ئىمام ئىبنى جەۋزى: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھاياتى ۋە پەزىلىتى
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى
مۇھەددىس ئالىم سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى بۇلغۇلمەرام شەرھىدە مۇنداق دېگەن: ساھابىلەر ئارىسىدا زۇھد ۋە تەقۋاسى بىلەن تونۇلغان، ئىلىمدە كەڭرى ۋە چوڭقۇر سەۋىيەگە ئىگە بولغان ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ (ئىبنى ئۆمەر) مەككىدە كىچىك يېشىدا مۇسۇلمان بولغان. كېيىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان. خەندەك غازىتىغا قاتناشقان. ھىجرەتنىڭ 73-يىلى مەككىدە ۋاپات بولغان. زى تۇۋا قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.(مۇھەددىس ئالىم سەفىيۇررۇھمان مۇبارەكفۇرىنىڭ بۇلۇغۇلمەرام شەرھىدىن)
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇنى بۇ زات ھەج قىلىۋاتقان پەيتتە، ھەججاجنىڭ ۋاسىتىلىك سۈيقەست قىلىشى بىلەن پچىقىغا سانجىۋېتىلگەن زەھەرلىك نەيزە تەسىرىدىن ۋاپات بولغان. سەكراتتىكى ئىبنى ئۆمەر ئۆزىنى يوقلاپ كەلگەن ھەججاج «سىلىنى كىم بۇنداق قىلدى» دېگەندە، «مېنى سەن ئۆلتۈردۈڭ» دېگەن.(سەھىھۇل بۇخارى ۋە ئۇنىڭ شەرھى فەتھۇلبارىدىن)
تۆۋەندىكىسى مەشھۇر ھەدىس ئالىمى ئىمام ئىبنى جەۋزى رەھىمەھۇللاھنىڭ «سىفاتۇس سەفۋا» ناملىق ئەسىرىدىن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مۇناسىۋەتلىك بايانلارنىڭ ئەينەن تەرجىمىسىدۇر، ئاللاھ بىزنى رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرنىڭ ئىزىدىن مۇستەھكەم مېڭىشقا، ئۇلارنىڭ ئەقىدىسىگە ئوخشاش ئەقىدىدە بولۇشقا، ئۇلارنىڭ ئەخلاقى بىلەن قوراللىنىشقا نېسىپ قىلسۇن.
ئىمام ئىبنى جەۋزى: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ تەرجىمھالى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كۇنيەسى ئەبۇ ئابدۇرراھمان. ئانىسى زەينەپ بىنتى مەئزۇندۇر. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەككىدە دادىسى بىلەن تەڭ مۇسۇلمان بولغان. مۇسۇلمان بولغان چاغدا تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن ئىدى. دادىسى بىلەن بىللە مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان. بەدر ئۇرۇشۇغا قاتنىشىش ئۈچۈن (دادىسى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋااسىتىسى بىلەن) رەسۇلۇللاھتىن رۇخسەت سورىغان، بىراق (ئۇ چاغدا تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن بولغاچقا) رەسۇلۇللاھ رۇخسەت بەرمىگەن. ئوھۇد غازىتىدىمۇ يېشى كىچىك بولغانلىقى سەۋەبلىك يەنىلا جىھادقا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىنمىدى. خەندەك ئۇرۇشىدا ئۇرۇشقا قاتنىشىش ئۈچۈن رۇخسەت سورالدى، بۇ چاغدا ئون بەش ياشقا كىرگەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ئوھۇد غازىتىغا قاتنىشىشغا رۇخسەت قىلدى.
ئەبۇ زىنناد مۇنداق دەيدۇ: كەئبىدىكى ھىجرى ئىسمائىلغا زۇبەير رەزىيەللھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن مۇسئەب، ئۇرۋە، ئابدۇللاھ ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر توپلاندى. ئۇلار تىلەك تىلەيلى، دېيىشتى. ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن خەلىپە بولۇشنى خالايمەن، دېدى. ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير مېنىڭ ئالىم بولغۇم بار، كىشىلەر مەندىن ئىلىم ئۆگەنسۇن دېدى. مۇسئەب ئىبنى زۇبەير: مەن ئىراقنىڭ ئەمرى بولغۇم بار، تەلھەنىڭ قىزى ئائىشە بىلەن ھۇسەيننىڭ قىزى سەكىنەنى ئەمرىمگە ئالىمەن، دېدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر: مەن ئاللاھتىن مەغفىرەت تىلەيمەن، دېدى. راۋىي مۇنداق دەيدۇ: ھەممەيلەن تىلىگىنىگە ئېرىشتى. ئىنشائاللاھ، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرمۇ مەغفىرەت قىلىنغاي.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئازادگەردىسى، شۇنداقلا شاگىرتى نافىئ رەھىمەھۇللاھتىن مۇنداق نەقىل قىلىنىدۇ: ئىبنى ئۆمەر كەئبىگە كىردى. سەجدىدە مۇنداق دەپ دۇئا قىلغانلىقىنى ئاڭلىم:«رەببىم! سەن بىلىپ تۇرىسەنكى، قۇرەيشنىڭ ئەرلىرى بىلەن رىقابەتكە چۈشۈشتىن مېنى پەقەت ساڭا بولغان قورقۇشۇملا چەكلەپ تۇرماقتا.
تاۋۇس رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئىبنى ئۆمەردىنمۇ تەقۋاراق بىرىنى كۆرمىدىم. ئىبنى ئابباستىنمۇ ئالىمراق بىرىنى كۆرمىدىم.
سەئىد ئىبنى مۇسەييەب مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر ئىلىم ئەھلىلىرىدىن بىرىنىڭ جەننىتىي ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدىغان ئىش بولسا، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ جەننىتى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەن بولاتتىم. (ھاكىم-مۇستەدرەك-3\559)
ئۇرۋە مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى ئۆمەردىن بىر پەتىۋا سورىلىۋىدى، «بىلمەيمەن» دېدى. سوئال سورىغۇچى قايتىپ كېتىۋاتقاندا، ئىبنى ئۆمەر مۇنداق دېدى: ئىبنى ئۆمەردىن ئۇ بىلمەيدىغان بىر ئىش سورالدى، ئۇ «بىلمەيمەن» دېدى.
ئىبراھىم مۇنداق دەيدۇ: قۇرەيش ياشلىرى ئىچىدە ئۆز نەپسىنى ھەممىدىم بەك مۇھاپىزەت قىلغىنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەردۇر.
مۇھەممەد مۇنداق دەيدۇ: ماڭا ئاڭلىتىلغىنىغا كۆرە، ئىبنى ئۆمەر مۇنداق دەيدىكەنتۇق: مەن ساھابە بۇرادەرلىرىمنى مەلۇم بىر ئىشتا (ھەمپىكىر ھالەتتە) كۆردۈم. ئەگەر ئۇلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلسام، ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن بولالماسلىقتىن قورقىمەن. (يەنى، ساھابىلەرنى ئاللاھ قۇرئاندا ۋە رەسۇلۇللاھ سۈننىتىدە ماختىغان. ھەر قانداق ئىش ياكى مەسلىدە ساھابىلەرنىڭ قارشىسىغا چىقىۋېلىشنىڭ كىشىنى ھالاك قىلىۋېتىدىغىنىنى ساھابىلەر ھەممىدىن ياخشى بىلەتتى.)
سەئىد ئىبنى مۇسەييەب مۇنداق دەيدۇ: ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆزىگە ئەڭ ئوخشايدىغان (يەنى دادىسىنىڭ ئىلىم ۋە پەزىلىتىگە ئەڭ تولۇق مىراسخورلۇق قىلغان) پەرزەنتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئىدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئۆزىگە ئەڭ ئوخشايدىغان پەرزەنتى سالىم ئىدى.
زەيد ئىبنى ئەسلەم دادىسىدىن مۇنداق بايان قىلغان: چۆلدە بوتىلىقىنى يوقىتىپ قويغان تۆگەن بوتىلىقىنى تېپىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىزىغا قانداق ئەگەشكەن بولسا، ئىبنى ئۆمەرمۇ دادىسىنىڭ ئىزىغا ئەنە شۇنداق ئەگىشەتتى. [پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ ھەقنى ئۆمەرنىڭ تىلىدا قىلدى.» (ئەلبانى: سەھىھۇل جامىئ)]
مۇئتىم ئىبنى مىقداس سەنئانىي مۇنداق دەيدۇ: (ئىراق ۋالىيسى) ھەججاج ئىبنى يۈسۈپ، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مۇنداق مەكتۇپ يوللىدى: خەلىپىلىك مەقسىدىنى ئۇقتۇرالمايدىغان، بېخىل، ۋە قىزغانچۇق بىرىگە ياراشمايدۇ.
ئىبنى ئۆمەر ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق مەكتۇپ يازدى: خەلىپىلىكنى تاما قىلدى دەپسەن، مەن خەلىپىلىك تاماسىدا ئەمەسمەن، خەلىپە بولۇشنى خىيالىمغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىدىم. مەقسىدىمنى بىلدۈرەلمەسلىككە، بېخىللىق ۋە قىزغانچۇقلىقىمغا كەلسەك: ئاللاھنىڭ كىتابىنى باشتىن ئاخىرىغىچە يادقا ئالغان (مەندەك) بىرى مەقسىدىنى ئۇقتۇرالماس بولمايدۇ. مېلىنىڭ زاكىتىنى بەرگۈچى بېخل ھېسابلانمايدۇ. قىزغانچۇقلۇق مەسىلىسىگە كەلسەك، مەن بالىلىرىمنى ماڭا ئوخشاش بولالماي قالمىسۇن دەپ ئۇلارنى (سەندەكلەرگە يېقىن يولاشتىن ۋە بارچە يامانلىقتىن) قىزغىنىمەن.(تەبرانى 1348)
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەردەك، (ئاللاھ ۋە رەسۇلۇنىڭ ئەمرىنى) ئاڭلىغان ھامان، دەرھال ئۇنىڭغا يېپىشىدىغان بىرىنى كۆرۈپ باقمىدىم.(ھاكىم-ئەلمۇستەدرەك-3\559)
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: نۇمار مازىرىغا دەپنە قىلىنغانلار ئارىسىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ (چوڭ ساھابىلىرىگە) ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەردىنمۇ بەك ئوخشايدىغىنىنى كۆرمىدىم.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇ ئوسمان مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رۇمەيسە ئىسىملىك بىر دېدىكى ئازات قىلدى ۋە مۇنداق دېدى: مەن ئاللاھ تائالانىڭ، كىتابىدا:«ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلارنى بەرمىگۈچە ياخشىلىق ماقامىغا ئۇلىشالمايسىلەر»(ئال ئىمران سۈرىسى، 92-ئايەت) دېگىنىنى ئاڭلىدىم. مەن بولسام ـــ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ـــ دۇنيادا ئۇنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىمەن، ئىبنى ئۆمەر ئۇ دېدىكىگە شۇنداق دېدى: كەتكىن، سېنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئازاد قىلدىم.
ھەمزە ئىبنى ئابدۇللاھتىن، ئۇ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەردىن شۇنداق دېگەن:
«ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلارنى بەرمىگۈچە ياخشىلىق ماقامىغا ئۇلىشالمايسىلەر» دېگەن ئايەت توغرۇلۇق ئويلاندىم. ئاللاھ تائالانىڭ ماڭا بەرگەنلىرىنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم. بۇلار ئارىىسدا دېدىكىم رۇمەيسەدىنمۇ بەكراق ياخشى كۆرىدىغان ھېچنېمە تاپالمىدىم. مەن ئۇنىڭغا «ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن سەن ھۆر» دېدىم. مەن ئاللاھ ئۈچۈن بەرگەن نەرسەمنى قايتۇرۇۋالالمايمەن. ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا، ئۇنىڭغا نىكاھلانغان بولاتتىم.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر دېدىكى رۇمەيسەنى ئازادگەردىسى نافىئقا نىكاھلىدى. نافىئنىڭ ئۇنىڭدىن بالىسى بولدى. (ھاكىم-مۇستەدرەك-3\561)
نافىئ مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئۆز ئېلىكىدىكى ماللىرىدىن بىرەرنى بەك ياخشى كۆرسە، ئۇنى ئاللاھ يولىدا بېرىۋېتەتتى. نافىئ مۇنداق دەيدۇ: قۇللىرى ئۇنىڭ بۇ خىسلىتىنى بىلەتتى. قۇللىرىدىن بىرى مەسجىدكە كۆپ بېرىشنى داۋاملاشتۇراتتى. ئىبنى ئۆمەر ئۇنى بۇ ھالدا كۆرگەن چاغدا ئازاد قىلىۋېتەتتى. بۇ كۆپ يۈز بېرەتتى. دوستلىرى ئىبنى ئۆمەرگە «ئى ئابدۇرراھماننىڭ دادىسى! ئۇلار سېنى ئالداۋاتىدۇ، دەيتتى. ئىبنى ئۆمەر: كىم بىزنى ئاللاھ ئۈچۈن ئالدىسا، بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنىمىز، دەيتتى.
نافىئ مۇنداق دەيدۇ: مۇنۇ ئىش ئېسىمدە. بىر ئاخشىمى ئىبنى ئۆمەر قىممەت پۇللۇق تۆگىسىنى مىنىپ يولغا چىقتى. بۇ تۆگىسىنى كۆپ مال سەرپ قىلىپ سېتىۋالغان ئىدى. تۆگىنىڭ مېڭىشى بەك ياراپ كېتىپ، دەرھال تۆگىنى چۆكتۈرۈپ، تۆگىدىن چۈشتى ۋە مۇنداق دېدى: «ئى نافىئ! چۇلۋۇر ۋە ئېگىرىنى ئېلىۋېلىپ، تۆگىگە بەلگە سېلىڭلار ۋە قۇربانلىقلارغا قوشۇۋېتىڭلار.»
سەئد ئىبنى ھىلالدىن: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر جۇھەيفەگە چۈشكۈن قىلدى، راھەتسىز ئىدى. كۆڭلۈم بېلىق تارتىدۇ، دېدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن بېلىق ئىزدىدى. ئاران دېگەندە بىر تاللا بېلىق سېتىۋېلىپ ئېلىپ كەلدى. ئايالى سەفىيە بىنتى ئەبۇ ئۇبەيدە بېلىقنى پىشۇردى ۋە ئېلىپ كەلدى. بۇ چاغدا پېقىردىن بىرى ئىشىك چەكتى. ئىبنى ئۆمەر پېقىرغا «بېلىقنى ئالغىن» دېدى. ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئائىلىسى: سۇبھاناللاھ، جاپا تارتىپ تەييارلىدۇق، ئۇنىڭغا بېرىدىغان باشقا ئوزۇقىمىز بار. دېدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر: ئابدۇللاھ بېلىقنى ياخشى كۆرىدۇ،(شۇڭا سەدىقە قىلىۋېتىڭلار) دېدى.
ئەبۇ بەكرى ھافس مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى ئۆمەر ئاغرىپ قالغان چاغدا، بېلىق يېگۈسى كەلدى. ئۇنىڭغا بېلىق تەييار قىلىندى. بېلىق داستىخانغا قويۇلۇپ تۇرۇشىغا، بىر تىلەمچى كەلدى. ئىبنى ئۆمەر «بېلىقنى ئۇنىڭغا بېرىڭلار» دېدى. ئايالى «ئۇنىڭغا بىر دىرھەم بەرسەك، ئۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. سىلى ئىشتىھالىرى بىلەن بولىۋەرگەيلا» دېدى. ئىبنى ئۆمەر: مېنىڭ ئىشتاھايىم كۆڭلۈم تارتقان نەرسىدۇر (يەنى بېلىقتۇر) دېدى.
نافىئ مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى ئۆمەر مېلىدىن قايسىنى ياخشى كۆرسە شۇنى ئاللاھ يولىدا بېرىۋېتەتتى. بەزى چاغدا بىر ئولتۇرۇشتىلا ئوتتۇز مىڭ دىرھەم سەدىقە قىلاتتى. ئىبنى ئامىر ئۇنىڭغا ئىككى قېتىم ئوتتۇز مىڭ دىرھەم ھەدىيە بەردى. ئىبنى ئۆمەر «ئى نافىئ! ئىبنى ئامرنىڭ دىرھەملىرى مېنى يولدىن چىقرىشىدىن قورقىمەن. كەتكىن، سەن ئازادسەن» دېدى.
ئىبنى ئۆمەر بەزىدە پۈتۈن بىر ئاي گۆش يېمەيتتى. بىراق، رامزاندا ۋە سەپەردە گۆش يەيتتى. بەزىدە يەنە پۈتۈن بىر ئاينى بىر لوقما گۆشنى ئاغزىغا سالماستىن ئۆتكۈزۈۋېتەتتى.
مەيمۇن ئىبنى مىھران مۇنداق دەيدۇ: بىر مەجلىستە ئىبنى ئۆمەرگە يىگىرمە مىڭ دىرھەم ھەدىيە كەلدى. ئىبنى ئۆمەر ئۇ دىرھەملەرنى تامامەن تارقىتىۋەتمىگۈچىلىك ئورنىدىن تۇرمىدى.
ئاسىم ئىبنى مۇھەممەد دادىسىدىن مۇنداق بايان قىلىدۇ: ئىبنى ئۆمەرگە قۇلى نافىئنىڭ باھاسى ئۈچۈن ئون مىڭ دىرھەم، ياكى مىڭ دىنار باھا بېرىلدى. مەن ئىبنى ئۆمەرگە «ئى ئەبۇ ئابدۇرراھمان، ساتماستىن يەنە نېمىگە ساقلايسەن» دېدىم. ئۇ «بۇنىڭدىنمۇ ياخشىسى بار. ئۇ ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئازادتۇر» دېدى. (يۇقارقى ئۈچ ۋەقەلىكنى ئىمام ئەھمەد زۇھد كىتابىدا نەقىل قىلغان.)
ئەبۇ بەكر ئىبنى ھەفستىن: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر داستىخنىدا يېتىملر ھازىر بولمىغۇچىلىك تاماق يېمەيتتى. (ئىمام ئەھمەد، كىتابۇز زۇھتا نەقىل قىلغان)
نافىئ مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى ئۆمەر ۋاپات بولغاندا، ئۇ ئازاد قىلغان كىشىلەرنىڭ سانى مىڭ ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئىدى.
نافىئ مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى ئۆمەرگە يىگىرمە مىڭ دىرھەمدىن كۆپ پۇل ئېلىپ كېلىندى. ئىبنى ئۆمەر ئېلىپ كەلگەن بۇ دىرھەملەرگە ئۆز يېنىدىن پۇل قېتىپ تارقىتىۋەتمىگۈچە ئۆز جايىدىن تۇرمىدى. ئىبنى ئۆمەر توختىماستىن پۇل-مال سەدىقە قىلاتتى. ھەتتا بەزىدە يېنىدا ھېچنەرسە قالمايتتى. بەرگەنلىرىنىڭ بەزىلىرى تەكرار ئۆزىگە قايتىپ كېلەتتى. ئىبنى ئۆمەر ئۇنىمۇ سەدىقە قىلىۋېتەتتى.
نافىئ مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى ئۆمەرگە (خەلىپىدىن، ۋالىيدىن ۋە باشقىلاردىن) پۇل-مال ئېۋەتىلەتتى. ئۇ ئۇنى قوبۇل قىلاتتى ۋە «ھېچكىمدىن بىر نەرسە سورىمايمەن، شۇنداقلا ئاللاھ بەرگەن رىزقنىمۇ قايتۇرمايمەن» دەيتتى.
نافىئتىن: مۇئاۋىيە ئىبنى ئۆمەرگە يۈزمىڭ دىرھەم ئەۋەتتى. يەزىتكە بەيئەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغاندا، ئىبنى ئۆمەر: دېمەك كۆزلىگىنى مۇشۇ ئىكەن، مېنىڭ دىنىم بۇنداق ئەرزان ئەمەس، دېدى. (يەنى، بىرەرسىگە پۇل ئۈچۈن بەيئەت قىلمايمەن دېمەكچى)
نافىئتىن: مۇئاۋىيە، ئىبنى ئۆمەرگە يۈز مىڭ دىرھەم ئەۋەتتى. بىر يىل بولماي تۇرۇپ، ئۇ يۈز مىڭ دىرھەمنى (تارقىتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن) ئۇ پۇلدىن ھېچنەرسە قالمىدى.
نافىئتىن: ئىبنى ئۆمەر ئاغرىپ قالدى. بىر دىرھەمگە ئۇ زات ئۈچۈن بىر ئۈزۈم سېتىۋېلىپ ئېلىپ كېلىندى. بۇ چاغدا بىر يوقسۇل كەلدى. ئىبنى ئۆمەر: ئۈزۈمنى ئۇنىڭغا بېرىڭلار، دېدى. (ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئائىلىسىدىن) بىرەيلەن يوقسۇل كىشىنىڭ يولىنى توسۇپ، ئۈزۈمنى يوقسۇلدىن بىر دىرھەمگە سېتىۋېلىپ، ئىبنى ئۆمەرگە ئېلىپ كەلدى. يوقسۇل، قايتا كېلىپ، ئىبنى ئۆمەردىن ئۈزۈمنى تەلەپ قىلدى. ئىبنى ئۆمەر: ئۈزۈمنى ئۇنىڭغا بېرىڭلار، دېدى. ئاندىن، باشتىكىدەك، (ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئائىلىسىدىن) بىرەيلەن يوقسۇل كىشىنىڭ يولىنى توسۇپ، ئۈزۈمنى يوقسۇلدىن بىر دىرھەمگە سېتىۋېلىپ، ئىبنى ئۆمەرگە ئېلىپ كەلدى. يوقسۇلنىڭ قايتى كېلىشى (ئائىلىسىدىكى خىزمەتچىلەر تەرىپىدىن) توسۇلدى. ئەگەر ئىبنى ئۆمەر بۇ ئىشنى بىلگەن بولسا، ئۈزۈمنى ھەرگىز يېمىگەن بولاتتى.
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى
داۋامى بار