مۇجتەھىدلەر تورى: قىيامەت توغرىسىدا يۈز سەھىھ ھەدىس
ئىزدەش كەلىمىسى: قىيامەت كۈنى نېمە ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟
مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى
mujtehid.com | hedisim.com
* ئىككى دۇنيالىق بەخت سائادىتىڭىز ئۈچۈن كۆپلەپ تارقىتىپ قويۇڭ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار»، «مېنىڭ ھەدىسىمنى ئۆز پېتى باشقىلارغا يەتكۈزگەن كىشىنىڭ يۈزىنى ئاللاھ نۇرلاندۇرىۋەتسۇن» (يەنى ئىككىلا دۇنيادا بەختلىك قىلىۋەتسۇن)، «(سۆزلىرىمگە) ھازىر بولغانلار ھازىر بولمىغانلارغا يەتكۈزسۇن» ئىمام ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەرلىكتىن قالسا ئىلىم تارقىتىشتىنمۇ پەزىلەتلىك بىر ماقامنى بىلمەيمەن.» (سىفاتۇس سەفۋا)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (( إذا كان يوم القيامة كنت إمام النبيين، وخطيبهم، وصاحب شفاعتهم؛ غير فخر))«قىيامەت كۈنى مەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىمامى، خاتىبى ۋە شاپائەت ساھىبى بولىمەن، بۇنىڭدىن مەغرۇرلانمايمەن.» (سەھىھ تىرمىزى 3613؛ سەھىھ ئىبنى ماجە 3500)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إذا كان يوم القيامة بعث الله تعالى إلى كل مؤمن ملكا؛ معه كافر، فيقول الملك للمؤمن يا مؤمن هاك هذا الكافر، فهذا فداؤك من النار)) «قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ھەر بىر مۆمىنگە يېنىدا بىردىن پەرىشتە ئەۋەتىدۇ ۋە ئۇ پەرىشتىنىڭ يېنىدا بىردىن كاپىر بولىدۇ. پەرىشتە ئۇ مۆمىنگە <ئى مۆمىن! بۇ كاپىر سېنىڭ جەھەننەمدىن قۇتۇلۇش فىدىيەڭدۇر> دەيدۇ.» (سەھىھ جامىئ 778)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إذا كانت عند الرجل امرأتان فلم يعدل بينهما جاء يوم القيامة وشقه ساقط))«بىر ئەر كىشىنىڭ ئىككى ئايالى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادالەت بىلەن ئىش كۆرمىسە، بۇنداق كىشى قىيامەت كۈنى بەدىنىنىڭ بىر تەرىپى پالەچ ھالدا (مەشھەرگاھ مەيدانىغا) كېلىدۇ.» (تەخرىج مىشكات مەسابىھ 3172، ئىبنى ھەجەر ھەسەن، ئەلبانى سەھىھ دېگەن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إذا مات أحدكم عرض عليه مقعده بالغداة والعشي:إن كان من أهل الجنة فمن أهل الجنة، وإن كان من أهل النار فمن أهل النار، يقال له: هذا مقعدك حتى يبعثك الله إليه يوم القيامة)) «سىلەردىن بىرىڭلار ئۆلگەندە (ئاخىرەتتىكى جايى) ئەتىگەن ۋە ئاخشامدا ئۇنىڭغا كۆرسىتىلىدۇ. ئەگەر ئۇ كىشى جەننەت ئەھلىدىن بولسا جەننەتتىكى ئورنى، جەھەننەم ئەھلىدىن بولسا جەھەننەمدىكى ئورنى كۆرسىتىلىدۇ ۋە <مانا بۇ قىيامەت ئاللاھ سېنى بارغۇزىدىغان جايدۇر> دېيىلىدۇ.» (مۇسلىم 2866)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أسعد الناس بشفاعتي يوم القيامة من قال «لا إله إلا الله« خالصا مخلصا من قلبه))«قىيامەت كۈنى شاپائىتىمگە ئېرىشىپ ھەممىدىن بەك بەختلىك بولغۇچى قەلبىدىن چىقىرىپ ئىخلاس بىلەن لاھ ئىلاھە ئىللەللاھ دېگۈچى مۆمىندۇر.» (بۇخارى 99؛ سەھىھ جامىئ967)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أشد الناس عذابا في الدنيا أشد الناس عذابا عند الله يوم القيامة)) «دۇنيادا كىشىلەرگە ھەممىدىن بەك قىيناپ، جازالىغۇچى قىيامەت كۈنى ھەممىدىن ئېغىر جازا بىلەن جازالىنىدۇ.» (سۇيۇتى-جامىئۇس سەغىر 1049)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أشد الناس يوم القيامة عذابا إمام جائر)) «قىيامەت كۈنى ئەڭ قاتتىق جازاغا ئۇچرىغۇچى (لاردىن بىرى) زالىم ھۆكۈمراندۇر.» (سەھىھ جامىئ 1001)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أشد الناس عذابا عند الله يوم القيامة الذين يضاهون بخلق الله)) «قىيامەت كۈنى ئەڭ قاتتىق جازاغا ئۇچرايدىغانلار (دىن بىرى) ئاللاھ ياراتقان جانلىق مەخلۇقاتلارغا ئوخشىتىپ (جانلىقنىڭ ھەيكىلىنى ياسىغان ياكى رەسىمىنى سىزغان) كىشىلەردۇر.» (سەھىھ جامىئۇس سەغىر 997)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أطفال المؤمنين في جبل في الجنة يكفلهم إبراهيم وسارة، حتى يردهم إلى آبائهم يوم القيامة)) «مۆمىنلەرنىڭ پەرزەنتلىرى جەننەتتىكى بىر تاغدا بولىدۇ. قىيامەت كۈنىدە بۇ پەرزەنتلەر دادىلىرىغا تاپشۇرۇلغانغا قەدەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە (ئايالى) سارە ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ.» (سەھىھ جامىئۇس سەغىر 1023؛ جامىئۇس سەغىر 1097)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أطول الناس أعناقا يوم القيامة المؤذنون)) «قىيامەت كۈنى بوينى ئەڭ ئۇزۇن بولىدىغان كىشىلەر (مۆمىنلەردىن بولغان) مۇئەززىنلەردۇر.» (سەھىھ جامىئۇس سەغىر 1031) *ئەڭ ھۆرمەتلىك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أعظم الغلول عند الله يوم القيامة ذراع من الأرض:تجدون الرجلين جارين في الأرض أو في الدار فيقتطع أحدهما من حظ صاحبه ذراعا، فإذا اقتطعه طوقه من سبع أرضين يوم القيامة)) «قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا خىيانەتنىڭ ئەڭ يامىنى يېرى ياكى ئۆيى بىر-بىرىگە قوشنا بولغان ئىككى كىشىدىن بىرىنىڭ قوشنىسىنىڭ تەۋەلىكىدىن ئۆزىنىڭكىگە بىر چامدام يەرنى قوشۇۋېلىشىدۇر. (خەققە تەۋە) مۇشۇنچىلىك يەرنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان كىشى قىيامەت كۈنى ئۆزى ناھەق ئىگىلىۋالغان يەر تاكى يەتتە قات ئاستىغىچە ئىگىلىۋالغان كىشىنىڭ بوينىغا ئېسىپ (قويۇلغان ھالەتتە مەشھەرگاھ مەيدانىغا ھازىر بولىدۇ.)» (سەھىھ تەرغىب 1869؛ ئەھمەد شاكىر-ئۇمدەتۇت تەفسىر 1\433 تە سەھىھ دېگەن؛ ئىمام سۇيۇتى جامىئۇس سەغىر 1177 دە سەھىھ دېگەن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أعظم الظلم ذراع من الأرض ينتقصه المرء من حق أخيه. ليست حصاة أخذها إلا طوقها يوم القيامة)) «زۇلۇمنىڭ ئەڭ چوڭى كىشىنىڭ دىنىي قېرىندىشىنىڭ يېرىدىن بىر چامدام يەرنى ئۆزىنىڭ يېرىگە قوشۇۋېلىشىدۇر. (بەندە باشقىلارغا تەۋە مال-مۈلۈكتىن) بىر تال تاش ئېلىۋالغان تەقدىردە، ئېلىۋالغان نەرسىسى ئېلىۋالغۇچىنىڭ بوينىغا ئېسلغان ھالدا قىيامەت كۈنى (مەشھەرگاھ مەيدانىدا) ھازىر بولىدۇ.» (مۇسنەد ئەھمەد 5\291؛ مۇھەددىس ئەھمەد شاكىر سەھىھ دېگەن، بىدايە ۋەننىھايە 1\16 دە ئىمام ئىبنى كەسىر بۇ ھەدىسنىڭ ئىشەنچىلىكلىكىنى تەستىقلىغان، )
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((اتق الله يا أبا الوليد، لا تأتي يوم القيامة ببعير تحمله له رغاء، أو بقرة لها خوار، أو شاة لها ثواج)) «ئى ئەبۇ ۋەلىد، ئاللاھتىن قورق! قىيامەت كۈنى دۈمبەڭدە مۆرىگەن تۆگە، ياكى كالا-قوينى يۈدكەن ھالەتتە كەلمە!» (سەھىھ جامىئۇس سەغىر 99)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أمتي يوم القيامة غر من السجود، محجلون من الوضوء))«قىيامەت كۈنى ئۈممىتىمنىڭ پېشانىلىرى سەجدە ئىزى سەۋەبلىك ئاق، پۇت-قوللىرى ئالغان تاھارىتى سەۋەبلىك پارلاق بولىدۇ.» mujtehid.com (سەھىھ تىرمىزى 607)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن الله تعالى ليسأل العبد يوم القيامة، حتى يسأله ما منعك إذا رأيت المنكر أن تنكره؟ فإذا لقن الله العبد حجته قال: يا رب رجوتك وفرقت من الناس)) «قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى شۇنداق بىر ھېسابقا تارتىدۇكى، ھەتتا ئۇنىڭدىن يامانلىقنى كۆرگەندە نېمىشقا ئۇ يامانلىققا توسقۇنلۇق قىلمىغىنىنىمۇ سورايدۇ. ناۋادا ئاللاھ تائالا بۇ بەندىسىنىڭ قەلبىگە بۇنىڭ جاۋابىنى ئىلھام قىلغان تەقدىردە، ئۇ بەندە مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ «ئى رەببىم! مەن ئىسانلاردىن ئايرىلىپ، ساڭىلا ئۈمىد باغلىغان ئىدىم.» mujtehid.com (ئەلبانى-سەھىھ جامىئۇس سەغىر 1818؛ ۋادىئى-سەھىھ مۇسنەد ئەھمەد 403؛ سەھىھ ئىبنى ماجە 3260)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن الله تعالى يعذب يوم القيامة الذين يعذبون الناس في الدنيا)) «ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى دۇنيادا ئىنسانلارنى ئازابلىغانلارنى ئازابلايدۇ.» mujtehid.com (سەھىھ جامىئۇس سەغىر 1900)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن الله تعالى يقول يوم القيامة: أين المتحابون بجلالي؟ اليوم أظلهم في ظلي، يوم لا ظل إلا ظلي)) «ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ ئۇلۇغلۇقىم يۈزسىدىن (دىنىي قېرىندىشى بىلەن ئۆز-ئارا) ياخشى كۆرۈشكەنلەر قەيەردە؟ مېنىڭ سايەمدىن باشقا سايە بولمىغان بۇ كۈندە، ئۇلارنى ئۆز سايەم بىلەن سايىدىتىمەن.» (مۇسلىم 2566)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن الله تعالى يقول يوم القيامة: يا ابن آدم، مرضت فلم تعدني. قال: يا رب، كيف أعودك وأنت رب العالمين؟ قال: أما علمت أن عبدي فلانا مرض فلم تعده؟ أما علمت أنك لو عدته لوجدتني عنده؟ يا ابن آدم، استطعمتك فلم تطعمني. فقال: يا رب وكيف أطعمك وأنت رب العالمين؟ قال: أما علمت أنه استطعمك عبدي فلان فلم تطعمه؟ أما علمت أنك لو أطعمته لوجدت ذلك عندي؟ يا ابن آدم، استسقيتك فلم تسقني. قال: يا رب كيف أسقيك وأنت رب العالمين؟ قال: استسقاك عبدي فلان فلم تسقه؟ أما إنك لو سقيته لوجدت ذلك عندي)) ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى مۇنداق دەيدۇ:«ئى ئادەم بالىسى! مەن ئاغرىپ قالدىم، مېنى يوقلاپ كەلمىدىڭ.» بەندە «ئى رەببىم! سەن ئالەملەرنىڭ رەببى تۇرساڭ، سېنى قانداق يوقلاپ باراتتىم» دەپ سورايدۇ. ئاللاھ تائالا:«پالانچى بەندەم ئاغرىپ قالغاندا، ئۇنى يوقلاپ بارمىغانلىقىڭ ئېسىڭدىمۇ؟ ئۇنى زىيارەت قىلغىنىڭدا مېنى شۇ يەردىن تاپىدىغانلىقىڭنى بىلمەمتىڭ؟» دەيدۇ. (ئاللاھ تائالا يەنە)«ئى ئادەم بالىسى! سەندىن يەيدىغان نەرسە سورىدىم، بىراق ماڭا يېگۈزمىدىڭ» دەيدۇ. بەندە «ئى رەببىم! سەن ئالەملەرنىڭ رەببى تۇرساڭ، ساڭا قانداقمۇ تاماق يېگۈزەتتىم» دەپ سورايدۇ. ئاللاھ تائالا:«پالانچى بەندەم سەندىن يېمەكلىك سورىغاندا، سەن ئۇنىڭغا بەرمىگىنىڭ ئېسىڭدىمۇ؟ ئۇنىڭغا يېمەكلىك بەرگىنىڭدە، بۇنىڭ ئەجرىنى مېنىڭ دەرگاھىمدا تاپىدىغانلىقىڭنى بىلمەمتىڭ؟» دەيدۇ. (ئاللاھ تائالا يەنە) «ئى ئادەم بالىسى! سەندىن سۇ سورىدىم، ماڭا سۇ بەرمىدىڭ» دەيدۇ. بەندە:«ئى رەببىم! سەن ئالەملەرنىڭ رەببى تۇرساڭ، ساڭا قانداقمۇ سۇ بېرەتتىم؟» دەپ سورايدۇ. ئاللاھ تائالا:«پالانچى بەندەم سەندىن سۇ سورىغان ئىدى، ئۇنىڭغا سۇ بەرسەڭ، مېنىڭ دەرگاھىمدا بۇنىڭ ئەجرىنى تاپىدىغانلىقىڭنى بىلمەمتىڭ؟» دەيدۇ. (سەھىھۇل مۇسلىم، 2569-نومۇرلۇق ھەدىس)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((اَلظُّلْمُ ظُلُمَاتٌ يَوْمَ اَلْقِيَامَةِ)) «(دۇنيادىكى) زۇلۇم (ئىگىسىنى) قىيامەت كۈنى قاراڭغۇلۇقتا قالدۇرىدۇ.» (سەھىھ مۇسلىم 2578) * كۆرسەتمە: ھەدىستىكى زۇلۇمدىن مەقسەد، باشقىلارغا ھەقسىزلىك قىلىشلا ئەمەس، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى چەكلىگەن، ھارام قىلغان بارچە ئىشلارنى قىلىشنى كۆرستىدۇ.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن العرق يوم القيامة ليذهب في الأرض سبعين باعا، وإنه ليبلغ إلى أفواه الناس، أو إلى آذانهم))«قىيامەت كۈنى كىشىنىڭ تەرى يەردىن يەتمىش غۇلاچ چوڭقۇرلۇققىچە يېتىپ بارىدۇ. ھەتتا، كىشىنىڭ ئاغزىغا ياكى قۇلاقلىرىغىچە ئۆرلەيدۇ.» (مۇسلىم 2863)
ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : «قىيامەت كۈنى كىشىلەر ئىش-ئەمەللىرى ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ سوراققا تارتىلىدىغان نەرسە بولسا ناماز . پەرۋەردىگارىمىز گەرچە ئۆزى ياخشى بىلسىمۇ ، پەرىشتىلەرگە دەيدۇ : بەندەمنىڭ نامىزىغا قاراڭلار ، تولۇقمىكەن ياكى كەممىكەن ؟ ئەگەر ئۇ تولۇق بولسا ، تولۇق دەپ خاتىرلىنىدۇ . ئەگەر ئۇ كەم بولسا ، ئۇ دەيدۇ : قاراڭلار ! بەندەمنىڭ نەپىلى نامىزى بارمۇ-يوق ؟ ئەگەر ئۇنىڭ نەپلى نامىزى بولسا ، ئۇ : بەندەمنىڭ پەرىز نامىزىنى ئۇنىڭ نەپلە نامىزىدىن تولۇقلاڭلار ! دەيدۇ . ئاندىن قالدى ئىش-ئەمەللىرىمۇ شۇ ئۇسۇلدا تەكشۈرلىدۇ .» [ ئەبۇ داۋۇد نەقىل قىلغان ، 864 . ئەلبانىي سەھىيھ ئەبۇ داۋۇدتا سەھىيھ دەپ تۈرگە ئايرىغان ، 770 ]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أول ما يقضى بين الناس يوم القيامة في الدماء))«قىيامەت كۈنى ئىنسانلار ئارىسىدا تۇنجى ھۆكۈمى چىقىرىلىدىغان ئىش قان دەۋاسىدۇر.» (مۇسنەد ئەھمەد 6\115، مۇھەددىس ئەھمەد شاكىر سەھىھ دېگەن؛ سەھىھ ئىبنى ماجە 2134، سەھىھ)
ئىبنۇ مەسئۇدتىن( ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : قىيامەت كۈنى ئادەم بالىسىنىڭ قەدىمى تاكى بەش نەرسە ھەققىدە سوراققا تارتىلماي تۇرۇپ پەرۋەردىگارىنىڭ ھوزۇرىدىن ئايرىلمايدۇ : ئۆمرىنى نىمە بىلەن تۈگەتتى ، ياشلىقىنى نىمە بىلەن قېرىتتى ، پۇل-مىلىنى قەيەردىن تاپتى ۋە نىمىگە خىراجەت قىلدى ، ھەمدە ئۇ ئىرىشكەن بىلىمىگە قانداق ئەمەل قىلدى . [ تىرمىزىي نەقىل قىلغان ، 2422 . ئەلبانىي ئۇنى سەھىيھ تىرمىزىيدا ياخشى ھەدىيس دەپ تۈرگە ئايرىدى ، 1969 ]
ئەسۋەد ئىبنى سەرىيئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنىدە تۆت تۈرلۈك كىشىلەر: ھېچ نەرسىنى ئاڭلىمايدىغان پاڭ، ئەخمەق ئادەم، بەك ياشىنىپ كەتكەن ئادەم، پەيغەمبەر ئۈزۈلۈپ قالغان مۇددەتتە ۋاپات بولغان ئادەم، پاڭ ئادەم: پەرۋەردىگارىم! ئىسلام كەلگەن ۋاقىتتا مەن ھېچ نەرسىنى ئاڭلىمىدىم دەيدۇ، ئەخمەق ئادەم: پەرۋەردىگارىم! ئىسلام كەلدى، ئۇششاق بالىلار ماڭا تېزەك ئېتىپ ئوينايتتى دەيدۇ، بەك ياشىنىپ كەتكەن كىشى: پەرۋەردىگارىم! ئىسلام كەلگەندە مەن ھېچ نەرسىنى بىلمەيتتىم دەيدۇ، پەيغەمبەر ئۈزۈلۈپ قالغان مۇددەتتە ۋاپات بولغان ئادەم: پەرۋەردىگارىم! ماڭا سىلىنىڭ پەيغەمبەرلىرى كەلمىدى دەيدۇ، ئۇلاردىن پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىش توغرىسىدا ۋەدە ئېلىنىدۇ، ئۇلار دوزاخقا كىرگۈزۈلۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلىنىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دەيدۇ: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جېنى قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! ئەگەر ئۇلار دوزاخقا كىرگەن بولسا ئەلۋەتتە دوزاخ ئۇلار ئۈچۈن تېنچ ۋە ئاراملىق جاي بولاتتى.» [ئىمام ئەھمەد «ئەلمۇسنەد»26-توم 228-بەتتە كەلتۈرگەن].
پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن )مۇنداق دىگەن : «روزا ۋە قۇرئان كىشىنى قىيامەت كۈنى تېلىۋالىدۇ(شاپائەت قىلىدۇ ) . روزا دەيدۇ : ئى پەرۋەردىگار ، مەن ئۇنى كۈندۈزى يىمەك-ئىچمەكتىن ۋە كۆڭۈل ھەۋەسلىرىدىن مەھرۇم قىلدىم ، شۇڭا ئۇنى تېلىۋالاي . قۇرئان دەيدۇ : ئى پەرۋەردىگار ، مەن ئۇنى كېچىدە ئۇخلاشتىن مەھرۇم قىلدىم ، شۇڭا مەن ئۇنى تېلىۋالاي . ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئۇنى تېلىۋالىدۇ .» ئۇنى ئەھمەت ، تەبەرانىي ۋە ھاكىم نەقىل قىلغان ؛ ئەلبانىي[ صحيح الجامع(3882)] دە توغرا دەپ تۈرگە ئايرىغان .
ئىمام مۇسلىم (987) ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئالتۇن-كۈمۈش، مال-دۇنياغا ئىگە بولۇپ زاكات بەرمىگەن كىشىنىڭ مال-دۇنيالىرى قىيامەت كۈنى جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ شاپىلاق قىلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىنىڭ بىقىن ۋە پېشانىلىرى داغلىنىدۇ. ئەللىك مىڭ يىللىق مىقداردىكى قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا بەندىلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ بولغىچە بۇ ئازاب داۋاملىشىدۇ، ئاندىن ئۇ كىشىنىڭ يولى ياكى جەننەت تەرەپكە بولىدۇ ۋە ياكى جەھەننەم تەرەپكە بولىدۇ،چارۋا-ماللاردىن تۆگىگە ئىگە بولۇپ زاكىتىنى بەرمىگەن كىشىنى قىيامەت كۈنى چوڭ تۈز بىر مەيداندا ئۇنىڭ تۆگىلىرى سېمىز ھالەتتە كېلىپ دەسسەشكە باشلايدۇ، تۆگىلەر بىر-بىرىگە ئۇلۇنۇپ كېلىپ دەسسەشكە باشلايدۇ، ھەتتا ئەللىك مىڭ يىللىق مىقداردىكى قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا بەندىلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ بولغىچە بۇ ئازاب داۋاملىشىدۇ، ئاندىن ئۇ كىشىنىڭ يولى جەننەت تەرەپكە ۋە ياكى جەھەننەم تەرەپكە بولىدۇ.قويغا ئىگە بولۇپ زاكىتىنى بەرمىگەن كىشىنى قىيامەت كۈنى چوڭ تۈز بىر مەيداندا ئۇنىڭ قويلىرى سېمىز ، مۈڭگۈزلۈك ھالەتتە كېلىپ تۇۋاقلىرى بىلەن دەسسەشكە ۋە مۇڭگۈزلىرى بىلەن ئۈسۈشكە باشلايدۇ، قويلارنىڭ ئارىسىدا مۈڭگۈزى يوق ياكى ئاقساق-چولاق، ئۇرۇقلىرى بولمايدۇ، قويلار بىر-بىرىگە ئۇلۇنۇپ كېلىپ دەسسەپ-ئۈسۈشكە باشلايدۇ، ھەتتا ئەللىك مىڭ يىللىق مىقداردىكى قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا بەندىلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ بولغىچە بۇ ئازاب داۋاملىشىدۇ، ئاندىن ئۇ كىشىنىڭ يولى جەننەت تەرەپكە بولىدۇ ۋە ياكى جەھەننەم تەرەپكە بولىدۇ…. [مۇسلىم رىۋايىتى].
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«قىيامەت كۈنى مۆمىنلەرگە پېشىن بىلەن ئەسىرنىڭ ئارىلىقىدىكى ۋاقىتچىلىكلا بولىدۇ.»(سەھىھۇل جامى، 8193)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((اقرءوا القرآن فإنه يأتي يوم القيامة شفيعًا لأصحابه)) «قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىڭلار. چۈنكى، قۇرئان قىيامەت كۈنى ئۆزىنى ئوقۇپ (ئۇنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە رىئايە قىلغان) كىشىنى شاپائەت قىلىدۇ.» (سەھىھ مۇسلىم 804؛ سەھىھ جامىئ 1165)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((ما من مكلوم يكلم في سبيل الله إلا جاء يوم القيامة، وكلمه يدمي اللون لون دم، والريح ريح مسك)) «كىمكى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىپ يارىلانغان بولسا، قىيامەت كۈنى يارىسىدىن قان ئېقىپ تۇرغان ۋە قاندىن مىسكنىڭ خۇش پۇرىقى پۇراپ تۇرغان ھالەتتە مەشھەرگاھ مەيدانىغا كېلىدۇ.» (سەھىھۇل بۇخارى 5533)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((من سئل عن علم فكتمه ألجم يوم القيامة بلجام من نار)) «كىمكى شەرئىي مەسىلىنى ئۆگىنىپ، ئۇنى يوشۇرسا، قىيامەت كۈنى ئاغزىغا ئوتتىن يۈگەن سېلىنىدۇ.» (سەھىھ ئىبنى ماجە 214)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مېنىڭ ئۇممىتىمدىن بولغان بىر قەۋملەر قىيامەت كۈنى تاغدەك كۆپ ساۋابلىق ئىشلىرى بىلەن كەلسىمۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ بۇ ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋېتىدىغانلىقىنى ئۇبدان بىلىمەن. سەۋبان بۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللادىن شۇ قەۋمنى سۈپەتلەپ بېرىشىنى سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلار سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار بولۇپ، ئۇلار كېچىسى سىلەرگە ئوخشاش ئىبادەت قىلىدۇ. لېكىن يالغۇز قالغانلىرىدا ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلارنى قىلىدۇ. (ئىبنى ماجە، رەۋابى، تەبەرانى ۋە دىلمىيلار رىۋايەت قىلغان، شەيخ ئالبانى سەھىھ ھەدىسلەر قاتارىدا سانىغان ھەدىس)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «قىيامەت كۈنى ئۆلۈم بىر سېمىز قوچقارنىڭ شەكلىدە كەلتۈرۈلۈپ، جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغۇزىلىدۇ. ئاندىن: ئى جەننەت ئەھلى! بۇنى بىلەمسىلەر؟ دەيدۇ. ئۇلار سىنچىلاپ قاراپ: ھە-ئە بۇ ئۆلۈم دەيدۇ. ئاندىن: ئى دوزاخ ئەھلى! بۇنى بىلەمسىلەر؟ دەيدۇ. ئۇلارمۇ سىنچىلاپ قاراپ: ھە-ئە بۇ ئۆلۈم دەيدۇ. ئۆلۈم بوغۇزلاشقا بۇيرىلنىدۇ. ئاندىن: ئى جەننەت ئەھلى! ئەبەدىي جەننەتتە قالىسىلەر، ئۆلۈم يوق، ئى دوزاخ ئەھلى! ئەبەدىي دوزاختا قالىسىلەر ئۆلۈم يوق، دېيىلىدۇ. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: وَأَنذِرْهُمْ يَوْمَ الْحَسْرَةِ إِذْ قُضِيَ الْأَمْرُ وَهُمْ فِي غَفْلَةٍ وَهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ تەرجىمىسى: ئۇلارنى (يەنى خالايىقنى) ھەسرەت كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا ھەممە ئىش بىر تەرەپ قىلىنغان بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر، (قىيامەتنى) ئىنكار قىلماقتىدۇر.» [سۈرە مەريەم 39-ئايەت]. [مۇسلىم رىۋايىتى 5087- ھەدىس].
ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن (إِذَا صَلَّتْ الْمَرْأَةُ خَمْسَهَا ، وَصَامَتْ شَهْرَهَا ، وَحَفِظَتْ فَرْجَهَا ، وَأَطَاعَتْ زَوْجَهَا ؛ قِيلَ لَهَا ادْخُلِي الْجَنَّةَ مِنْ أَيِّ أَبْوَابِ الْجَنَّةِ شِئْتِ)«ئەگەر بىر ئايال بەش ۋاخ نامىزىنى كامىل ئوقۇسا، رامزان روزىسىنى تۇتسا، ئىپپىتىنى ساقلىسا، ئېرىگە ئىتائەت قىلسا، ئۇ ھالدا (قىيامەتتە) پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا: ‹جەننەتنىڭ خالىغان ئىشىكىدىن جەننەتكە كىرىۋېلىڭ› دەيدۇ.»(مۇسنەد ئىمام ئەھمەد 1664؛ ئەلبانى ھەسەن دېگەن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«قايسى بىر (مۆمىنە) ئايالنىڭ ئۈچ بالىسى ئۆلۈپ كەتسە، بۇ بالىلار قىيامەت كۈنى ئۇ ئايال ئۈچۈن دوزاختىن پەردە بولىدۇ.»(بۇخارى؛ ئەلبانى: سەھىھ جامىئۇس سەغىر 2706)
* جانلىقنىڭ رەسىمىنى سىزىش ياكى ھەيكىلىنى ياساشنىڭ قىيامەتتىكى جازاسى
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «شۈبھىسىزكى، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلار جانلىقنىڭ رەسىمىنى سىزىدىغان ياكى ھەيكىلىنى ياسايدىغانلاردۇر.» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. (بۇخارى 5950)
نافىئتىن بايان قىلىنىدۇ، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆزىگە مۇنداق دېگەنلىكىنى ئېتقان:«شۈبھىسىزكى، بۇ سۈرەتلەرنى سىزغانلار قىيامەت كۈنى جازاغا ئۇچرايدۇ. ئۇلارغا (مەسخىرە يۈزىسىدىن) ‹سىزغا رەسىمىڭلارغا جان كىرگۈزۈڭلارچۇ قېنى› دېيىلىدۇ.»(بۇخارى 5951)
سەئد ئىبنى ئەبۇ ھەسەندىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئولتۇرغان ئىدىم، بىرەيلەن كىرىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:«ئى ئابباسنىڭ ئاتىسى! مەن قولۇمدىكى ھۈنىرىمگە تايىنىپ تۇرمۇشۇمنى قامدايمەن، مەن رەسىم سىزىمەن» دېدى. ئىبنى ئابباس ئۇنىڭغا، مەن ساڭا پەقەت رەسۇلۇللاھتىن ئاڭلىغان مۇنۇ ھەدىسنى سۆزلەپ بېرەي. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى جانلىقنىڭ رەسىمىنى سىزىدىكەن ياكى ھەيكىلىنى ياسايدىكەن، قىيامەت كۈنى تاكى ئۇ سىزغان رەسىمىگە جان كىرگۈزگەنگە قەدەر ئاللاھ ئۇنى ئازابلايدۇ. ھالبۇكى، ئۇ سىزغان رەسىمىگە ياكى ياسىغان ھەيكىلىگە ھەرگىزمۇ جان كىرگۈزەلمەيدۇ.» بۇنى ئاڭلاپ ھېلىقى كىشى ئاھ چەكتى ۋە چىرايى تاتىرىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئىبنى ئابباس ئۇنىڭغا:«ۋاي ساڭا! ئەگەر سەن رەسىم سىزىش خىيالىڭدا چىڭ تۇرساڭ، دەرەخلەرنى ۋە باشقا جانسىز نەرسىلەرنى سىزىشىڭنى بۇيرۇيمەن» دېگەن. (بۇخارى 2225)
ئىمام ئىبنى ھەجەر فەتھۇل بارىدا مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلار جانلىقنىڭ سۈرىتىنى سىزىدىغان، ھەيكىنى ياسايدىغانلاردۇر.» دېگەن بۇ ھەدىس جانلىقنىڭ رەسىمىنى سىزغان كىشىگە بېرىلىدىغان ئازابنىڭ فىرئەۋن خانىدانىغا تەۋە كىشىلەرگە بېرىلىدىغان ئازابتىنمۇ قاتتىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:«فىرئەۋنى خانىدانىنى ئەڭ قاتتىق ئازابقا تاشلاڭلار.»
ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دېگەن: ئىلىم ئەھلى مۇنداق دېگەن: جانلىققا سۈرەت ياكى شەكىل بېرىش قاتتىق ھارام ۋە چوڭ گۇناھلار جۈملىسىدىن. چۈنكى، جانلىققا جانلىققا سۈرەت ياكى شەكىل بەرگۈچى توغرۇلۇق ھەدىستە ئېغىر تەھدىت (يەنى قىيامەت كۈنىدىكى قاتتىق ئازاب) بايان قىلىنغان. جانلىققا جانلىققا سۈرەت ياكى شەكىل بەرگۈچى جانلىقنىڭ رەسىمىنى ياكى شەكلىنى مەيلى ئۇنى خورلاش، ھاقارەت قىلىش ئۈچۈن سىزغان ياكى ياسىغان بولسۇن، مەيلى باشقا مەقسەدتە سىزغان ياكى ياسىغان بولسۇن، قىلمىشى بەرىبىر چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. كىشىنىڭ جانلىقنىڭ رەسىمىنى سىزىشى ياكى ھەيكىلىنى ياسىشى ھەر قانداق ئەھۋالدا ھارام. سىزغان رەسىمى مەيلى كىيىمدە، مەيلى سېلىنچا، مەيلى دىرھەم، مەيلى دىنار، مەيلى پارچە پۇل، مەيلى ساقلاش ئەسۋابلىرى، مەيلى باشقا نەرسە ئۈستىدە بولسۇن بەرىبىر ھارامدۇر. جانسىز نەرسىلەرنىڭ رەسىمىنى سىزىش ھارام ئەمەس (رۇخسەت).
قىيامەت ھەدىسلىرى – ئىككىنچى قىسىم
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن أشد الناس عذابا يوم القيامة المصورون)) «قىيامەت كۈنى ئەڭ قاتتىق ئازابقا ئۇچرايدىغانلار جانلىقلارنىڭ رەسىمىنى سىزىش ۋە ھەيكىلىنى ياساش بىلەن شۇغۇللانغانلاردۇر.» (مۇسلىم 2109؛ جامىئۇس سەغىر 2200؛ سەھىھ جامىئ 1563؛ ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدتىن) *پەرزەنتلەرنى جانلىق نەرسىلەرنىڭ سۈرىتىنى سىزىش ياكى ياساشتىن ئالاھىدە ھەزەر قىلدۇرۇش، ئۇلارغا بۇ ئىشنىڭ قاتتىق ھارام قىلمىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش، ئاتا-ئانىلار ئۆزىمۇ بۇنداق ھارام قىلمىشلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك. رەسساملارنىڭ ۋە ھەيكەلتاراشلارنىڭ قىيامەتتە قاتتىق ئازابقا قالىدىغانلىقى بۇ تۈردىكى ھەدىسلەردىن بىلىنىدۇ. ئاللاھ رەسۇلىنىڭ تىلى ئارقىلىق ھارام قىلغان ئىشنى قىلىۋەرگۈچىلەر ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلغۇچىلاردىن باش تارتقۇچى ئاسىيلاردۇر.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن الذين يصنعون هذه الصور يعذبون يوم القيامة فيقال لهم: أحيوا ما خلقتم))«جانلىقنىڭ سۈرىتىنى سىزغان ياكى ھەيكىلىنى ياسىغانلارغا قىيامەت كۈنى ئازاب بېرىلىدۇ ۋە <ياراتقانلىرىڭلارغا جان كىرگۈزۈڭلار>دېيىلىدۇ.» (بۇخارى 5951؛ جامىئۇس سەغىر 2094؛ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەردىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن الذين يصنعون هذه الصور يعذبون يوم القيامة فيقال لهم: أحيوا ما خلقتم))«جانلىقنىڭ سۈرىتىنى سىزغان ياكى ھەيكىلىنى ياسىغانلارغا قىيامەت كۈنى ئازاب بېرىلىدۇ ۋە <ياراتقانلىرىڭلارغا جان كىرگۈزۈڭلار>دېيىلىدۇ.» (بۇخارى 5951؛ جامىئۇس سەغىر 2094؛ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەردىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن المقسطين عند الله يوم القيامة على منابر من نور عن يمين الرحمن، وكلتا يديه يمين: الذين يعدلون في حكمهم، وأهليهم، وما ولوا))«ئادالەت ئىگىلىرى مۆمىنلەر قىيامەت كۈنى ئۇلۇغ ئاللاھ تائالانىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى نۇردىن بولغان تەختلەردە ئولتۇرغۇزىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئىككىلى قولى ئوڭدۇر. بۇ ئادالەت ئىگىلىرى ھۆكۈمرانلىقىدا، ئائىلە بالا-چاقىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ۋە ئۆزى مەسئۇل بولغان ئىشلاردا ئادىللىق بىلەن ئىش كۆرگۈچىلەردۇر.» (مۇسلىم 1827؛ جامىئۇس سەغىر 2121؛ سەھىھ جامىئ 1953؛ ئىبنى ئەمردىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن المقسطين عند الله يوم القيامة على منابر من نور عن يمين الرحمن، وكلتا يديه يمين: الذين يعدلون في حكمهم، وأهليهم، وما ولوا))«ئادالەت ئىگىلىرى مۆمىنلەر قىيامەت كۈنى ئۇلۇغ ئاللاھ تائالانىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى نۇردىن بولغان تەختلەردە ئولتۇرغۇزىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئىككىلى قولى ئوڭدۇر. بۇ ئادالەت ئىگىلىرى ھۆكۈمرانلىقىدا، ئائىلە بالا-چاقىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ۋە ئۆزى مەسئۇل بولغان ئىشلاردا ئادىللىق بىلەن ئىش كۆرگۈچىلەردۇر.» (مۇسلىم 1827؛ جامىئۇس سەغىر 2121؛ سەھىھ جامىئ 1953؛ ئىبنى ئەمردىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن المكثرين هم المقلون يوم القيامة، إلا من أعطاه الله تعالى خيرا فنفح فيه يمينه وشماله، وبين يديه ووراءه، وعمل فيه خيرا)) «دۇنيادا بايلىقى كۆپ بولغۇچىلار قىيامەت كۈنىدە ساۋابى ئاز بولغۇچىلاردۇر. بىراق، ئاللاھ ئۆزىگە ئاتا قىلغان پۇل-مالدىن ئوڭىغا، سولىغا، ئالدىغا ۋە ئارقىسىغا تارقاتقان، ھەمدە پۇل-مېلى ئارقىلىق ياخشى ئىشلارنى قىلغان مۆمىنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا.» (جامىئۇس سەغىر 2122؛ سەھىھ جامىئ 1954؛ ئەبۇ زەر غىفارىدىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن أفضل عباد الله يوم القيامة الحمادون)) «قىيامەت كۈنى مۆمىنلەرنىڭ ئەڭ ئۈستۈنى ئاللاھقا كۆپلەپ ھەمدى ئېيتقۇچىلاردۇر.» (جامىئۇس سەغىر 2213؛ سەھىھ جامىئ 1571؛ ئىمران ئىبنى ھۇسەيندىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن أكثر الناس شبعا في الدنيا أطولهم جوعا يوم القيامة)) «دۇنيادىكى چېغىدا (كۆپ يەپ-ئىچىش سەۋەبلىك) ئەڭ كۆپ توق يۈرگەنلەر قىيامەت كۈنى ئاچلىق ئازابىنى ئەڭ كۆپ تارتقۇچىلاردۇر.» (جامىئۇس سەغىر 2217؛ سەھىھ جامىئ 1577؛ سالمان فارىسىدىن؛ سەھىھ ئىبنى ماجە 2722، ئىبنى ھەجەر تەخرىج مىشكات مەسابىھ 5\16؛سەھىھ ھەدىس)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن أمتي يدعون يوم القيامة غرا محجلين من آثار الوضوء – فمن استطاع منكم أن يطيل غرته فليفعل)) «مېنىڭ ئۈممىتىم قىيامەت كۈنى تاھارەت ئىزلىرى سەۋەبلىك يۈزلىرى نۇرلۇق، پۇت-قوللىرى پارلاق ھالەتتە (مەشھەرگاھ مەيدانىدا) چاقىرىلىدۇ. كىمكى يۈزىنىڭ نۇرىنى ئاشۇرۇشقا كۈچى يەتسە، شۇنداق قىلسۇن.» (بۇخارى 136؛ جامىئۇس سەغىر 2220؛ ئەبۇ ھۇرەيرەدىن) * بۇ ھەدىستىن تاھارەتنى كۆپ ئېلىپ، نامازنى ۋە شۇ تىپتىكى ئەمەللەرنى كۆپلەپ قىلىشقا تەشۋىق بار. ھەرگىزمۇ پۇت قولنى تاھارەتتە يۇيۇش بەلگىلەنگەن چەك-چېگرىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئاشۇرۇپ يۇيۇشقا — مەسىلەن، بېلەكنى قولتۇققىچە، پۇتنى تىزغىچە يۇيۇشقا — ئەمەس.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن أولى الناس بي يوم القيامة أكثرهم علي صلاة)) «قىيامەت كۈنى ماڭا ئەڭ يېقىن بولىدىغان كىشى ماڭا ئەڭ كۆپ سالاۋات ئوقۇغان كىشىدۇر.» (جامىئۇس سەغىر 2213؛ بۇلۇغۇلمەرام 455؛ ئىبنى ھەجەر-فەتھۇلبارى 11\172؛ ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدتىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن أول ما يسأل عنه العبد يوم القيامة من النعيم أن يقال له:ألم نصح لك جسمك، ونرويك من الماء البارد؟)) «قىيامەت كۈنى مۆمىن بەندىدىن تۇنجى بولۇپ ھېسابى سورىلىدىغان نىمەت <ساڭا ساغلام تەن ئاتا قىلمىدۇقمۇ؟ ساڭا قانغۇچە مۇزدەك سۇ ئىچكۈزمىدۇقمۇ؟> دەپ سوراشتۇر.» (جامىئۇس سەغىر 2253؛ سەھىھ جامىئ 2022؛ سەھىھ تىرمىزى 3358؛ ئىبنى ھەجەر-فەتھۇلبارى 11\172؛ ئەبۇ ھۇرەيرەدىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن رجالا يتخوضون في مال الله بغير حق، فلهم النار يوم القيامة)) «ئاللاھ ئاتا قىلغان پۇل-مالنى ناتوغرا يەرلەرگە سەرپ قىلىدىغانلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا كىرىدۇ.» mujtehid.com (بۇخارى 3118؛ جامىئۇس سەغىر 2272؛ سەھىھ جامىئ 2073؛ ھەۋلە بىنتى قەيستىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن شر الناس منزلة عند الله يوم القيامة من تركه الناس اتقاء فحشه)) «قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەھۋالى ئەڭ يامان بولغان ناچار ئەخلاقى سەۋەبلىك باشقىلار ئۇنى تەرك ئەتكەن كىشىدۇر.» mujtehid.com (مۇسلىم 2591؛ جامىئۇس سەغىر 2284؛ سەھىھ جامىئۇس سەغىر 2095؛ مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە بىنتى ئەبۇ بەكردىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إِنَّ شَرَّ النَّاسِ عِنْدَ اللَّهِ مَنْزِلَةً يَوْمَ الْقِيَامَةِ مَنْ تَرَكَهُ النَّاسُ اتِّقَاءَ شَرِّهِ)) «قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەھۋالى ئەڭ يامان بولغان كىشى يامانلىقى سەۋەبلىك باشقىلار ئۇنى تەرك ئەتكەن كىشىدۇر.» mujtehid.com (بۇخارى 6032)
*ھە دېسىلا ئۆزىنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى كۆككە كۆتۈرىدىغان، قەلبىدە ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن كۆرۈپ، سورۇندا باشقىلارنى ئەگىتىپ يۈرۈپ بولسىمۇ چۈشۈرۈشكە ئورۇنىدىغان؛ قوپاللىقى ياكى سېسىق گەپ قىلىشقا ئادەتلەنگەنلىكى سەۋەبلىك باشقىلار، بولۇپمۇ مۆمىنلەر ئۇنىڭ بىلەن بىر يەرگە كېلىشنى خالىمايدىغان؛ سورۇندىكىلەرنى گەپ بىلەن چېقىۋېلىپ دىلىنى رەنجىتىدىغان؛ باشقىلارنىڭ گېپىنى تارتىۋېلىپ، ئۆز گېپىنى يورغىلىتىشقا، ياكى باشقىلار قانداقلا بىر گەپنى قىلمىسۇن شۇ گەپتىن قۇسۇر تېپىشقا ياكى ئىش ئۆگىتىشكە خۇشتار بولغان؛ ئاغزىدىن يامان، ئەخلاقسىز گەپلەر تولا چىقىدىغان؛ جەمئىيەتتىكى سۆز-چۆچەكلەرنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ مۆمىنلەرنىڭ سورۇنىنى بۇنداق گەپلەر بىلەن بۇلغايدىغان؛ يېقىنلىرى بىلەنمۇ تېزلا تىللىشىپ، ياقىدىشىپ قالىدىغان؛ قىتىغۇر، ئىچى تار، ئۆز مەنپەئەتىنىلا كۆزلەپ ئىشلارنى شۇنىڭغا تاقاپ ئورۇنلاشتۇرىدىغان ياكى ئىشلارغا ئۆز مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ باھا بېرىدىغان ۋە بۇنداق ناچار مىجەزلىرىنىڭ قايسى بىرى سەۋەبلىك بولمىسۇن كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىر يەرگە كېلىشىنى خالىمايدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. جۈملىدىن يۇقارقى ناچار ئەخلاقلارنىڭ قايسى بىرى تېپىلىدىغان مۇسۇلمان ئۆز ئەخلاقىنى جىددىي تۈزىشى ۋە ئاللاھتىن گۈزەل ئەخلاق تىلىشى كېرەك.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن فقراء المهاجرين يسبقون الأغنياء يوم القيامة إلى الجنة بأربعين خريفا)) «ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغان مۇھاجىرلارنىڭ يوقسۇللىرى قىيامەت كۈنى باي مۆمىنلەردىن قىرىق يىل بۇرۇن جەننەتكە كىرىدۇ.»(جامىئۇس سەغىر 2305؛ سەھىھ جامىئ 2118؛ ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمردىن)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«قىيامەت كۈنى بارلىق ھەق ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇلىدۇ. ھەتتا مۈڭگۈزلۈك قويدىن مۈڭگۈزسىز قوينىڭ ھەققى ئېلىپ بېرىلىدۇ.» mujtehid.com (مۇسلىم 2582؛ جەمئۇلفەۋائىد 9\568)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن فقراء المهاجرين يسبقون الأغنياء يوم القيامة إلى الجنة بأربعين خريفا)) «ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغان مۇھاجىرلارنىڭ يوقسۇللىرى قىيامەت كۈنى باي مۆمىنلەردىن قىرىق يىل بۇرۇن جەننەتكە كىرىدۇ.»(جامىئۇس سەغىر 2305؛ سەھىھ جامىئۇس سەغىر 2118؛ ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمردىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن في الجنة بابا يقال له »الريان» يدخل منه الصائمون يوم القيامة، لا يدخل منه أحد غيرهم. يقال: أين الصائمون؟ فيقومون فيدخلون منه، فإذا دخلوا أغلق فلم يدخل منه أحد)) «جەننەتنىڭ <رەييان> دەپ ئاتىلىدىغان بىر دەرۋازىسى بار. قىيامەت كۈنى جەننەتنىڭ بۇ دەرۋازىسىدىن پەقەت كۆپ روزا تۇتقۇچى مۆمىنلەرلا كىرىدۇ، بۇلاردىن باشقا ھېچكىم بۇ دەرۋازىدىن كىرەلمەيدۇ. (جەننەت ئىشىكىنى ساقلىغۇچى پەرىشتە) <كۆپ روزا تۇتقۇچىلار قېنى؟> دەپ نىدا قىلىدۇ. كۆپ روزا تۇتقۇچى مۆمىنلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، بۇ دەرۋازىدىن جەننەتكە كىرىدۇ. ئۇلار كىرىپ بولغاندا دەرۋازا تاقىلىدۇ، كۆپ روزا تۇتقۇچىلاردىن باشقا ھېچبىر مۆمىن جەننەتكە بۇ ئىشىكتىن كىرەلمەيدۇ.» mujtehid.com (جامىئۇس سەغىر 2312؛ سەھىھ جامىئۇس سەغىر 2121؛ ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمردىن)
ھەدىسكە مۇناسىۋەتلىك ئەسكەرتمە:
پەرز قىلىنغان رامزان روزىسىدىن باشقا، ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش، ھەر دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنى روزا تۇتۇش ۋە سەھىھ ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان ئاشۇرا، شەئبان، شەۋۋال … ئايلىرىدىكى نەپلە روزىلارنى تۇتۇش ھەدىستىكى كۆپ روزا تۇتۇش جۈملىسىدىندۇر.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن لكل غادر لواء يوم القيامة يعرف به عند استه)) «ئەھدىسىگە خىيانەت قىلغان ھەر قانداق كىشى ئۈچۈن قىيامەت كۈنى بىر بايراق تىكىلىدۇ. ئۇ كىشى ئولتۇرغان يېرىدە شۇ بايراق بىلەن بىلىنىدۇ.»(مۇسلىم 1437؛ جامىئۇس سەغىر 2477)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن شئتم أنبأتكم عن الإمارة وما هي: أولها ملامة، وثانيها ندامة، وثالثها عذاب يوم القيامة إلا من عدل)) «خالىساڭلار ھوقۇقدار بولۇشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىدىن سىلەرگە خەۋەر بېرەي: ئۇنىڭ باشلىنىشى ئەيىبلەش، ئوتتۇرىسى پۇشايمان، ئاقىۋىتى قىيامەت كۈنى ئازابقا قېلىشتۇر. ئادالەت بىلەن ھوقۇق تۇتقان مۆمىنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا»(جامىئۇس سەغىر 2666؛ سەھىھ جامى 1420؛ ئەبۇ مالىك ئەشجائىدىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أنا أكثر الأنبياء تبعا يوم القيامة، وأنا أول من يقرع باب الجنة)) «قىيامەت كۈنى ئەگەشكۈچىسى ئەڭ كۆپ پەيغەمبەر مەن بولىمەن، جەننەت ئىشىكىنى تۇنجى بولۇپ چەككۈچىمۇ مەن بولىمەن.»(مۇسلىم 196؛ جامىئۇس سەغىر 2688؛ ئەنەس ئىبنى مالىك)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أنا سيد ولد آدم يوم القيامة، وأول من ينشق عنه القبر، وأول شافع، وأول مشفع)) «قىيامەت كۈنى مەن ئىنسان بالىلىرىنىڭ سەردارىمەن. تۇنجى بولۇپ قەبرىسى يېرىلغۇچى مەن، تۇنجى بولۇپ شاپائەت قىلغۇچى مەن ۋە تۇنجى بولۇپ شاپائىتى قوبۇل قىلىنغۇچى مەن.»(مۇسلىم 2278؛ جامىئۇس سەغىر 2692؛ ئەبۇ ھۇرەيرەدىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أهون أهل النار عذابا يوم القيامة رجل يوضع في أخمص قدميه جمرتان يغلي منهما دماغه)) «قىيامەت كۈنى جەھەننەم ئەھلىدىن ئازابى ئەڭ يېنىك بولىدىغىنى پۇتلىرىنىڭ ئاستىغا ئوتتىن ئىككى چوغ قويۇلىدۇ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇنىڭ مېڭىسى قاينايدۇ.»(جامىئۇس سەغىر 2772؛ سەھىھ جامىئ 2533؛ ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((اول خصمين يوم القيامة جاران)) «قىيامەت كۈنى بىر-بىرىدىن شىكايەتچى بولىدىغان تۇنجى شىكايەتچى قوشنىلاردۇر.»(جامىئۇس سەغىر 2821؛ سەھىھ جامىئ 2563؛ ئۇقبە ئىبنى ئامىردىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أول ما يحاسب به العبد يوم القيامة الصلاة: فإن صلحت صلح له سائر عمله، وإن فسدت فسد سائر عمله)) «قىيامەت كۈنى بەندىدىن تۇنجى بولۇپ ھېسابى ئېلىنىدىغان ئىش نامازدۇر. ئەگەر نامىزىنىڭ ھېسابىدىن ياخشى ئۆتەلىسە، بەندە باشقا ئەمەللىرىنىڭ ھېسابىدىنمۇ ياخشى ئۆتەلەيدۇ. ئەگەر ناماز ھېسابىدىن ئۆتەلمىسە، باشقا ئەمەللىرىنىڭ ھېسابىدىنمۇ ئۆتەلمەيدۇ.»(جامىئۇس سەغىر 2818؛ سەھىھ جامىئ 2573؛ ئەنەس ئىبنى مالىكتىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أول ما يحاسب به العبد الصلاة، وأول ما يقضى بين الناس في الدماء)) «(قىيامەت كۈنى) بەندە تۇنجى بولۇپ ھېسابقا تارتىلىدىغان ئىش ناماز، ئىنسانلار ئارىىسدا تۇنجى ھۆكۈمى چىقىرىلىدىغان ئىش قان داۋاسىدۇر.»(جامىئۇس سەغىر 2868؛ سەھىھ نەسائى 4002؛ ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدتىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أول ما يحاسب به العبد يوم القيامة صلاته، فإن كان أتمها كتبت له تامة، وإن لم يكن أتمها، قال الله لملائكته: انظروا هل تجدون لعبدي من تطوع فتكملون بها فريضته؟ ثم الزكاة كذلك، ثم تؤخذ الأعمال على حسب ذلك)) «قىيامەت كۈنى بەندە تۇنجى بولۇپ ھېسابقا تارتىلىدىغان ئەمەل نامازدۇر. ئەگەر بەندىنىڭ نامىزى تولۇق بولسا، ئۇنىڭغا تولۇق ساۋاب يېزىلىدۇ. ئەگەر نامىزى كام چىقسا، ئاللاھ تائالا (ئۆزى ياخشى بىلىپ تۇرغان تەقدىردىمۇ) پەرىشتىلەرگە <بەندەمنىڭ نەپلە نامازلىرى بارمۇ، ئۇنىڭغا قاراڭلار> دەيدۇ. ئاندىن، باشقا ئەمەللىرىدىنمۇ مۇشۇ خىل شەكىلدە ھېساب ئېلىنىدۇ.»(جامىئۇس سەغىر 2844؛ سەھىھ جامىئ 2574)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أيما رجل آتاه الله تعالى علما فكتمه، ألجمه الله يوم القيامة بلجام من نار)) «ئاللاھ تائالا بىر كىشىگە ئىلىم ئاتا قىلسا، كىشى ئاللاھ ئاتا قىلغان ئۇ ئىلىمنى (ياخشىلىق يوللىرى ئۈچۈن ئىشلەتمەي) يوشۇرسا، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنىڭ ئاغزىغا ئوتتىن يۈگەن سالىدۇ.»(جامىئۇس سەغىر 2965؛ سەھىھ جامىئ 2714؛ ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدتىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((الإسبال في الإزار والقميص والعمامة، فمن جر منها شيئا خيلاء، لم ينظر الله إليه يوم القيامة)) «(ئەر كىشى ئۈچۈن) كىيىمنى ئۇزارتىۋېلىش بەلنىڭ ئاستىغا كىيىدىغان كىيىمىدە، ئەرەنچە ئۇزۇن كۆڭلەكتە ۋە سەللىدە بولىدۇ. كىمكى تەكەببۇرلۇق قىلىپ بۇ كىيىملىرىدىن بىرىنى ھوشۇقىدىن پەسكە ساڭگىلىتىپ كىيىۋالىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنىڭغا قارىمايدۇ.»(جامىئۇس سەغىر 3052؛ سەھىھ ئەبۇ داۋۇد 4260؛ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەردىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((لا يستر الله عبدا في الدنيا إلا ستره يوم القيامة)) «ئاللاھ تائالا دۇنيادا بىر مۆمىن بەندىنىڭ ئەيىپىنى يېپىپ، ئۇنى رەسۋا قىلمىغان بولسا، قىيامەت كۈنىمۇ ئۇنىڭ ئەيىپىنى يېپىپ رەسۋا قىلمايدۇ.»(جامىئۇس سەغىر 3446؛ سەھىھ جامىئ 3021)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((ثلاثة لا يقبل الله منهم يوم القيامة صرفا ولا عدلا: عاق، ومنان، ومكذب بالقدر)) «ئۈچ تۈرلۈك كىشى باركى، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھېچبىر (ئەمىلى ۋە ئۆزرىسىنى) قوبۇل قىلمايدۇ. (ئۇلار) ئاتا-ئانىسى قاقشاتقۇچى، قىلغان ياخشىلىقىغا مىننەت قىلغۇچى ۋە تەقدىرنى ئىنكار قىلغۇچىدۇر.»(جامىئۇس سەغىر 3535؛ سەھىھ تەرغىب، 2513؛ ئەبۇ ئۇمامەدىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((ثلاثة لا يكلمهم الله يوم القيامة ولا ينظر إليهم ولا يزكيهم ولهم عذاب أليم: المسبل إزاره، والمنان الذي لا يعطي شيئا إلا منه، والمنفق سلعته بالحلف الكاذب)) «ئۈچ تۈرلۈك كىشى باركى، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارغا سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارغا قارىمايدۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلىپ پاكلىمايدۇ، ئۇلارغا قاتتىق ئازاب باردۇر. (ئۇلار) ئاستىغا كىيىدىغان كىيىمنىڭ پۇشقۇقىنى ھوشۇقىدىن پەسكە چۈشۈرۈپ كىيىۋالغۇچى ئەر، قىلغان ياخشىلىقىغا مىننەت قىلغۇچى، يالغان قەسەم بىلەن مال ساتقۇچىدۇر.»(جامىئۇس سەغىر 3538؛ سەھىھ جامىئ3067؛ سەھىھ ئىبنى ماجە 1807؛ ئەبۇ زەردىن) *يالغان قەسەم بىلەن مال ساتقۇچى مېلىدا بىرەر قۇسۇرى بار تۇرۇپ، ئۇنى قۇسۇرسىز دەپ ساتقۇچى؛ يالغاندىن پالانچى مۇنچە پۇل قىلغانتى بەرمىدىم دەپ خېردارنى ئالداش قەستىگە چۈشكۈچى، مېلىغا ھىيلە ئىشلەتكۈچى قاتارلىق ھەممە كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەدىستە بايان قىلغان ئىشلار شۇ ئىشلارنىڭ قاتتىق ھاراملىقىنى بىلدۈرىدۇ.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((ثلاثة لا يكلمهم الله يوم القيامة ولا ينظر إليهم: رجل حلف على سلعته لقد أعطي بها أكثر مما أعطي وهو كاذب، ورجل حلف على يمين كاذبة بعد العصر ليقتطع بها مال رجل مسلم، ورجل منع فضل مائه فيقول الله: «اليوم أمنعك فضلي كما منعت فضل ما لم تعمله يداك)) «ئۈچ تۈرلۈك كىشى باركى، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارغا (ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان) سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارغا قارىمايدۇ: (ئۇلار) مېلىنى ساتقاندا خېرىدارغا ئۇ بەرگەن باھادىن يۇقىرى باھانىڭ بېرىلگەنلىكى سۆزلەپ يالغان قەسەم قىلغۇچى، ئەسىر نامىزىدىن كېيىن يالغان قەسەم بىلەن بىر مۇسۇلمانغا مېلىنى سېتىپ (ئۇنىڭ پۇلىنى يەۋالغۇچى)، ئۈچىنچىسى (سەپەردە) ئارتۇق سۈيى تۇرۇپ، ئۇنى باشقا مۇسۇلمانلاردىن ئايىغان كىشى. ئاللاھ تائالا بۇ كىشىگە مۇنداق دەيدۇ: <ئۆز مېھنىتىڭ بىلەن ئېرىشمىگەن تۇرۇقلۇق، ئارتۇق سۈيۈڭدىن باشقىلارنى مەرھۇم قويدۇڭ، بۈگۈن مەن سېنى پەزلى-رەھمىتىمدىن مەرھۇم قويىمەن.»( جامىئۇس سەغىر 3539؛ سەھىھ جامىئ3066؛ ئەبۇ ھۇرەيرەدىن) * ھەدىستىن شۇ نەرسە ئايدىڭكى، مەيلى شەرئىي ئىلىم بولسۇن، مەيلى دۇنياۋى ئىلىم بولسۇن، ياكى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بولسۇن، مۇسۇلمانلارنىڭ شۇلاردىن بىرىگە قاتتىق ئېھتىياجى بولىۋاتقان تۇرسىمۇ، ئۆز ئىلىكىدىكىنى، ئۆز ئېھتىياجىدىن ئاشقىنىنى ھاجەتمەنلەردىن ئاياش ئاللاھ قاتتىق غەزەپ قىلىدىغان قىلمىشتۇر. بۇ ھەدىس يەنە ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە نەقەدەر كۆيۈمچانلىقىنى؛ ھەمدە، ئاچ-كۆزلۈك، پىخسىق ۋە كۆزى كىچىكلىك، باشقىلارغا ئىچ ئاغرىتماسلىق قاتارلىق ناچار ئىللەتلەرگە نەقەدەر غەزەپ قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((ثلاثة لا يكلمهم الله يوم القيامة ولا يزكيهم ولا ينظر إليهم ولهم عذاب أليم: شيخ زان، وملك كذاب، وعائل مستكبر)) «ئۈچ تۈرلۈك كىشى باركى، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىدىن پاكلىمايدۇ، ئۇلارغا رەھمەت نەزىرى بىلەن قارىمايدۇ، ئۇلارغا دەھشەتلىك ئازاب باردۇر. (ئۇلار) زىناخور قېرى، كاززاپ ھۆكۈمران ۋە كىبىرلىك نامرات كىشىدۇر.»(جامىئۇس سەغىر 3541؛ مۇسلىم 107؛ سەھىھ جامىئ؛ ئەبۇ ھۇرەيرەدىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((ثلاثة لا ينظر الله إليهم يوم القيامة: العاق لوالديه، والمرأة المترجلة المتشبهة بالرجال، والديوث. وثلاثة لا يدخلون الجنة: العاق لوالديه، والمدمن الخمر، والمنان بما أعطى)) «ئۈچ كىشى باركى، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا قارىمايدۇ. (ئۇلار) ئاتا-ئانىسىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ ئۇلارنى قاقشاتقۇچى، ئەرلەرگە ئوخشىۋالغۇچى ئايال كىشى ۋە ئايال كىشىگە ئوخشىۋالغۇچى ئەر كىشى ۋە خوتۇن قىزلىرىنى يات ئەرلەردىن كۈللىمىگۈچى دەيۈز. ئۈچ كىشى جەننەتكە كىرمەيدۇ: (ئۇلار) ئاتا-ئانىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ ئۇلارنى قاقشاتقۇچى، ھاراقكەش، قىلغان ياخشىلىقىغا مىننەت قىلغۇچى.»(جامىئۇس سەغىر 3542؛ سەھىھ نەسائى 2561؛ ئەھمەد شاكىر، تەخرىج مۇسنەد 9\34؛ ئىبنى ئۆمەردىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((ثلاثة لا ينظر الله إليهم يوم القيامة ولا يزكيهم ولهم عذاب أليم: أشيمط زان، وعائل مستكبر، ورجل جعل الله بضاعته: لا يشتري إلا بيمينه ولا يبيع إلا بيمينه)) «ئۈچ كىشى باركى، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىمايدۇ، ئۇلارغا قاتتىق ئازاب بار. (ئۇلار) زىناخور، كىبىرلىك كەمبەغەل، مېلىنى يالغانچىلىق بىلەن ئېلىپ يالغانچىلىق بىلەن ساتقۇچىدۇر.» (جامىئۇس سەغىر 3544؛ سەھىھ جامىئ3072؛ سالمان فارسىدىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((ثلاثة لا ينظر الله إليهم يوم القيامة ولا يزكيهم ولهم عذاب أليم: أشيمط زان، وعائل مستكبر، ورجل جعل الله بضاعته: لا يشتري إلا بيمينه ولا يبيع إلا بيمينه)) «ئۈچ كىشى باركى، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىمايدۇ، ئۇلارغا قاتتىق ئازاب بار. (ئۇلار) زىناخور، كىبىرلىك كەمبەغەل، مېلىنى يالغانچىلىق بىلەن ئېلىپ يالغانچىلىق بىلەن ساتقۇچىدۇر.» (جامىئۇس سەغىر 3544؛ سەھىھ جامىئ3072؛ سالمان فارسىدىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((حرمة نساء المجاهدين على القاعدين كحرمة أمهاتهم، وما من رجل من القاعدين يخلف رجلا من المجاهدين في أهله فيخونه فيهم إلا وقف له يوم القيامة فقيل له: قد خلفك في أهلك فخذ من حسناته ما شئت، فيأخذ من عمله ما شاء. فما ظنكم؟)) «جىھادقا چىقىپ كەتكۈچى مۇجاھىدلارنىڭ ئاياللىرى جىھادقا چىقمىغۇچى مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ ئانىلىرىغا ئوخشاش ئورۇندىدۇر. مۇجاھىدنىڭ ئائىلىسىدىن بىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇنىڭ خوتۇن-قىزلىرىغا خائىنلىق قىلغۇچى قىيامەت كۈنى خائىنلىق قىلىنغۇچى مۇجاھىدنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزىلىدۇ ۋە مۇجاھىدقا <بۇ كىشى سېنىڭ ئائىلەڭنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ، ئائىلەڭدىكىلەرگە خىيانەت قىلدى، ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرىدىن خالىغىنىڭچە ئېلىۋالغىن> دېيىلىدۇ. مۇجاھىد ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن خالىغىنىچە ئالىدۇ. ئىش بۇنداق ئىكەن، بۇ كىشىنىڭ ياخشىلىقلىرىدىن بىرەرسى ئۇنىڭدا قېلىپ قالىدۇ دەپ ئويلامسىلەر؟» (جامىئۇس سەغىر 3705؛ مۇسلىم 1897؛ سەھىھ جامىئ3141؛ سۈنەن ئەبۇ داۋۇد 2497)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((زملوهم بدمائهم، فإنه ليس من كلم يكلم في الله إلا وهو يأتي يوم القيامة يدمأ، لونه لون الدم وريحه ريح المسك)) «شەھىدلەرنى قانلىرى بىلەن دەپنە قىلىڭلار. ئاللاھ يولىدا يارىدار بولغان ئەزالارنىڭ قېنى قىيامەت كۈنىدە رەڭگى قان رەڭگىدە بولىدۇ، پۇرىقى مىسىكتەك خۇش پۇراق بولىدۇ.» (جامىئۇس سەغىر 4563؛ سەھىھ جامىئ3573؛ سەھىھ نەسائى 2001)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((ستخرج نار من حضرموت قبل يوم القيامة تحشر الناس)) «قىيامەت بولۇشتىن ئاۋۋال ھەزر مەۋتتىن بىر ئوت چىقىپ، ئىنسانلارنى بىر يەرگە توپلايدۇ.» (جامىئۇس سەغىر 4661؛ سەھىھ جامىئ3609؛ ئىبنى ئۆمەردىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((ستخرج نار من حضرموت قبل يوم القيامة تحشر الناس)) «قىيامەت بولۇشتىن ئاۋۋال ھەزر مەۋتتىن بىر ئوت چىقىپ، ئىنسانلارنى بىر يەرگە توپلايدۇ.» mujtehi.com (جامىئۇس سەغىر 4661؛ سەھىھ جامىئ3609؛ ئىبنى ئۆمەردىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((سيدُ الشهداءِ عندَ اللهِ يومَ القيامَةِ حمزةُ بنُ عبدِ المطلِبِ)) «ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ قىيامەت كۈنى شەھىدلەرنىڭ سەركىسىدۇر.» mujtehi.com (جامىئۇس سەغىر، سەھىھ جامىئ3676)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((الشمس والقمر يكوران يوم القيامة)) «قىيامەت كۈنى قۇياش بىلەن ئاي تۈرۈلىدۇ.» mujtehi.com (جامىئۇس سەغىر 4948، سەھىھ جامىئ 3737؛ ئەنڭ ھۇرەيرەدىن) * بۇ يەردىكى «تۈرۈلۈش» سەللىنىڭ، رەختنىڭ تۈرۈلىشىدىكى تۈرۈلۈشتۇر.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((الصيام والقرآن يشفعان للعبد يوم القيامة، يقول الصيام: أي رب إني منعته الطعام والشهوات بالنهار فشفعني فيه، ويقول القرآن: رب منعته النوم بالليل فشفعني فيه، فيشفعان)) «روزا ۋە قۇرئان قىيامەت كۈنىدە مۆمىن بەندىنى شاپائەت قىلىدۇ. روزا <ئى رەببىم! مەن ئۇنى يەپ-ئىچىشتىن، كۈندۈزدىكى شەھۋەتتىن توسۇپ قويغان ئىدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى شاپائەت قىلىشىۋالسام> دەيدۇ. قۇرئان <ئى رەببىم! ئۇنى كېچىدىكى ئۇيقۇدىن مەھرۇم قويدۇم، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى شاپائەت قىلىۋالسام> دەيدۇ. ھەر ئىككىسىنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدۇ. ھەر ئىككىسىنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدۇ.» mujtehi.com (جامىئۇس سەغىر 5203، سەھىھ جامىئ3882؛ ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمردىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((ضرس الكافر يوم القيامة مثل أحد، وفخذه مثل البيضاء، ومقعده في النار مسيرة ثلاث مثل الربذة)) «قىيامەت كۈنى دوزاختىكى كاپىرنىڭ چىشى ئوھۇد تېغىنىڭ چوڭلۇقىدا بولىدۇ، يوتىسى بىلەن دوزاخ ئوتىدا ئولتۇرىدىغان يېرىنىڭ ئارىلىقى بەيدا بىلەن رەبزەنىڭ ئارىلىقىدەك ئۈچ كۈنلۈك مۇساپە كېلىدۇ.» mujtehi.com (سۇيۇتى-جامىئۇس سەغىر 5213، سەھىھ تىرمىزى 2578؛ ئەلبانى-تەخرىج مىشكات مەسابىھ 5602؛ سەھىھ تەرغىب 3682؛ ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمردىن، سەھىھ)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((العرافة أولها ملامة، و آخرها ندامة، والعذاب يوم القيامة)) «باشلىقلىقنىڭ بېشى ئەيىپلىنىش، ئاقىۋىتى پۇشايمان، قىيامەت كۈنى ئازابقا ئۇچراش بولىدۇ.» mujtehi.com (جامىئۇس سەغىر 5686؛ سەھىھ جامىئ 4128)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((قال الله تعالى: ثلاثة أنا خصمهم يوم القيامة: رجل أعطى بي ثم غدر، ورجل باع حرا فأكل ثمنه، ورجل أستأجر أجيرا فاستوفى منه ولم يعطه أجره)) «ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: قىيامەت كۈنى مەن ئۈچ خىل كىشىنىڭ دۈشمىنى بولىمەن. ئۇلار: مېنىڭ نامىمنى تىلغا ئېلىپ قەسەم ۋەدە بېرىپ، كېيىن ۋەدىسىدىن يېنىۋالغۇچى؛ ھۆر ئىنساننى سېتىپ تاپاۋەت قىلغۇچى؛ برۋانى ئىشلىتىپ ئۆز ھاجىتىدىن چىقىۋېلىپ، ئۇنىڭ ئىش ھەققىنى بەرمىگۈچى.» mujtehi.com (جامىئۇس سەغىر 6013؛ بۇخارى 2270؛ ئەبۇ ھۇرەيرەدىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((قال الله تعالى: حقت محبتي على المتحابين، أظلهم في ظل العرش يوم القيامة يوم لا ظل إلا ظلي)) «ئاللاھ مۇنداق دېدى: مېنىڭ يولۇمدا ئۆز ئارا ياخشى كۆرۈشكەن تەۋھىد ئەھلى مۆمىنلەر مېنىڭ ياخشى كۆرۈشۈمگە ئېرىشىدۇ. مەن ئۇلارنى ھېچبىر سايە بولمىغان قىيامەت كۈنىدە ئەرشنىڭ سايىسى ئاستىدا سايىدىتىمەن.» mujtehi.com (جامىئۇس سەغىر 6058؛ سەھىھ جامىئۇس سەغىر 4320؛ ئۇبادە ئىبنى سامىتتىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((كف عنا جشاءك؛ فإن أكثرهم شبعا في الدنيا أطولهم جوعا يوم القيامة)) «كىشىلەرنىڭ يېنىدا كېكىرمە. دۇنيادا توق يۈرگەنلەر قىيامەت كۈنى ئاچ قالىدۇ.» mujtehi.com (جامىئۇس سەغىر 6265؛ سەھىھ تىرمىزى 2478؛ ئىبنى ئۆمەردىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((كم من جار متعلق بجاره يوم القيامة، يقول: يا رب هذا أغلق بابه دوني فمنع معروفه)) «نۇرغۇنلىغان قوشنىلار باركى، قىيامەت كۈنى قوشنىسىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ <ئى رەببىم! بۇ مېنىڭ يۈزۈمگە ئىشىك يېپىپ، ياخشىلىقىنى مەندىن قىزغاندى> دەيدۇ.» mujtehi.com(جامىئۇس سەغىر 6415؛ سەھىھ ئەدەب ئەلمۇفرەد 81؛ ئىبنى ئۆمەردىن)
(مۇجتەھىدلەر تورى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى)
mujtehid.com