نامازدىن كېيىنكى زىكىرنى قولدا ساناش ياخشىمۇ تەسۋىدىمۇ؟ بۇ جەھەتتە رەسۇلۇللاھ قانداق يول تۇتقان؟
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 6460-نومۇرلۇق پەتىۋاسى.
جاۋاب: ئاللاھنى زىكىر قىلىشتا زىكىر سانىنى قولدا ساناش ئەۋزەل. بىزنىڭ بىلىشىمىزچە، رەسۇلۇللاھنىڭ ئاللاھنى ئەسلەشتە تەسۋى تۇتقانلىقى مەلۇم ئەمەس. ياخشىلىقنىڭ ھەممىسى ئۇ زاتنىڭ ئىزىدىن مېڭىشتا بولىدۇ.
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييەدىن بۇ ھەقتە سورالغاندا مۇنداق جاۋاب بەرگەن: ئاللاھنى زىكىر قىلىشتا تاش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى قوللىنىشنى بەزى (ئىلىم ئەھلىلىرى) قوللىمايدۇ، بەزىلەر قوللايدۇ. ناۋادا تاش قوللىنىشتىكى ئىخلاسىڭىز چىن بولسا، بۇ ياخشىدۇر ۋە قوبۇل قىلىنىدۇ. ھېچبىر ھاجەت بولماستىن، تەسۋىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىپ رىيا قىلىش مەقسىدىە ئىشلىتىپ، ئۇنى بويۇن، بېلەكلىرىگە ئېسىۋېلىش رىيادىن ياكى مۇناپىقلارغا ئىشتىراك قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇنىڭ بىرىنچى خىلى چەكلىنىدۇ، ئىككىنچى خىلى كامىدا يامان كۆرۈلىدۇ. چۈنكى، ناماز، روزا، زىكىر، قۇرئان قىرائىتى قاتارلىق ئەمەللەردە رىيا قىلىش گۇناھى كەبىرىدۇر. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:«شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى، ئۇلار نامىزىنى كېچىكتۈرۈپ ئوقۇيدۇ. ياخشى ئىشلارنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلىدۇ، قولقا بەرمەيدۇ.»(107-سۈرە) ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مۇناپىقلار ئاللاھنى ئالدىماقچى بولۇشىدۇ. ئەمما ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ. ناماز ئوقۇماقچى بولۇپ تۇرغاندا ھورۇنلۇق بىلەن تۇرىدۇ ۋە كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن تۇرىدۇ. نامىزىدا ئاللاھنى ئازغىنە ئەسلەيدۇ.»(4:142)
تەۋپىق ئاللاھتىندۇر. دۇرۇت ۋە سالاملار رەسۇلۇللاھقا، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىگە بولسۇن.
مۇپتىلار: ئەللامە ئىبنى باز؛ ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان؛ ئابدۇللاھ ئىبن قائۇد.