ئەللامە ئىبنى باز: بېقىۋېلىنغان ئوغۇل بالا يات ئايالغا نامەھرەم بولىدۇ

ئەللامە ئىبنى باز: بېقىۋېلىنغان ئوغۇل بالا يات ئايالغا نامەھرەم بولىدۇ

سوئال: مۆھتىرەم شەيخ! بىر ئايال يولدىشىنىڭ ئىنىسىنى ئۇنىڭ ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن ئېتىبارەن بېقىپ چوڭ قىلدى، ئەمما بالا كىچىكلىكىدە ئۇنى ئەمدۈرمىدى. ئەمدىلىكتە، ئۇ بالا بۇ ئايالنى ئانا دەپ چاقىرىپ چوڭ بولدى. ئايال ئۇنىڭغا مەھرەم ھېسابلىنىدۇ؟ ئۇنىڭ يېنىدا ھىجابلانماسلىقى دۇرۇس بولامدۇ؟ شۇنىسىمۇ ئېنىق بولغايكى، كىشىلەر بالىنى ئۇ ئايالنىڭ ئوغلى دەپ بىلىدۇ. ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى پەقەت ئازغىنە كىشىلەرلا بىلىدۇ. بىزگە بۇ ھەقتە پەتىۋا بېرىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاللاھ سىلىنى ياخشىلىق بىلەن مۇكاپاتلىسۇن.

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستاز، پازىل ئۆلىما ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى؛ ھ 1420؛ م 1999)

جاۋاب: ئايال كىشى ئېرىنىڭ ئىنىسى، تاغىسىنىڭ ئوغلى ۋە ئۆزىگە بۇلارغا ئوخشاش نامەھرەم بولىدىغان باشقا بالىلارنى بېقىۋالغان بولسا، (ئەگەر بالا ئىككى ياشقا توشۇشتىن ئىلگىرى ئايال بالىنى ئايرىم ئايرىم بەش قېتىم ئېمىتكەن ۋە سۈت بەشىلى قېتىمدا بالىنىڭ ئاشقازىنىغىچە بارغان بولسا ئۇ ھالدا ئايال بالىنىڭ مەھرىمى بولىدۇ-سۈت ئانىسى ھېسابلىنىدۇ.) (ھالبۇكى،) ئايال بالىنى بېقىپ چوڭ قىلغانلىقى ئۈچۈنلا بېقىپ چوڭ قىلغان بالىنىڭ مەھرىمى بولۇپ قالمايدۇ. بۇنداق ئايال ئۆزى بېقىپ چوڭ قىلغان بالا بالاغەت يېشىغا يەتكەندە بالىنىڭ ئالدىدا ھىجابلىنىشى كېرەك بولىدۇ. بۇ ھەقتىكى شەرئىي دەلىل ئومۇمىي بولغانلىقتىن، بالا بىلەن يالغۇز قېلىشىمۇ دۇرۇس بولمايدۇ. (ئەللامە ئىبنى باز پەتىۋالىرى توپلىمى، 22-جىلد، 280-بەت)

ئەسكەرتىش: يۇقارقى پەتىۋا ئايال كىشى بىلەن مەھرەملىك مۇناسىۋىتى بولمايدىغان بالىلارنى بېقىۋېلىشقا قارىتا بېرىلگەن. بىر ئايال بىر بالىنى بېقىۋالغان بولسا، ئۇ بالا چوڭ بولغان تەقدىردىمۇ ئۆزىگە مەھرەم بولىدىغان بالىلاردىن ھېسابلانسا-مەسىلەن، بېقىۋېلىنغۇچى بالا ئايالنىڭ ئاچىسىنىڭ، ئاكىسىنىڭ، سىڭلىسىنىڭ ياكى ئىنىسىنىڭ بالىسى… بولسا، بالىنى ئېمىتسۇن، ئېمىتمىسۇن بەرىبىر بالا بىلەن بېقىۋالغۇچى ئايال بىر-بىرىگە مەھرەم ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى، ئايال بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدا ئەسلىدىنلا مەھرەملىك مۇناسىۋىتى مەۋجۇت.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ