ئايال كىشى پۇتى يالىڭاچ ھالەتتە ناماز ئوقۇسا دۇرۇسمۇ؟ | ئىمام مالىك، شافىي، ئەھمەد

ئايال كىشى پۇتى يالىڭاچ ھالەتتە ناماز ئوقۇسا دۇرۇسمۇ؟

(بۇ پەتىۋانىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى تېلگرام قانىلىمىزدىن ئاڭلاڭ)

(بۇ پەتىۋانىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى يۇتيۇب قانىلىمىزدىن ئاڭلاڭ)



ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھ-1420؛ مىلادىيە 1999) بۇ ھەقتە مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:

جاۋاب: كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا ئايال كىشىنىڭ نامازدا پۇتىنى يۆگىشى پەرز. (مالىكىي، شافىي ۋە ھەنبەلىي مەزھىبىدە، شۇنداقلا ئەھلى ھەدىسنىڭ مەزھىبىدە ئايال كىشىنىڭ نامازدا پۇتنى يۆگىشى پەرز.) بۇنىڭ دەلىلى سۇنەن ئەبۇ دادۇۋدتىكى تۆۋەندىكى ھەدىستۇر. مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن (أنها سئلت : هل المرأة تصلي في درع وخمار ؟ قالت في جوابها : إذا كان الدرع سابغا يغطي ظهور قدميها ) «ئايال كىشى لېچەك ۋە كۆڭلەك بىلەن ناماز ئوقۇسا بولامدۇ؟» دەپ سورالغاندا، «كۆڭلىكى پۇتىنىڭ دۈمبىسىنى يېپىپ تۇرىدىغان بولسا ئوقۇسا بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن.(ئەبۇ داۋۇد 640*) بۇ ھەدىستىن ئايال كىشى نامەھرەم ئەر كىشى بار جايدا پۇتىنى ياپقىنىدەك، نامازدىمۇ پۇتىنى ياپىدىغانلىقى بىلنىشىدۇ. ئايال كىشىنىڭ نامازدا پۇتىنى يېپىشى كېرەكلىكى قوبۇل قىلىنىدىغان قاراش بولۇپ، بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. (ئەللامە ئىبنى باز «نۇرۇن ئەلەد دەرب پەتىۋالىرى» 7-جىلد، 256-بەت)

[ئەللامە ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ باشقا بىر پەتىۋاسىدا «پۇتى ئوچۇق ناماز ئوقۇشنىڭ دۇرۇس بولمايدىغانلىقىنىڭ ھۆكمىنى بىلمەستىن، پۇتى ئوچۇق ھالدا ناماز ئوقۇپ قالغان ئايال شۇ ھالەتتە ئوقۇغان نامازلىرىنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ» دېگەن.]

* پەتىۋادا نەقىل قىلىنغان ھەدىس مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممە سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن سورالغان پەتىۋا بولۇپ، مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئايالى ئۇممۇ سەلەمە ئانىمىز پۇتنىڭ يېپىلىپ تۇرۇشىغا پەتىۋا بەرگەن. ئەھلى ئىلىم بۇ پەتىۋانىڭ مەنبەسىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دەپ قارايدۇ.  (مەرفۇئ ھەدىس). مۇھەددىس ئىماملاردىن داراقۇتنى، نەۋەۋى، ئىبنى ھەجەر قاتارلىقلار سەھىھ دېگەن؛ شۇنداقلا ئەللامە ئىبنى بازمۇ سەھىھ دەپ پەتىۋاسىغا ھۆججەت قىلغان. (مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى)

ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشى چېچى ئوچۇق ھالدا ناماز ئوقۇغان بولسا، ياكى پۇتى، ياكى مەيدىسى ئوچۇق ھالدا ناماز ئوقۇغان بولسا، (ئوچۇق قالغان مەزكۇر ئەزالىرىنى يېپىپ تۇرۇپ) بۇ نامىزىنى قايتا ئوقۇيدۇ.» ئىمام شافىي ۋە ئىمام ئەھمەدمۇ مۇشۇنداق دېگەن. (ابن عبد البر:  التمهيد 4\330)

ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئايال كىشى نامازدا بەدىنىنىڭ يۈزى بىلەن قولىدىن باشقا جىمىي قىسىمىنى ئورايدۇ.  (الأم للشافعي 1\109)

ئىمام  ئەھمەدمۇ ئوخشاشلا ئايال كىشىنىڭ نامازدا ئىككى پۇتىنى يېپىپ ناماز ئوقۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. (ابن عبد البر:  التمهيد 4\327)

ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر (ۋاپاتى: ھ 463) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئەگەر ئايال كىشىنىڭ كىيىملىرى ئىككى پۇتىنى يېپىپ تۇرسا، شۇنداقلا بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىنى ۋە چېچىنى ئوراپ تۇرىدىغان بولسا، ئايال كىشىنىڭ بۇنداق كىيىمدە ناماز ئوقۇشى دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى، نامازدا ئايال كىشىنىڭ يۈزى بىلەن ئىككى قولىدىن باشقا ھەممە يېرى ئەۋرەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ كۆپچىلىك ئەھلى ئىلىمنىڭ ھۆكمىدۇر. مالىك، ئەبۇ ھەنىيفە، شافىي ۋە شاگىرتلىرى، ئەۋزائى ۋە ئەبۇ سەۋر «ئايال كىشى نامازدا يۈزى بىلەن ئىككى قولىدىن باشقا ھەممە ئەزاسىنى ياپىدۇ» دېگەن. تابىئىننىڭ يەتتە مەشھۇر فەقىھ ئالىمىدىن بىرى بولغان ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئابدۇراھمان (ۋاپاتى: ھ. 94) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشىنىڭ بارچە ئەزاسى (نامەھرەم ئەرلەرگە نىسبەتەن) ئەۋرەتتۇر. ھەتتا، تىرنىقىمۇ شۇنداق.» mujtehid.com (بن عبد البر:  التمهيد 4\327 التهذيب في اختصار المدوّنة ٢/ ١٠٧؛ المبسوط للسرخسي ١/ ١٩٧؛ المغني لابن قدامة ١/ ٤٣٠)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ