پەتىۋا كومېتىتى: ئاياللارنىڭ تار ۋە ئاق رەڭلىك كىيىم كىيىشىنىڭ ھۆكمى؟

پەتىۋا كومېتىتى: ئاياللارنىڭ تار ۋە ئاق رەڭلىك كىيىم كىيىشىنىڭ ھۆكمى؟

پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 1843-نومۇرلۇق پەتىۋاسى

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

سوئال (6): ئايال كىشىنىڭ تار ۋە ئاق كىيىم كىيىشى دۇرۇسمۇ؟

جاۋاب: ئايال كىشىنىڭ بەدەن شەكلىنى بىلنەشتۈرۈپ قويىدىغان، ئۇنى كۆرگەنلەر ئۇنىڭ بەدەن شەكلىنى بىلىپ قالىدىغان (يېتەرلىك دەرىجىدە كەڭ بولۇش شەرتىگە توشمايدىغان) كىيىملەرنى كىيىپ ئەرلەرگە كۆرۈنۈشى، كوچا-كويلارغا چىقىشى دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، بۇ ھال ئۇنى يالىڭاچ ھالەتكە ئېلىپ كېلىدۇ. (يەنى «كىيىم كىيسىمۇ يالىڭاچ» دەپ خەۋەر بېرىلگەن، جەننەتنىڭ خۇشپۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدىغان ئاياللارنىڭ كىيىنىش شەكلىگە ئېلىپ كېلىدۇ.) بۇنداق كىيىنىش ھارامغا سەۋەب بولىدۇ. بەك چوڭ يامانلىقلارغا سەۋەب بولىدۇ. (شۇڭا، بۇنداق كىيىنىش ھارام.)

ئەگەر ، ئاق رەڭلىك كىيىم قايسى بىر يۇرتتا ئەرلەرگە خاس بولۇپ، ئەرلەرنىڭ كىيىنىش ئالامەتلىرىدىن ھېسابلىدىغان بولسا، ئايال كىشىنىڭ سىرتتا ئاق كىيىم كىيىۋېلىشى دۇرۇس  بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ خىل ئەھۋالدا ئايال كىشى ئاق رەڭلىك كىيىم كىيىش بىلەن ئەرلەرگە ئوخشىۋالغان بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئەرلەرگە ئوخشىۋالغان ئاياللارغا لەنەت قىلغان.

مۇۋەپپىقىيەت ئاللاھتىندۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئائىلىسىگە ۋە ساھابىلىرىگە سالات ۋە سالاملار بولسۇن.

پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز، ئابدۇررازاق ئەفىفىي، ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان، ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ