ئەللامە ئىبنى باز:خۇتبىدە سەللە كىيىشنىڭ، نامازدا باش كىيىم كىيىشنىڭ ھۆكمى

ئەللامە ئىبنى باز:خۇتبىدە سەللە كىيىشنىڭ ھۆكمى

(قوشۇمچە ماۋزۇ: نامازدا باش كىيىم كىيىشنىڭ ھۆكمى)

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

سوئال: مىسىرنىڭ ئەل فەييۇم دېگەن يېرىدىن بىرەيلەن سەئۇدىي ئەرەبىستاندىكى دۇنياغا مەشھۇر «نۇرۇن ئەلەد دەرب» پەتىۋا پروگراممىسىغا خەت يېزىپ، مۇنداق سوئال سورىغان: (1) خاتىپ خۇبە سۆزلىگەنددە سەللە كىيىشى كېرەكمۇ؟ (2) توي قىلمىغان ياش بالىنىڭ خۇتبە سۆزلىشى دۇرۇسمۇ؟ ئاللاھ سىلەرنى ياخشىلىق بىلەن مۇكاپاتلىسۇن.

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، فەقىھ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز

جاۋاب: (1) ھەر بىر مۆمىننىڭ نامازغا ياخشى كىيىملىرىنى كىيىپ بېرىشى سۈننەت، بولۇپمۇ جۈمە نامىزىدا تېخىمۇ شۇنداق، چۈنكى جۈمە نامىزىدا ياخشى كىيىملەرنى كىيىپ نامازغا بېرىش تەرغىپ قىلىنغان. شۇنداقلا، ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:«ئى ئادەم بالىلىرى! نامازدا ياخشى كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار.»(7:31) دېمەك، جۈمە نامىزىدا ۋە ئىككى ھېيت نامىزىدا پاكىز ۋە ياخشى كىيىملەرنى كىيىش خاتىپقىمۇ، باشقىلارغىمۇ تەۋسىيە قىلىنىدۇ. مەلۇم دۆلەتتىكى ئۆرپ-ئادەتتە باش كىيىمى كىيىش زىننەت سۈپىتىدە قارالسا، شۇ دۆلەتتىكى كىشى باش كىيىمى كىيسە بولىدۇ. ئۇ (دۆلەت ياكى) رايوندا باش كىيىمى كىيىش (ياخشى كۆرىلىدىغان) ئۆرپ-ئادەت ھېسابلانمىسا، ئۇ ھالدا ئۇ رايوندا باش كىيىمى كىيمەسلىك دۇرۇس. سەللە ياكى باشقا تۈردىكى باش كىيىمى كىيىش ئۆرپ-ئادەتكە ئايلانغان رايونلاردا شۇلار قاتارىدا باش كىيىمى كىيىۋېلىش ئەۋزەل. بىراق، باش كىيىمى كىيىش شەرت ئەمەس. چۈنكى، ئەرلەرنىڭ بېشى ئەۋرەت ئەمەس. (2) توي قىلمىغان ياش يىگىت ھۆددىسىدىن چىقالىغانلا تەقدىردە – زۆرۈر شەرئىي بىلىملەرنى ئىگىلىگەن ۋە پاراسەتكە ۋە ياخشى خىسلەتكە ئىگە بولغان ھالەتتە خۇتبە ئوقۇسا بولىۋېرىدۇ. بۇ ھالەتتە بۇنداق ياش يىگىتنىڭ خاتىپلىق قىلىشى تامامەن دۇرۇس. توي قىلغان بولۇش ئىماملىق ئۈچۈن شەرت ئەمەس. (ئەللامە ئىبنى باز «نۇرۇن ئەلەد دەرب پەتىۋالىرى»، 13-جىلد، 215-بەت)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ