سەھىھ ئەقىدە: تۆت ئىمام نېمە دەيدۇ؟

تۆت ئىمام نېمە دەيدۇ؟

 

(ئىمام ئەلبانىنىڭ «رەسۇلۇللاھنىڭ نامىزى» ناملىق كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدىن تەرجىمە قىلىندى)

«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ نېمە دەيدۇ؟

تۆت ئىمامنىڭ ئەڭ چوڭى ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە نۇئمان ئىبىن سابىتتۇر. بۇ زات ئىراقنىڭ كۇفە شەھىرىدە ياشىغان. ھىجرىيەنىڭ 80-يىلى (مىلادىيە699-يىلى) تۇغۇلۇپ، ھىجرىيەنىڭ 150-يىلى(مىلادىيە 767-يىلى) ۋاپات بولغان. ئىمامئەزەم ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ قازىلىق مەنسىپىگە ئولتۇرۇشنى خالىماي، تۈرمىگە تاشلانغان، تۈرمىدە ۋاپات بولغان.
بۇ زاتنىڭ ھەمراھلىرى ئۇنىڭدىن ھەرخىل بايانلارنى ۋە تۈرلۈك ئاگاھلاندۇرۇشلارنى رىۋايەت قىلغان. ئۇنىڭ مەزھەپ ھەققىدە ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى«ھەدىسنى تۇتۇش ۋاجىپب، ئەگەر ئىماملارنىڭ كۆز قاراشلىرى ھەدىسكە زىت بولسا، ئىمامنىڭ كۆز قارىشى تۇتۇلمايدۇ» ھەققىدە بولغان. ئىمام ئەزەم مۇنداق دېگەن:
«سەھىھ ھەدىسلا بولىدىكەن، شۇ مېنىڭ مەزھىبىمدۇر.»[1]
«بىزنىڭ دەلىلىمىزنى بىلمەي تۇرۇپ، كۆز قارىشىمىزنى قوبۇل قىلىش ھەرقانداق بىر كىشىگە ھالال ئەمەس.»[2]
ئىمام ئەزەم يۇقارقىغا ئوخشاش ھالدا يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېگەن:«مېنىڭ دەلىلمنى بىلمەي تۇرۇپ، مېنىڭ سۆزۈم ئاساسىدا پەتىۋا بېرىش ھەرقانداق كىشىگە ھالال ئەمەس.»
باشقا بىر رىۋايەتتە يۇقارقى سۆزلەرگە مۇنداق دەپ قوشۇپ رىۋايەت قىلىنغان:«…بىز ئىنسانمىز. بۈگۈنى بىر ھۆكۈمنى قىلىپ، ئەتىسى ئۇنىڭدىن يېنىۋېلىشىمىز مۇمكىن.»
يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق كەلگەن:«ۋاي ساڭا، ئى ياقۇپ(بۇ ئىمام ئەزەمنىڭ شاگىرتى ئىمام ئەبۇ يۈسۈفتۇر). مەندىن ئاڭلىغان ھەرقانداق نەرسىنى خاتىرىلىۋالىمەن دېمە. مەن بۈگۈنى بىر خىل كۆز قاراشتا بولۇپ، ئەتىسى ئۇنى ئىنكار قىلىشىم. ئەتە بىر خىل كۆز قاراشتا بولۇپ، ئۆگىنى ئۇنى ئىنكار قىلىشىم مۇمكىن.»[3]

ئەلبانى ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ بۇنداق دېيىشنىڭ ئاساسىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن:«بۇنداق بولۇشى ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ كۆز قاراشلىرى قىياسقا تايىنىدىغانلىقى،ئىمام ئەبۇ ھەنىفەگە ئۆز قىياسىدىنمۇ كۈچلۈك بىر قىياس يېتىپ كەلسە، ئۆز كۆز قارىشىنى تاشلاپ شۇ قىياسقا، ئەگەر ھەدىس يېتىپ كەلسە، كۆز قارىشىنى تاشلاپ ھەدىسكە ئەگىشىدىغانلىقىئۈچۈندۇر.»
«ئەگەر مېنىڭ سۆزۈم ئاللاھنىڭ كىتابىغا ياكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىگە زىتلا بولۇپ قالىدىكەن، ئۇ ھالدا مېنىڭ سۆزۈمنى چۆرۈپ تاشلاڭلار.»[4]
ئىمام مۇھەممەد بۇ سۆز ھەققىدە مۇنداق دېگەن:«بۇ مۇجتەھىدلەرگە ئەمەس، مۇقەللىد(ئەگەشكۈچى) لەرگە ئېيتىلغان سۆزدۇر.»[5]

ئىمام مالىك ئىبىن ئەنەس رەھىمەھۇللاھ نېمە دەيدۇ؟

(دىققەت: بەزى كىشىلەر ساھابە ئەنەس ئىبىن مالىكنى ئىمام مالىك ئىبىن ئەنەس بىلەن ئالماشتۇرۇپ قويىدىكەن. ئىمام مالىك ئىبىن ئەنەس ئىزباسار تابىئىندۇر. ئىمام مالىك ساھابە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن تەخمىنەن سەكسەن يىل كېيىنتۇغۇلغان)
ئىمام مالىك ئىبىن ئەنەس مەدىنىدە ياشىغان. ھىجرىيە توقسەن ئۈچىنچى يىلى(مىلادىيە 715-يىلى) تۇغۇلۇپ، ھىجرىيە 179-يىلى(مىلادىيە 795-يىلى) ۋاپات بولغان.
ئىمام مالىك مۇنداق دېگەن:
«ھەقىقەتەن مەن بىر ئىنسانمەن. مېنىڭ خاتالىشىپ قالىدىغان ۋاقتىممۇ، توغرىنى تاپقان ۋاقتىممۇ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر مېنىڭ كۆز قاراشلىرىمغا قاراڭلار؛ ئەگەر كۆز قارىشىم قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن كەلسە، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار. كۆز قارىشىم قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن كەلمىسە، چۆرۈپ تاشلاڭلار.»[6]
«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن كېيىن ياشىغان ھەرقانداق بىرىنىڭ سۆزى قوبۇل قىلىنىشىمۇ، ياكى رەت قىلىنىشىمۇ مۇمكىن. پەقەت پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۆزىلا شەكسىز قوبۇل قىلىنىدۇ.»[7]
ئىبىن ۋەھب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:«ئىمام مالىكتىن تاھارەت ئالغاندا بارماقلار ئارىسىنى پاكىزلاش ھەققىدە سورالغاندا، مەن ئۇنىڭ»پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنداق قىلمىغان» دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ، تاكى كىشىلەرئۇنىڭ يېنىدىن كەتمىگۈچە ئۇنىڭ يېنىغا كەلمىدىم. (كىشىلەر تارقىلىپ كەتكەندىن كېيىن) ئۇنىڭغا»بىز بۇ ئىشنىڭ سۈننەتتە ئورنى بارلىقىنى بىلىمىز»دېدىم. ئىمام مالىك ماڭا»قېنى سۆزلەپ باققىن»دېدى. مەن«لەيس ئىبىن سەئد، ئىبىن لاھىئ ۋە ئەمر ئىبىن ھارىس بىزگە يەزىد ئىبىن ئەمر ئەل مەئفىرىدىن، ئۇ ئەبۇ ئابدۇرراھمان ھۇبۇلىدىن، ئۇ مۇستەد ئىبىن شەدداد ئەلقۇرەشى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ»مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ (تاھارەت ئالغاندا) قولىنىڭ كىچىك بارمىقى بىلەن پۇت بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئارىلاپ يۇغانلىقىنى كۆردۈم»دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىپ بەردى»دېدىم. ئىمام مالىك ماڭا»بۇ سەھىھ ھەدىس ئىكەن. مەن تا ھازىرغىچە بۇ ھەدىسنىڭ ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم»دېدى. كېيىن، ئىمام مالىكتىن تاھارەت ئالغاندا بارماقلارنىڭ ئارىسىنى يۇيۇش ھەققىدە سورالغاندا، ئۇنىڭ بارماقلار ئارىسىنى يۇيۇشقا بۇيرۇغانلىقىنى ئاڭلىدىم.»[8]

ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ نېمە دەيدۇ؟

ئىمام شافىي ھىجرىيە 150-يىلى(مىلادىيە767-يىلى) غەززە شەھىرىدە تۇغۇلغان، ھىجرىيە 202-يىلى(مىلادىيە 819-يىلى) ۋاپات بولغان.
ئىمام شافىيدىن مەزھەپ، كۆز قاراش ھەققىدە كەلگەن رىۋايەتلەر ئەڭ كۆپ ۋە تولىمۇ گۈزەلدۇر31. ئىمام شافىينىڭ شاگىرتلىرى ئۇنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى سۆزلىرىنى ئېسىدە چىڭ تۇتقان.
ئىمام شافىي مۇنداق دېگەن:
«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىدىن ھەر-بىرىمىزگە يېتىپ كەلگەنلىرىمۇ، يېتىپ كەلمىگەنلىرىمۇ بار. شۇنىڭ ئۈچۈن، مېنىڭ كۆز-قاراش ۋە پىرىنسىپلىرىم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىگە زىت كېلىپ قالسا، توغرىسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىدۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىلا بولىدىكەن، شۇ مەن ماڭىدىغان يولدۇر.»[9]
«مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى شۇنىڭغا ئىتتىپاقا كەلدىكى، ئەگەر بىراۋغا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىدىن بىرى يەتسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىنى تاشلاپ، باشقىلارنىڭ سۆزلىرىگە ئېسىلىۋېلىشى ھالال ئەمەس.»(الفلاني ص ٦٨، صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)
«ئەگەر مەن يازغان يازمىلاردىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتى بىلەن بىردەك بولمىغان مەزمۇنلارنى بايقىساڭ، مېنىڭ دېگىنىمنى تاشلاپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىنى تۇتقىن.»
يەنە بىر رىۋايەتتە:«…سۈننەتكە ئەگەشكىن، سۈننەت بىلەن بىردەك بولمىغان سۆزلەرنىڭ ھەرقاندىقىنى تاشلىغىن»دېيىلگەن.[10]
«سەھىھ ھەدىسلا بولىدىكەن، شۇ مېنىڭ مەزھىبىم.»[11]
«سەن(ئىمام ئەھمەدنى دېمەكچى) ھەدىستە مەندىن ئالىمراق. شۇڭا سەھىھ ھەدىسلا بولىدىكەن، مەيلى ئۇ كۇفە، بەسىرە ياكى سۈرىيەدىن كەلگەن بولمىسۇن، مەن سەھىھ ھەدىسنىڭ ھۆكمنىنى تۇتۇشۇم ئۈچۈن، ئۇنى ماڭا يەتكۈزۈپ قويغىن.»[12]
«ھەدىس ئەھلىلىرى مېنىڭ ھەرقانداق يازمامدىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن سەھىھ يول ئارقىلىق كەلگەن سۈننەتكە زىت مەزمۇنلارنى تاپسا، مەيلى مەن ھاياتلىقىمدا بولسۇن، ياكى ۋاپات بولغاندىن كېيىن بولسۇن، ئۆزكۆز قارىشىمدىن يېنىۋالىمەن.»[13]
«سىلەردىن بىر كىم مېنىڭ دېگەنلىرىمنىڭ ھەرقاندىقىدىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن سەھىھ يول بىلەن كەلگەن سۈننەتكە زىتلىقنى تاپسا، مېنى خاتالاشتى دەپ بىلسۇن.»[14]
«مەن ئېيتقان ھەرقانداق بىر سۆز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن سەھىھ يول بىلەن كەلگەن سۈننەتكە زىت بولۇپ قالسا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەدىسىنى تۇتۇپ، مېنىڭ سۆزۈمنى تاشلاڭلار.»[15]
«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دېگەنلا سۆز بولىدىكەن، سىلەر مەندىن ئۇنى ئاڭلىمىغان تەقدىردىمۇ، شۇ مېنىڭ كۆز قارىشىمدۇر.»[16]

ئىمام ئەھمەد ئىبىن ھەنبەل رەھىمەھۇللاھ نېمە دەيدۇ؟

ئىمام ئەھمەد ھىجرىيە 163-يىلى(مىلادىيە780-يىلى) باغدادتا تۇغۇلۇپ، ھىجرىيەنىڭ241-يىلى(مىلادىيە 855-يىلى) ۋاپات بولغان. ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ ئىماملارنىڭ ئىچىدە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سۈننەتنى توپلاش ۋە سۈننەتكە ئەڭ مەھكەم ئېسىلىش بىلەن مەشھۇردۇر. ئۇ زات ئوتتۇزمىڭ ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «مۇسنەد ئىمام ئەھمەد»نىڭ ئاپتورى، مەشھۇر فەقىھ ، سۈننەتنىڭ ئەڭ ئاۋانگارت قوغدىغۇچىسى، بىدئەتلەرگە ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن قارشى تۇرغۇچىدۇر. ئازغۇن مۇئتەزىلىلەر «قۇرئان مەخلۇق» دەپ كۇفۇرغا ئېلىپ بارىدىغان بىدئەتچىلىكنى تەشۋىق قىلغاندا، بۇ زات بىدئەتكە جىم تۇرىۋالغۇچى ئىلىم ئەلھىلىرىنىڭ مەسىلىھەتلىرىگە قارىماستىن، مۇئتەزىلە پىرقىسىنىڭ «قۇرئان مەخلۇق»دېگەن بۇ بىدئىتى ئۈچۈن جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ قارشى تۇرغان، شۇ ۋەجىدىن ئىككى يېرىم يىل تۈرمىدە ياتقان. تۈرمىدەيېتىش جەريانىدا ئىنسان بالىسى چىداپ بولالمايدىغان قىيىن قىستاقلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن.
ئىمام ئەھمەد سۈننەتكە ئېسىلىشتا شۇ دەرىجىدە ئىدىكى«(دىن ھەققىدە) لوگىكىلىق ئۇسۇلدا ۋە رەي ئاساسىدا يېزىلغانكىتابلارنى ئوقۇشنى يامان كۆرەتتى.»[17]
ئىمام ئەھمەد سۈننەت، كۆز قاراش ۋە ئىماملارغا ئەگىشىش مەسىلىرى ھەققىدە مۇنداق دېگەن:
«مېنىڭ كۆز قارىشىمغىمۇ، مالىكنىڭ كۆز قارىشىغىمۇ، شافىينىڭ كۆز قارىشىغىمۇ، ئەۋزائى ياكى سەۋرىنىڭ كۆز قارىشىغىمۇ ئەگىشىۋالماي، بىزنىڭ كۆز قارىشىمىزنىڭ مەنبەسىگە ئېسىلىڭلار.»[18]
«ھېچقايسىڭلار دىندا بۇلارنىڭ بىرەرسىگە تەقلىد قىلىۋالمىسۇن. بەلكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن ۋە ساھابىلەردىن كەلگىنىگە ئەگەشسۇن.»[19]
«ئەۋزائىنىڭ، مالىكنىڭ، ئەبۇ ھەنىفەنىڭ- ھەممىسىنىڭ كۆز قارىشى مېنىڭ نەزىرىمدە باراۋەردۇر. بىراق، ھۆججەت پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن ۋە ساھابىلەردىن ئېلىنىدۇ.»[20]
«كىمدە كىم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۆزىگە قارىشى چىقىدىكەن، ئۇ ھالاك بولۇش گىردابىغا بېرىپقالغان ئازغۇندۇر.»[21]
ئىماملارنىڭ سۆزى تۈگىدى.
يۇقارقىلار ئىماملاردىن سۈننەتكە ئەگىشىش، ئاساسى يوق كۆز قاراشلاردىن چەكلەش ھەققىدە كەلگەن ئوچۇق دەلىللەردۇر. ئۇنىڭ ئۈچۈن، كىمدە كىم سەھىھ يول بىلەن كەلگەن سۈننەتنى تاپسا، گەرچە ئۇ ئىماملارنىڭ سۆزلىرىگە زىت كەپ قالسا، براۋنىڭ چوقۇم سۈننەتكە ئەگەشمىكى ۋاجىبتۇر.
ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:«(ئۇ مۇھەممەد<سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم>!) پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئۆز ئارىسىدىكى دە-تالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغۇچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغۇچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ.»(4:65)
ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:«پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار پىتنىگە يولۇقۇشتىن، ياكى قاتتىق ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن.»(24:63)
ھافىز ئىبىن رەجەب مۇنداق دەيدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بىر بۇيرۇقىنى ئاڭلىغان ياكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىنى بىلگەن كىشى ئۈچۈن- گەرچە سۈننەت قانچىلىك بۈيۈك ئىماملارنىڭ سۆزلىرىنىڭ قارشىسىدا بولغان تەقدىردىمۇ – سۈننەتنى ئۈممەتكە بىلدۈرۈش، باشقىلارنى سۈننەتكە مەھكەم ئېسىلىشقا بۇيرۇش ۋاجىبتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتى ھەرقانداق كىشىنىڭ سۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. قانچە بۈيۈك ئۆلىما بولۇپ كەتسۇن، سۈننەتكە زىت سۆزلەپ قويغان بولسا، ئۇ سۈننەتتىن خەۋەرسىز قېلىپ، خاتا سۆزلىگەن ھېسابلىنىدۇ»[22]
«يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفىي فىقھىسى»ناملىق كىتابتا مۇنداق دېيىلگەن:«توغرا قاراشقا ئاساسەن، بىر ئىنساننىڭ مۇئەييەن مەزھەبنى تاللىۋېلىشى ۋاجىب ئەمەس.»،«بىر ئىمامنىڭ يولىنى تۇتۇپ ماڭغۇچى، ئۆز ئىمامىنىڭ قارىشىنىڭ دەلىلىنى بىلمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭ سۆزىگە ئېسىلىشى توغرا ئەمەس.»[23-24]
ئاللاھقا ھەمدۇ سانالار، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن.

نەقىل مەنبەلىرى:1.
ئىبىن ئابىدىن«ئەلھاشىيە»1-63،»رەسم ئەل مۇفتى»1-4؛ سالىھ ئەل فۇلانى«ئىقاز ئەل ھىمام»62؛
2.ئىبىن قەييۇم«ئىئلام ئەل مۇقىئىين»2-309؛شەئرانى«ئەل-مىزان»1-55؛
3. شەرئانى«ئەل-مىزان»1-62
4.5.ئەل فۇلانى«ئىقاز ئەل ھىمام»50
6.ئىبىن ئابدۇل بەر«جەمئىئ بايان ئەل ئىلم»2-23؛ ئىبىن ھەزم«ئۇسۇلىل ئەھكام»6-149
7.ئىبىن ئابدۇل ھادى بۇ رىۋايەتنى «ئىرشاد ئەس سالىھ»(1-271)دە سەھىھ دېگەن؛ ئىبىن ئابدۇل بەر«جەمئىئ بايان ئەل ئىلم»2-91؛سۇبۇكى«ئەل فەتۋا»1-148
8.ئىبىن ئەبۇ ھاتەم«جەرھ ۋەتتەئدىل»31،32
9.ئىبىن ئەساكىر« تارىخى دەمەشىق»15/1/3؛«ئىئلام ئەل مۇقىئىين»2-363،354
10.خەتىب«ئەل ئىھتىجاق بى ئەششافى»8-2؛ ئىبن ئەساكىر15/9/10؛ نەۋەۋى«ئەل مەجمۇئ»1-63؛
11.نەۋەۋى«ئەل مەجمۇئ»1-63؛
12.ئىبىن ئەبى ھاتەم«ئەدەب ئەششافى»94-5؛ئىبىن ئابدۇل بەر«ئەل ئىنتىقائ»75؛ ئەل فۇلانى«ئىقاز»152
13.ئەبۇ نۇئەيم9/107؛ ھاراۋى47/1؛ ئىبىن قەييۇم«ئىقلام ئەل مۇئەققىئىن»2/363
14.ئىبىن ئەبى ھاتەم«ئەدەب ئەششافى»93؛
15.ئىبىن ئەبى ھاتەم؛ ئەبۇ نۇئەيىم؛ ئىبىن ئەساكىر15/9/2
16.ئىبىن ئەبى ھاتەم«ئەدەب ئەششافى»93-4
17. ئىبىن ئەل جەۋزى«ئەل مەناقىب»192
18. فۇلانى113؛ ئىبىن قەييۇم«ئىئلام»2-302
19. ئەبۇ داۋۇد«مەسائىل ئىمام ئەھمەد»7-276
20. ئىبىن ئابدۇل بەر«جامىئۇل بايان ئەل ئىلم»2-149
21. ئىبىن جەۋزى(182)
22. «ئىقاز ئەل ھىمام»(93)
23. «يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفى فىقھىسى»(5-661)
24.مەزھەپ پېشىۋالىرى ئېيتقان سۆزلەرنىڭ مەنبەسى ئەلبانىنىڭ«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامىزى»ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.

 

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ