ئەللامە ئىبنى باز: قوشنىلارنى زىيارەت قىلىشنىڭ ئەدەبلىرى

قوشنىلارنى زىيارەت قىلىشنىڭ پەزىلىتى

سوئال: مېنىڭ مۇسۇلمان ۋە كاپىر قوشنىلىرىم بار. بۇ قوشنىلىرىمنى يوقلاشتا دىققەت قىلىشىمغا تېگىشلىك چەك-چېگرالار قايسى؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، پازىل ئۆلىما ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ [ۋاپاتى:ھ-1420؛م-1999]

جاۋاب: ئەگەر قوشنىلىرىڭىزنى زىيارەت قىلىشتىكى مۇددىئايىڭىز نەسىھەت قىلىش، توغرا يولنى كۆرسىتىش، ياخشىلىق ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىش ئۈچۈن بولسا، ئۇ ھالدا بۇ بۇيرۇلغان گۈزەل خىسلەتلەردىن ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:{ياخشىلىققا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار.}[مائىدە سۈرىسى،2-ئايەت] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سۆزلىگەن بىر ھەدىس قۇددۇستا، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە مۇنداق دېگەن:«مېنىڭ ياخشى كۆرۈشۈم-مەن ئۈچۈن بىر بىرىنى ياخشى كۆرگەنلەرگە، مېنىڭ يولۇمدا بىر-بىرىنى زىيارەت قىلغانلارغا، مېنىڭ يولۇمدا بىر يەردە ئولتۇرغانلارغا، مېنىڭ يولۇمدا بىر-بىرىگە سېخيلىق قىلغانلارغا ۋاجىبتۇر.»(بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم سەھىھ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھېچقانداق سايە بولمىغان قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا يەتتە تۈرلۈك كىشىنى ئەرشنىڭ سايىسىدا سايىدىتىدۇ. ئۇلار: ئادىل ھۆكۈمدار، رەببىگە ئىبادەت قىلغان ھالدا پاك ھايات ئىچىدە ياشىغان ياش، قەلبى مەسجىدلەرگە مۇھەببەت باغلىغان كىشى، بىر-بىرىنى ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈپ، بىرلىشىشى ۋە ئايرىلىشىشى ئاللاھ ئۈچۈن بولغان ئىككى كىشى، گۈزەل ۋە ئابرۇيلۇق بىر ئايالنىڭ (زىنا) دەۋىتىنى ‹مەن ئاللاھتىن قورقىمەن› دەپ رەت قىلغان يىگىت، ئوڭ قولى بىلەن بەرگىنىنى سول قولى تۇيمىغۇدەك دەرىجىدە مەخپىي سەدىقە بەرگەن كىشى، يالغۇزلىقىدا ئاللاھنى ياد ئېتىپ كۆز يېشى تۆككەن كىشى.»(بۇخارى 620؛ مۇسلىم 1712) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن:«ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشى قوشنىسىغا ياخشىلىق قىلسۇن.»(بۇخارى 5560)

شۇنىڭدا ھېچ شۈبھە يوقكى، ئەر ياكى ئايال مۇسۇلماننىڭ قوشنسىغا قوينىڭ پاچىقىچىلىك بولسىمۇ ھەدىيە بېرىشى چوڭ پەزىلەتلىك ئەمەللەر قاتارىدا بولۇشىغا قارىماستىن، ئۇلارغا نەسىھەت قىلىش، ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىش ئۇنىڭدىنمۇ (يەنى مال دۇنيا بەرگەندىنمۇ) ئەۋزەلدۇر. ئەگەر قوشنا زىيارەت قىلىشتا زىيارەت قىلىنغۇچىغا دىنىي پايدا يەتمىسە، يامان ئىشىدا چىڭ تۇرۇپ تەرك ئەتمىسە، بۇنىڭدىن ھېچبىر شەرئىي مەنپەئەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن زىيارەت قىلىشنى توختىتىش كېرەك بولىدۇ. مۇۋەپپىقىيەت ئاللاھتىندۇر. (ئىبنى باز پەتىۋالىرى توپلىمى، 25-جىلد، 378-بەت)

ئەزىز قېرىنداشلار! ياخشى ماقالە پەتىۋالارنى كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە تارقىتىپ قويۇڭلار. ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:{ياخشىلىق ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار.}[مائىدە سۈرىسى،2-ئايەت]  تابىئىن ئىمام ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەرلىكتىن قالسا، ئىلىم تارقىتىشتىنمۇ ئەۋزەل بىر ئىبادەتنى بىلمەيمەن.»(ئىبنى جەۋزى «سىفاتۇس سەفۋا») ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئىنسانلار ئارىسىغا يېيىلىشىنى خالىمىغان، كىشىلەرگە ياخشىلىقنى تارقىتىشتا بېخىللىق قىلغان ئىنسانلار بولۇپ قېلىشتىن ئاللاھ ھەممىمىزنى ساقلىسۇن. ئاللاھ ھەممىمىزنى رەسۇلۇللاھنىڭ «مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار»(بۇخارى) دېگەن ھەدىسى بويىچە پايدىلىق دىنىي بىلىملەر جەمئىيەتكە يېيىش ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلاھ بولۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغا سالىھ بەندىلىرىدىن قىلسۇن.

 

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ