ھەجنىڭ شەرتلىرى ۋە ھۆكۈملىرى
فىقھۇل مۇيەسسەردىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى
تۆتىنجى مەسىلە: ھەجنىڭ شەرتلىرى
ھەجنىڭ پەرز بولۇشى ئۈچۈن بەش شەرت تېپىلىشى كېرەك بولىدۇ.
(1) مۇسۇلمان بولۇش. كاپىرلارغا ھەج پەرز ئەمەس. كاپىرنىڭ ھەج قىلىشى توغرا ئەمەس. چۈنكى، مۇسۇلمان بولۇش ئىبادەتنىڭ سەھىھ بولۇشىدىكى شەرتلەردىن بىرىدۇر.
(2) ئەقىلگە ئىگە بولۇش. ساراڭغا (ئەقلى جايىدا ئەمەس كىشىگە) ھەج پەرز ئەمەس، شۇنداقلا ساراڭنىڭ ھەج قىلىشىمۇ توغرا ئەمەس. چۈنكى، ئەقىل دىنىي ئىبادەتلەرنى ئورۇنداش مەجبۇرىيىتىنىڭ شەرتىدىن بىرىدۇر. ساراڭنىڭ دىنىي ئىبادەتلەرنى ئورۇنداش مەجبۇرىيىتى يوق، ساراڭ (ئەقلى جايىدا ئەمەس كىشى) دىن قەلەم كۆتۈرلۈپ كەتكەن (يەنى ئۇنىڭغا ھېچ ئىشتا گۇناھ يېزىلمايدۇ.) ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئۈچ تۈرلۈك كىشىدىن قەلەم كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن. ئۇخلاپ قالغۇچى ئويغانغانغا قەدەر، كىچىك بالا بالاغەت يېشىغا يەتكەگە قەدەر ۋە ئەقلى جايىدا ئەمەس كىشى ئەقلىگە كەلگەنگە قەدەر.»(ئەبۇ داۋۇد 4401؛ ئىبنى ماجە 2041؛ ئەلبانى ئەلئىرۋائ 297-دە سەھىھ دېگەن)
(3) بالاغەتكە يەتكەن بولۇش. كىچىك بالىغان ھەج پەرز ئەمەس. چۈنكى، كىچىك بالا مۇكەللەف (دىنىي مەجبۇرىيەتلەرنى ئورۇنداشقا تەكلىپ قىلىنغۇچى) ئەمەس؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يۇقارقى «مۇنۇ ئۈچ تۈرلۈك كىشىدىن قەلەم كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن…» دېگەن ھەدىستىكىدەك، كىچىك بالا بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر ئۇنىڭدىن دىنىي مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىش مەجبۇرىيىتى كۆتۈرلۈپ كېتىدۇ. بىراق، بالاغەتكە يەتمىگەن كىچىك بالىلار ھەج قىلسا ھەججى دۇرۇس بولىدۇ. ئەگەر ئاق-قارىنى بىلمىگۈدەك دەرىجىدە كىچىك بولسا، ۋەلىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن نىيەت قىلىدۇ. كىچىك بالا بۇنداق ھەججى سەۋەبلىك پەرز ھەجنى ئادا قىلغان ھېسابلانمايدۇ.(بالاغەتكە يەتمەستىن قىلىنغان ھەج نەپلە ھەج قاتارىدا بولىدۇ.) بۇ ھەقتە ئۆلىمالار ئارىسىدا ئىختىلاپ يوق. چۈنكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان ھەدىستە بىر كىشى بىر كىچىك بالىنى كۆتۈرۈپ «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى، بۇ ھەج قىلسا بولامدۇ؟» دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ «بولىدۇ، (ئۇنى ھەج قىلدۇرۇشۇڭدا) سەن ئۈچۈنمۇ ساۋاب يېزىلىدۇ» دېدى.(مۇسلىم 1336)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھەر قانداق كىچىك بالا ھەج قىلغان بولسا، بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ھەج قىلىشى كېرەك بولىدۇ. بىر قۇل قۇل ھالەتتە ھەج قىلىپ، كېيىن ئازادلىققا ئېرىشسە، ئازادلىققا ئېرىشكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ھەج قىلىشى كېرەك بولىدۇ.»(مۇسنەد ئىمام شافىي 743؛ بەيھەقى 5-179؛ ئەلبانى ‹ئەلئىرۋائ› 986-دە سەھىھ دېگەن)
(4) ھۆر بولۇش. قۇلغا ھەج قىلىش پەرز ئەمەس. چۈنكى، قۇل باشقىلارنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىشى ئاستىدا بولۇپ، ئۆزى ھېچ نەرسىگە ئىگە ئەمەس. قۇل ـــ خوجايىنىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ـــ ھەج قىلسا، ھەججى دۇرۇس بولىدۇ. ئىلىم ئەھلىنىڭ ئىجمائ بىلەن قوبۇل قىلغىنى شۇكى: ئەگەر قۇل قۇل ھالىتىدە ھەج قىلىپ كېيىن ھۆرلۈككە چىقسا ـــ كۈچى يەتكەن تەقدىردە ـــ ئۇنىڭ پەرز ھەج قىلىشى كېرەك بولىدۇ. قۇللۇق ھالىتىدە قىلغان ھەججى ئۇنىڭ ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس. چۈنكى، يۇقىرىدا نەقىل قىلىنغان ھەدىستىكىدەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«قۇل قۇل ھالەتتە ھەج قىلىپ، كېيىن ئازادلىققا ئېرىشسە، ئازادلىققا ئېرىشكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ھەج قىلىشى كېرەك بولىدۇ.» (مۇسنەد ئىمام شافىي 743؛ بەيھەقى 5-179؛ ئەلبانى ‹ئەلئىرۋائ› 986-دە سەھىھ دېگەن)
(5) ھەج قىلىش قۇربىتىگە ئىگە بولۇش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:«بەيتۇللاھقا سەپەر قىلىشقا قۇربىتى يېتىدىغانلارنىڭ ئۇنى ھەج قىلىشى ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىكى ھەققىدۇر.»(سۈرە ئال ئىمران 97-ئايەت) ئۆزىگە ۋە ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى كېرەك بولغان كىشىلەرگە يەتكۈدەك دەرىجىدە خىراجىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھەج قىلىشقا قۇربى يەتمىگەن، ئۆزىنى مەككىگە ئاپىرىپ ئەكىلىش ئۈچۈن ئۇلاغ تاپالمىغان، بەك قېرىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن جىسمانىي كۈچ جەھەتتىن ھەج قىلىش ئىمكانى بولمىغان، قاتناش ۋاسىتىلىرىدە سەپەر قىلىش ۋە سەپەرنىڭ مۇشەققەتلىرىگە بەرداشلىق بەرگۈدەك ماجالى بولمىغان، شۇنداقلا كېسەل بولۇپ قالغان؛ ھەج سەپىرىدە بۇلاڭچى، قاراقچىلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدىغان، ۋابا ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان كېسەللىكلەرنىڭ ھەج قىلغۇچىنىڭ جېنىغا ۋە مېلىغا زىيان كېلىىشىدىن قورققان، ھەج سەپىرى ئىشەنچىلىك بولمىغان ھالەتتىكى كىشىلەرنىڭ قۇربىتى يەتكەنگە قەدەر ھەج قىلىشى پەرز ھېسابلانمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىش (نى ئورۇنداش) قا مەجبۇر قىلمايدۇ.»(سۈرە بەقەرە، 286-ئايەت) ھەج قىلىشقا كۈچى يېتىشمۇ ئاللاھنىڭ مۇشۇ ئايىتىنىڭ دائىرىسىگە كىرىپ كېتىدۇ.
ئايال كىشىنىڭ ھەج سەپىرىدە ئۇنىڭغا مەھرەم بولىدىغان بىرىنىڭ بولۇشى ئايال كىشىنىڭ ھەج قىلىشقا قۇربىتى يېتىش دائىرىسىدىكى شەرتلەردىن بىرىدۇر. چۈنكى، ئايال كىشىنىڭ مەھرەمسىز ھالدا ھەج سەپىرىگە ياكى باشقا سەپەرگە چىقىشى دۇرۇس ئەمەس. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان بىر ئايالنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە دادىسى، ئوغلى، يولدىشى، ئاكا ياكى ئىنىسى، ۋەياكى ئۇنىڭ مەھرەم ھېسابلىدىغان ھەر قانداق بىر تۇغقىنى بولمىغان ھالدا ئۈچ كۈن ياكى ئۇنىڭ ئارتۇق مۇساپىگە سەپەر قىلىشى ھالال ئەمەس.»(مۇسلىم 1340) رەسۇلۇللاھنىڭ «ئايالىم ھەجگە ماڭدى، مەن پالانى غازاتقا قاتنىشىش ئۈچۈن تىزىملاتتىم» دېگەن ئادەمگە «بېرىپ ئايالىڭ بىلەن ھەج قىل»(بۇخارى 1862؛ مۇسلىم 1341) دەپ بۇيرۇشىمۇ ئايال كىشىنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئايال كىشى مەھرەمسىز ھەج قىلسا ھەججى دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما گۇناھكار بولىدۇ.
فىقھۇل مۇيەسسەردىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى