ئىمام ئەھمەد پەتىۋالىرىدىن جەۋھەرلەر

(داۋاملىق تولۇقلىنىۋاتىدۇ)

نامازنى تەرك ئېتىش ھەققىدە:

مۇھەممەد ئىبنى نەسىر رەھىمەھۇللاھ ئىمام ئەھمەدنىڭ مۇنۇ سۆزىنى نەقل قىلىدۇ: «مۇسۇلمان قەستەن نامازنى تەرك قىلغاندىن باشقا گۇناھ بىلەن كاپىر ھېسابلانمايدۇ، ئەگەر بىر نامازنى يەنە بىر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگۈچە ئوقۇمىسا ئۇ كىشى ئۈچ قېتىم تەۋبە قىلدۇرىلىدۇ». يەنە ئىبنى مۇبارەكنىڭ مۇنۇ سۆزىنى نەقل قىلىدۇ: «سەۋەپسىز نامازنى قەستەن تەرك قىلىپ بىر نامازنى يەنە بىر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگۈچە ئوقۇمىغان كىشى كاپىر ھېسابلىنىدۇ». [«نامازنىڭ ھۆرمىتىنى ئۇلۇغلاش» ناملىق ئەسەر 2-توم 929-بەت].

قۇرئان مەخلۇق دېگۈچىگە رەددىيە:

ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەت بىلەن مۇئتەزىلە، جەھمىيە پىرقىسىگە رەددىيە بېرىپ: «مەن، ئاللاھ تائالا: أَلَا لَهُ الْخَلْقُ وَالْأَمْرُ تەرجىمىسى: يارىتىش ۋە ئەمرى قىلىش (يەنى كائىناتنى تەسەررۇپ قىلىش) راستىنلا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر دەپ، يارىتىش بىلەن بۇيرۇقنىڭ ئارىسىنى ئايرىدى، دېدىم.» [ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل «ئەلمىھنە» ناملىق ئەسەرنىڭ 53-بېتىدە بايان قىلغان].

ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ ئۇلارغا يەنە مۇنداق دىگەن: «ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: أَتَىٰ أَمْرُ اللَّـهِ فَلَا تَسْتَعْجِلُوهُتەرجىمىسى: ئاللاھنىڭ پەرمانى (يەنى قىيامەت) چوقۇم كېلىدۇ، ئۇنىڭغا ئالدىراپ كەتمەڭلار. [سۈرە نەھل 1-ئايەت].

ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقى ئۇنىڭ سۆزى بولۇپ، ئۇ مەخلۇق ئەمەس، ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدىكى ئايەتلەرنى بىر بىرى بىلەن ئارىلاشتۇرىۋەتمەڭلار.» [ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل «ئەلمىھنە» ناملىق ئەسەرنىڭ 54-بېتىدە بايان قىلغان].

ئابباسىيلار خەلىپىسى مۇتەۋەككىل قۇرئان مەسىلىسى توغرىسىدا سوئال سورىغاندا، ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ ئۇنىڭغا مەكتۇپ يېزىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: وَإِنْ أَحَدٌ مِنَ الْمُشْرِكِينَ اسْتَجَارَكَ فَأَجِرْهُ حَتَّى يَسْمَعَ كَلَامَ اللَّهِ ثُمَّ أَبْلِغْهُ مَأْمَنَهُ ذَلِكَ بِأَنَّهُمْ قَوْمٌ لَا يَعْلَمُونَ تەرجىمىسى: ئەگەر مۇشرىكلاردىن بىرەر كىشى سەندىن ئامانلىق تىلىسە، تاكى ئۇ ئاللاھنىڭ كالامىنى (يەنى قۇرئاننى) ئاڭلىغانغا (يەنى پىكىر قىلىپ، ئۇنىڭ ھەقىقىتىگە يەتكەنگە) قەدەر، ئۇنىڭغا ئامانلىق بەرگىن، ئاندىن (ئۇ ئىمان ئېيتمىسا)، ئۇنى (جېنى، مېلى) ئامان تاپىدىغان جايغا يەتكۈزۈپ قويغىن، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار (ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىتىنى) ئۇقمايدىغان قەۋمدۇر.[سۈرە تەۋبە 6-ئايەت].

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: أَلَا لَهُ الْخَلْقُ وَالْأَمْرُ تەرجىمىسى: يارىتىش ۋە ئەمرى قىلىش (يەنى كائىناتنى تەسەررۇپ قىلىش) راستىنلا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئايەتتە ئاللاھ تائالا يارىتىش بىلەن خەۋەر بەردى، ئاندىن ئەمرى(بۇيرۇق)نى دېدى، بۇيرۇقنى مەخلۇق ئەمەس دەپ خەۋەر بەردى.» [ئىمام ئەھمەدنىڭ ئوغلى سالىھ «ئەل مىھنە» ناملىق ئەسەرنىڭ 120-121-بەتلىرىدە بايان قىلغان].

بۇ ئايەتنى ئىمام ئەھمەدتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ ئۇستازى ئىشەنچىلىك ئالىم سۇپيان ئىبنى ئۇيەينە ئەل ھىلالىيبۇ مەسىلىگە دەلىل قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: أَلَا لَهُ الْخَلْقُ وَالْأَمْرُ تەرجىمىسى: يارىتىش ۋە ئەمرى قىلىش (يەنى كائىناتنى تەسەررۇپ قىلىش) راستىنلا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. يارىتىش بولسا ئاللاھ تائالانىڭ يارىتىشىدۇر، بۇيرۇق بولسا قۇرئان كەرىمدۇر.» [ئاجۇرىي رەھىمەھۇللاھ «ئەششەرىيئە» ناملىق ئەسەرنىڭ 80-بېتىدە ياخشى ئىسناد بىلەن كەلتۈرگەن].

تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇش ھەققىدە:

ئىمام ئەبۇ داۋۇت رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «مەن رامىزاندا ئىمام ئەھمەد بىلەن تەراۋىھ نامىزىغا چىققان ئىدىم، ئۇ ئىمام بىلەن بىرگە ۋىتىر نامزىنىمۇ ئوقۇپ ئاندىن قايتتى، بىر كېچىسى مەن قاتنىشالمىدىم.

ئىسھاق رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىمام ئەھمەدكە: رامىزان ئېيىدا تەراۋىھ نامىزىنى مەسچىتتە جامائەت بىلەن ئوقۇشنى ياخشى كۆرەمسەن ياكى ئۆيدە يالغۇز ئوقۇشنىمۇ؟دېسەم، ئىمام ئەھمەد: سۈننەتنى ئەھيا قىلىپ جامائەت بىلەن ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن دېدى، ئىسھاقمۇ شۇنداق دېدى». [«ئەلمۇغنى» 1-توم 457-بەت].

خەتنىسى قىلىنىمغان كىشى بوغۇزلىغان مال ۋە ئىبادەتلىرى ھەققىدە:

خەللالنىڭ: «ئەلۋۇقۇپ ۋەتتەرەججۇل» ناملىق ئەسىرى 146-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل مۇنداق دەيدۇ، مەن ئەبۇ ئابدۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «خەتنىسى قېلىنمىغان كىشى بوغۇزلىغان ئۇلاغنىڭ گۆشىنى يېگىلى بولمايدۇ، خەتنىسى قېلىنمىغىچە نامىزى دۇرۇس بولمايدۇ، ھەججى ھەج بولمايدۇ، خەتنە قىلىش بولسا ئىسلامنىڭ مۇكەممەل بولىشىدۇر». ئىمام ئەھمەد بۇ مەسىلىدە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قارىشىغا تايانغان.

    زەركىشى رەھىمەھۇللاھ ئىمام ئەھمەدتىن: «خەتنىسى قىلىنمىغان كىشىنىڭ بەرگەن زاكىتىمۇ قوبۇل بولمايدۇ» دېگەن سۆزنى نەقىل قېلغان. ئىمام ئەھمەد بۇ مەسىلىدە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قارىشىغا تايانغان. [«شەرھى زەركىشى ئەلا مۇختەسەر خەرقى» 6-توم 660-بەت].

    ئىبنى ئەبى شەيبە :ئەل مۇسەننىپ»11-توم 701-بەتتە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئۇلانغان ئىسناد بىلەن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان مۇنۇ ئەسەرنى رىۋايەت قىلغان: «خەتنىسى قېلىنمىغان كىشىنىڭ گۇۋاھلىقى قوبۇل قېلىنمايدۇ، نامىزى قوبۇل بولمايدۇ، ئۆلتۈرگەن ئۇلىغىنىڭ گۆشى يېيىلمەيدۇ».

    ھاپىز ئبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ بۇ ئەسەرنى سەھىھ دەپ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: خەتنىسى قېلىنمىغان كىشىنىڭ گۇۋاھلىقى قوبۇل قېلىنمايدۇ، نامىزى قوبۇل بولمايدۇ، ئۆلتۈرگەن ئۇلىغىنىڭ گۆشى يېيىلمەيدۇ.

   بۇ ئەسەرنى ئىبنى ئەبى شەيبە سەھى ئىسناد بىلەن كەلتۈرگەن. ئابديراززاق «ئەلمۇسەننىپ»تە كەلتۈرگەن، بەيھەقى «شۆئەبىل ئىمان»دا كەلتۈرگەن. زەيلەئىينىڭ «ئەددىرايە فى تەخرىج ئەھادىيس ئەلھىدايە» ناملىق ئەسىرى 2-توم 173-بەتتىن ئېلىندى. «ئەتتەھجىيل» 17-بەتكە قارالسۇن.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ