن عبد السلام» (ص 47) .

mujtehid.com

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ