ئەللامە سالىھ فەۋزان | زاكاتنى ھەج قىلغۇچىغا بەرسە بولامدۇ؟

ئەللامە سالىھ فەۋزان | ھەج قىلغۇچىغا زاكات بەرسە بولامدۇ؟

سوئال: ھەج قىلماقچى بولغان كىشىگە زاكات بېرىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە سالىھ ئىبنى فەۋزان ئەلفەۋزان

جاۋاب: ئۇ (پېقىر ياكى مىسكىن بولۇپ) ئىسلامدا بەلگىلەنگەن پەرز ھەجنى قىلمىغان بولسا، ئۇنىڭ ھەج قىلىۋېلىشى ئۈچۈن زاكاتتىن يېتەرلىك مىقداردا بەرسە دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى، ھەج ئاللاھ يولىدىكى جىھاد جۈملىسىدىندۇر. (ئاللاھ قۇرئاندا زاكات بېرىلىدىغان سەككىز تۈردىن بىرىنى بايان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى ئاللاھ يولىدا جىھاد ھېسابلىنىدىغان ئەمەللەردۇر. شەيخ مۇشۇ مەزمۇندىكى ئايەتنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەجنى ئاللاھ يولىدىكى جىھاد دەپ، زاكات بەرسە بولىدۇ دېدى. سەلەپ سالىھىدىندىن بىر گۇرۇپپا تەپسىرشۇناس فەقىھ زاكات ئايىتىدىكى «ئاللاھ يولى» نى ھەج دەپ تەپسىرلىگەن. شەيخ مۇشۇنى كۆزدە تۇتقان.-ت)

مەنبە: سالىھ فەۋزاننىڭ تور بېكىتى

مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

پەتىۋانىڭ ئەرەپچە مەنبەسى:

https://alfawzan.af.org.sa/ar/node/15793

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ