دېموكراتىك دۆلەتلەردە مۇسۇلمانلارنىڭ سايلامدا بېلەت تاشلىشنىڭ ھۆكمى | ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن

دېموكراتىك دۆلەتلەردە مۇسۇلمانلارنىڭ سايلامدا بېلەت تاشلىشنىڭ ھۆكمى | ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە مۇھەممەد سالىھ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ

سوئال: بۇ سوئالنى سورىغان قېرىندىشىمىز مۇنداق دەپتۇ:

پەزىلەتلىك شەيخ! ئامېرىكادا پرىزدېنت سايلىمى بولىۋاتىدۇ. ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ سايلامغا قاتنىشىپ،  ئىككى نامزاتتىن سىياسىي مەيدانى مۇسۇلمانلارغا بەكراق پايدىلىق دەپ قارالغان بىرىگە بېلەت تاشلىشىغا بولامدۇ؟ ياكى ئۇلار سايلام بېلىتى تاشلاشتىن يىراق تۇرۇشى كېرەكمۇ؟

جاۋاب: مېنىڭ قارىشىم شۇكى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرىگە ئەڭ پايدىلىق دەپ قارىغان شەخسنى سايلىشى لازىم، بۇنىڭدا چەكلىمە يوق. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ مۇنى سۆزىگە قۇلاق سالغايسىلەر:

{الم ﴿١﴾ غُلِبَتِ الرُّومُ ﴿٢﴾ فِي أَدْنَى الْأَرْضِ وَهُم مِّن بَعْدِ غَلَبِهِمْ سَيَغْلِبُونَ ﴿٣﴾ فِي بِضْعِ سِنِينَ ۗ لِلَّـهِ الْأَمْرُ مِن قَبْلُ وَمِن بَعْدُ ۚ وَيَوْمَئِذٍ يَفْرَحُ الْمُؤْمِنُونَ ﴿٤﴾} {ئەلىف، لام، مىم! رۇملۇقلار زېمىننىڭ ئەڭ تۆۋەن جايىدا يېڭىلدى. ئۇلار يېڭىلگەندىن كېيىن بىر نەچچە يىل ئىچىدە يېڭىدۇ. ئىلگىرى ۋە كېيىن ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ باشقۇرىشىدىدۇر. رۇملۇقلار غەلىبە قىلغان كۈندە مۆمىنلەر خۇشال بولىدۇ.} (سۈرە رۇم، 1-،2-،3-،4-ئايەتلەر)

(ئايەتتىكى خەۋەرگە قاراڭ!) كىم يېڭىدۇ؟ ھەيران قالارلىقكى، كەلگۈسىدە رۇملۇقلار پارىسلارنى يېڭىدۇ. چۈنكى، رۇملۇقلار مۇسۇلمانلارغا (مەنپەئەت جەھەتتە) پارىسلاردىن يېقىنراق. مۇسۇلمانلارغا زىيىنى ئازراق يېتىدىغان كاپىر ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغاندا، مۆمىنلەر خۇشال بولىدۇ.

(ئايەتتىكى) بۇ (ھۆكۈم) سايلامدىكى ئەھۋال بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش. بۇ ۋەجىدىن، مۇسۇلمانلارغا پايدىسى بەكراق يېتىدىغان (يەنى زىيىنى ئازراق تېگىدىغان تەرەپنى) شەخسنى سايلىشىڭلار كېرەك بولىدۇ.

مەنبە:

https://www.youtube.com/watch?v=c35Dx88jeyI 

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ