ئەرەب يېرىم ئارىلىدا مۇسۇلماننىڭ كاپىرنى ياللاپ خىزمەتكە سېلىشىنىڭ ھۆكمى

ئەرەب يېرىم ئارىلىدا مۇسۇلماننىڭ كاپىرنى ياللاپ خىزمەتكە سېلىشىنىڭ ھۆكمى

پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 9607-نومۇرلۇق پەتىۋاسى

سوئال: (ئەرەب يېرىم ئارىلىدا) مۇسۇلماننىڭ كاپىرنى خىزمەتچىلىككە ياكى شوپۇرلۇققا ياللىشى دۇرۇسمۇ؟ كاپىرنى ياللىغۇچى كىشى كاپىر بولغان تەقدىردە، بۇنداق قىلىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟

پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز، ئابدۇررازاق ئەفىفىي، ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان

جاۋاب: مۇسۇلماننىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدا كاپىرنى خىزمەتچىلىككە، شوپۇرلۇققا ياكى باشقا خىزمەتكە سېلىشىغا رۇخسەت يوق. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇشرىكلارنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن قوغلاپ چىقىرىلىشىنى بۇيرۇغان. شۇ ۋەجىدىن، ناۋادا سىز كاپىرنى خىزمەتكە ياللىسىڭىز، ئاللاھ قوغلاپ چىقىرىلىشقا بۇيرۇغان كىشىلەرنى ئېلىپ كىرگەن بولىسىز ۋە ئاللاھ ئاسىيلار دەپ ھۆكۈم قىلغانلار قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىسىز. بۇ سەۋەبتىن، كاپىرنى ئىشچىلىققا تۇتۇشنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان يامانلىقلىرى نۇرغۇن.

ئاللاھ بىزگە غەلىبە-نۇسرەت ئاتا قىلسۇن. ئاللاھنىڭ سالامى ۋە رەھمىتى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئائىلىسىگە ۋە ساھابىلىرىگە بولسۇن.

مەنبە: فەتۋا لەجنەتۇد دائىمە، 2-جىلد، 64-بەت

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ