ساغلام دىنىي كىتابلارنى باستۇرۇپ تارقىتىش سەدىقە جارىيە ھېسابلىنىدۇ
سوئال: پايدىلىق دىنىي كىتابلارنى باستۇرۇپ تارقىتىشنىڭ ساۋابى ئىنساننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ يېتىپ تۇرامدۇ؟ پايدىلىق دىنىي كىتابلارنى باستۇرۇپ تارقىتىش ھەدىس شەرىفتە بايان قىلىنغىدەك «كىشىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن پايدىلىنىلىدىغان ئىلىم» ھېسابلىنامدۇ؟
ھەرەم ئالىملىرى پەتىۋا ئورگىنىنىڭ 20062-نومۇرلۇق پەتىۋاسى
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز؛ ئابدۇلئەزىز ئالشەيخ؛ بەكرى ئەبۇ زەيد؛
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
جاۋاب: ئىنسانلارنىڭ دىن ۋە دۇنياۋىي ئىشلىرىغا مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغان پايدىلىق كىتابلارنى بېسىپ تارقىتىش – بېسىپ تارقاتقۇچىغا ھاياتلىقىدا ساۋاب قازاندۇرىدىغان، ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا پايدا يەتكۈزۈپ تۇرىدىغان سالىھ ئەمەللەر جۈملىسىدىن. پايدىلىق دىنىي كىتابلارنى بېسىپ تارقىتىش ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىنغان تۆۋەندىكى ھەدىسنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۇسۇلمان ۋاپات بولسا، ئۇنىڭغا يېزىلىدىغان ساۋاب پۈتۈنلەي توختايدۇ. ئەمما، تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشنىڭ ساۋابى بۇنىڭدىن مۇستەسنا: سەدىقە جارىيە، پايدىلىق ئىلىم، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدىغان سالىھپەرزەنت.»(مۇسلىم 3804؛ تىرمىزى 1297؛ نەسائىي 3591) بۇنداق پايدىلىق ئىلىمنىڭ نەشىر قىلىنىشى ۋە تارقىتىلىشىغا كۈچ قوشقان ھەر كىم بۇنىڭ كاتتا ساۋابىغا نائىل بولىدۇ. كىتابنىڭ مۇئەللىپى، ئۇ كىتابنى باشقىلارغا ئۆگەتكۈچى، نەشىر قىلغۇچى، تارقاتقۇچى، بېسىلىشىغا ياردەمدە بولغۇچىنىڭ ھەممىسى بۇ پايدىلىق ئەمەل ئۈچۈن سەرپ قىلغان زېھىن، كۈچ، ۋاقىت، پۇل-مېلى ئۈچۈن ساۋابقا ئېرىشىدۇ.
تەۋپىق ئاللاھتىندۇر.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە كراملارغا دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.