ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن: «ئىشتاننىڭ ھوشۇقتىن ساڭگىلىغان قىسىمى دوزاختا» ھەدىسىنىڭ شەرھى
ئىمام مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىننىڭ «رىيازۇس سالىھىن شەرھى» ناملىق ئەسىرىدىن مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلدى
[رىيازۇس سالىھىن 791-نومۇرلۇق ھەدىس]
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئاللاھ قىيامەت كۈنى چوڭچىلىق قىلىپ كىيىمىنى يەرگە سۆرەلدۈرۈپ كىيگەن كىشىنىڭ يۈزىگە (رەھمەت نەزىرى بىلەن) قارىمايدۇ» دېدى. بۇنىڭ بىلەن ئەبۇ بەكر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! دىققەت قىلمىسام مېنىڭ كىيىمىمنىڭ ئېتىكى يەرگە سۈرۈلۈپ قالىدۇ» دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭغا «سەن چوڭچىلىق يۈزىسىدىن شۇنداق قىلىدىغانلاردىن ئەمەس»دېدى. (بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى 3665، ئىمام مۇسلىم 2087 رىۋايەت قىلغان)
[رىيازۇس سالىھىن 792-نومۇرلۇق ھەدىس]
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ قىيامەت كۈنى كىيىمىنىڭ ئېتىكىنى (پۇچقىقىنى) چوڭچىلىق قىلىش يۈزىسىدىن يەرگە سۆرەلدۈرۈۋالىدىغان كىشىنىڭ يۈزىگە قارىمايدۇ،» (بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى 5788، ئىمام مۇسلىم 2087 رىۋايەت قىلغان)
[رىيازۇس سالىھىن 793-نومۇرلۇق ھەدىس]
يەنە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«(ئەرلەر ئۈچۈن) كىيىمنىڭ ھوشۇقتىن ئاشقان قىسىمى دوزاختىدۇر.» (بۇخارى 5787-نومۇرلۇق ھەدىس)
[رىيازۇس سالىھىن 794-نومۇرلۇق ھەدىس]
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئۈچ تۈرلۈك كىشى باردۇر، قىيامەت كۈنى ئاللاھ بۇنداقلارغا گەپ قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزىگە قارىمايدۇ ۋە ئۇلارنى (گۇناھتىن) پاكلىمايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن دەھشەتلىك ئازاب (دوزاخ) بار» دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئەبۇ زەر «بۇ كىشىلەر ئازابقا ئۇچراپ ھالاك بولدى. (بۇ ئۈچ تۈرلۈك كىشى) كىم ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:
(ئۇلار) «ئىشتاننى ئۇزۇن كىيگۈچى، قىلغان ياخشىلىقىغا مىننەت قىلغۇچى، مالىنى يالغان قەسەم بىلەن سېتىشقا ئورۇنغان كىشىدۇر» دېدى.
ئىمام مۇسلىمدىن كەلگەن رىۋايەتتە «ئاستىغا كىيگەن كىيىمىنىڭ ئېتىكىنى (پۇچقىقىنى) يەرگە سۆرەپ كىيگۈچى» دېيىلگەن.(مۇسلىم 106-نومۇرلۇق ھەدىس)
[رىيازۇس سالىھىن 795-نومۇرلۇق ھەدىس]
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
«كىيىمنى ئۇزۇن كىيىش بەلنىڭ تۆۋىنىگە كىيىلىدىغان كىيىملەردە، كۆڭلەك ۋە سەللىدە بولىدۇ. كىمكى، بۇلاردىن بىرىنى چوڭچىلىق قىلىش نىيىتىدە يەرگە سۆرىۋالىدىكەن، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇنداق كىشىنىڭ يۈزىگە قارىمايدۇ.» (ئەبۇ داۋۇد 4094؛ نەسائى 5327)
[مۇغىيرە ئىبنى شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن:رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (يا سفيان بن سهل! لاتُسبِل، فإنّ الله لا يحبُّ المسبِلين) «ئى سۇفيان ئىبنى سەھل! كىيىمىڭنى ھۇشۇقىڭدىن پەسكە چۈشۈرۈپ كىيىۋالما! ئاللاھ كىيىمىنى ھۇشۇقىدىن پەسكە چۈشۈرۈپ كىيىۋالغان ئەرلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ.» hedisim.com (سەھىھ ھەدىس؛ أخرجه ابن أبي شيبة (٨/٣٩٥)، وعنه ابن ماجه (٣٥٧٤)، وابن حبان (١٤٤٩)، وأحمد (٤/٢٤٦و٢٥٠و٢٥٣)، والبغوي في «الجعديات» (١٠١/٢)، سلسلة الأحاديث الصحيحة 4004)]
ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسلەرنى شەرھلەپ مۇنداق دەيدۇ:
كىيىمنى يەرگە سۆرەپ كىيىش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
بىرىنجىسى: چوڭچىلىق قىلىش، كىبىرلىنىش سەۋەبلىك كىيىمىنى سۆرەپ كىيىش.
ئىككىنجىسى: چوڭچىلىق قىلىش، كىبىرلىنىش مەقسىدى بولمىسىمۇ، كىيىمىنى (ئىشتاننى) ھوشۇقتىن ئاشۇرۇپ كىيىش.
چوڭچىلىق قىلىش، كىبىرلىنىش سەۋەبلىك كىيىمىنى ئۇزۇن كېيىش توغرىسىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تۆت تۈرلۈك جازانى بايان قىلغان بولۇپ، بۇ جازالار ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنى ئۇ كىشىگە سۆز قىلماسلىقى، ئۇنىڭغا رەھمەت نەزىرى بىلەن قارىماسلىقى، ئۇنى گۇناھلىرىدىن پاكلىماسلىقى (يەنى مەغفىرەت قىلماسلىقى) ۋە ئۇنى دەھشەتلىك ئازابنىڭ كۈتۈك تۇرۇشى قاتارلىقلار. چوڭچىلىق قىلىش ۋە كىبىرلىنىش يۈزىسىدىن كىيىمىنى سۆرەلدۈرۈپ كىيگۈچىلەرنى ساقلاۋاتقان تۆت تۈرلۈك جازا مانا شۇدۇر.
ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ھەدىسنى ئاڭلاپ «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! دىققەت قىلمىسام كىيىمىمنىڭ بىر تەرىپى ساڭگىلىۋالىدۇ؟ ئەجەبا بۇ تەھدىت مېنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟» دەپ سورىغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «سەن چوچڭچىلىق قىلىپ كىيىمىنى سۆرەلدۈرۈۋالىدىغانلاردىن ئەمەسسەن» دەپ، ئەبۇ بەكرىنىڭ دىققەت قىلمىسا كىيىمىنىڭ سۆرۈلۈپ قېلىشىنىڭ كىبىر يۈزىسىدىن ئەمەسلىكىنى بايان قىلغان. يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان جازا چوڭچىلىق قىلىپ كىبىرلەنگەنلەر ئۈچۈن.
چوڭچىلىق قىلىش نىيىتى بولمىسىمۇ، ئىشتاننى ھوشۇقتىن ئاشۇرۇپ كىيىدىغانلارغا بېرىلىدىغان جازا چوڭچىلىق قىلىپ ئىشتاننى ھوشۇقتىن ئاشۇرۇپ كىيىدىغانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ يېنىكتۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان «ئىشتاننىڭ ھوشۇقتىن ئاشقان قىسىمى دوزاخ ئوتىدا»(بۇخارى 5787-نومۇرلۇق ھەدىس) دېگەن ھەدىستە پەقەت بىرلا جازا بايان قىلىنغان. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ جازا بەدەننىڭ ھەممە يېرىگە بېرىلمەستىن، پەقەتلا ئىشتاننى ھوشۇقنىڭ ئۈستىدە كىيىش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھوشۇقىنىڭ ئاستىغا بېرىلىدۇ. كىيىمنىڭ ئېتىكى ياكى پۇچقىقى ھوشۇقتىن ئېشىپ كەتسە، دوزاختا كۆيىدىغىنى پەقەتلا ھوشۇقنىڭ ئاستىنقى قىسىمى بولىدۇ. دېمەك، چوڭچىلىق قىلماستىن ئىشتاننى ھوشۇقتىن ئاشۇرۇپ كىيگەنلەرگە بېرىلىدىغان جازا پۈتۈن بەدەنگە ئەمەس، پەقەت ھوشۇقنىڭ ئاستىغا بولىدۇ.
بەدەننىڭ پەقەتلا مەلۇم بىر قىسىمىنىڭ ئازابلىنىدىغانلىقى مەسىلىسىگە ھەيران قالماسلىق لازىم. چۈنكى، بۇخارى ۋە مۇسلىمدا كەلگەن بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم (بەزى) ساھابىلەرنىڭ (سەپەردە) تاھارەت ئېلىپ ھوشۇقلارنى كامىل يۇماي قالغىنىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا يۇقىرى ئاۋازدا «(يۇيۇلماي چالا قالغان) ھوشۇقلارغا دوزاخ ئازابىدىن ۋاي» دېگەن.(بۇخارى 163؛ مۇسلىم 240) بۇ يەردە جازانىڭ پەقەتلا ھوشۇق بىلەن، يەنى كامىل يۇيۇلمىغان ھوشۇق سۆڭىكى بىلەن چەكلىنىدىغانلىقى بىلىنمەكتە. دوزاخ ئازابىدا جالاش بەدەننىڭ ھەممە يېرىنى تولۇق كۆيدۈرۈش بىلەنمۇ بولىدۇ؛ شۇنىڭدەك، چەكلەنگەن ياكى بۇيرۇلغان مەلۇم بىر ئىشقا خىلاپلىق قىلىش سەۋەبلىك پەقەتلا بەدەننىڭ مەلۇم بىر قىسىمىنى كۆيدۈرۈش بىلەنمۇ بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، يالغۇز ھوشۇقنىڭلا كۆيدۈرۈلۈشىنىڭ چۈشەنگىلى بولمايدىغان ھېچ يېرى يوق.
بۇ يۈزدىن، «ئىشتاننى كىبىر سەۋەبلىك ئۇزۇن كىيىش ھارام، كىبىرسىز ھالدا ئۇزۇن كىيىش مەكرۇھ» دېگەن ھۆكۈمنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالىمىز. توغرىسى شۇكى، كىيىمنى مەيلى كىبىرلىنىپ، چوڭچىلىق قىلىش سەۋەبلىك ئۇزۇن كىيگەن بولۇش بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئىشتاننى ھوشۇقتىن ئاشۇرۇپ كىيىش بەرىبىر ھارام. چۈنكى، ئاللاھ بەزى ئالاھىدە جازالارنى بەلگىلىگەن گۇناھلار چوڭ گۇناھلار ھېسابلىنىدۇ. كىيىمنى ئۇزۇن كىيىش مەسىلىسىدە دەل بەزى ئالاھىدە جازالار بايان قىلىنغان. ئىشتاننى چوڭچىلىق قىلىش نىيىتىدە بولماستىن ھوشۇقتىن ئاشۇرۇپ كەيسە، بۇنىڭ جازاسى (ھوشۇقنىڭ) دوزاخ ئوتىدا كۆيۈشىدۇر. چوڭچىلىق قىلىش ۋە كىبىرلىنىش مەقسىدىدە ئۇزۇن كىيگەن بولسا، بۇنىڭ جازاسى قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا سۆز قىلماسلىقى، ئۇنىڭغا رەھمەت نەزىرىدە باقماسلىقى، ئۇنى گۇناھلىرىدىن پاكلىماسلىقى ۋە ئۇنىڭ دەھشەتلىك ئازابقا دۇچار بولۇشىدىن ئىبارەت جەمئىي تۆت جازا بولىدۇ.
مۇئەللىپ ئىمام نەۋەۋىي بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىنى بايان قىلغان. بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئۈچ تۈرلۈك كىشى باردۇر، قىيامەت كۈنى ئاللاھ بۇنداقلارغا گەپ قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزىگە قارىمايدۇ ۋە ئۇلارنى (گۇناھتىن) پاكلىمايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن دەھشەتلىك ئازاب (دوزاخ) بار» دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يۇقارقى سۆزىنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىشىدىكى سەۋەب ئىنسانلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈندۇر. چۈنكى، سۆزنى ئايىقى ئۈزۈلگەن ھالەتتە ئېيتىش، بولۇپمۇ تەكرار ئېيتىش كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ بەك تارتىدۇ. دىققىتى سۆزلەنمەكچى بولغان سۆزگە تارتىلغاندا، ئىنسانلار سۆزنىڭ ئاخىرىنى-تەپسىلاتىنى ۋە چۈشەندۈرۈلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
بۇ سەۋەبلىك، ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «زىيانغان ئۇچراپ ھالاك بولغان بۇ كىشىلەر كىملەر ئىي ئاللاھنىڭ رەسۇلى!» دەپ سورىغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم (ئۇلار) «ئىشتىنىنى ئۇزۇن كىيگەن (ئەر) لەر، قىلغان ياخشى ئىشىغا مىننەت قىلغانلار ۋە مېلىنى يالغان قەسەم بىلەن سېتىشقا ئورۇنغانلاردۇر» دېگەن. (مۇسلىم 106-نومۇرلۇق ھەدىس)
بىرىنجىسى: چوڭچىلىق قىلىپ كىيىمىنى يەرگە سۆرەپ كىيگەن كىشىدۇر.
ئىككىنجىسى: بەرگەن نەرسىسىگە مىننەت قىلغان كىشىدۇر. مەسىلەن، بىرسىگە بىر ياخشىلىق قىلغان بولسا «ساڭا مۇنداق مۇنداق ياخشىلىق قىلغان ئىدىم» دەيدىغانلاردۇر. مىننەت قىلىش گۇناھى كەبىرىدۇر. چۈنكى، يۇقارقى ھەدىستە بۇنىڭ بېرىلىدىغان تەھدىت ۋە جازا بايان قىلىنغان. شۇنداقلا، مىننەت قولغان كېلىپ بولغان ساۋابنى يوق قىلىۋېتىدۇ. چۈنكى، ئايەتتە «بەرگەن سەدىقىلىرىڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە (قوبۇل قىلغۇچىنىڭ) كۆڭلىنى رەنجىتىش بىلەن بىكار قىلىۋەتمەڭلار» دېىلگەن.
ئۈچىنجىسى، مېلىنى يالغان قەسەم بىلەن سېتىشقا ئورۇنۇشتۇر. يالغاندىن قەسەم قىلىش بىلەن مېلىنىڭ باھاسىنى ئاشۇرۇشقا ئورۇنۇشتۇر. مەسىلەن، سەككىز لىراغا ئالغان بىر نەرسىنى «ۋاللاھى، ئون لىراغا ئالغانتىم» دەيدىغانلاردۇر. ياكى، «ۋاللاھى، مالنى ئون لىرا قىلدى، بەرمىدىم» دېگەندەك يالغان قەسەم بىلەن مېلىنى ساتماقچى بولغانلاردۇر. بۇلار يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان تۆت جازاغا (بىراقلا) ئۇچرايدىغان كىشىلەردۇر. (قىيامەتتە) ئاللاھ بۇ ئۈچ تۈرلۈك كىشى بىلەن گەپلەشمەيدۇ، ئۇلارغا قارىمايدۇ، ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىمايدۇ، ئۇلار دەھشەتلىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ بىزنى بۇنداق گۇناھلارنى قىلىشتىن ۋە بۇنداق جازالارغا ئۇچراشتىن مۇھاپىزە قىلسۇن.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إِنَّ اللهَ لاَ يُحِبُّ المُسْبِلَ))«ئاللاھ كىيىمىنى ھوشۇقىدىن ئاشۇرۇپ كىيىۋالغۇچى ئەر كىشىنى ياخشى كۆرمەيدۇ.» (أخرجه الطبراني في «مسند الشاميين» (١٢٣٧)، وفي «المعجم الكبير» (٧٩٠٩)، من حديث أبي أمامة رضي الله عنه. قال الهيثمي: «رواه الطبراني بأسانيد، ورجال أحدها ثقاتٌ»، انظر: «السلسلة الصحيحة» (٦/ ٤٠٦).)
[ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن «رىيازۇس سالىھىن شەرھى» 3-جىلد، 444 ~ 448-بەتلەر][مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى]