ئەللامە ئىبنى باز: رىيانىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش
ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ «نۇرۇن ئەلەد دەرب» پەتىۋالىرى، 4-جىلد، 45-بېتىدىن تەرجىمە قىلىندى
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
رىيا دېگەن (ياخشى) ئەمەلنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلىشتۇر. يەنى، نامازنى باشقىلارنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن ئوقۇش، سەدىقىدىنى باشقىلارنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن بېرىشتۇر. رىيا قىلغۇچىنىڭ قەستى كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش. رىياخور ئۆزى ئوقۇغان نامىزىدىن، ياكى سەدىقىسىدىن، ياكى ھەجىدىن، ياكى ئۆمرىسىدىن، ياكى ئىبادەت دەپ قارىلىدىغان باشقا ئىشلىرىدىن كىشىلەرنىڭ خەۋەردار بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. شۇنداقلا، ئەگەر كىشى باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ماختاپ يازغانلىرىنى ئوقۇشنى، ياخشى ئىشلىرىنىڭ كەڭرى تارقىلىشىنى (يەنى پالانچى مۇنداق-مۇنداق ياخشى ئىشلارنى قىپتۇ، دېيىلىشىنى) خالىسا؛ شۇنداقلا، كىشى ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقنى توسۇشتا ئاللاھنىڭ رازىلىقى مەقسەد قىلماي، باشقىلارنىڭ ماختىشى ۋە مەدھىيەلەشلىرىنى كۆزلىسە، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەللەردىكى رىيا دەپ ئاتىلىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:{ من سمع سمع الله به ، ومن راءى راءى الله به.} «كىم (ياخشى ئىشلىرىنى كىشىلەرنىڭ) ئاڭلىشى ئۈچۈن قىلسا ئاللاھ (ئۇنىڭ يامانلىقلىرىنى كىشىلەرگە) ئاڭلىتىدۇ؛ كىمكى (ياخشى ئىشلىرىنى كىشىلەرنىڭ) كۆرۈشۈى ئۈچۈن قىلسا، ئاللاھ (ئۇنىڭ يامانلىقلىرىنى كىشىلەرگە) كۆرسىتىدۇ.» (مۇسلىم 2986؛ بۇخارى 6134)
يەنە مۇنۇ ھەدىسمۇ رىيا توغرىسىدا كەلگەن:{أخوف ما أخاف عليكم الشرك الأصغر. فسئل عنه ، فقال: الرياء} پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «سىلەر ئۈچۈن ھەممىدىن بەك قورقىدىغىنىم كىچىك شېركتۇر» دېۋىدى، ئۇ زاتتىن كىچىك شېرىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكى توغرىلىق سورالدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «(كىچىك شېرىك) رىيادۇر» دېدى. (مۇسنەد ئىمام ئەھمەد 27742-نومۇرلۇق ھەدىس)
مۇسنەد ئەھمەدتە كەلگەن ھەدىس قۇددۇسىدا ئاللاھ قىيامەت كۈنى مۇنداق رىياخورلارغا دەيدۇ:{ اذهبوا إلى ما كنتم تراءون في الدنيا ، فانظروا هل تجدون عندهم من جزاء؟} «دۇنيادىكى چېغىڭلاردا ئۆزۈڭلار رىياخورلۇق قىلغان كىشىلەرنىڭ يېنىغا بېرىڭلار (يەنى ئەمىلىڭلار سەۋەبلىك كىمگە رىيا قىلغان بولساڭلار شۇنىڭ يېنىغا بېرىڭلار)، قاراڭلار، ئۇلاردا سىلەرگە بېرىدىغان ئەجىر بارمىكەن؟» (مۇسنەد ئىمام ئەھمەد، 2319-نومۇرلۇق ھەدىس) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن{يقول الله عز وجل: أنا أغنى الشركاء عن الشرك ، من عمل عملا أشرك فيه معي غيري تركته وشركه }: «ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە مۇنداق دەيدۇ:‹مەن شېرىك كەلتۈرگۈچىلەرنىڭ شېرىكىدىن بىھاجەتمەن؛ كىمكى بىر ئەمىلىدە (بېرىلىدىغان ئەجىردە) باشقىلارنى ماڭا شېرىك قىلىدىكەن، ئۇنى ماڭا قىلغان شېرىكىگە تاشلاپ قويىمەن.» (مۇسلىم 2985)
مۇئمىننىڭ رىيادىن ساقلىنىشى ۋاجىپ؛ شۇنداقلا، بەندە ئىبادەتلىرىدە پەقەتلا ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىشى؛ نامازنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئوقۇشى، روزىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن تۇتۇشى، سەدىقىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن بېرىشى؛ ئەمەللىرى ئارقىلىق ئاللاھتىن ساۋاب ۋە مەغفىرەت تىلىشى ۋاجىپ؛ كىشىنىڭ ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇشى، ھەج ۋە ئۆمرىنى ئادا قىلىشى، كېسەل يوقلىشى قاتارلىق ھەر تۈرلۈك ئەمەللەردە رىيادىن ۋە ياخشى ئىشلىرىنىڭ باشقىلارغا يېيىلىشىدىن (شۇ ئارقىلىق ماختىلىشقا مايىل بولۇشتىن) ساقىلىنىشى ۋاجىپ. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئەلا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: فَمَنْ كَانَ يَرْجُو لِقَاءَ رَبِّهِ فَلْيَعْمَلْ عَمَلا صَالِحًا وَلاَ يُشْرِكْ بِعِبَادَةِ رَبِّهِ أَحَدًا «كىمكى رەببى بىلەن ئۇچرىشىشنى خالىسا ياخشى ئەمەللەرنى قىلسۇن، ئىبادىتىدە رەببىگە ھېچكىمنى شېرىك قىلمىسۇن.» (سۈرە كەھف، 110-ئايەت)
جىمى مۇسۇلمانلارغا ئاللاھتىن تەۋپىق ۋە ھىدايەت تىلەيمىز. (ئەللامە ئىبنى باز «نۇرۇن ئەلەد دەرب» پەتىۋالىرى، 4-جىلد، 45-بەت؛ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ 164-نومۇرلۇق ئۈن لېنتىسىدىكى 8-سوئالغا بەرگەن ئاغزاكى پەتىۋاسى)