بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىلىرى قانداق بولىدۇ؟
[ھافىز ھەكەمى رەھىمەھۇللاھنىڭ «ئىسلام ئەقىدىسىدىن سوئال جاۋابلار» ناملىق ئەسىرىدىن]
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى
سوئال: بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىلىرى قانداق بولىدۇ؟
جاۋاب: بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىڭ ئالامىتى – بەندىنىڭ ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ئەمەل-ئىبادەتلەرنى ياخشى كۆرۈشى؛ ئاللاھ ئۆچ كۆرىدىغان ۋە ياخشى كۆرمەيدىغان ئەمەل-ئىبادەتلەرنى يامان كۆرىشىدۇر. بۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىپ، چەكلىمىلىرىدىن ساقلىنىش، ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنى دوست بىلىپ، ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنى دۈشمەن تۇتۇش بەندىنىڭ ئاللاھنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇنىڭ سەۋەبلىك، ئىماننىڭ ئەڭ مۇستەھكەم قېلىپى ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن يامان كۆرۈشتۇر. [ھافىز ھەكەمى رەھىمەھۇللاھنىڭ «ئىسلام ئەقىدىسىدىن سوئال جاۋابلار» ناملىق ئەسىرىدىن تەرجىمە قىلىندى]