ئىمام نەۋەۋى | چىشى مالنى قۇربانلىق قىلىش دۇرۇسمۇ؟

ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ: «ئەل مەجمۇئ» ناملىق ئەسەرنىڭ 8-تومى 364-بېتىدە مۇنداق دەيدۇ: «قۇربانلىق قىلسا دۇرۇس بولىدىغان چارۋىلار تۆگە، كالا، ئۆچكە ۋە قوي قاتارلىق ھايۋانلاردىن بولىشى كېرەك، تۆگىنىڭ ئەركەك-چىشى ھەممە تۈرى ئوخشاش، كالىنىڭمۇ ئەركەك-چىشى ھەممە تۈرى ئوخشاش، قوي-ئۆچكىنىڭمۇ ئەركەك-چىشى ھەممە تۈرى ئوخشاش. ئەمما بۇ چارۋىلاردىن باشقا ياۋا كالا (ۋەھشى كالا) ۋە ياۋا ئېشەك (قولان) ۋە باشقا ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلسا دۇرۇس بولمايدۇ. قۇربانلىق قىلىشقا بولمايدىغان بۇ خىل ھايۋانلارنىڭ مەيلى ئەركىكى ياكى چىشىسى بولسۇن، ئوخشاشلا دۇرۇس بولمايدۇ، بىزنىڭ قارىشىمىزدا بۇ مەسىلىدە ھېچ ئىختىلاپ يوق».

ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ باشچىلىقىدىكى پەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرى مۇنداق پەتىۋا بەرگەن: «قۇربانلىق قىلىدىغان قوي ئالتە ئاي توشقان ۋە يەتتىنچى ئايغا قەدەم قويغان ياكى بىر ياشلىق بولغان بولسا ئەركەك ياكى چىشى بولسۇن دۇرۇس بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائىي نەقىل قىلغان ھەدىستە، مەجاشىئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ :ئالتە ئايلىقتىن ئاشقان قوينى قۇربانلىق قىلىش، چوڭ ياشلىق قوينى قۇربانلىق قىلغانغا ئوخشاش، دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئەمما ئۆچكىدىن، كالىدىن ۋە تۆگىدىن ئەركەك ياكى چىشى بولسۇن ياشقا تولغان بولىشى كېرەك. ئۆچكىدىن تولۇق بىر ياشقا كىرگىنى، كالىدىن ئىككى ياشنى تولۇقلاپ ئۈچىنچى ياشقا قەدەم قويغىنى، تۆگىدىن بەش ياشنى تولۇقلاپ ئالتە ياشقا قەدەم قويغىنى بولسا دۇرۇس بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: چارۋىلاردىن ياشقا تولغانلىرىنى قۇربانلىق قىلىڭلار، ئەگەر ئۇنداق قىلىش سىلەرگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرسا، ئالتە ئايلىقتىن ئاشقان قوينى قۇربانلىق قىلىڭلار. [مۇسلىم رىۋايىتى]. تۈگىدى. «دائىمىي كومىتېت پەتىۋالىرى»(11/414)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ