ئىمام ئىبنى تەيمىييە: نامازدىن كېيىن ئىمام ۋە جامائەتنىڭ ئوپچە دۇئا قىلىشى بىدئەت
پەتىۋا بەرگۈچى: شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى
سوئال: ئىمامنىڭ ۋە جامائەتنىڭ پەرز نامازلاردىن كېيىن دۇئا قىلشى توغرىمۇ؟
جاۋاب: ئىمامنىڭ ۋە ئىمامغا ئەگەشكەن جامائەتنىڭ نامازدىن كېيىن ئوپچە دۇئا قىلىشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ زامانىدا كۆرۈلمىگەن، بىدئەت ئەمەلدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دۇئاسى (نامازدىن چىققاندىن كېيىن ئەمەس) نامازنىڭ ئاخىرىدا (يەنى تەشەھھۇدتا سالامدىن بۇرۇن) ئىدى. چۈنكى، ناماز ئوقۇغان كىشى رەببىگە ئىلتىجا قىلغان بولىدۇ. ئۇنداق ئىكەن، رەببىگە ئىلتىجا قىلىش ئەسناسىدا دۇئا قىلىش ھەممىدىن مۇناسىپتۇر. رەببىگە ئىلتىجا قىلىش ۋە ناماز ئىچىدە دۇئا قىلىش ئاياقلاشقاندىن (يەنى نامازدىن چىققاندىن) كېيىن دۇئا قىلىش مۇناسىپ ئەمەس. نامازدىن كېيىن قىلىنىدىغان سۈننەت ئەمەل پەقەتلا تەھلىل (لائىلاھە ئىللەللاھ دېيىش)، تەمھىد (ئەلھەمدۇلىللاھ دېيىش)، تەكبىر (ئاللاھۇ ئەكبەر دېيىش) قاتارىدىكى زىكىرلەردۇر. بۇلارنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قىلغانلىقى، تەۋسىيە قىلغانلىقى بايان قىلىنغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازدىن چىققاندىن كېيىن مۇنداق دەيتتى:«ئاللاھتىن باشقا ھەق ئىلاھ يوق، ئاللاھ بىر ۋە يالغۇز، ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق. ھۆكۈمرانلىق ئاللاھقا ئائىت، ھەمد ئاللاھقا ئائىت. ئۇ ھەممە نەرسىگە كۈچى يەتكۈچى زاتتۇر. ئاللاھىم! سېنىڭ بەرگىنىڭنى توسۇپ قالغۇچى يوقتۇر. سېنىڭ چەكلەپ قويغىنىڭنى بېرەلىگۈچى يوقتۇر. ئىناۋەت ۋە شەرەپ ئىگىلىرىنىڭ ئىناۋەت ۋە شەرەپلىرى ساڭا پايدا كەلتۈرەلمەيدۇ.» (بۇخارى 844، مۇسلىم 477)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى نامازدىن كېيىن 33 قېتىم سۇبھانەللاھ، 33 قېتىم ئەلھەمدۇلىللاھ، ئوتتۇز ئۈچ قېتىم ئاللاھۇ ئەكبەر دېسە — بۇ توقسان توققۇز بولىدۇ — ئاندىن، <لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ لاشەرىيكە لەھۇ، لەھۇل مۇلكۇ ۋە لەھۇل ھەمدۇ ۋەھۇۋە ئەلا كۇللى شەيئىن قەدىر> دەپ (بۇ زىكىرنىڭ سانىنى) يۈز قىلسا، ئۇنىڭ گۇناھلىرى مەغفىرەت قىلىنىدۇ.» (مۇسلىم 597) [ئىمام ئىبنى تەيمىييە — مەجمۇئۇل فەتاۋا 22\519]
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە مۇنداق دېگەن: ئاللاھ ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان ئىش — بىدئەتتۇر. (مەنبە: شرح العمدة في الفقه ٣\٦٠٢)
***
ساھابىلەر رەسۇلۇللاھ قىلمىغان ئىشنى قىلىشتىن مۇنداق قاچاتتى
مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى
mujtehid.com
سەھىھۇل مۇسلىمنىڭ جۈمە نامىزى بابىدا مۇنۇ ۋەقەلىك بايان قىلىنغان: ھۇسەيىندىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: (ساھابە) ئۇمارە ئىبنى رۇۋەيبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىشر ئىبنى مەرۋاننىڭ مۇنبەردە قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ: «ئاللاھ (خۇتبىدە كۆتۈرۈلگەن) بۇ قوللارنى قۇرۇتىۋەتسۇن. مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ (جۈمە خۇتبىسىدە دۇئا قىلسا ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ ئەمەس، كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى چىقىرىپ تۇرۇپ) مۇنداق قىلغىنىدىن باشقىنى كۆرمىدىم.» ئۇمارە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇشۇنداق دەپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارە قىلدى. | hedisim.com (مۇسلىم 873؛ ئەبۇداۋۇد؛ نەسائىي 1413؛ تىرمىزىي 515 ) | [يۇقىرىقى ئەرەپچە تېكىستى: وَحَدَّثَنَا أَبُو بَكْرِ بْنُ أَبِي شَيْبَةَ، حَدَّثَنَا عَبْدُ اللَّهِ بْنُ إِدْرِيسَ، عَنْ حُصَيْنٍ، عَنْ عُمَارَةَ، بْنِ رُؤَيْبَةَ قَالَ رَأَى بِشْرَ بْنَ مَرْوَانَ عَلَى الْمِنْبَرِ رَافِعًا يَدَيْهِ فَقَالَ قَبَّحَ اللَّهُ هَاتَيْنِ الْيَدَيْنِ لَقَدْ رَأَيْتُ رَسُولَ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم مَا يَزِيدُ عَلَى أَنْ يَقُولَ بِيَدِهِ هَكَذَا . وَأَشَارَ بِإِصْبَعِهِ الْمُسَبِّحَةِ رواە المسلم]
ئىمام بۇخارى سەھىھۇل بۇخارىنىڭ «كىتاب ۋە سۈننەتكە چىڭ ئېسىلىش» بابىدا مۇنۇ ۋەقەلىكنى بايان قىلغان: ئەبۇ ۋائىل مۇنداق دېگەن: مەن بۇ مەسجىدتە (يەنى ھەرەم مەسجىدىدە) شەيبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئولتۇرغان ئىدىم. شەيبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ماڭا «سەن ئولتۇرغان بۇ يەردە ئۆمەر مەن بىلەن بىللە ئولتۇردى، ئاندىن ‹كەئبىدىكى ئالتۇن-كۆمۈشلەرنىڭ ھەممىسىنى مۇسۇلمانلارغا تارقىتىۋېتىشنى ئويلاشتىم› دېدى. مەن ئۆمەرگە ‹بۇنداق قىلالمايسەن› دېدىم. ئۆمەر ‹نېمىشقا؟› دېۋىدى، مەن:‹چۈنكى سېنىڭ ئىككى ھەمراھىڭ (يەنى رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەبۇ بەكرى سىددىق) بۇنى قىلمىدى› دېدىم. ئۆمەر ‹ئۇ ئىككەيلەن ئەگىشىش كېرەك بولغان ئۆرنەك شەخىسلەردۇر›دېدى (ۋە ئويىدىن ياندى.)» (سەھىھۇل بۇخارى 7275-نومۇرلۇق ھەدىس) [يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تېكىستى: عَنْ أَبِي وَائِلٍ، قَالَ جَلَسْتُ إِلَى شَيْبَةَ فِي هَذَا الْمَسْجِدِ قَالَ جَلَسَ إِلَىَّ عُمَرُ فِي مَجْلِسِكَ هَذَا فَقَالَ هَمَمْتُ أَنْ لاَ أَدَعَ فِيهَا صَفْرَاءَ وَلاَ بَيْضَاءَ إِلاَّ قَسَمْتُهَا بَيْنَ الْمُسْلِمِينَ. قُلْتُ مَا أَنْتَ بِفَاعِلٍ. قَالَ لِمَ. قُلْتُ لَمْ يَفْعَلْهُ صَاحِبَاكَ قَالَ هُمَا الْمَرْآنِ يُقْتَدَى بِهِمَا- المحدث:البخاري المصدر:صحيح البخاري الجزء أو الصفحة:7275 حكم المحدث: صحيح]
ئىمام ئەھمەد مۇسنەد ئەھمەدتە مۇنۇ ۋەقەلىكنى نەقىل قىلغان: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىرلىكتە كەئبىنى تاۋاپ قىلدى. مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تاۋاپ جەريانىدا كەئبىنىڭ ئەتراپىدىكى رۇكنلەرنىڭ ھەممىسىنى سىلىدى. شۇ ۋەجىدىن ئىبنى ئابباس ئۇنىڭغا «نېمىشقا (ئەسلىدە سىلىشقا تېگىشلىك ئىككى رۇكنغا قوشۇپ) بۇ ئىككى رۇكىننىمۇ سىلايسەن، رەسۇلۇللاھ بۇ ئىككى رۇكىننى سىلىمىغان تۇرسا؟» دېۋىدى، مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «بەيتۇللاھتىن ھېچ نەرسىنى كام قويۇلمايدۇ» دېدى. بۇنىڭ بىلەن، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «رەسۇلۇللاھ سىلەرگە ئەڭ ياخشى ئۈلگىدۇر» دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى. مۇئاۋىيە «توغرا ئېيتتىڭ» دېدى. (كەبىنىڭ تۆتىلى بۇلۇڭىنى سىلاشتىن ياندى.) (مۇسنەد ئەھمەد 1877؛ سۇنەن تىرمىزى 858 ؛ بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەھمەد شاكىر سەھىھ دېگەن؛ ئىمام بەغەۋىي شەرھۇس سۇننە ناملىق ئەسىرىدە ھەسەن دېگەن؛) [عن ابن عباس ، أنه طاف مع معاوية بالبيت، فجعل معاوية يستلم الأركان كلها، فقال له ابن عباس : لم تستلم هذين الركنين، ولم يكن رسول الله صلى الله عليه وسلم يستلمهما ؟ فقال معاوية : ليس شيء من البيت مهجورا، فقال ابن عباس : { لقد كان لكم في رسول الله أسوة حسنة }، فقال معاوية : صدقت. مسند احمد 1877؛ أحمد شاكر المصدر:مسند أحمد الجزء أو الصفحة:3/266 حكم المحدث:إسناده صحيح؛ وسنن الترمذي858 حسن؛ المحدث:البغوي المصدر:شرح السنة الجزء أو الصفحة:4/77 حكم المحدث:حسن]
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قارشى چىقىشىمۇ دىندا رەسۇلۇللاھ قىلمىغان ھەر قانداق ئىشنىڭ رەت قىلىنىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. بۇخارىدا ئىبنى ئابباسنىڭ باشقا بىرىگە «مۇئاۋىيە فەقىھتۇر» دېگەنلىكى نەقىل قىلىنغان.
مەيلى ئۇمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولسۇن، مەيلى مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولسۇن رەسۇلۇللاھ قىلمىغان ئىشنى قىلماسلىقنىڭ رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىش جۈملىسىدىن ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئوچۇق بىلگەن. ساھابىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق ئەقىدىسى ۋە تۇتقان يولى مۇشۇنداق ئىدى. شۇڭا، باشقا ساھابىلەر ئۇلارغا «رەسۇلۇللاھ بۇنى قىلمىغان» دېيىش بىلەنلا، دەرھال قىلمىشىدىن يانغان. ساھابىلەر باشچىلىقىدىكى سەلەپ سالىھىن «بۇ ئىشنى رەسۇلۇللاھ قىلمىغان» دېيىلسە، «رەسۇلۇللاھ قىلمىغان بىلەن، بۇ ياخشى ئىشتۇر» دەپ باھانە تېپىپ، رەسۇلۇللاھ دىندىن سانىمىغان ئىشلارغا «بۇ دېگەن ياخشى بىدئەت» دەپ ئىسىم قويىۋېلىپ تۇرۇپ بىدئەتچىلىك قىلىشتىن ئۇزاق زاتلار ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئىسلام ئۈممىتىنى ئۆزى يولىغا ۋە ساھابىلەرنىڭ يولىغا ئەگىشىشكە بۇيرۇغان.
*
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ مەندىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەردىن (ئومۇمەن) ھەر بىر پەيغەمبەرنىڭ، ئۆز ئۈممىتى ئىچىدە ياردەمچىلىرى ۋە ساھابىلىرى بار بولۇپ، ئۇلار ئۆز پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىنى تۇتۇپ، پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتى بويىچە ئەمەل قىلاتتى. ئۇلاردىن كېيىن قىلمايدىغان ئىشىنى (قىلدۇق ياكى قىلىمىز دەپ) سۆزلەيدىغان، (پەيغەمبىرى تەرىپىدىن) ئەمر قىلىنمىغان ئىشنى (يەنى بىدئەتلەرنى) قىلىدىغان كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. كىم قولى ئارقىلىق بۇنداقلار بىلەن جىھاد قىلسا، ئۇ مۆمىندۇر؛ كىم تىلى ئارقىلىق بۇنداقلار بىلەن جىھاد قىلسا، ئۇ مۆمىندۇر؛ كىم بۇنداقلارغا قەلبى بىلەن جىھاد قىلسا، ئۇمۇ مۆمىندۇر. (پەيغەمبەرلىرى ئېلىپ كەلگەن سۈننەتتىن باشقىسى بىلەن ئەمەل قىلىدىغانلارغا قارشى) قەلبى بىلەن بولسىمۇ جىھاد قىلمايدىغانلاردا قىچىنىڭ ئۇرۇقىچىلىكمۇ ئىمان يوقتۇر.» hedisim.com (مۇسلىم 86) | [يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تېكىستى: مَا مِنْ نَبِيٍّ بَعَثَهُ اللَّهُ فِي أُمَّةٍ قَبْلِي إِلَّا كَانَ لَهُ مِنْ أُمَّتِهِ حَوَارِيُّونَ وَأَصْحَابٌ يَأْخُذُونَ بِسُنَّتِهِ وَيَقْتَدُونَ بِهَا ثُمَّ يَخْلُفُ مِنْ بَعْدِهِمْ خُلُوفٌ يَقُولُونَ مَا لَا يَفْعَلُونَ وَيَفْعَلُونَ مَا لَا يُؤْمَرُونَ فَمَنْ جَاهَدَهُمْ بِيَدِهِ فَهُوَ مُؤْمِنٌ وَمَنْ جَاهَدَهُمْ بِلِسَانِهِ فَهُوَ مُؤْمِنٌ وَمَنْ جَاهَدَهُمْ بِقَلْبِهِ فَهُوَ مُؤْمِنٌ وَلَيْسَ وَرَاءَ ذَلِكَ مِنَ الْإِيمَانِ حَبَّةُ خَرْدَلٍ]
*
مۇئاۋىيە ئىبنى قۇررە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ساھابىلىرىدىن يەتمىش ساھابە بىلەن ئۇچراشقانمەن. ئەگەر ئۇلار مۇشۇ دەۋىرىڭلەردە ئاراڭلارغا كەلسە، سىلەر شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشلاردىن پەقەت ئەزىنىڭلاردىن باشقىسىنى تونۇمىغان بولاتتى. | mujtehid.com (سىيەر ئەئلام نۇبەلا 5\154) [ادركت سبعين من الصحابة لو خرجوا فيكم اليوم ما عرفوا شيئا مما انتم فيە إلا الأذان]
سەھىھ سۈننەتتىن خەۋەرسىز، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئىبادەتتىكى شەكىل ۋە ئۇسۇللىرىنى توغرا شەكىلدە بىلىشتىن ئۇزاق، ساھابە-تابىئىنلارنىڭ ھۆكۈم، پەتىۋالىرىدىن ئومۇمەن بىخەۋەر بىر تۈركۈم كىشىلەر سۈننەتكە تامامەن زىت ھالدا كىشىلەرنى ھەق دىندىن ئازدۇرىدىغان ئەھۋال سائادەت دەۋرلىرىدىن كېيىن دۇنيادا بارغانچە يامرىغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنۇ ھەدىسى دەل مۇشۇنداق كىشىلەر ئۈچۈندۇر.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ((وعن عبد الله بن عمرو بن العاص رضي الله عنهما قال: سمعت رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول: «إن الله لا يقبض العلم انتزاعًا ينتزعه من الناس ولكن يقبض العلم بقبض العلماء حتى إذا لم يبقِ عالمًا، اتخذ الناس رءوسًا جهالا، فسئلوا فأفتوا بغير علم، فضلوا وأضلوا.»)) «ئاللاھ تائالا ئىلىمنى ئىنسانلارنىڭ دىلىدىن يوق قىلىۋېتىش ئارقىلىق ئېلىپ كەتمەيدۇ. لېكىن، (شۇ ئىلىمنى دىلىدا توشۇپ يۈرىدىغان) ئالىملارنىڭ ۋاپاتى ئارقىلىق ئېلىپ كېتىدۇ. (ھەقىقىي ئالىملار ئۆلۈپ تۈگەپ) ئالىم قالمىغان چاغدا، كىشىلەر (ئالىم سىياق) جاھىللارنى باشچى قىلۋالىدۇ. ئۇلار ئۇ جاھىل باشلامچىلاردىن سوئال سورىسا، ئىلىمسىز ھالدا پەتىۋا بېرىدۇ. نەتىجىدە ئۆزىمۇ ئازىدۇ، باشقىلارنىمۇ ئازدۇرىدۇ.» hedisim.com (بۇخارى 98؛ مۇسلىم 4828؛ تىرمىزى 2652؛ ئىبنى ماجە)
بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((الْقُضَاةُ ثَلَاثَةٌ: اثْنَانِ فِي النَّارِ، وَوَاحِدٌ فِي الْجَنَّةِ: رَجُلٌ عَرَفَ الْحَقَّ فَقَضَى بِهِ، فَهُوَ فِي الْجَنَّةِ، وَرَجُلٌ عَرَفَ الْحَقَّ فَلَمْ يَقْضِ بِهِ، وَجَارَ فِي الْحُكْمِ، فَهُوَ فِي النَّارِ، وَرَجُلٌ لَمْ يَعْرِفِ الْحَقَّ، فَقَضَى لِلنَّاسِ عَلَى جَهْلٍ، فَهُوَ فِي النَّارِ)) «قازى (ھۆكۈم-پەتىۋا) بەرگۈچى ئۈچ تۈرلۈكتۇر. ئىككى تۈرلۈكى دوزاختا، بىرى جەننەتتىدۇر. ھەقنى بىلگەن ۋە ھەقكە ئۇيغۇن ھۆكۈم بەرگەن كىشى جەننەتتە بولىدۇ. ھەقنى بىلگەن تۇرۇقلۇق، ھەقكە ئۇيغۇن ھۆكۈم-پەتىۋا بەرمەستىن، ھەقكە زىت ھۆكۈم چىقارغۇچى دوزاختىدۇر. ھەقنى بىلمەيدىغان تۇرۇپ، كىشىلەرگە جاھالەت بىلەن (يەنى ئۆز خىيالى، ئۆزىنىڭ شەخسىي رەيى بىلەن) ھۆكۈم (پەتىۋا) بېرىدىغان كىشى دوزاختىدۇر.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە، نەسائى توپلىغان؛ ئىمام ھاكىم ۋە باشقا ئالىملار سەھىھ دېگەن)
ئاللاھ قۇرئاندا بىزنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئەگىشىشكە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى ئۈلگە تۇتۇشقا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرۇقىلىرىنى ئورۇنداپ، چەكلىمىرىدىن قەتئىي ئۇزاق تۇرۇشقا بۇيرۇغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەر جۈمە خۇتبىسىدە دائىملا ئۈممىتىنى بىدئەتتىن ئاگاھلاندۇرۇپ خۇتبە ئوقۇيتتى. دىندا بىدئەت پەيدا قىلىشنىڭ ۋە بىدئەت ئەمەلنى قىلىشنىڭ ئەڭ ئېغىر ئازغۇنلۇق ئىكەنلىكىنى، كىشىنى دوزاخقا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، مۇسۇلمانلارنى جىمىي بىدئەتلەردىن چەكلەيتتى، بارچە بىدئەتلەردىن ئۇزاق تۇرۇشقا بۇيرۇيتتى. ئاللاھ قۇرئاندا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرۇق چەكلىمىرىگە خىلاپ يول تۇتقۇچىلارنىڭ قاتتىق ئېغىر جازاغا، بالا-مۇسىبەتلەرگە دۇچار بولىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
بارچە بىدئەتلەردىن يىراق تۇرۇپ، سۈننەتكە چىڭ ئېسىلىشقا بۇيرۇغان ھەدىسلەر
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم ماڭا ئىتائەت قىلسا ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ. كىمكى ماڭا ئىتائەت قىلمىسا، ئاللاھقا ئىتائەت قىلمىغان بولىدۇ…» hedisim.com (بۇخارى 2957، مۇسلىم 1835، نەسائىي 5510، ئىبنى ماجە 2859، ئىمام ئەھمەد 2\387)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى مەندىن كېيىن ياشىسا نۇرغۇن ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ. سىلەر مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە ھىدايەت ئۈستىدىكى راشىد خەلىپىلىرىمنىڭ سۈننىتىگە مەھكەم ئېسىلىڭلار. بۇ سۈننەتلەرنى ئېزىق چىشىڭلار بىلەن مەھكەم چىشلەڭلار. دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردىن قاتتىق ھەزەر قىلىڭلار. چۈنكى، دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 4607؛ تىرمىزى 2676؛ ئىبنى ماجە 42؛ مۇسنەد ئەھمەد 17142)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مەندىن كېيىن مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە توغرا يولغا باشلىغۇچى خەلىپىلىرىمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىڭلار. ئۇنىڭغا چىڭ ئېسلىڭلار ۋە ئېزىق چىشىڭلار بىلەن مەھكەم چىشلەڭلار.» [ أخرجه أحمد في مسنده ، من حديث العرباض بن سارية ، برقم (17144) ، وأبو داود في كتاب السنة ، باب في لزوم السنة ، برقم (4607) ، والترمذي في كتاب العلم ، باب ما جاء في الأخذ بالسنة واجتناب البدع ، برقم (2676) ، وابن ماجه في المقدمة باب اتّباع سنة الخلفاء الراشدين المهديين ، برقم (42) ، والدارمي في المقدمة ، باب اتّباع السنة برقم (95) . {عليكم بسنتي وسنة الخلفاء الراشدين المهديين من بعدي ، تمسكوا بها وعضوا عليها بالنواجذ.}]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەندىن كېيىن مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە توغرا يولغا باشلىغۇچى خەلىپىلىرىمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىڭلار. ئۇنىڭغا چىڭ ئېسلىڭلار ۋە ئېزىق چىشىڭلار بىلەن مەھكەم چىشلەڭلار. دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار. دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ھەر قانداق ئىش بىدئەتتۇر، ھەر قانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر.» hedisim.com [سنن أبو داود السنة (4607) ، مسند أحمد بن حنبل (4/127) ، سنن الدارمي المقدمة (95). {عليكم بسنتي وسنة الخلفاء الراشدين المهديين من بعدي تمسكوا بها وعضوا عليها بالنواجذ وإياكم ومحدثات الأمور، فإن كل محدثة بدعة وكل بدعة ضلالة.}]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((من أحدث في أمرنا هذا ما ليس منه فهو رد)) «كىمكى بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزدا (يەنى ئىسلامدا) ئۇنىڭدا يوق نەرسىنى پەيدا قىلىدىكەن، پەيدا قىلىنغان ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ.» hedisim.com [ صحيح البخاري الصلح (2697) ، صحيح مسلم (1718) ، سنن أبو داود السنة (4606) ، سنن ابن ماجه المقدمة (14) ، مسند أحمد بن حنبل (6/256). {.}]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((من عمل عملاً ليس عليه أمرنا فهو رد)) «كىمكى بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزدا يوق ئىشنى قىلسا، ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ.» hedisim.com [صحيح مسلم (1718) ، مسند أحمد بن حنبل (6/256). {.}]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر.» hedisim.com (مۇسلىم 868، ئەبۇ داۋۇد 2954، نەسائى 1962، ئىبنى ماجە 45)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«ئۈممىتىمنىڭ ھەممىسى جەننەتكە كىرىدۇ، ئەمما (مېنى) رەت قىلغان كىشى جەننەتكە كىرمەيدۇ.» بۇنىڭ بىلەن ساھابىلەر «يا رەسۇلۇللاھ! رەت قىلغۇچى كىم؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «كىم ماڭا ئىتائەت قىلسا جەننەتكە كىرىدۇ. كىم ماڭا (ئەگىشىشتە) ئاسىيلىق قىلسا (مېنى) رەت قىلغان بولىدۇ.(ئەنە شۇلار جەننەتكە كىرمەيدۇ)» دېدى. hedisim.com [صحيح البخاري الاعتصام بالكتاب والسنة (7280) ، صحيح مسلم الإمارة (1835) ، مسند أحمد بن حنبل (2/361). {كل أمتي يدخلون الجنة إلا من أبى قيل: يا رسول الله: ومن يأبى؟ قال: من أطاعني دخل الجنة ومن عصاني فقد أبى.}]
خاتىبۇل باغدادى «ئەل كىفايە» ناملىق ئەسىرىدە، ھەسەن ئىبنى ئەتىييەنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان:«جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە (ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن) قۇرئاننى ئېلىپ چۈشكىنىدەك، سۈننەتنىمۇ ئېلىپ چۈشەتتى.» hedisim.com (سۇنەن دارىمى 588؛ خاتىبۇل باغدادى ئەلكىفايە 12؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر بۇ خەۋەرنى فەتھۇل بارىدا بەيھەقىغا نىسبەت بەرگەن ۋە «سەھىھ دەپ باھالىغان.»)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن ئىدى:«يەھۇدىيلار يەتمىش بىر پىرقىگە، ناسارالار يەتمىش ئىككى پىرقىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. چوقۇمكى، مېنىڭ ئۈممىتىم يەتمىش ئۈچ پىرقىگە بۆلۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسىلا جەننەتتە، قالغىنى دوزاختا بولىدۇ. ئۈممىتىمدىن جەننەتكە كىرىدىغان بىر پىرقە مېنىڭ ۋە ساھابىلىرىمنىڭ يولىدا ماڭغان كىشىلەردۇر.» hedisim.com (بۇ ئىمام ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە، ھاكىم قاتارلىق ھەدىس ئىماملىرى توپلىغان سەھىھ ھەدىستۇر.)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى مەدىنىدە بىدئەت پەيدا قىلسا، ياكى بىدئەتچىنى قانات ئاستىغا ئالسا، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە جىمى (مۆمىن) ئىنسانلارنىڭ لەنىتى ياغىدۇ. ئۇنىڭ ھېچبىر پەرز ۋە نەپلە ئىبادىتى قوبۇل بولمايدۇ.» hedisim.com (بۇخارى 3179؛ ئەبۇ داۋۇد 2036؛ ئىبنى ھىببان 3717)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (فَمَنْ رَغِبَ عَنْ سُنَّتِي فَلَيْسَ مِنِّي) «كىمكى مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇ مەندىن ئەمەس.» hedisim.com (بۇخارى 5063؛ مۇسلىم 1401)
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إنّ الله حَجَبَ التوبةَ عن كلِّ صاحبِ بدعة حتى يَدعَ بِدعَتَهُ)) «شەكسىزكى، ئاللاھ بارچە بىدئەتچىنىڭ تەۋبىسىنى تاكى بىدئىتىدىن قول ئۈزگەنگە قەدەر (قوبۇل بولۇشتىن) توسۇپ قويدى.» hedisim.com (ئىمام تەبرانى توپلىغان؛ ئىمام ئەلبانى سەھىھ دېگەن؛ صحيح الترغيب والترهيب ١\١٣٠)
رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرنىڭ يولى بەندىنى جەننەتكە كىرگۈزىدىغان بىردىنبىر يولدۇر. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«يەھۇدىيلار يەتمىش بىر پىرقىگە، ناسارالار يەتمىش ئىككى پىرقىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. چوقۇمكى، مېنىڭ ئۈممىتىم يەتمىش ئۈچ پىرقىگە بۆلۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسىلا جەننەتتە، قالغىنى دوزاختا بولىدۇ. ئۈممىتىمدىن جەننەتكە كىرىدىغان بىر پىرقە مېنىڭ ۋە ساھابىلىرىمنىڭ يولىدا ماڭغان كىشىلەردۇر.» (بۇ ئىمام ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە، ھاكىم قاتارلىق ھەدىس ئىماملىرى توپلىغان سەھىھ ھەدىستۇر.)
ئەبۇ سەئلەبە ئەلكۇشانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: إِنَّ مِنْ وَرَائِكُمْ أَيَّامَ الصَّبْرِ، الصَّبْرُ فِيهِ مِثْلُ قَبْضٍ عَلَى الْجَمْرِ، لِلْعَامِلِ فِيهِمْ مِثْلُ أَجْرِ خَمْسِينَ رَجُلًا يَعْمَلُونَ مِثْلَ عَمَلِهِ، قَالَوا يَا رَسُولَ اللهِ! أَجْرُ خَمْسِينَ مِنْهُمْ؟! قَالَ: أَجْرُ خَمْسِينَ مِنْكُمْ «چوقۇمكى، كەلگۈسىدە سەبر زامانى كېلىدۇ. ئۇ چاغدىكى سەبر بەئەينى كۆيۈپ تۇرغان ئوتنى قاماللاپ تۇتۇپ تۇرغاندەك (قىيىن) بولىدۇ. ئۇ چاغدا (قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن) ئەمەل-ئىبادەتلەردە چىڭ تۇرغۇچىغا ئەللىك كىشىگە بېرىلىدىغان ساۋاب بېرىلىدۇ» دېۋىدى. ساھابىلەر «ئى رەسۇلۇللاھ! (شۇنداق بىرىگە) شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەللىك كىشىگە بېرىلىدىغان ئەجر بېرىلەمدۇ؟» دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى: «سىلەردىن (يەنى ساھابىلەردىن) ئەللىك كىشىنىڭ ئەجرى بېرىلىدۇ.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 4341؛ تىرمىزى 3058؛ تىرمىزى سەھىھ دېگەن؛ ئەلبانى «سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى» 494 دە سەھىھ دېگەن؛ ئىمام ئىبنى ھەجەر تەخرىج مىشكات مەسابىھتا – 4\486-سەھىھ دېگەن)
ئاللاھ جىمى مۇسۇلمانلارنى بىدئەتلەردىن ئۇزاق ھالدا، سۈننەتكە ئۇيغۇن شەكىلدە ياشاشقا، ئاللاھقا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇيرۇغان، كۆرسەتكەن بويىچە توغرا شەكىلدە ئىبادەت قىلىشقا نېسىپ قىلسۇن.
— مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى | mujtehid.com
مۇناسىۋەتلىك تېما:
ئىسلام بۈيۈكلىرىنىڭ بىدئەت ۋە بىدئەتچىلەر ھەققىدە ئېيتقانلىرى