ئىمام ئىبنى ھەجەر: جۇنۇبلۇقتىن پاكلىنىشتىن ئاۋۋال تاھارەت ئېلىش پەرزمۇ؟
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم جۇنۇبلۇقتىن (پاكلىنىش) ئۈچۈن تاھارەت ئالغاندا ئاۋۋال ئىككى قولى يۇياتتى. ئاندىن ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئالغاندىكىگە ئوخشاش تاھارەت ئالاتتى. ئاندىن، بارماقلىرىنى سۇغا تىقىپ، ئۇلار بىلەن سۇنى چاچ يىلتىزىغىچە بارغۇزاتتى. ئاندىن بېشىغا ئۈچ چاڭگال سۇ قۇياتتى. ئەڭ ئاخىرىدا، پۈتۈن بەدىنىگە سۇ تۆكەتتى.(سەھىھۇلبۇخارى 248-نومۇرلۇق ھەدىس؛ بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى «غۇسۇلدىن ئاۋۋال تاھارەت ئېلىش» ماۋزۇسى ئاستىدا نەقىل قىلغان)
ئىمام ئىبنى ھەجەر بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن:
«غۇسۇلدىن ئاۋۋال تاھارەت ئېلىش» ئىپادىسى ئارقىلىق ئىمام بۇخارى غۇسلدىن ئاۋۋال تاھارەت ئېلىشنىڭ مۇستەھەب ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئىمام شافىي «ئەل ئۇم» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ تائالا غۇسل قىلىشنى پەرز قىلغان. بۇ جەھەتتە غۇسل قىلىشنى باشلاشتىن ئاۋۋال قىلىنىشى كېرەك بولغان ھەر قانداق بىر ئىشنى تىلغا ئالمىغان. بۇ ھالدا، كىشى پۈتۈن بەدىنىنى يۇيۇش بىلەن غۇسل قىلسا، بۇ يېتەرلىكتۇر. غۇسلنى قانداق قىلىش توغرىسىدا ئائىشە ئانىمىزنىڭ (يۇقارقى) ھەدىسى بويىچە ئىش تۇتۇلىدۇ.»
ھەدىستىكى «(ئۇلار بىلەن)» دېگىنى سۇغا تىققان بارماقلىرى بىلەن (دېگەن مەنادا). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم غۇسلدا (ھۆل بارماقلىرى) بىلەن بېشىنىڭ ئوڭ تەرىپىنى ئۇۋلايتتى ۋە بارماقلىرى چاچلىرىنىڭ يىلتىزىغا بارغۇچە بۇنى داۋاملاشتۇراتتى. ئاندىن، يۇقارقىغا ئوخشاش ھالدا بېشىنىڭ سول تەرىپىنى بارماقلىرى بىلەن ئۇۋۇلايتتى. ئالىملار (غۇسلدا) چاچنى ئۇۋلاشنىڭ پەرز ئەمەسلىكىدە ئىتتىپاققا كەلگەن. (ئىمام ئىبنى ھەجەر ‹فەتھۇل بارى›، 1-جىلد، 248-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھىسىنىڭ بىر قىسىمى)
ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: غۇسل قىلىشتىن ئاۋۋال تاھارەت ئېلىش پەرز ئەمەس، سۈننەت. تاھارەتنى غۇسلدىن ئىلگىرى ئېلىش سۈننەتتۇر. غۇسلدىن كېيىن تاھارەت ئېلىش كېرەك ئەمەس. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ غۇسلدىن كېيىن تاھارەت ئالغانلىقى مەلۇم ئەمەس. (ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن «ياخشىلار باغچىسى شەرھى»، 1-جىلد، 60-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھىنىڭ بىر قىسىمى)