پەتىۋا كومېتىتى | ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى ئۇتۇق قازانغۇچى كىم؟

 

پەتىۋا كومېتىتى | ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى ئۇتۇق قازانغۇچى كىم؟

سوئال: ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى ئۇتۇق قازانغۇچى كىم؟

پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 4889-نومۇرلۇق پەتىۋاسى

ئىسلام ئەقىدىسىگە مەھكەم يېپىشىپ، سۆزىنى ۋە ئەمەللىرىنى قۇرئانغا ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىگە مۇۋاپىقلاشتۇرغۇچى ئۇتۇق قازانغۇچىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ خىلدىكى ئۇتۇق قازانغان كىشى يەنە ساھابىلەر باشچىلىقىدىكى سەلەپنىڭ يولىغا ۋە ئۇلارغا ياخشىلىقتا ئەگەشكەن سالىھلارنىڭ يولىغا ئەگەشكۈچىدۇر.

مۇۋەپپەققىيەت ئاللاھتىندۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە كراملارغا ئاللاھنىڭ سالىمى ۋە رەھمىتى بولغاي.

پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار:

ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز، ئابدۇررازاق ئەفىفىي، ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان، ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ