ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن: «قۇرئان (ياكى) سېنىڭ پايداڭغا، ۋەياكى سېنىڭ زىيىنىڭغا ھۆججەتتۇر» دېگەن ھەدىسنىڭ شەرھى
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى
ئەبۇ مالىك ئەلئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (الْقُرْآنُ حُجَّةٌ لَكَ أَوْ عَلَيْكَ) «قۇرئان (يا) سېنىڭ پايداڭغا، ۋەياكى سېنىڭ زىيىنىڭغا ھۆججەتتۇر.»(مۇسلىم 223)
ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن:
قۇرئاننىڭ سېنىڭ پايداڭغا ھۆججەت بولۇشىغا كەلسەك، بۇ سېنىڭ قۇرئان ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىشىشىڭ، ۋە قۇرئاندا بەلگىلەنگەن پەرزلەرنى ئورۇندىشىڭ ئارقىلىق بولىدۇ. يەنى: قۇرئاندىكى خەۋەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈشۈڭ، قۇرئاندىكى بۇيرۇقلارنى ئورۇندىشىڭ، قۇرئاندىكى چەكلىمىلەردىن يىراق تۇرۇشۇڭ، قۇرئان كەرىمنى ھۆرمەتلىشىڭ قاتارلىقلار سەۋەبلىك (قىيامەت كۈنى) قۇرئان سېنىڭ پايداڭغا ھۆججەت بولىدۇ.
بۇنىڭ ئەكسىچە، ئەگەر سەن قۇرئانغا ھۆرمەتسىزلىك قىلساڭ، قۇرئاننىڭ لەۋزىنى، مەنىسىنى ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشنى تەرك ئەتسەڭ؛ قۇرئاندىكى بۇيرۇقلارنى بەجا كەلتۈرمىسەڭ، قۇرئان قىيامەت كۈنى سېنىڭ زىيىڭغا ھۆججەت بولىدۇ. (ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن: رىيازۇس سالىھىن شەرھىدىن)
تەنبىھ:
قۇرئانغىلا ئەمەل قىلىمىز دەيدىغان «قۇرئانچىلار» پىرقىسى ئۆزلىرىنىڭ قۇرئانغىلا ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى داۋا قىلىشىپ، قۇرئاندىكى نۇرغۇن بۇيرۇقلارنى، شۇنداقلا قۇرئاندىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش بۇيرۇقى تەرك ئەتتى ۋە بۇنىڭغا ئەمەل قىلغۇچى مۆمىنلەرگە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن قارا چاپلىدى. ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئاھانەتلىرىگە قارشى، قىيامەت كۈنى قۇرئان بۇ ئازغۇن پىرقىنىڭ زىيىنىغا ھۆججەت بولۇشى چوقۇمدۇر. (تەرجىماندىن)
فإما أن يكون لك ، وذلك فيما إذا توصلت به إلى الله ، وقمت بواجب هذا القرآن العظيم : من التصديق بالأخبار ، وامتثال الأوامر ، واجتناب النواهي ، وتعظيم هذا القرآن الكريم واحترامه ، ففي هذه الحال يكون حجة لك .
أما إن كان الأمر بالعكس : أهنت القرآن ، وهجرته لفظاً ومعنى وعملاً ، ولم تقم بواجبه ؛ فإنه يكون عليك شاهداً يوم القيامة » انتهى من «شرح رياض الصالحين» (ص30) .
Post Views: 33
شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ