سەھىھ ھەدىسلەرگە بىنائەن تاھارەتنى بۇزىدىغان ئىشلار
مۇجتەھىدلەر تورى تەييارلىدى
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
بىرىنجى: ئالدى ۋە ئارقا ئەزادىن چىققان ھەر قانداق نەرسە تاھارەتنى بۇزىدۇ. ئىمام ئىبنى قۇدامە «ئەلمۇغنى» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: ئىككى جىنسىي يولدىن چىقىدىغان نەرسىلەر ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىرىنجىسى، نورمال ھالەتتە چىقىدىغان نەرسىلەر بولۇپ، ئۇلار: سۈيدۈك، نىجاسەت، مەنى، مەزى، ۋەدى ۋە يەل (ئوسۇرۇق) قاتارلىقلار. بۇ نەرسىلەر پۈتكۈل ئۆلىمالارنىڭ ئىجمائى (ئىتتىپاقى) بىلەن تاھارەتنى بۇزىدۇ. ئىككىنجىسى، ئالاھىدە ھالەتتىكى نەرسىلەر بولۇپ، ئۇلار: قان، قۇرت، تاش، قىل قاتارلىق نەرسىلەردۇر. (ئەلمۇغنى، 1\94)
پەتىۋا كومېتىتى ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: ئالدى كەينى ئەۋرەتتىن باشقا ئەزالاردىن چىققان قان تاھارەتنى بۇزمايدۇ. (چۈنكى، بۇنى قوللايدىغان سەھىھ شەرئىي دەلىل يوق.) [پەتىۋا كومېتىتى 2461]
يەل قويۇۋېتىش تاھارەتنى بۇزىدۇ. بىراق، يەل قويۇۋېتىپ تاھارىتى بۇزۇلغان كىشى تاھارەت ئالماقچى بولسا، ئىستىنجا (سۇ بىلەن پاكلىنىش) ياكى ئىستىجمار (قەغەز، چالما قاتارلىقلار بىلەن پاكلىنىش) نىڭ ھاجىتى يوق. يەل قويۇۋېتىش سەۋەبلىك تاھارىتى بۇزۇلۇپ كەتكەن كىشىنىڭ (شۇ تاھارەتسىز ھالەتتە) ئوقۇغان نامىزى قوبۇل بولمايدۇ. تاھارەت ئېلىپ، نامىزىنى قايتا ئوقۇيدۇ. [پەتىۋا كومېتىتى 11269-نومۇرلۇق پەتىۋا] يەل قويۇۋېتىشنىڭ تاھارەتنى بۇزۇدىغانلىقىغا پۈتكۈل ئالىملار ئىتتىپاققا كەلگەن. [پەتىۋا كومېتىتى 7371-نومۇرلۇق پەتىۋا]
ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن مۇنداق دەيدۇ: مەنىي (جىنسىي ئەزادىن شەھۋەت بىلەن ئېتىلىپ چىققان سۇيۇقلۇق) چىقسا غۇسل ۋاجىب بولىدۇ. ئەمما، مەزىي (جىنسىي ئەزادىن ئېتىلماي چىقىدىغان سۇيۇقلۇق) چىقسا جىنسىي ئەزانى يۇيۇش، ئاندىن تاھارەت ئېلىش كېرەك بولىدۇ. (فەتۋا ئەركانۇل ئىسلام، 1\344)
ئىككىنجى: ئۇخلاش تاھارەتنى بۇزىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مەقئەتنىڭ بوغۇچى كۆزدۇر. كىم ئۇخلىسا تاھارەت ئالسۇن.» (ئىمام ئەھمەد، 1\111؛ ئەبۇ داۋۇد 1\140؛ ئىبنى ماجە 1\161؛ مۇنزىرى، ئىبنى سالاھ؛ نەۋەۋى ‹تەلخىس› 1\118 تە ھەسەن دېگەن؛ ئەھمەد شاكىر تىرمىزى تەھقىقىدە سەھىھ دېگەن.) ئىمام ئىبنى قۇدامە «ئەلمۇغنى» دا مۇنداق دەيدۇ: ئۇيقۇ «يېتىپ ئۇخلاش، ئۆرە تۇرۇپ ئۇخلاش ۋە بۇ ئىككىسىدىن باشقا شەكىلدىكى ئۇخلاش» تىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. يېتىپ ئۇخلىسا تاھارەت بۇزىلىدۇ دىگەن پۈتكۈل ئىلىم ئەھلىنىڭ قارىشىغا كۆرە: يېتىپ ئۇخلاش ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ئوخشاشلا تاھارەتنى بۇزىدۇ.
(ياتمىغان ھالەتتىكى) مۈگىدەش تاھارەتنى بۇزمايدۇ. («ئەلمۇغنى» 1\97) ئۆرە تۇرۇپ ياكى ئولتۇرۇپ مۈگىدەش (يېنىك ئۇخلاش) تاھارەتنى بۇزمايدۇ. (ئىبنى قۇدامە ‹ئۇمدەتۇل فىقھ›)
ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن مۇنداق دېگەن: ئۇيقۇ يېنىك بولۇپ، مۈگدىگۈچىگە مەقئەتتىن يەل چىققان چىقمىغانلىقى ئېنىق بولسا، (يەل چىقمىغان ھالەتتە) تاھارەتنى بۇزمايدۇ.
ئۈچىنجى: ئەۋرەتنى تۇتۇش تاھارەتنى بۇزىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم ئەۋرىتىنى تۇتسا تاھارەت ئالسۇن.» (ئەبۇ داۋۇد 181؛ نەسائىي 1\10؛ تىرمىزى 82؛ ئىبنى ماجە 479؛ بۇلۇغۇلمەرام 71-نومۇرلۇق ھەدىس؛ ئىمام ئىبنى ھەجەر ‹بۇلۇغۇلمەرام› دا بۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىسنى بەش ئىمام رىۋايەت قىلغان. ئىبنى ھىببان سەھىھ دېگەن. بۇخارى بۇ ھەدىسنى ‹مۇشۇ ھەقتىكى ئەڭ سەھىھ ھەدىس› دېگەن.) مۇھەددىس سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى ‹بۇلۇغۇلمەرام شەرھى› دە بۇ ھەدىستىكى «جىنسىي ئەزاسىنى تۇتسا» دېگەن كەلىمىنى «جىنسىي ئەزاسىنى ھېچقانداق ۋاسىتىسىز ھالدا قولى بىلەن بىۋاسىتە تۇتسا» دەپ شەرھلىگەن. دېمەك: ئەۋرەتنى قول بىلەن بىۋاسىتە تۇتۇش تاھارەتنى بۇزىدۇ. سەفىيۇرراھمان يەنە ئەۋرەتنى تۇتۇش تاھارەتنى سۇندۇرمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىس توغرىسىدا مۇھەددىس ئۆلىمالارنىڭ بايانلىرىنى تەپسىلىي كەلتۈرگەن بولۇپ، ئۇ ھەدىسنىڭ زەئىپ ئىكەنلىكىنى، ئەۋرەتنى تۇتسا تاھارەت سۇنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بۇ ھەدىسنىڭ بولسا بۇخارى ۋە مۇسلىم شەرتىگە توشىدىغان سەھىھ ھەدىس ئىكەنلىكى بايان قىلغان.
سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتى ئالىملىرىمۇ بۇ ھەقتە ئوخشاشلا «ئەۋرەتنى بىۋاسىتە تۇتۇش تاھارەتنى تۇتىدۇ. ئەۋرەتنى شەھۋەتسىز تۇتقان ھالەتتىمۇ تاھارەتنى بۇزىدۇ. بىراق، ئەۋرەتنى ۋاسىتىلىك تۇتۇش (يەنى كىيىمنىڭ سىرتىدىن ياكى قولىدا پەلەي دېگەندەك نەرسە بار ھالەتتە تۇتۇش) تاھارەتنى بۇزمايدۇ» دېگەن. (سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 13462-نومۇرلۇق ھەدىسى)
تۆتىنجى: تۆگە گۆشى يېيىش تاھارەتنى بۇزىدۇ. جابىر ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر ئادەم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن «قوي گۆشى يېگەنلىكىم ئۈچۈن تاھارەت ئالىمەنمۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «خالىساڭ ئال» دەپ بۇيرۇدى. ئۇ ئادەم «تۆگە گۆشى (يېيىش) سەۋەبلىك تاھارەت ئالىمەنمۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ھەئە» دېدى. (ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىس؛ ئىمام ئىبنى ھەجەر-بۇلۇغۇلمەرامنىڭ 73-نومۇرلۇق ھەدىسى)
مۇھەددىس شەيخ سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى بۇ ھەدىس توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىس تۆگە گۆشى يېيىش سەۋەبلىك تاھارەت بۇزۇلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھەدىس ئەھلىنىڭ زور كۆپچىلىكى مۇشۇ قاراشتا. تۆگە گۆشى يېيىشنىڭ تاھارەتنى بۇزىدىغانلىقىنىڭ ھېكىمىتى ۋە سەۋەبىنى بىلەلمەسلىك تۆگە گۆشىنىڭ تاھارەتنى بۇزىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىدىن قالدۇرۇۋېتەلمەيدۇ. چۈنكى، بۇ ھۆكۈم مەنىسى ئەقىل بىلەن چۈشىنىلىنمەيدىغان ئىبادەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەر دائىرىسىدە. (بۇلۇغۇلمەرام شەرھى، 46-بەت)
ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن مۇنداق دەيدۇ: تۆگىنىڭ گۆشىنى يېيىش بولسۇن، ئىچكى ئەزالىرىنى بولسۇن، ياكى باشقا يېرىنى يېيىش بولسۇن ئوخشاشلا تاھارەتنى بۇزىدۇ. (فەتۋا ئەركانۇل ئىسلام 1\347)
بۇنىڭدىن باشقا جابىر ئىبنى ئابدۇللاھتىن كەلگەن «ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ ئىككى ئىشىدىن ئاخىرقىسى ئوت تەگكەن (يەنى پىشىرۇلغان) نەرسىنى يېيىشتىن تاھارەت ئېلىشنى تەرك ئەتكەن» دېگەن ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد، نەسائىي، ئىبنى خۇزەيمە، ئىبنى ھىببان قاتارلىق مۇھەددىسلەر رىۋايەت قىلغان بولۇپ، «ئەلمۇغنى»،1-جىلدى،108-بەت، دوكتور ھامىد ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئەلھاممادنىڭ تەھقىقىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئىمام شافىي «(ھەدىس سەنەدىدىكى) ئىبنى مۇندەكىر بۇ ھەدىسنى جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئاڭلىمىغان» دېگەن. دېمەك بۇ ھەدىسمۇ ئوخشاشلا زەئىيپ. بۇ ھەدىسنىڭ زەئىپلىكى ھەققىدىكى تەپسىلىي چۈشەنچە ئۈچۈن يۇقارقى ئەسەرگە ۋە باشقا شۇ ھەقتىكى ئەسەرلەرگە مۇراجىئەت قىلىڭ. شۇڭا، تۆگە گۆشى يېگەندە تاھارەت ئېلىش ھەققىدىكى سەھىھ ھەدىسكە ئاساسەن، تۆگە گۆشى يېگەن كىشىنىڭ تاھارىتى سۇنىدۇ.
ئۆلىمالار يەنى بەزى ھاللارنىڭ تاھارەتنى بۇزىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، سەھىھ دەلىللەر ئاساسىدا كۈچلۈك قاراشقا ئۇيغۇن بولمىغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداقلا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئاسانلاشتۇرۇش، قىيىنلاشتۇرماسلىق ئەمرى بولغانلىقى ئۈچۈن، يۇقارقى تۆت خىل ئىشنىڭ تاھارەتنى سۇنىدىغانلىقىنى سەھىھ دەلىللەر بىلەن يۇرۇتۇپ بەردۇق. فىقھى ئەسەرلەردە يەنە ھوشىدىن كېيتىش، ئەقلىدىن كېتىش، مۇرتەد بولۇش قاتارلىقلارنىڭمۇ تاھارەتنى بۇزىدىغانلىقى سۆزلەنگەن. بۇ كامدىن كام ئۇچرايدىغان ئەھۋاللار بولغاچقا تەپسىلىي توختالمىدۇق.