زۇلۇم تارتساممۇ يولدىشىمنىڭ ئاتا-ئانا ياكى ئۇرۇق تۇغقانلىرى بىلەن تۇرۇشۇم كېرەكمۇ؟
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى
ئائىلىۋىي مەسىلىلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ھايىتىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى. بۇنىڭ نېگىزى ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتۇر. ئاللاھ ئەر كىشىنى ئايالى ۋە ئۆزىگە قاراشلىق ئايال تۇغقانلىرىغا ئىگە قىلىپ بەلگىلىدى. جۈملىدىن، ئەر كىشىنىڭ ئايالىغا چىرايلىق مۇئامىلە قىلىشى قۇرئان ۋە سۈننەتتە بەلگىلەنگەن مۇھىم ئەخلاقىي پىرىنسىپلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئاللاھ تائالا ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشنى بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن:«وَعَاشِرُوهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ»«ئاياللىرىڭلار بىلەن ياخشى ئۆتۈڭلار.»(سۈرە نىسا، 19-ئايەت)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۆمىنلەر ئىچىدە ئىمانى ئەڭ مۇكەممىلى مىجەز-خۇلقى ئەڭ ياخشى بولغانلاردۇر. سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئاياللىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلاردۇر.»(رىيازۇس سالىھىن 628)
ئايالىغا ۋە ئۆزىگە قاراشلىق ئايال تۇغقانلىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلالمىغان ئەر كىشىنىڭ، باشقا كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلىنى داۋام قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەر كىشى ئايالىنى ئەزىزلەپ، قەدىرلەپ، ئىززىتىنى قىلىشى كېرەك. ئېرىگە ئىتائەت قىلغان، ئاش تامىقىنى ئېتىپ، پۈتۈن ئەسلى ۋەسلىنى ئېرىگە ئاتىغان ئايالنى خارلاش، ئازابلاش، ئۇرۇپ-دۇمبالاش ياكى باشقا يۇمشاق ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇلارغا غەمكىن قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش ياخشى ئەر كىشىنىڭ ئىشى ئەمەس، بەلكى بۇلار نامەرت ئەرلەرگىلا خاستۇر. ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:« ئۇلارنى (يەنى ئاياللىرىڭلارنى) بوزەك قىلىش خىيالىدا بولماڭلار.»(سۈرە نىسا، 34-ئايەت)
ئىسلامدا ئايال كىشى ئائىلىۋىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە باشقا ھەق ھوقۇقلارغا ئىگە. تېمىمىز ئايال كىشىنىڭ ئائىلىۋىي مەسلىسى ئۈستىدە بولغانلىقتىن، ئايال كىشىنىڭ باشقا ھەقلىرى توغرۇلۇق بۇ يەردە توختالمايمىز.
ئايال كىشىنىڭ ئائىلىدىكى ھەق ھوقۇقى قورسىقىنى توقلىغۇدەك يېمەك-ئىچمەكتىن بەھرىمەنلىنىش، خاتىرجەم ئولتۇرغۇدەك ئۆزىگە خاس ئۆيدىن بەھرىمەنلىنىش، بالا تۇغۇپ پەرزەنتلىك بولۇش ھوقۇقىدىن بەھرىمەنلىنىش، ئەۋرىتىنى ياپقۇدەك كىيىم-كېچەكتىن بەھرىمەنلىنىش، ئېرىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ جىسمىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتە ئېرى بىلەن بەخىتلىك ياشاشتىن بەھرىمەنلىنىش، ئائىلىدە شەرئىي ئىلىملەرنى ئۆگىنىش پايدىلىق پەننىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشتىن بەھرىمەن بولۇش … قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئەر كىشى ئايالىغا زۇلۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، ئىسلام شەرىئىتى ئىجرا قىلىنىدىغان دۆلەتلەردە ياشىغان ئاياللار شەرئىي مەھكىمىلەرگە ئەرز سۇنۇش ئارقىلىق ئۆز ھوقۇقىنى قوغدىيالايدۇ.
شەرئىي مەھكىمىلەر بولمىغان دۆلەتلەردە ياشىغۇچى بىچارە مۇسۇلمانلار- ئاللاھ ئۆزى كۇپايە قىلسۇن ۋە ئۇلارنى ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلسۇن- كۆپ جەھەتلەردىن قىيىنچىلىق تارتىدۇ. جۈملىدىن، بۇنداق دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمان ئاياللار يولدىشى تەرىپىدىن زۇلۇمغا ئۇچرىغىنىدا ئۆز ھوقۇقىنى قوغدايدىغان، مەنپەئەتىگە كېپىل بولىدىغان ھېچكىمنى تاپالمايدۇ.
ئاياللارنىڭ ئايرىم تۇرالغۇدا تۇرۇش ھوقۇقى ئۇلارنىڭ ئائىلىۋىي ھوقۇقلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئەر كىشى بۇنىڭغا مەسئۇل بولىدۇ.
دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر ۋە ئەڭ ئىشەنچىلىك پەتىۋا ئورگىنى ھېسابلانغان ئىسلام سوئال جاۋابلىرى تور بېكىتىنىڭ 175218-نومۇرلۇق پەتىۋاسىدا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن:
ئۆلىمالارنىڭ ئىجمائىغا (يەنى بىردەك ئىتتىپاقىغا) ئاساسەن تۇرالغۇ ئايالىغا تۇرالغۇ قىلىپ بېرىش ئەر كىشىنىڭ زىممىسىدىكى پەرزلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئايالىنى تالاق قىلىۋەتكەن ئەرگە تالاق قىلىنغان ئايالىنى تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلەشنى بۇيرۇغان. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:« أَسْكِنُوهُنَّ مِنْ حَيْثُ سَكَنتُم مِّن وُجْدِكُمْ»«ئۇلارنى (يەنى ئۆزۈڭلار قويۇۋەتكەن ئاياللارنى ئىددەت مۇددىتى توشقۇچە) كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە ئۆزۈڭلار ئولتۇرۇۋاتقان تۇرالغۇنىڭ بىر قىسىمىدا ئولتۇرغۇزۇڭلار.»(سۈرە تالاق، 6-ئايەت)
تالاق قىلىنغان ئاياللارنى تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلەش كېرەك بولغان ئىكەن، ئەرنىڭ نىكاھىدىكى ئايالىنى تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلىشى تېخىمۇ زۆرۈردۇر. شۇنداقلا، ئاللاھ تائالا ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشنى بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن:«وَعَاشِرُوهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ»«ئاياللىرىڭلار بىلەن ياخشى ئۆتۈڭلار.»(سۈرە نىسا، 19-ئايەت)
كۆپ ساندىكى ھەنەفىي، شافىي ۋە ھەنبەلىي ئالىملىرى ئايال كىشىنىڭ يولدىشىنىڭ تۇغقانلىرى ياشايدىغان تۇرالغۇدىن ئايرىم تۇرالغۇدا تۇرۇش ھوقۇقى بارلىقىنى، شۇنداقلا ئايال كىشىنىڭ يولدىشىنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋەياكى ئۇلاردىن بىرى بىلەن تۇرۇشنى رەت قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. (مەۋسۇئەتۇل فىقھىيە، 25\109)
مۇجتەھىد فەقىھ مۇھەممەد سالىھ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئايال كىشىنىڭ قېيىن ئاتىسى (قېيىن ئانىسى ۋە ئېرىنىڭ باشقا تۇغقانلىرى) غا خىزمەت قىلىش مەجبۇرىيىتى يوق. بىراق، ئۇلارغا خىزمەت قىلىش ياخشى خىسلەت. ئەگەر ئايال كىشى قېيىن ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىللە ياشايدىغان بولسا ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلغاي. بىراق، ئايالنى ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا مەجبۇرلاش دۇرۇس ئەمەس. شۇڭىلاشقا، ئەرنىڭ ئايالىنى ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە مەجبۇرلىشى توغرا ئەمەس. ئايال كىشىنىڭ ئۇلارغا خىزمەت قىلىشى پەرز ھېسابلانمايدۇ. مېنىڭ بۇ ھەقتىكى تەۋسىيەم شۇكى، ئايال كىشى يولدىشىنىڭ ئاتا (ئانىسىغا) خىزمەت قىلىشتا سەۋىرچان بولغاي ۋە شۇنى ئېسىدە تۇتقايكى، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئايال كىشىگە ھېچبىر زىيان ئېلىپ كەلمەيدۇ، بەلكى ئايال كىشى قېيىن ئاتا-ئانىسىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئارقىلىق يولدىشىنىڭ تېخىمۇ بەك ھۆرمىتىگە ۋە ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشىدۇ.(سوئال جاۋاب تورى، 103426-پەتىۋا)
ناۋادا ئايال كىشى ئەرنىڭ ئاتا-ئانا، ياكى ئاچا-سىڭىل قاتارلىق تۇغقانلىرى بىلەن بىرگە ياشايدىغان ئەھۋالدا ئەرنىڭ ئاتا-ئانا، ئاچا-سىڭىللىرى چوقۇم بۇ ئايالغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشى، ئۇنى خارلىماسلىقى، ھەممە يۈكنى ئۇنىڭ زىممىسىگە يۈكلەپ قويماسلىقى، شۇنداقلا بۇ ئايالنىڭ ئەر ئۈستىدىكى ھەقلىرىگە چاڭ سېلىپ، ئەر-ئايالنىڭ بەخىتلىك تۇرمۇشىغا زىيان سالماسلىقى كېرەك. كىم بۇنداق قىلىدىكەن ئاللاھ ئۇنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئازابلايدۇ. ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر. «شۇ كۈندە ھەر ئەھەدى (اﷲ قا ئاسىيلىق قىلغانلارنى) اﷲ جازالىغاندەك جازالىمايدۇ [25]. ھەمدە ھېچ ئەھەدى اﷲ باغلىغاندەك باغلىمايدۇ [26]»(89-سۈرە فەجر)
ئەر كىشى ئاتا-ئانا ئۇرۇق تۇغقانلىرى بىلەن ئايالى ئارىسىدا لىللا مەيداندا تۇرۇپ، ئايالىنىڭمۇ ھەق ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى، ئاتا-ئانا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارىسىدىكى سىيلە رەھىمنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىشى كېرەك.
ئايال كىشى ئەگەر ئەرنىڭ ئاتا-ئانىسى قاتارلىق ئۆزىگە نامەھرەم بولمايدىغان ئۇرۇق تۇغقانلىرى بىلەن بىللە ياشايدىغان ئەھۋالدا بولسا، ھالبۇكى ئەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بۇ ئايالغا ئازار بېرىپ، ناھەق زۇلۇم قىلىدىغان بولسا، ئاقىۋەتتە ئەر بىلەن ئايالنىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇپ، بالىلار يېتىم بولۇش خەۋىپى قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدىكى خەتەرلىك ۋەزىيەت ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئەر ئايالغا، ئايالمۇ ئەرگە يول قويۇپ، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەپ چىرايلىق ئۆتۈش ئاللاھنى خۇش قىلىدىغان ياخشى ئەمەللەر جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ.