مۈگدەش تاھارەتنى بۇزامدۇ؟
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
سوئال: بىر خانىم مۇنداق سوئال سورىدى: دۇھا نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ پېشىن نامىزىنى ساقلاۋاتقان مۇددەتتە مېنى مۈگىدەك باسىدۇ. مۈگىدەش بىلەن تاھارەت بۇزۇلامدۇ-يوق؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىككى ھەرەمنىڭ ئىمامى، ئەللامە ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ
جاۋاب: مۈگدەش تاھارەتنى بۇزمايدۇ. بىراق، ئەتراپتىكى ئەھۋاللارنى ھېس قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە ئۇخلاپ كەتسە تاھارەت بۇزۇلىدۇ. «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ زامانىدا ساھابىلەر خۇپتەن نامىزىنى ساقلاپ ئولتۇرۇپ ئۇيقۇدىن باشلىرى تاشلىنىپ كېتەتتى. ئاندىن، (رەسۇلۇللاھ ناماز ئوقۇپ بېرىش ئۈچۈن چىققاندا) تاھارەت ئالماستىن نامىزىنى ئوقۇيتتى.» (مۇسلىم 376؛ تىرمىزى 78؛ ئەبۇ داۋۇد 200؛ ئەھمەد 3\277) بىراق، كىشى ھېس تۇيغۇسىنى يوقاتقۇدەك دەرىجىدىكى ئېغىر ئۇيقۇ سەۋەبلىك تاھارەت بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، ئى ئايال قېرىندىشىم، سىز كىشى ھېس تۇيغۇسىنى يوقاتقۇدەك دەرىجىدىكى ئېغىر ئۇيقۇ بىلەن مۈگىدەشنىڭ پەرقىنى ئايرىيالىشىڭىز كېرەك. (ئەللامە ئىبنى باز پەتىۋالىرى 10\143)
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى