باشقىلارنى ياخشى يولغا باشلاشنىڭ كاتتا پەزىلىتى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر

باشقىلارنى ياخشى يولغا باشلاشنىڭ كاتتا پەزىلىتى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر

    مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەييارلىدى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى باشقىلارنى ھىدايەت يولىغا چاقىرىدىكەن، ئۇ كىشى ئۈچۈن توغرا يولغا ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ ساۋابىغا ئوخشاش ساۋاب بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچ قايسىسىنىڭ ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى2674 -ھەدىس].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى باشقىلارنى ياخشىلىققا باشلايدىكەن، ئۇ كىشى ئەجىر-ساۋاپتا شۇ ياخشى ئىشنى قىلغان كىشىگە ئوخشاش بولىدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى 1893-ھەدىس].

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ياخشى ئىشقا يېتەكلىگۈچى شۇ ياخشى ئىشنى قىلغۇچىغا ئوخشاشتۇر.» [تىرمىزى رىۋايىتى 2670-ھەدىس].

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى باشقىلارنى ھىدايەتكە باشلىسا، ھىدايەت يولىغا ماڭغانلارغا بېرىلگەن ساۋاب ئۇنىڭغا تەڭ يېزىلىپ ماڭىدۇ. بۇ ھىدايەتكە ئېرىشكۈچىلەرگە بېرىلىدىغان ساۋابتىن ھېچنېمىنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ. كىمكى باشقىلارنى ئازغۇنلۇققا باشلىسا، شۇ ئازغۇنلۇققا ئەگەشكەنلەرنىڭ گۇناھى ئازغۇنلۇققا باشلىغۇچىغىمۇ تەڭ يېزىلىپ ماڭىدۇ. بۇ ئازغۇنلۇققا ئەگەشكۈچىلەرگە يېزىلىدىغان گۇناھتىن ھېچنېمىنى كېمەيتمەيدۇ.»(مۇسلىم)

 قال النبي صلى الله عليه وسلم «من دل على خير فله مثل أجر فاعله.»(صحيح مسلم الإمارة (1893) ، سنن الترمذي العلم (2671) ، سنن أبو داود الأدب (5129) ، مسند أحمد بن حنبل (4/120

     پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى (باشقىلارغا) ياخشىلىقنى كۆرسىتىپ قويسا،شۇ ياخشىلىقنى قىلغۇچى ئېرىشكەن ساۋابنىڭ ئوخشىشىغا ئېرىشىدۇ.»
(مۇسلىم 1893، تىرمىزى 2671،ئەبۇ داۋۇد 5129، ئەھمەد 4\129)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ