فىقھۇل مۇيەسسەر: كالىدىن ئېلىنىدىغان زاكاتنىڭ مىقدارى

[170] ئىككىنجى: كالىدىن ئېلىنىدىغان زاكاتنىڭ مىقدارى

كالىنىڭ سانى 30 دىن 39 غىچە بولسا، بۇنىڭ زاكىتى ئۈچۈن بىر ياشلىق موزايدىن بىرى بېرىلىدۇ. كالىنىڭ سانى 40 تىن 59 غىچە بولسا، ئىككى ياشلىق كالىدىن بىرى بېرىلىدۇ.

كالىنىڭ سانى 60 تىن 69 غىچە بولسا، بىر ياشلىق كالىدىن ئىككىسى زاكات ھېسابىدا بېرىلىدۇ.

بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر ئوتتۇز كالا ئۈچۈن بىر ياشلىق ئىنەكتىن بىرى، ھەر قىرىق كالا ئۈچۈن ئىككى ياشلىق ئىنەكتىن بىرى زاكات ھېسابىدا بېرىلىدۇ. كالىنىڭ سانى قانچە بولسا-بولسا، ھېساب مۇشۇ بويىچە بولىدۇ.

بۇنىڭ دەلىلى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنۇ ھەدىسىدۇر:«ئاللاھنىڭ رەسۇلى ماڭا ھەر ئوتتۇز كالا ئۈچۈن بىر ياشلىق كالىدىن بىرنى، ھەر قىرىق كالا ئۈچۈن ئىككى ياشلىق كالىدىن بىرنى (زاكات ھېساۋىدا) ئېلىشىمنى بۇيرۇدى.»

تۆۋەندە كالىنىڭ زاكىتىنىڭ قانداق ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىمىز:

1-كالىنىڭ سانى 30 دىن 39 غىچە بولسا بىر ياشلىق كالىدىن بىرى

2-كالىنىڭ سانى 40 تىن 59 غىچە بولسا ئىككى ياشلىق كالىدىن بىرى

3-كالىنىڭ سانى 60 تىن 69 غىچە بولسا بىر ياشلىق كالىدىن ئىككىسى

4-كالىنىڭ سانى 70 تىن 79 غىچە بولسا بىر ياشلىق ئىنەكتىن بىرى ۋە ئىككى ياشلىق ئىنەكتىن بىرى زاكات ھېساۋىدا ئېلىنىدۇ.

كالىلارنىڭ سانىنى بۇنىڭدىن كۆپ بولسا، ھەر ئوتتۇز كالا ئۈچۈن بىر ياشلىق كالىدىن بىرى، ھەر قىرىق كالا ئۈچۈن ئىككى ياشلىق كالىدىن بىرى زاكات ھېساۋىدا ئېلىنىدۇ.

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

 

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ