بامداتنىڭ پەرىزىنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇغان، ئەمما سۈننىتىنى ئوقۇيالمىغان كىشى قانداق قىلىدۇ؟ | ئەللامە ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ
ئەللامە ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ «ئىسلامنىڭ بەش رۇكنىغا ئائىت سوئاللارغا مۇھىم جاۋابلار» ناملىق ئەسىرىدە بۇ مەسىلە توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن:
بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىنى بامداتنىڭ پەرزىنى ئوقۇشتىن ئاۋۋال ئوقۇۋالالمىغان كىشىنىڭ خالىسا بامداتنىڭ پەرزنى ئوقۇپ بولۇپ ئارقىدىنلا بامداتنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇۋېلىشى، ۋەياكى كۈن چىققاندىن كېيىن ئوقۇشى ئوخشاشلا دۇرۇس بولۇپ، كىشى بۇ جەھەتتە ئىختىيارلىققا ئىگە. بامداتنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇيالماي قالغان كىشىنىڭ بۇ نامازنىڭ قازاسىنى كۈن چىققاندىن كېيىن ئوقۇشى تېخىمۇ ئەۋزەلراقتۇر. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەر ئىككىلى خىل شەكىلدە ئوقۇغانلىقى توغرىسىدا سەھىھ دەلىل مەۋجۇتتۇر. (ئەللامە ئىبنى باز، «ئىسلامنىڭ بەش رۇكنىغا ئائىت سوئاللارغا جاۋابلار»، ناماز بۆلۈمى، 52-سوئالغا جاۋابنىڭ بىر قىسىمى) مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى