قىبلە يۆنىلىشىدە خاتالاشقۇچى نامىزىنى قايتا ئوقۇمدۇ؟
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەييارلىدى
ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
كىشى قىبلىنىڭ يۆنىلىشىنى تېپىشتا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئاقىۋەتتە قىبلە يۆنىلىشىدە خاتالىشىپ (قىبلىدىن باشقا تەرەپكە قاراپ) ناماز ئوقۇغان بولسا، بۇ نامىزىنى قايتا ئوقۇشى كېرەك ئەمەس. بىز «قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈش ئۇنىڭغا پەرزلىكتىن قالىدۇ» دېمەكچى ئەمەسمىز. ھالبۇكى، قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈش پەرز، كىشى كۈچىنىڭ يېتىشىچە قىبلە يۆنىلىشىنى تېپىشقا تىرىشىش ئۇنىڭ ئۈچۈن مەجبۇرىيەت. بىراق، پۈتۈن كۈچى بىلەن قىبلە يۆنىلىشىنى تېپىشقا تىرىشىپ، ئاخىرىدا خاتالاشقىنىنى بىلسە، نامىزىنى قايتا ئوقۇمايدۇ. بۇنىڭ دەلىلى شۇكى:
كەئبىنىڭ قىبلە قىلىنغىنىدىن خەۋىرى يوق ھالدا (باشتىكى قىبلە قۇددۇسقا قاراپ ناماز ئوقۇغان) ساھابىلەر قۇبا مەسجىدىدە (قۇددۇسقا قاراپ) ناماز قىلىۋاتقاندا بىر كىشى كېلىپ «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئايەت نازىل بولۇپ نامازدا كەئبىنى قىبلىگاھ قىلىش بۇيرۇلدى، كەئبىگە يۈزلىنىڭلار» دېدى. بۇنىڭ بىلەن قۇبا مەسجىدىدە ناماز قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلار كەئبىگە يۈزلەندى. (باشتا نامىزىنى) كەئبىگە دۈمبىسىنى قىلىپ (قۇددۇسقا قاراپ) ئوقۇۋاتاتتى، (بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ) ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ كەئبىگە ئالدىنى قىلدى ۋە نامىزىنى داۋام قىلدى. (بۇ ھەدىس سەھىھۇل بۇخارىنىڭ 4488-نومۇرلۇق، سەھىھۇل مۇسلىمنىڭ 526-نومۇرلۇق ھەدىسدۇر)
بۇ ئەھۋال پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدە يۈز بەردى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇلارنىڭ قىلغىنىنى تەنقىدلىمىدى (ۋە ئۇلارنى نامىزىنى قايتا ئوقۇشقا بۇيرۇمىدى). بۇ سەۋەبلىك، يۇقارقى ھادىسە مەشرۇ بىر ھادىسە بولدى. يەنى، كىشى (قىبلىنى تېپىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىن كېيىن) بىلمەستىن خاتا تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇپ قالسا، نامىزىنى قايتا ئوقۇشى كېرەك ئەمەس. بىراق، (ناماز ئوقۇۋېتىپ) قىبلىگاھ يۆنىلىشىنىڭ خاتا بولۇپ قالغىنىنى بىلگەن ھامان، قىبلىگە ئالدىنى قىلىشى پەرز ھېسابلىنىدۇ. (ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن «رىيازۇس سالىھىن شەرھى» 1-جىلد، 270-بەت)
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى