تەقۋادار كىشىلەرنى قانداق بىلىمىز؟
تەقۋادار كىشىلەرنى قانداق بىلىمىز دېگەن سوئالغا قىسقىچە جاۋاپ:
قەلبى ھەر چاغ ئاللاھقا باغلانغان، ھارامدىن ۋە بىدئەتلەردىن ھەر دائىم ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدا ئۇزاق تۇرىدىغان، پەرزلەرنى كامىل ئورۇنداشقا تىرىشىدىغان، ھەممە ئىشىنى سەھىھ سۈننەتكە ماسلاشتۇرۇشقا باشتىن ئاياق تىرىشىپ ياشايدىغان، رەببانىي ئىسلام ئۆلىمالىرىنى باش تاجى قىلغان، ئۆز ئالدىغا ئايرىم يول، گورۇھ بەلگىلىۋېلىشتىن قەتئىي ئۇزاق ھالدا مۇجتەھىد ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ قارشىسىغا ئۆتىۋالمايدىغان، بەلكى ئۇلارغا باشتىن ئاياق ئېھتىرام كۆرسىتىپ، ھەر قاچان ئاغزىغا قارايدىغان كىشىلەر تەقۋادار كىشىلەردۇر.
خۇلاسە : «تەقۋالىق — ھاراملاردىن ۋە بىدئەتلەردىن ئۇزاق تۇرۇپ، پەرزلەرنى كامىل ئورۇنداش، دېگەنلىكتۇر.» (ئىمام ئابدۇراھمان سەئدى، ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن)
زامانىمىزدا تەقۋادارلار ئومۇمەن قالمىغىلى تۇردى. مەسىلەن، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ تەقۋادار بولالمايۋاتقىنىمدىن ئۆكىنىمەن.
ئەسكەرتىش: تەقۋالىقنىڭ ماھىيىتى جىمىي ھاراملاردىن ئۇزاق تۇرۇش بولۇپ، ھارام دېيىلسە كۆپ قىسىم كىشىلەر چوشقا گۆشىنى، ھاراقنى، زىنانىلا ھارام دەپ قارامدۇ قانداق، نۇرغۇن ھارام ئىشلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ قىلىشقا تىرىشىدىغان بەزى بەش ناماز مۇسۇلمانلارنىمۇ ئۇچرىتىپ قېلىۋاتىمىز.
ھارام يۇقىرىقىلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ.
رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ سۈننىتىدىن يۈز ئۆرۈش ھارام، نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىش ھارام، ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن كىبىر قىلىش ھارام، ئادالەتسىز يول تۇتۇپ، گۇپپاڭچىلىق يولىغا مېڭىش ھارام، نامازنى زايە قىلىش ھارام، ۋاقىتنى ئىسىراپ قىلىش، جاھالەت ئىچىدە شەرئىي ئىلىم-دەۋەتلەردىن ئۇزاق ياشاش ھارام، كۆز كۆزچىلىك، دامدامچىلىق ھارام، باشلىقى ياكى خوجايىنى قۇرئان ھەدىسكى زىت ئىشقا بۇيرۇسا ياكى تەشەببۇس قىلسا، باشلىقنىڭ ياكى باي خوجامنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن ھارام ئىشقا پۇت تىقىش ھارام، ھارامنى ھالالغا چىقىرىشقا يول ئىزدەپ ئورۇنۇش ئەڭ بۈيۈك ھارام، خەلقنى ئازغۇن پەتىۋالار بىلەن سەھىھ سۈننەتنىڭ زىتىغا باشلىماقچى بولۇش ئىنتايىن ئېغىر جىنايەت، بۈيۈك ھارام… ۋەھاكازا. تەقۋادار بولۇش ئۈچۈن مۇشۇ ھاراملاردىنمۇ ئۇزاق تۇرۇش كېرەك بولىدۇ. كۈنىمىزدە ھارام دېيىلسە مۇشۇ ئىشلار ھارام ئەمەستەك بىلىنىپ قالدى. شۇڭا ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويۇلدى.
ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:{إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِندَ اللَّهِ أَتْقَاكُمْ} ((ئاللاھقا نىسبەتەن ئەڭ ھۆرمەتلىكىڭلار — ئەڭ تەقۋادار بولغىنىڭلاردۇر.)) —ھۇجۇرات سۈرىسى 12-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى.
ئاللاھ ئەڭ تەقۋادار كىشىنى ھەممىدىن ھۆرمەتلىك كىشى دەپ ھۆكۈم قىلغان ئىكەن، ئاللاھنىڭ بۇ ھۆكمىگە بىزمۇ كېلەيلى. كىم تەقۋاغا يېقىن بولسا، شۇنى بىزمۇ ھۆرمەتلەيلى. كىشىنىڭ ئورۇن مەرتىۋىسى ۋە بايلىقىغا قارىتا ئەمەس، تەقۋاسىغا قارىتا ھۆرمەتلىگەن مۆمىن ئېسىل مۆمىندۇر.